seo دېگەن نېمە؟ seo دېگەن بۇ ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلىدىن كەڭ تارقالغان بولۇپ SEO(Search Engine Optimization) ، ئىزدەشنى ئەلالاشتۇرۇش دېگەن مەنىدە. يەنى ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىن ئىزدىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ زىيارەتچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ھەمدە بېكەتىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرىش كۆتۈرۈش.
كۆپىنچە بېكەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەرخىل تىپتىكى بېكەت سىتاستىكا كودلىرىنى ئىشلەتكەن. ھەممىمىزگە ئايانكى ئىزدەش بېكەتلىرىدىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنىڭ سانى تەخمىنەن بېكەت ئومۇمىي زىيارەتچىلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى ئېگەللەيدۇ. دېمەك ئىزدەشنى ئەلالاشتۇرۇش سەل قارىغىلى بولمايدىغان نوقتىلارنىڭ بىرى.
شۇڭىلاشقا كۆپچىلىككە مۇشۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىمدىن ئازراق سۇناي دەيمەن.
[t]Wordpress SEO[/t]
ۋوردپىرەس seo سى ئەسلىدىنلا بىر قەدەر مۇكەممەل دەپ قارىلىدىغان سىستېما. ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا seo بەتنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئۇلانما قۇرۇشتىن ئىبارە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالدىنقىسى ئاساس، كېيىنكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ ھېچقايسىسى كەم بولسا بولمايدۇ.
ھەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ يەنىلا بىزنىڭ قول سېلىپ تەڭشىشىمىزگە ، باشتېمىغا مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ توغرىسىدا ۋوردپىرەسنىڭ سۈكۈتتىكى باشتىمىلىرىنى كۆرۈپ بېقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
[t]ئىجادىي خىل مەزمۇن[/t]
seo نى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن تەكىتلەيدىغىنىمىز يەنىلا بېكەت مەزمۇنىنىڭ ئىجادى، سەرخىل بولۇشى. ئىجادىي، سەرخىل، پايدىلىنىش ۋە ھوزۇرلىنىش قىممىتى بار يازمىلارنىڭ بولۇشى seo نىڭ كاپالىتى. چۈنكى ئىجادىي مەزمۇنلار كۆپ بولغاندا باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلغاندا ئىزدەش بېكەتلىرى ئەسلىدىكى ئىجادىي يازمىنىڭ قەيەردىن كەلگىنىنى پەرىق ئېتەلەيدۇ.
seo توغرىسىدا كېيىنچە يەنە تەپسىلى توختىلىمىز. تۆۋەندە مەن ئىككى بېكەتنى مىسال سۈپتىدە سېلىشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
[t]دوغاپ بىلوگى vs تەشنا بىلوگى[/t]
1. مۇقىم ئۇلانما
دوغاپ بىلوگى : ئاز-تولا كۆزىتىش ئارقىلىق بايقىغىنىم شۇ بولدىكى بىلوگ ئاپتۇرى دوغاپ بېكەتنى بىر قەدەر خەلىقئارا ئۆلچەمگە قويۇپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەن. يەنى يازما ، سەھىپە ۋە خەتكۈشلەرگە ئېنگىلىزچە باشقا نام بېرىپ ماڭغان . يەنى مەلۇم بىر يازما ئۇلانمىسى: http://doghap.net/time-ago.html ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.بۇ ئۇسۇلدا خەلىقئارالىق ئۆلچەمگە قاراپ يۈزلەنگەن.
تەشنا بىلوگى : يازمىلارنى بىۋاستە ۋاقىت بويىچە كۆرۈنىدىغان قىلغان. بۇنداق بولغاندا ئۇلانما ھېچقانداق ئىزدەش ماتورى تەرىپدىن يىغىلمايدۇ. مەلۇم بىر يازما ئۇلانمىسى: 2012/08/18/393/
* دوغاپ بىلوگى يازما ئېچىلغاندا يازما نامىغا بېكەت ئادرىسىنى قوشۇپ كۆرىنىدىغان قىلغان، تەشنا بىلوگى بېكەت نامىنى كۆرىنىدىغان قىلغان. دېمەك بۇ ئىككىسىنىڭكىنى بىرلەشتۈرگەندە بېكەت نامى ۋە ئادرىسى بويىچە ئىزدىلىشنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.(ياما نامى بىلەن ئۇلانمىسىنى ئارلاشتۇرىۋەتمەڭ.)
2.بېكەت نامى
بۇ يەردىكى ئىزدەش نەتىجىسى ئىزدە بېكىتىنىڭكىنى (google) ئاساس قىلىپ سۆزلەندى.
دوغاپ بىلوگى : ئىزدەش بېكەتلىرى ئادەتتە بېكەت ئىسمىنى ئەڭ مۇھىم قاتاردا تۇرۇپ ئىزدەيدۇ. دوغاپ بىلوگىنىڭ تۇغ نامى دوغاپ بىلوگى دەپ ئېلىنغان. يەنى باشقىلار كۆرگەن ھامان بۇ دوغاپ بىلوگىكەن دېگەن ئۇقۇم ھاسىل قىلىدۇ. (زىيارەتچىلەر ۋە ئىزدەش بېكەتلىرى ئاساسلىق قىلىپ مۇشۇنى ئىزدەيدۇ) لېكىن بېكەت تېمىسنى wordpress تەجىربىخانىسى دەپ ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۈيئىستىمال قىلىنغان سۆزنى باشقىلار ئۇنچە ئىزدەپ كەتمىگەن، ئىزدەپ كۆرگەندە ئېرىشىدىغان نەتىجىمۇ دوغاپ بىلوگى بولماي قالغان. دوغاپ بىلوگى دەپ ئىزدىگەندە بولسا باشقا بېكەتلەردىكى ئۇلىنىشلارنى تېپىپ بەرگەن، دوغاپ بىلوگى تېپىلمىغان، ياكى ئالدىنقى قاتاردا كۆرۈلمىگەن.
تەشنا بىلوگى : بېكەت نامىغا بېكەت ئىسمى ئادرىسى ۋە win8 دېگەن ھالقىلىق سۆزنىنى قوشۇپ قويغان. بۇ خىل قوللىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىق، لېكىن دىققەت قىلىش نۇقتىلىرى ئۈستىدە كېيىنچە ئايرىم توختىلىمىز.
يېڭى ئىزدەنگۈچى بولغانلىقىم سەۋەبى مەلۇم كەمچىلىكلەر كۆرۈلۈشى ئېنىق، شۇڭىلاشقا توغرا چۈشۈنۈشىڭلارنى ، سەمىمىي تەنقىد، تەكلىپ پىكىرلارنى بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.
قورساق ئاچقاچقىمىكىن پىكىرىم سەل چېچىلىپ كېتىۋاتىدۇ. داۋامى بار...
مەن شۇ بېشىدا كۆپ ئويلاشمايلا يىل -ئاي-كۈن ھالىتىدە بىكىتكەنمەن مۇقىم ئادرىسنى، ئەمدىلىكتە ئۆزگەرتىشكە ئامالسىزمەن، ئۆزگەرتسەم ئىزدەش ماتورلىرىدىكى يەمچۈكلىرىم پۈتۈنلەي نۆلدىن باشلىنىدىكەن. لېكىن مۇقىم ئادرىسنى ماۋۇ ھالەتتە بىكىتكەندە rss ئوقۇپ ئېلىشقا پايدىسا بولىدۇ دەيدۇ! :ھەيي: داۋامىنى كۈتۈتمىز ئاينا…
سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز 858987999 مىنىڭ QQ نۇمۇرۇم
تور بەتنىڭ seo جەھەتتىن ياردەم قىلغان بول سىڭىز 858987999 QQمىنىڭ …… سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىز قايسى؟؟؟
كەچۈرۈڭ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. مەن سىنىڭ QQ نى قوشۇۋالدىم. تورغا چىققاندا خەت يازسىڭىز بولىدۇ.