Home >  > خاتىرەمدىن(6) : كومپىيۇتېر ھەققىدە قىسسە!

خاتىرەمدىن(6) : كومپىيۇتېر ھەققىدە قىسسە!

4

كومپىيۇتېر ھەققىدە قىسسە!

QQ截图20140426131825
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!

ئالدىنقى خاتىرلىرىمىزدە پىروگىرامما تىللىرى ھەققىدە ئۇدا توختالغاندىن كىيىن ، يۇقىرلاپ ئىزدىنىش ھارپىسىدا يەنە بىر نەرسىنىڭ كەم قالغانلىقىنى بايقىدىم. يەنى سىز شۇ تاپتا تەلەتىگە قاراپ ئولتۇرغان بۇ ئوتى يامان كاساپەت ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلىشىمىز توىلمۇ زۆرۆر ئىكەن ، ۋەھالەنكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ تۆمۈر ھەققدە (ئىشلىتىشنى بىلسىلا بولدى) دىگەن تونۇشقا ئىگە بولىشى مۇقەررەر. ياق! مەن ئۇنداق قارىمايمەن ،مۇھەببەت بەرمىسەم ئۇنى ئۆگىنەلمەيمەن ،مۇھەببتىمنى بەرگەنىكەنمەن ئۇنىڭ نەسەب شەجەرىسىنى ، تارىخىنى ھەربىر ئارخىبلىرىنى ياخشى بىلىشىم لازىم. بۈگۈن مەن دەل شۇ مەقسەددتە چالا-پۇچۇق بولغان تونۇشۇمغا ، بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا مۇناسىپ ئەمەسلىكىمگە قارىماي يەنىلا بۇ مۇھىم نۇقتىنى سىزلەرگە بىلىشىمچە تونۇشتۇرۇپ چىقىشىنى تاللىدىم.

كومپىيۇتېر دىگەن زادى نىمە؟ ئۇ قاچان ؟ نىمىشقا؟ نىمە سەۋەبتىن ، كىملەر تەرپىدىن ؟ قەيەردە ؟ قانداق بارلىققا كەلگەن؟
18546-Maine-Coon-kitten-playing-with-a-laptop-computer-white-background
يۇقارقى سۇئاللاردىن كىيىن بىلسەم - بىلمىسەم سىز ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالدىنقى ئەسىرنى ئويلىدىڭىزغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ مۇنداق ئىش : مەلۇمكى ھەربىر دەۋىردە شۇ دەۋىرنىڭ ئىھتىياجىغا شۇ دەۋىر كىشىللىرىنىڭ ئىلىم - پەنگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ، ۋە باشقا نۇرغۇن ئامىللارغا ئاساسەن شۇ دەۋىر كىشىللىرىنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئەقىللىرىنىڭ تۈرىتكىسىدە تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىنى قولايلاشتۇردىغان مەلۇم سايمان - ئۈسكۈنە بارلىققا كەلدى. مەسلەن ئىپتىدائىي ۋاقىتالاردا كىشىلەر قوي -كالىللىرىنىڭ سانىنى تاياقچىلەرنى بەلگە قىلىپ قوشۇپ - ئېلىش ئارقىلىق بەلگىلىگەن.

《چوت》 نى بىلەمسىز ؟ چوت سوقاش دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟ سىزگە چوتمۇ بىر ئىپتىدائىي كومپىيۇتېر دەيمەن. ئىشىنەمسىز؟! ئىشىنىشڭىز كېرەك! ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتېر دىگەن ئاتالغۇغا مانا جەھەتتىنلا ئەمەس مەنتىقە ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئېنىقلىما بەرسەك … ئىنسانلارنىڭ ھىسابات (ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا) ئىشلىرىنى تېخىمۇ تېز ھەم ئاددىلاشتۇرۇش يولىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ھەربىر ئىجادىيەت مىۋىسىدۇر!
5574367_174802980000_2
17- ۋە 18- ئەسىرلەردە ئەدەبىيات سەنئەت گۈللىنىشى دەمدۇق ئىشقىلىپ نۇرغۇن بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان سەۋەبلەردىن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى مىسىلسىز دەرىجىدە تېزلىشىپ كەتتى ، سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىن بولسا ئىپتىدائىي تەرەققىيات ئەندىزىسىگە خاتىمە بەرگەن بىر يېڭىچە تەرەققىيات ھالىتى بارلىققا كەلدى ، قورال-ياراق ۋە كېمىسازلىقنىڭ تەرەقىياتى ياۋروپادىكى زىچ نوپۇسلارنى كېمە بىلەن سەپەرگە چىقىش ۋە قورال بىلەن مۇستەملىكە قىلىش پۇرسىتىگە ئېگە قىلىپ قويدى. ئەنە شۇ دەۋىرلەردە سۇغا غەرىق بولغان ، خادا تاشلارغا سوقۇلغان … چۆكۈپ كەتكەن كېمىلەرنىڭ سانىنى بىلمەك تەس ، شۇ ۋەقەلەرنىڭ ئەسلىمىسى سۈپىتىدە 《دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون》 قاتارلىق ئەسەرلەرنى تىتانىك ۋەقەسىنى ئەسلەش مۇمكىن ، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ۋەقەلەر شۇنچە كۆپ چىقىملار كىلىپ چىقىدۇ؟ ، توغرا دېڭىز بورىنىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب ئەمما بۇ يەردە يەنە بىر مۇھىم سەۋەبنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. ئۇ بولسىمۇ بىپايان دېڭىزدىكى ئارلىق ، مۇساپە ، ۋە تەرەپ پەرىقى قاتارلىقلاردۇر ، ئەمدىكى دېڭىز سەپرىدە ئىلگىركى شىمالنىلا كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كومپاسقا تاينىپ جاننى دوغا تىكسە بولمايتتى ، يەنى خەرىتىگە قاراپ ئارلىقنى ياخشى ھىسابلىمىسا ، تەرەپلەر پەرىقىگە ئاساسەن ئۆز ئورنىنى بىكىتمىسە ،….. ئىشقىلىپ بۇ يەردە نۇرغۇن ھىسابلاش يەنە كىلىپ بىر قاتار ناھايىتى زور ھەجىملىك بىر قاتار ھىسابلاشلار مەيدانغا كەلدى … ئەنە شۇنداق زۆريەت ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى بىر ماشىنىڭ بارلىققا كىلىشنى تەقەززا قىلىۋاتاتتى ... دەل مۇشۇ ۋاقىتتى يەنى 19- ئەسىردە ياۋرۇپادا چارلىز بەبىج ئىسىملىك بىر ئىزدەنگۈچىنىڭ تەتتقىقات مىۋىسى ئەڭ ئىپتىدائى كومپىيۇتېر بارلىققا كەلگەن بولۇپ ھور ماشىنىسى ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ باراتتى. كۈلگىڭىز كىلىۋاتامدۇ؟ ياق كۈلمەي تۇرۇڭ! ھازىر چۈشۈنۈپ قالىسىز. سىزنىڭ بۇ كومپىيۇتېرنى ھازىر سىز قاراپ ئولتۇرغا مۇنۇ ساھىبجامال كومپىيۇتېرغا ئوخشاش ئويلاپ قالماسىلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. مىنىڭ دەۋاتقىنىم كۆرسىتىش ئىكرانى يوق ، پەقەت مەلۇم مىقداردىكى سانلارنى ئادەمدىن نەچچە ھەسسە تېز سۈرئەتتە ھەسابلاپ نەتىجىسىنى چىقىرىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ناھايىتى ئاددى ۋە بىرلا خىل قېلىپ شەكلىدىكى بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىش مەزكۇر كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ئىدى.
تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرسەك : بىر دانە تەكشى تاختا بار ، تاختا ئۈستىگە قانۇنيەتلىك ھالدا بىرقانچىلىغان تۈشۈكلەر تىشىلگەن ، سىز تاختىنى كومپىيۇتېرنىڭ بەلگىلەنگەن يېرىگە قويىسىز .... سىز بەرگەن ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىدىن كىيىن كومپىيۇتېرنىڭ مەشغۇلات قائىدىسى : ئەگەر تۆشۈك سانى مانچە ، ئورنى مۇنداق ، مۇنداق بولۇپ قالسا پالانى بۇيرۇقنى ئىجرا قىل ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا پۇستانى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدى دىن ئىبارەت (دىققەت : مەن ئۇ كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىپ باقمىغان ، بۇلارنى بىر قېرىندىشىمندىن ئاڭلىۋالغان بىلىملەرگە ئاساسەن يىزىۋاتىمەن ، تەخمىنەن مۇشۇنداق دىمەكچى) ... دىمەك بىىزنىڭ بۇ گۈزەل كومپىيۇېترمىزنىڭ بوۋىسى ئەنە شۇنداق فىزىكىلىق ماشىنلارنىڭ كۈچىشى ئارقىلىق مەلۇم بىر قېلىپ شەكلىدىلا ، مەلۇم بىرخىللا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان. مىخانىكىلىق كومپىيۇتېردۇر.

ئۇنىڭدىن بىرەر ئەسىر ئۆتمەيلا كەينى-كەينى كەينىدىن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىدى ... بولۇپمۇ ئىككىنجى دۇن ئۇرۇشى تولىمۇ دەھشەتلىك بولدى. ئەنە شۇ ھىكايىلەردە قولىغا قورال ئېلىپ ئەمەلى جەڭگە قاتناشمىغانلىقى ، بىرەر بومباردىمانغا قاتناشمىغانلىقى سەۋەبىدىن 2- دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىدا تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر شەخىس بار ، ئىسمى ئالەن تۇرىن ، كەسپىي ماتىماتىك ، ... ئەنگىليە خان جەمەتى تەرپىدىن ئۇرۇش قەھرىمانى دىگەن شەرەپ ئۈنۋانى بېرىلگەن ، ئەمما بىر پاي ئوق ئاتمىغان بىر ئادەم ... ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 10 – 20 يىل بۇرۇن ئاخىرلىشىشغا سەۋەب بولدى دەپ قارىلدىغان بۇ ئادەم سىزچە زادى قانداق مۇھىم خىزمەت كۆرسەتكەندۇ؟ جاسۇس ، ئالاھدە خادىم؟ گىتلىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ؟ ... ياق ! بۇ دەل يېڭى تىپتىكى مىخانىكىلىق كومپىيۇتېرنى ۋە تېخمۇ ئىلغار بولغان ھىسابلاش ئالگورنىزىمىنى كەشىپ قىلغۇچىدۇر.

بۇنىڭ ئۇرۇشتا نىمە مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟ كومپىيۇتېر بىلەن دۈشمەن ئاتقىلى بولامدۇ؟

شۇنداق بىر مۇتلەقلىق باركى ، ئۇرۇشتا قارىقۇيۇق بومباردىماندىن كۆرە ، نىشانلىق خاتالىق پەرىقى تۆۋەن بولغان بومباردىمان ... ھۇجۇم . نەچچە ھەسسە ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە شىددەتلىكرەك بولىدۇ. خەرىتە ، كوردىناتقا ئاساسەن ، مېردىئان ۋە پارالىل سىزىقلارنىڭ ياردىمىدە دۈشمەن ئورنىنى خاتالىق پەرىقى ئاساسەن يوق ھالەتتە بېكىتىش مۇمكىن ، دەل مۇشۇ يەردە يەنى بومبىنىڭ چۈشۈش ئورنىنى ، دۈشمەننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى بىكىتىش ئۈچۈن غايەت-سانلىق مەلۇماتنى ھىسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنە زۆرۆرىيەتنى قامدىغان بۇ كومپىيۇتېر ئەينى ۋاقىتتا ئاتوم بومبىسىدىنمۇ مۇھىم رول ئوينىغان ئېنىقكى دەڭسەپ ، ھىسابلاپ تۇرۇپ دەل جايىغا ئېتىلغان بىرتال بومبا قالايمىقان ، قارا- قۇيۇق ئېتىلغان ئونلىغان بومبىلاردىن بەكرەك ئۈنۈلۈك ئىدى .....

كومپىيۇتېرنىڭ بىز تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەنە بىر زور رولى بولسا ئۇچۇر ئاخبارات ئىشلىرى ، بولسا كېرەك! چۈنكى ھەرقايسى ئارمىيەلەر ئۆز ئالدىغا سىگنالنى مەخپىيلەشتۈرۈش كودى بۇلۇپ ھاۋاغا تارقالغان رادىئو سىگنالىنى يىغۋالغان دىن كىيىن مەخپىيلەشتۈرۈلگەن بۇيرۇق كودلىرىنى يىشىشكە ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە خاتالىق پەرقى ئاز شۇنداقلار سۈرئىتى تېز بولغان ھىسابلاش ئالگورنىزىمى لازىم ئىدى.

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كومپىيتېرنىڭ رولى پەقەت بۇلارلا ئەمەس ، بۇيەردە ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس .. قالىغىنىنى قېرىنداشلارنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىپ كۆرۈشىگە قالدۇردۇم.

بۇقېتىملىق خاتىرىمىزدە مۇلاھىزىمىز مۇشۇ يەردە يەنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا كىلىپ توختىسۇن! ئاللاھ خالىسا خاتىرىمىزنىڭ داۋامىدا مەزكۇر قىسسەيىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز ، ھىكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى يەنىلا شۇ كومپىيۇتېر.

 

2014.4.26
-ئۈرۈمچى
-رەھمەت
داۋامى بار!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (4)
نەقىللەر (0)
  1. تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/04/26 14:38

    ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
    ماۋۇ خاتىرىمۇ شۇنداق ياىشى چىقىپتۇ… ئوقۇۋىتىپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم، شۇنداق ئازادە تۇيغۇ! نۇرغۇن كىشىلەر قىزىقمايدىغان، خىيالىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ دەپ قارايدىغان بىلىملەرنى موشۇنداق يۇمۇرىستىك تىل بىلەن چۈشەندۈرسە ئۈنۈمى باشقىچە بولىدۇ. قەلەم قۇۋىتىڭىزمۇ خىلى پىشىپ قاپتۇ جۇمۇ..
    بولۇپمۇ بىزدەك ياشلىقىنى كومپىيوتېر بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتتە ئۆتكۈزىۋاتقانلار ئۈچۈن، بۇ ئوقەتنىڭ يەتمىش پۇشتىنى تولۇق سۈرۈشتۈرۈپ، تەپسىلىي ئەھۋالىنى چۈشىنىش زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. قەلىمىڭىز ھارمىغاي…

  2. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/04/28 14:41

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، راستىنلا كومپىيۇتېرنىڭ ئۇرۇش ساھەسىدىكى ئىقتىدارىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
    ئۇچۇر ئۇرىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تېخنىكىلار:
    1.مىكرو ئېلىكتىرون تېخنىكىسى(微电子技术)
    2.فوتو ئېلېكترون تېخنىكىسى(光电子技术)
    3.يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى(遥感技术)
    4.ئاپتوماتىك كونترول قىلىش تېخنىكىسى(自动控制技术)
    5.خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى(通信技术)
    6.كومپىيۇتېر تېخنىكىسى(计算机技术)
    7.سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى (人工智能技术)
    بۇ يەتتە تېخنىكىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كومىپيۇتېر تېخنىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. تەپىلاتىنى ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئۇرۇشى (现代信息站)دېگەن كىتابتىن تەپسىلى چۈشەنسەڭلار بولىدۇ.

  3. ھىلال ئاي [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/05/03 19:06

    ئاشۇنداق ھەربى ساھەدىكى بىلىملەرنى مىنىڭ بەكلا ئۈگەنگۈم با

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش