Home >  > «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» ناملىق كىتابتىن تەسىرات

«مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» ناملىق كىتابتىن تەسىرات

9

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2012 يىلى يىڭىدىن نەشىر قىلىنغان«مەۋجۇتلىق تەشنالىقى» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىىم. مەزكۇر كىتاب ئۇستازنىڭ ئىلگىرى ياپۇنيەدە كۆرگەن -ئاڭلىغانلىرىنى تەپەككۇر ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ، خەلىقنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابدىن كىيىنكى يەنە بىر نادىر كىتابى بولۇپ، جەمئىيەتتە كۆپ ئالقىشقا ئىرىشتى. شەخسەن، مەن دوستۇم ئۇيغۇربەگ نىڭ سوۋغا قىلىشى بىلەن ئۇشبۇ كىتابنى ھاياجان ئىلكىدە قولۇمغا ئالدىم - دە، تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن قايتىلاپ ئوقۇپ چىقتىم. گەرچە ئۇستازلارنىڭ كىتابىغا باھا بەرگىدەك قۇۋۋەت بولمىسىمۇ، بۇ كىتابنىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»... قاتارلىق كىتابلار بىلەن بىر قاتاردا، ئۆزىنى تونۇش، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ھازىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇش، دۇنيانى ئەقىل كۆزى بىلەن تونۇش ئىستىكىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن. تۆۋەندە ئەزىزلەرگە مەزكۇر كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە تەسىراتىم ۋە ئۈزۈندە ئېلىۋالغان كىلاسسىك جۈملىلىرىنى ھوزۇرىغا سۇنىمەن.

كىتاب چۈشەندۈرلىشى

كىتاب ئىسمى: مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
كىتاب ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
نەشىرىيات: شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشىرىياتى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2012 - يىلى 4- ئاي
كىتاب ھەجىمى: 32 كەسلەم، 444 بەت
مۇندەرىجە:

  • ئىشىكلەرنى چىكىش ئاسان ئەمەس
  • يوللارنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ
  • لوندوندىكى تۇنجى كۈن
  • ئەنگىلىيە شەكىلسىز پېلانىتا
  • ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى
  • كۆزدىن ئەقىلگە
  • ئۈلپەت
  • بەخىت ۋە دەججالنىڭ پىتنىسى
  • لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى
  • سۇغا ئوخشايمەن، دەريادا قىيان، قاچىدا نىمجان
  • مەيدان
  • مەن ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى
  • ئىبلىسنىڭ كۆلەڭگىسى: لوندوندا ئوقۇغان بەزى كىتابلىرىم
  • پاسپورت ۋە كىملىكتىكى مەن

قىسقىچە مەزمۇنى

پۈتكۈل كىتاب ئاپتورنىڭ ئەنگىلىيە كەمبىرىج ئۇنۋېرىستىتىغا 10 ئايلىق ئېلىم تەھسىل قىلىش سەپىرىنى يىپ ئۇچى قىلىپ، ئەنگىلىيە، جۈملىدىن، لوندون جەمئىيىتىنى ياندىن كۈزەتكۈچى سالاھىتىدە، ئىنچىكە نوختىلارنى تەپەككۇر ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ھىسسىي بايان شەكلىدە ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. كىتابتا ئاپتور ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدە تۇرمۇشىنى مەركەزلىك يازماستىن، ئەكىسچە بىر ئەدىب سۈپىتىدە، ئىجتىمائىي ھالەتلەرنى تەھلىل قىلغان ۋە تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە تەدبىقلاپ ئىلمىي تەھلىللەرنى يۈرگۈزگەن. كىتابتىكى ھەربىر جۈمللىگە ئاپتورنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ كۈچلۈك ئارزۇ ئۈمۈدلىرى سىڭىپ كەتكەن. دۇنيانى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي. بىر - بىرىىنى كۆرەلمەستىن، قۇدۇقتىكى پاقىلاردەك ياشاۋاتقان كىشىلەرگە بىر ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرگەن.

مېنىڭ تەسىراتىم

مەن ئەزەلاىن «ساياھەت خاتىرىسى»گە تەققاس قىلىپ، ئەدىبلىرىمىزنىڭ چەتئەلدىكى زىيارەتلىرىنى بايان قىلغان كىتابلارنى بەكلا ياقتۇراتتىم. چۈنكى، مەنمۇ سەھرا قىشلاقلىرىمدىن ئايرىلىپ، ئېلىم كۆزلەپ يات مەدەنىيەت مۇھىتىدا سەرگەردان بولۇشقا باشلىغان شۇ كۈندىن بىرى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندىم. «دۇنيا» دېگەننىڭ ئىلگىرى ئويلىغىنىمدەك، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ئۆرۈمچىلا ئەمەسلىكىنى، ئەكىسچە ھەربىر دەقىقدە تۈرلۈك تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدىغان پايانسىز بىر ئىجتىمائىي توپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. گەرچە. ھازىرچە چىگرا ئاتلاپ جاھان كۆرۈپ بېقىشقا پۇرسەت بولمىغان بولسىمۇ، موشۇنداق كىتابلار ئارقىلىق تەپەككۇرۇمنى يىڭىلاپ تۇرىمەن.
بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا ھېسياتىم پۈتۈنلەي ئاپتورنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرى بىلەن بىرىكىپ كەتتى. نەقىل ئالغان بەزى جۈملىلەرگە ئاپتورنىڭ قانداق خىياللىرى يۇشۇرۇنغانلىقىنى كۆرىۋالغاندەك بولدۇم. دىمگىراتىيە، مىللىي ھوقۇق، كىشىلىك قىممەت، مىڭە يۇيۇش، كەمسىتىش... تالاي ئاتالغۇلارغا ئەڭ يىقىن تەپەككۇر دولقۇنلىرىغا چۈمۈلدۈم.

كىتابتىن ئۈزۈندىلەر

«پۇرسەت؟ پۇرسەت زادى قانداق نېمە؟ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ ئەمەس، ئۇرۇنۇپ تۇرۇشنىڭ نەتىجىسى.پۇرسەت ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز مۇھىتىغا يارىشا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشىدىن تۇغۇلىدۇ. ئۇ بىراۋدىن بىراۋغا بىرىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى پەم بىلەن ئېلىنىدىغان نەرسە.» (10-بەت)
«دۇنيادىكى ياۋايىلىقنىڭ تۈرى كۆپ. بىر مەدەنىيەتنىڭ يەنە بىر مەدەنىيەتكە بولغان ئۆچمەنلىكى تۈزۈملەشتۈرۈلگەندە، بۇنىڭ ئۆزى زامانىۋى ياۋايىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ خەتىرىگە ھېچنېمە توغرا كەلمەيدۇ.» (45 - بەت)
«تەبىئەتنىڭ ئاسمىنى تۇتۇق بولسا ھېچقىسى يوق، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ چىراق يىقىشىغا ھېچكىم كاشىلا بولمايدۇ. ئەمما سىياسەتنىڭ ئاسمېنى تۇتۇق بولسا، چىراق يېقىش تۈگۈل، تۈزۈك يۆتەلگىلىمۇ بولمايدۇ.» (48-بەت)
«نېمىنىڭ خاتالىق ئىكەنلىكى تولۇق بىلدۈرۈلمىگەن ئەھۋالدا جازالاش، مەدەنىيەتنىڭ نامەردلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇنداقچە ئىيىتقاندا، ئۇ ئىنسانىيلىققا تۇتۇلغان قاراقچىلىق.» (56- بەت)
«مەن بىر ئىنسان، تاماق يىيىش بىلەن ئۇخلاش فىزولوگىيلىك تەلېپىم. لېكىن مەن ئۆز تىلىمدا سۆزلەريمەن، مېنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن تەرىپىم بار. مانا بۇلار مەدەنىيىتىمنىڭ مەزمۇنىنى ھاسىل قىلىدۇ.شۇڭا، ماڭا بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەت مېنىڭ ئېتقادىم، تىلىم، ئۆرىپ ئادىتىمگە بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەتتىن باشلىنىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا مەن بىر مەدەنىي ئىنساننىڭ مۇئامىلىسىگە ئۇچىرىغان بولىمەن.ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىشىنش بولمىغان يەردە، يەككىلەمچى سالاھىيەت باش كۆتۈرۈپ، كىملىك زوراۋانلىقى پەيدا قىلىدۇ.» (61- بەت)
«ئەمدى بىلسەم، ئاجىزلارنىڭ ھەممىسى جاھەنگىرلارنى تىىلايدىكەن، ئاجىزلار كۈچەيسە، ئۆزى بۇرۇن تىللىغان ئىشلارنى قىلىشتىن يالتايمايدىكەن. شۇڭا، جاھانگىرلىكنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدىكەن. تارىخ دىگەن ھىيلە - مكىرنىڭ ماغزاپلىرىدەك بىر نەرسە ئىكەن.» (76- بەت)
«ئۆزىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئەنئەنىسىدىن ئايرىلغان تەلىم - تەربىيە مىللىي روھ ۋە مىللىي ئاڭدىن مەھرۇم بولغان ناتىۋان تەلىم - تەربىيەدۇر.» (106- بەت)
«ۋاقتى كەلگەندە ھەرقانداق مىللەت بازار مىللىتىدۇر، ھەرقانداق مىللەت ھوقۇق مىللىتىدۇر، ھەرقانداق مىللەت ئېتىقاد مىللىتىدۇر.» (125- بەت)
«كۆپ ھالدا دۆلەت ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتنى ياساپ چىقىدۇ.» (130- بەت)
«جانسىز مودىلدا يارىشىملىق كۆرۈنگەن كىيىم، خارەكتېرسىز ئادەملەرنىڭ ئۇچىسىدا گۈزەللىك قىممىتىنى يوقىتىدۇ.» (150 - بەت)
«تەشۋىقات ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى قارىشىنى ئۆزگەرتىش دۇنيادىكى نۇرغۇن زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسى.» (171- بەت)
«ۋەتەن بىر بايراق، لېكىن شىھىتلەرنىڭ قېنى بولمىسا، بايراق بىر پارچە لاتا. ۋەتەن شۇ بايراقنىڭ ئاستىدا، ھىيىت بايراملارمۇ شۇ بايراقنىڭ ئاستىدا.» (184- بەت)
«تۇرمۇشتىك گۈزەللىكىنى كاپىتال ياكى ھوقۇقنىڭ كۈچى بىلەن قوغلىشىپ ياراتقىلى بولمايدۇ، ئۇ تاما ۋە مەھكۇملۇقتىن خالىي، ئاددىي - ساددا، خالىس ئىنسانىي قەلىبنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى رىياسىز كەشپىياتىدۇر.» (213- بەت)
«ھەقىقىي ئۆزىڭىز مەۋجۇت بولغان ياكى ھەقىقي ئۆزىڭىزنى ئۇتتۇرۇۋەتمىگەن تۇرمۇش ئازادە تۇرمۇش بولىدۇ.» (234- بەت)
«ھاياتلىق رىقابىتى ئادەملەرنى بىر - بىرىگە شۈبىھلىك ۋە خەۋىپلىك قىلىپ كۆرسىتىۋەتسە، ئىت ئادەمدىن ئىشەنچىلىك بولۇپ چىقىدۇ ئەلۋەتتە.» (249 - بەت)
«مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆزىنى بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن كىشىلەر ھامان بىر كۈنى تۇرمۇشنىڭ ماددىي ۋە پاكىتلىق تەرەپلىرىنىڭ زەربىسىدە سىىلكىنىدۇ ۋە ئالمان - تالمان كىملىك ساراسىمىسىگە چۈشىدۇ.» (261- بەت)
«ياشاۋاتقان زىمىنىدا سىياسىي ئىستىقبالى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ۋەتىنى زادى قەيەر بولىشى كىرەك؟» (318 - بەت)
«ئۇيغۇر ياشلىرى چەت ئەللەردىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، ئالىدىغان بىلىملەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ كويىدا بولىشى، ھە دىسىلا ئەۋزەل شەھەرلەردە سوقۇنۇپ يۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشىۋالماسلىقى كىرەك.» (186- بەت)
«بىر شەھەردىكى ھەشەمەتلىك بىنالار، كەڭ كوچىلار، پارقىراپ تۇرغان ماشىنىلار پەقەت بىر بۆلۈك ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈنلا بولۇپ قالسا، ئۇيەردە ئاشكارا نۇمۇسسىزلىقنىڭ ھەقلىق رەۋېشتە ئورۇنلاشقانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.ۋەھالەنكى، نۇمۇسسىزلىقنى ھالاۋەتنىڭ دەسمايىسى دەپ قارايدىغان مەدەنىيەت توپى ئۈچۈن ئىيىتقاندا، ئادەمنىڭ قەدرى پەقەت مەنسەپدارلارنىڭ ئىختىيارىدىكى ۋە مەنسەپكە تايىنىپ بىيىغانلارنىڭ ئالقىنىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.» (190- بەت)
«ئاتا - ئاناڭنى قەدىرلە، ئايالىڭ ۋە بالىلىرىڭنى سۆي، ئاددىي - ساددا ياشا. بەخىت دېگەن ئەنە شۇ.» (219-بەت)
«قانۇن قانچىكى خەلقچىل بولسا، قانۇننىڭ ئىجرا بولىشىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن نازارەتتە خەلقنىڭ ئورنى قانچىكى زور بولسا، قانۇننى خەلق تۈزۈپ، خەلق ئىجرا قىلسا، ۋە خەلقنىڭ ئۆزى نازارەت قىلسا(قانۇن ئاز ساندىكى جەمئىيەت سەرخىللىرىنىڭ قولىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالمىسا)، خەلق ئۆز ھاياتىدىكى ھەربىر تاللاشنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانۇنغا بويسۇنۇش ئەركىنلىكنىڭ ئۆزى بولۇپ چىقىدۇ، تۇرمۇش قانۇنغا بويسۇنۇش بولۇپ چىقىدۇ.» (233- بەت)
«ئاھ، تۆمۈر - تەرسەكلەرنىڭ تاراق - تۇرۇقلىرى ، پۇلنىڭ شاراق - شۇرۇقلىرى يۈرەكنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتكەندە ئىنسانلار تەبئىي ھالدا ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنىڭ بەندىسىگە ئايلىنىپ كىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟!» (242- بەت)
«ھەقىقىي ساھىبخانا مېھمانغا تائام بېرىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلىق شەرىپىنى بېرىدۇ.» (246- بەت)
«مائارىپسىزلىق مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمىنى مۈجىمەللەشتۈرىۋەتكەن، مۇسۇلمانلىق بەزىلەر ئۈچۈن ئۆرپ - ئادەت، بەزىلەر ئۈچۈن ئاتا مىراس تۇيغۇ، بەزىلەر ئۈچۈن رەسمىيەت، بەزىلەر ئۈچۈن ئەقىدە، بەزىلەر ئۈچۈن پىكىر بولۇپ قالغان. شۇڭا تۆت ئۇيغۇرنىڭ بېشى بىر يەرگە كەلمەيىتتى.» (269- بەت)
«پىكىرىي زەئىپلىك ۋە نەپسىي غالىپلىققا مەھكۇم بولغان ئاۋامنىڭ ھوشيار، پەزىلەتلىك ئادىمى بولۇش ناھايىتى مۆشكۈل.» (282- بەت)
«بىر خەلقتە ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنىڭ بەربات بولىشى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدە مەركەزلىك ئەكىس ئېتىدۇ. كۆرۈنۈشتىكى باياتچىلىق ۋە مولچىلىقنى ئىزدەپ، يېمەك - ئىچمەكتىكى پەرھىز ياكى تەرتىپنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىشىدۇ. پانىي اۇنيانىڭ راھەتلىرىنى سۈرۈپ، ياشىۋېلىش ئەسەبىيلىكى باش كۆتۈرۈپ، چاروپايلاردەك يەپ - ئىچىشىدۇ.راھەت سۈرۈۋېلىش، نېرى - بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي يەپ - ئىچىۋېلىش دەۋرىمىزدە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان تۇرمۇش ئىستىمالى بولۇپ قالدى. بۇنى نامرات باياشاتچىلىق دېسەك مۇۋاپىق بولار.» (302- بەت)
«بىر ئادەمنىڭ ئۇيەر - بۇيەرلەرگە بېرىپ بېقىشى مومكىن ئىكەن، بۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشى ئۈچۈن، شۇ ئادەمنىڭ زادى قايىتمىسا بولمايدىغان مۇستەقىل ئۆيى بولىشى كېرەك ئىكەن.» (321-بەت)
«بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە نۇرغۇن دۇنياۋىي ئامىل بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت سىرىتقا چىقاي ياشاپ، بۇ تەرەپلەرنى بايقىماس بولۇپ كەتكەن ئىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەپەككۇرىمىزنى ياشىغان مەھەللىمىزنىڭ ئۆزگەرمەس ئادەتلىرى بىلەن بوغۇپ قويغان ئىكەنمىز. بۇ خۇددى ئېقىندىن ئايرىلىپ قالغان سۇ قۇرۇتلاپ كەتكەندەك بىر ھال.» (330 - بەت)
«گىراژدانلىقنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئىشلىرى توغرىسىدا بىمالال مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن بولۇش، تالاش - تارتىش ئارقىلىق ئورتاق ئادالەتنى تېپىپ، ئۇنى مىزان قىلىش. ئەركىن تالاش - تارتىش بولمىغان يەردە مەسىلىنى ئادىل ھەل قىلىشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ.» (350 - بەت)
«ھەربىر تىل كۆپ نوپۇسلۇق ياكى ئاز نوپۇسلۇق مىللەتلەرنىڭ تىلى بولىشىدىن قەتئىينەزەر تەڭدىشى يوق بىر تىلدۇركى، ئۇنى ئىككىنچى بىر تىلنىڭ ئايرىم تەرەپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ باھالىغىلى بولمايدۇ.» (363-بەت)

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (9)
نەقىللەر (0)
  1. ئەلسۆي [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2013/06/24 23:53

    لوندۇندا يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن بىر نەچچە كۈن ساياھەتتە بولدۇم. يىغىن تۈگىگەن تۇنجى كۈنى كەچتە يىغىن رىياسەتچىلىرى تەرىپىدىن كونسېرت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىر نەچچە مۇزىكانت نۇمۇرىدىن كىيىن، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇرۇندالدى. تاماششىبىنلار ئىسقىرتىپ، چاۋاك چېلىپ ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەشتى. بۇ كونسېرتقا بىر نەچچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قاتناشقان بۇلۇپ، بەزىلىرى لوندون ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، بەزىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. كونسېرت تۈگىگەندە بىر نەچچە ئۇيغۇر بىلەن تونۇشتۇم ۋە ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇچۇرلارنى قەيەردىن بىلىدىغانلىقىنى سورىسام، ئەزىز ئەيسا ئاكىمىزنىڭ تارقىتىدىغانلىقىنى دەپ بەردى. ئۇ لوندوندىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى توردىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا يەتكۈزۈپ تۇرىدىكەن ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەيدىغان ئۇچۇق سۆز زىيالىي ئىكەن. شۇ يەردە تۇنۇشقان بىر تۇنۇشۇم مىنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىپ بولغان ياتىقىمنى قايتۇرۋەتكۈزۈپ، مىنى ئۈيىگە ئېلىپ كەتتى. بىر قان، بىر ئىتنىڭ مەنبەنىڭ راھىتى ماڭا قۇچاق ئېچىۋاتاتتى. تونۇشۇمنىڭ ئۈيىگە بارغاندىن كېيىن ئۇلار مىنى پولوغا تەكلىپ قىلدى، پولو شۇنچىلىك ئوخشىغان بولسىمۇ، نەچچە كۈنلۈك سەپەر ۋە يىغىن ھاردۇقى بىلەن ئۈزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىۋەتتىم.

    لوندۇندا يىمەكلىكلەر ناھايىتى ساپ بۇلۇپ، مېۋە-چىۋىلەرگە خىمىيىلىك دورىلار ئىشلىتىلمەيدىكەن. بانان قاتارلىقلار مىۋىلەر كۆپكۆك سېتىلىدىكەن. بۇ يەردىكىدەك تېشىغا دورا سۈركەپ سارغايتىلمايدىكەن. ئېزىزكامنىڭ ئۈيىدە تاماقلىنىش، تونۇشۇمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە رېتىمى ھەققىدە مەلۇم تۇنۇشقا ئىگە بولدۇم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە مەندىن سۇراپ قالدى. مەن چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش، ئولتۇراقلىشىش قاتارلىقلارنىڭ بىزدەك بىر مىللەت ئۈچۈن ناھايتى تەستە كېلىدىغان ۋە ئىشقا ئاشىدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارغا قول قۇيىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. چۈنكى ۋەتەندىن، قىرىنداشلىرىدىن، دوستلىرىدىن، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ ئۈزىگە ناتۇنۇش بىر مۇھىتتا جان بېقىش، ھايات كەچۈرۈش ئىنتايىن جاپالىق ئىشلارنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاتا-ئانا، قىرىنداشلىرىمىزدىن، تۇپرىقىمىزدىن، قانداشلىق تۇيغۇسى ئىچىدىكى شىرىن مۇھەببەتلەردىن كىچىپ يات بىر مۇھىت ئىچىدە ھەممىنى يېڭىدىن باشلىشىمىز كېرەك. بىز چىرايلىق كىيىم كېيسەك، ئۇ يەردە چىرايلىقكەن دەپ ماختاپ قۇيىدىغان دوستلىرىمىز بولمايدۇ. بىز جان بېقىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرسەك، بەك ئۈزۈڭنى ئۇرۇپ كەتمە، بىز بار، دەيدىغان ئاتا-ئانىلار قېرىنداشلار بولمايدۇ. يات بىر مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش كېرەك. چەتئەلدە بۇ يەردىكىدەك ئىشخانىغا ئەتىگەن كىلىپ گېزىت ئۇقۇپ كۈن كەچ قىلىپ مائاش ئالىدىغان ئىش يوق.

    سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، ئوقۇش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن بىزدە راۋان بولغان ئېنگىلىزچە سەۋىيە بۇلۇشى كىرەك. ئەگەر ئېنگىلىزچە بىلمىسەك ھەرقانداق ئىشنى قىلالىساقمۇ، بىر يەرگە بېرىپ ئىشلىيەلمەيمىز، مەقسىتىمىزنى ئىپادىلىيەلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىشنىڭ بىرىنچى ئاساسى تىل بولۇپ قالىدۇ. چەتئەلدە تېخى خالىغانچە ئىش تېپىپ ئىشلىگىلى بولمايدۇ. مەلۇم بىر ئورۇندا 8سائەت ئىشلىسەك باشقا جايلاردا ئىشلەش ھۇقۇقىمىز بولمايدۇ… جۈملىدىن يات بىر مۇھىتتا جان بېقىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھىغا قول قويۇش، تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش كېرەك. قېنى ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان، جاپالىق مۇھىتلارغا كۆنەلمەيدىغان قايسى بىرىمىزنى پوككىدە چەتئەلگە تاشلاپ قويسۇن، قانچە كۈن ياشىيالايدىكەنمىز؟ شۇڭا مەيلى ئۇلار قانداق ياشىسۇن، ياشاش جەھەتتە بىزدىن ئارتۇقراق تالانتلارنى ھازىرلىغانلاردۇر. چەتئەلدىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىق، جاپا تارتىش روھىدىن ئۈگىنىش كىرەك. يۇرتىمىزدا ئۈيىمىزدىن بەش كىلومىتىر كىلىدىغان مۇساپىدە خىزمەت قىلىپ قالساق چۇقۇم ماشىنا ئالمىساق ۋە ئۆينى شۇ يەرگە ئالماشتۇرمىساق پۇخادىن چىققاندەك بولمايمىز. ئەمما بۇ يەردە ئۆيدىن 20-30كىلومىتىر كىلىدىغان جايدا خىزمەت قىلىش نۇرمال ئىش. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۈرۈمچىدە ياشاش بېيجىڭدە ياشاشتىن ئاسان، خۇتەندە ياشاش ئۈرۈمچىدە ياشاشتىن ئاسان(ماددى جەھەتتىن).

    چەتئەل تۇرمۇشى كۆپ كىشىلەرنىڭ تەلپۈنۈش ئوبىكتى بولسىمۇ، ئەمما ياشاش ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەس. شۇڭلاشقا بەزىدە ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىن ۋەتەندە ياشىغاندىن تەس كۈنگە قالىدىغان گەپ. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ماگىسترلىق ئۇنۋانى ئالدىم. ئەمما ئەنگىلىيەدە بۇ سەۋىيە تۇلۇق كۇرس سەۋىيەسىگە تەڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مائارىپ سىستېمىسى بىزنىڭكىدىن ئىلغار. ئىجادچان ۋە ئەركىن تەپەككۇرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا، بىزنىڭ مائارىپىمىز ئىمتىھان قەغىزىدىكى نومۇر بىلەن ئادەم ئۆلچەيدۇ…دېمەك، چەتئەلدە ياشاش ئۈچۈن بىزدە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىدار ۋە ساپا بۇلۇشى كېرەك. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ھەممىنى يېڭىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. جاپا تارتىمىز، رىيازەت چىكىمىز، تەنھالىقتا قالىمىز، مىھىر-مۇھەببەتكە تەشنا بولىمىز…. ئەمما، ئۇ يەردە ئىنسان قەدىر-قىممىتىگە، مىسلىسىز بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىرىشكىلى بولىدۇ…

    شۇ كۈنلەردە پارىڭىمىز ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئۇلارغا قانداق قارايدىغانلىقى ئۈستىدە بۇلۇپ، مەلۇم بىر تور بېكەتتىكى ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىگە قارىتا يېزىلغان باھالارغا كۈزۈم چۈشتى. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى 2006-يىلى لوندون ئونۋېرسىتېتىنىڭ شەرق، ئافرىقا تەتقىقات بۆلۈمىدە بىر يىلدەك زىيارەتچى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە تۇرغان بولۇپ، ”لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى“ دېگەن تىمىدا شېئىر يېزىپ ”شىنجاڭ مەدەنىيتى“ ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ئىدى. مەن ”شىنجاڭ مەدەنىيتى“ ژورنىلىدا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لوندون ھەققىدىكى يەنە بىر پارچە ماقالىسىنىمۇ ئوقۇغان ئىدىم. ھېلىقى شېئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ جاپالىق، تەنھالىق تۇرمۇشى ھەققىدە مەلۇم تۇنۇشقا ئىگە بولغان ئىدىم. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شېئىرىدا لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن نۇقسانلىرى كۆپرەك تەسۋېرلەنگەن ئىدى. مەن ئىلگىرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ باشقا يازمىلىرىدىن ھەرقانداق بىر شەيئىگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتىدىغان خاراكتىرىنى بىلىپ يەتكەنىدىم. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى باشقا جانباقتى ۋە ئۈزىدىن-ئۆزى ھۇزۇرلىنىپ يۈرىيدىغان باشقا يازارمەنگە ئوخشىمايتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە بىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى بىزدىن بۇرۇن كۆرگەن تالانتلىق كىشى ئىدى. ئەمما لوندۇندا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا توردىكى سېسىق گەپلىرىنى بىرمۇ-بىر ئۇقۇپ چىقتىم ۋە ”لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى“ دېگەن شىئېرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. قارىسام لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۇنچىلىك دەرىجىدە ناچار ئەمەس ئىدى. ئۇلار يەنىلا بىزگە شۇنچىلىك قىزغىن ئىدى. يات بىر مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىدى. ئۇلار ماڭا ئۇزىنىڭ جاپا تارتىشىنىڭ نەتىجىسىنى كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرى كۆرىدىغانلىقى، ئۆزى جاپا تارتسىمۇ پەرزەنتلىرى كىيىنكى كۈنلەردە باشقا ئەنگىلىيىلىك بالىلارغا ئوخشاشلا كۈن كۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يازمىسىغا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئىنكاس قايتۇرغان بۇلۇپ، ئىنكاسلانىڭ ئۇمۇمىي خاھىشىدىن قارىغاندا ئابدۇقادىر جالالىدىنغا نىسبەتەن نارازىلىق ئىنكاسى چوڭ ئىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چەتئەلدىكى، بۇلۇپمۇ لوندۇندىكى ئۇيغۇرلار ھېلىقى شىئېردا تەسىۋىرلەنگەندەك ئۇنداق ناچار تۇرمۇش كەچۈرمەيتتى. ئۇنداق چېچىلاڭغۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنداق بىر-بىرىنى ياراتمايدىغان، كۈرەلمەيدىغان، چىقىشالمايدىغان، قاچىدىغان ئەمەس ئىدى. ئۇلارمۇ لوندوندىكى باشقا كۆچمەنلەرگە ئوخشاشلا بەزىلىرى كۆچمەنلەر رايۇنىدا، بەزىلىرى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى تەبىقە رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ ياشايتتى…

    يىقىندا ئابدۇقادىر جالالىدىن يازغان ”مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى“ دېگەن كىتاب نەشىر قىلىندى. مەن بۇ كىتابنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇپ بۇلۇپ ئۇستازنىڭ بۇ كىتابىنىڭ ياپۇنىيە ھەققىدىكى ”ئۆزلۈك بوسۇغىسىدا“ ناملىق كىتابتەك مۇۋاپىقىيەتلىك چىقمىغانلىقىنى بايقىدىم. ”ئۆزلۈك بوسۇغىسىدا“ ياپۇنلار بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، خاراكتېرىمىز سېلىشتۇرۇلغان، ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىكلەر پاكتلىق ھالدا سېلىشتۇرۇلغان بۇلۇپ، ھەممە كىشىنى قايىل قىلاتتى. ”مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى“ دا گەرچە لوندون ھەققىدە ئۇمۇمىي ئۇچۇر بىرىلگەن بولسىمۇ، ھازىرقى مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىز ھەققىدە ئويلىنىشلار ئاز ئىدى.

    مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ھېلىقى شىئېردا لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى بەك چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدى. شۇڭا بەزى ئىنكاسلار خىلى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىدى. ”مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى“ دېگەن كىتابنىڭ ئۇمۇمى ۋەزنىدىن قارىغاندا ئابدۇقادىر جالالىدىن لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئۇيۇشۇش ئىچىدە ئۆتۈشىنى، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى يېپىپ، بىر-بىرىگە سىرداش بۇلۇشنى، كۈچلۈك جامائەت توپى شەكىللەندۈرۈپ بەلەن ياشىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك ئىدى. گەرچە بۇ ناھايىتى ياخشى تىلەك بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى. ئۆز يۇرتىمىزدا تۇرۇپ ئۇيۇشۇشنىڭ كۈچىنى كۈرەلمىگەن يەردە، ھەركىم ئۆز غېمى بىلەن ئالدىراش يۈرىۋاتقاندا كوللېكتىپ ھەققىدە ئويلىنىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلدىكى ھەرقانداق بىر خىزمەت ئىندىۋىدۇئاللىققا مايىل بولۇپ، ئالاھىدە توپ شەكىللەندۈرۈپ ياشاش تەس. ئۆز يۇرتىدىن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بىرىپ، باشقا يۇرتتا قەدىر-قىممەت ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسىدەك ياشاش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس. مىنىڭ نەزىرىمدە ئابدۇقادىر جالالىدىنىنىڭ ھېلىقى شېئىرىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ بەزىسى خىلى ئۇرۇنلۇق ئىدى. ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويغان ئىدى. لوندۇندىكى ئۇيغۇرلار روھىي ۋە ماددى جەھەتتىن ئۇنداق ناچار ئەمەس ئىدى. بىز نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئاز-تۇلا كەمچىلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز؟ ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئابدۇقادىر جالالىدىن بىر نەچچە يىل تەلپۈنگەن لوندۇنمۇ شۇ ئىدى. قاقشاشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق ئىدى، ئۇلار ئابدۇقادىر جالالىدىن قاقشاشنىڭ ئورنىغا ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ ساپالىق كىشىلەر قىلىپ تەربىيلىشى كىرەك. دەپ قارايتتى. ئابدۇقادىر جالالىدىن ”مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى“ ناملىق كىتابىدا ئېيتقاندەك گەرچە كىشىلەرنىڭ بۇ شېئىر ھەققىدىكى ئىنكاسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ لوندوندىكى تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىش، پۇل تېپىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش ئورنىدا كۆزەتچىلىك قىلىپ باققان، نەچچە قېتىم ئۆي كۈچۈپ باققان ئىدى. ئەگەر بىز بىز ئىنتىلگەن تۇرمۇشنىڭ جاپالىرىدىن ياكى كىشىلەرگە كەلتۈرگەن بېسىملىرىدىن قاقشاپ يۈرىيدىغان بولساق، بۇنداق تۇرمۇشنىڭ جاپاسىنى راھەت كۆرمىسەك، ئارزۇسىز، نىشانسىز ھالدا ئېتىزدىكى قۇرتتەك تەييارنى يەپ ئۆتۈپ كىتىدىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە نىمە دىيش مۇمكىن؟ توغرا، بەزى كىشىلەر لوندۇندىكلەرنىڭ ھەق ئەھۋالى يېزىلىپتۇ، دىيشىتى. ئەمما بىز ئۈزىمىزنىڭ يۇرتىمىزدىن، تۇرمۇشىمىزدىن بۇنداق ھەقلەرنى قازىدىغان بولساق، ئاچچىقتىن ئۆلۈپ كېتىمىز. ئادەمنىڭ قىيىن تۇرمۇشتىكى مۇھتاجلىقى كۈچلۈك ئىرادە ۋە مەدەتكە مۇھتاج، بۇلۇپمۇ يات مۇھىتتا تېخىمۇ شۇنداق.

    ئادەتتە بىز دۇنيانى مۇنداق ئىككى كۆز بىلەن كۆرىمىز. بىرى، ئۆزىمىزنىڭ كۈزى. يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ كۈزى. ئۆزىمىزنىڭ كۈزى بىلەن دۇنيا كۈرۈش ئۈچۈن بىز باشقا يۇرتلارغا سەپەر قىلىشىمىز كىرەك. سەپەر جەريانىدا خاتا تۇيغۇغا كىلىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن باشقىلار ھەققىدە بىزدە مەلۇم زاپاس بىلىم بۇلۇشى كېرەك. مۇنداق بولمىغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ بەيگە مەيدانى(赛马场) چىققان كىشى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بەيگە مەيدانىدىلا ياشايدىكەن، دېگەن تۇيغۇغا كىرىپ قالىدۇ. جۈملىدىن شەخسىنىڭ باشقىلار ھەققىدىكى بىلىش سەۋىيەسى ئۇزىنىڭ كەچۈرمىشىلىرىگە، بىلىم سەۋىيسىگە كۆپرەك ئاساسلىنىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر ئوبىكىت ئۈستىدە كىشىلەردە نۇرغۇنلىغان قاراشلار بۇلىدۇ. مەسىلەن ئۈرۈمچى ھەققىدە جەنۇب كىشىلىرى بىلەن شىمال كىشىلىرىنىڭ باھاسىدا رۇشەن ئوخشىماسلىقلار بۇلىدۇ. بىز بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە نۇرغۇن باھالارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ باھالار ئىچىدە: ئامېرىكا بارىدىغان يەر ئەمەسكەن، بالىلىرىمىز تۈگەشتى، بالىمىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىمىز سورۇلۇپ تۈگىدى، بالىلىرىمىز ئۇ يەردە بىر نانغا زار ئىكەن، دېگەن باھالارنىمۇ، دۇنيادا ئامېرىكىدىن باشقا دېموكىراتىيە ئومۇملاشقان، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ئۇنىڭدىن ئىلغارراق بىر دۆلەت يوق، دىگەندەك باھالارنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. دېمەك، بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى سورۇلغان بىر كىشى بىلەن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كەڭتاشا ئوقۇغان بىر كىشىنىڭ ئامېرىكا ھەققدىكى باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ.

    دۇنيانى كۈرىدىغان ئىككىنچى كۆز باشقىلارنىڭ كۈزى. بىز باشقىلار يازغان كىتابلارنى، ئېلان قىلغان ماقالىلەرنى، ئىشلىگەن كىنولارنى، تور بېكەتلەرنى كۈرۈش زىيارەت قىلىش، باشقىلارنىڭ تەسىراتلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق يات جايلارغا بولغان قىزىقىشىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرىمىز ۋە بۇ ھەقتە بىلىمگە ئىگە بۇلىمىز. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كىرەككى، باشقىلارنىڭ بىزگە چۈشەندۈرىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ %100ھالدىكى توغرا بىلىم ئەمەس. ئۇنىڭغا كىنو ئىشلىگۈچىنىڭ غەرب تۇرمۇشى ھەققدىكى گۈزەل تەسەۋۋۇرى، تور بىكەت قۇرغۇچىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن كىچىكىنى چوڭ قىلغان قىلمىشلىرى، يازغۇچىغا نىسپەتەن ئۈزى كۆرگەن كۈرۈنۈشلەرنى سېلىغداپ كۆرستىدىغان ماھارەتلىرى سىڭىپ كەتكەن بۇلىدۇ. مەسىلەن: بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكىدا قىز-ئوغۇللار ھەرقانداق بىر سورۇننى ئۇزىنىڭ يات جىنىسقا بولغان قىزىقىشىنى باسىدىغان ئۇرۇن قىلىلايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىز ئەر-ئاياللارنىڭ شاللاق قىلىقلىرىنى كىنولاردىن كۆرۈپ، يات ئەللەر شۇنداق دەپ خاتا تۇنۇشقا كىلىپ قالدۇق. ئاندىن كىيىن كىنولارنى دوراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدۇق. بۇنىڭ بىلەن يۇرتىمىزدا كىنولاردا تەسۋېرلەنگەن ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى جىنسىي قىلمىش تېپىلىدىغان بولدى، بىز مۇسۇلمان ئەۋلادى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق. ئەگەر كىشىلىرىمىزگە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشى قانۇنلۇق قىلىپ بېرىلسە، كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئۇيالمىسا، بۇ يەردىمۇ ئوخشاش جىنىسلىقلار توي قىلىۋۋېرىدۇ. بۇ پاكىت. بۇ يەردە ئوخشاش جىنىسلىقلار يۇشۇرۇن ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ، خالاس……..

    (بۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى ئىقتىدارلىق ياش ئاكادېمىك مۇتەللىپ ئىقبالنىڭ
    ھۆرمەت، قىممەت ۋە ھىممەتكە يانداش خىياللار

    ناملىق ماقالىسىدىن ئوقۇڭ. مەزكۇر ماقالە بۇ سەلكىن مۇنبىرىگە ھازىر يوللاندى، ئەگەردە ماقالە بۇ مۇنبەرد تەستىقلانسا پۇتۇن ماقالىنى ئوقۇيالايسىز.)

  2. بىلنۇر [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2013/06/26 10:58

    «مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى»نى ئوقۇش جەريانىدا تۇنجى بوپ ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى ئەسەر يېزىلغان ۋاقىت بىلەن ئاپتورىمىزنىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرغان ۋاقتىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىنمۇ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»دېگەن كىتابتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىغاندەك بىلىندى. نېمىشقىكىن بەزى مەزمۇنلار زىيادە تەپسىلىي يېزىلىپتۇ، يەنە بەزى بۆلەكلىرىنى ئۇقىغان ۋاقتىمدا شۇ بۆلەك سەل ئارتۇقچە يېزىلىپ قالغاندەكمۇ ھېس قىلدىم . بۇنىڭلىق بىلەن ئۇستازىمىزنىڭ بۇ ئەمگىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغىنىم ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئادەمنى تەپەككۇرغا باشلايدىغان مەزمۇنلار بار، قايسى بىر يازغۇچىمىز ئېيتقاندەك بىزگە بىر كىتابنىڭ ھەممە تەرىپى يېقىشى ناتايىن ، شۇ كىتابتىكى بىر ئابزاس سۆز ياكى بىر جۈملە سۆز بىزگە ھەقىقىي نەپ بېرەلىسە بۇ كىتاب ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىمىز بىكار كەتمىگەن بولىدۇ.

    • تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ بىلنۇر 2013/06/26 21:48

      دىمىسىمۇ بۇ كىتاب «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتاب بىلەن خىلى پەرىقلىنىدىكەن. بۇ قېتىم ئاپتور ئۆزىنى بىر ئاددىي كۈزەتكۈچى ئورنىغا قويۇپ، سىرىتتىن كۈزەتكەنلىرىنى ھېس – تۇيغۇ تەرقىسىدە بايان قىپتۇ، كىتابتا بەزى جايلارنىڭ بەك كونكىرىتنى بوپ كەتكىنى بەلكىم ئاپتورغا قالدۇرغان تەسىرىنىڭ چوڭقۇر بولغانلىقىدىندۇر. ئىشقىلىپ بۇ بىر ئىلمىي ياكى پەلسەپىۋېي كىتاب بولمىغاندىكىن، ھەركىمنىڭ ئوخشاش شەيئىيلەرگە بولغان تونۇشى ئۆزگىچە بولىدۇ – دە!

  3. ئەلسۆي [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2013/06/27 21:01

    «ھۆرمەت، قىممەت ۋە ھىممەتكە يانداش خىياللار» ناملىق ماقالىنى ئوقۇش ئادرېسى:
    http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=54018

  4. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/08/15 23:46

    كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن. پات ئارىدا تۈگەيدۇ….

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش