Home >  > يېڭى ئەۋلات ماشىنا ئادەم.

يېڭى ئەۋلات ماشىنا ئادەم.

7

9
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم !
ئېنگىلىزچە ئۆگىنىش داۋامىدا ، كەسپىممۇ مۇشۇ كومپىيۇتېر بولغاندىكىن كىسىشتۈرۈپ ئۆگنەي دېگەن مەقسەدتە دەسلەپكى قەدەمدە تۆۋەندىكى قىسقىغىنا نوتۇقنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئاددىلا كىرىشتۈرۈپ چىققان ، تەرجىمە قىلغان نوتۇقمۇ شۇ تېخنىكا ، ئۇچۇر توغۇرلۇق بولۇپ شارائىت يار بەرسە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ھەقتە تىرىشىمەن. ---- ئەلۋەتتە تۇنجى قېتىملىقى بولغاچقا نۇرغۇن ئىملا ۋە باشقا جەھەتلەردىكى نۇقسانلار بار ، تۈزىتىپ چۈشىنەرسىلەر!
[t]نۇتۇق: يېڭى ئەۋلاد ماشىنا ئادەم [/t]
تەرجىمە قىلغۇچى : پادىچى
لىكسىيە : يېڭى ئەۋلاد ماشىنا ئادەم
قىزىقىش ۋە ئۆگىنىش مەقسەد قىلىندى ، ئىدىيە تارقىتىشقا ئەرزىيدۇ

تۆۋەندىكىسى نۇتۇقنىڭ تىزىسى :

مەن بۈگۈن سىلەرگە رىزىرورنى تونۇشتۇرىمەن (ماشىنغا قۇيۇلغان ئىسىم)
مەزكۇر كەشپىيات ئاپتوماتىك سېستىمىلار تەجرىبىخانىسىدا بىرقانچە نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تەرپىدىن بارلىققا كەلدى
بىزنىڭ بۇ ماشىنچاقمۇ ماشىا ئادەملەر جەمەتىگە تەۋە بولۇپ توپماشىنا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ چاقلارنىڭ ئورنىغا بىر دانە يۇملاق توپچە ئارقىلىق تەڭپۇڭ تۇرالايدۇ دىمەككى بىر چاق ئارقىلىق ھەركەتلىنەلەيدۇ بۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى بولسا ، ئۈسكۈنىنىڭ پەقەت بىرلا نۇقتىسى يەرگە تىگىشىپ تۇرىدۇ. دېمەكچىمەنكى ئەزەلدىنلا ماشىنا ئادەملەرنىڭ مۇقىم تۇرمىقى تەس، خۇددى مىنىڭ بىر پۇتۇم بىلەن تۇرۇشقا ئۇرۇنغان ۋاقتىمغا ئوخشاش. بەلكىم كاللاڭلارغا «ھەتتا مۇقىم تۇرالمىغان بىر ماشىنا ئادەمنىڭ نىمە قىممتى بولسۇن؟» دىگەن سۇئال كەلگەندۇ. بولىدۇ ، بۇنى سىلەرگە ھازىرلا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن. ئەڭ باشتا مەن رېزىرونىڭ ئۆز تەڭلۇڭلىقىنى زادى قانداق ساقلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەي:
روزېرور ئۆز تەڭپۇڭلىقىنى سېنزور ئارقىلىق ئۆزلۈكسىز ھالدا ھەركەتچان چاقىنى تەڭپۇڭ كونتىرول قىلىشى ئارقىلىق ساقلايدۇ. ئۇ تۇيۇقسىز ، شىددەتلىك ھەركەتلەردە ماتورىنى مۇۋاپىق بۇراش ئارقىلىق يىقىلىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ ھەرىكەت سىكونتىغا 160 قېتىم تەكرارلىندۇ، ئەگەر بۇ جەرياندا زەررىچە نۇقسان كۆرۈلسە رېزىرور شۇ ھامان يەرگە يىقىلدۇ. تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش بىلەن بىرگە نورمال ھەركەتلىنىشى ئۈچۈن رىزىرور چاقىنى(توپ) ئايلاندۇرالىشى كېرەك. بۇ توپ رېزېرونىڭ ھەركەت يۆلىنىشنى سېزەلەيدىغان 3 دانە ئالاھىدە چاق ئارقىلىق ھەركەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۆز ئوقىدىمۇ ئايلىنالايدۇ.
رېزېرو مۇقىمسىز بولغاچقا توختىماستىن ھەركەت قىلىپ تۇرىدۇ. قىزىقى شۇكى ، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ مۇقىمسىزلىق بىر ماشىنا ئادەمنى ناھايىتى سىپتا ھەركەت قىلالايدىغان قىلغان. قېنى بىر كۆرۈپ باقايلى:
ئىھتىمال ئەگەر مەن بۇ ماشىنىنى شۇنداقلا ئىتتىرىپ قويسام نىمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتقانسلەر، بۇ خىل ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ئۇ ئۆز ئورنىنى ساقلاشقا ئىنتىلىدۇ. ئەمدىكى سىناقتا مەن سىلەرگە خىزمەتداشلىرىمدىن كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىدا مايكولنى ۋە سەھنىدە ماڭا ياردەملىشىشدىغانغا توماسنى تونۇشتۇرىمەن. بۇداقى سىناقتا رېزىرو پاسىپ ھالەتتە تۇرىدۇ ، پەقەت بىز ئۇنى ھەركەتلەندۈرۈپ باقىمىز. مەن ھىچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنىڭ ئورنى ۋە سۈرئىتىنى كونتىرول قىلالايمەن، شۇنداقلا ئۇنى پىرقىرتىۋىتەلەيمەن. كىيىنكى قەدەمدە ، رېزىرو نىڭ ئادەمگە ئەگىشىپ ماڭالايدىغان قىلالايمىز!
شۇ تاپتا ئۇ توماستىن مۇۋاپىق ئارلىق ساقلاۋاتىدۇ.
بۇ ھەركەت رېزىرونىڭ باش تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر دانە لازىر نۇرلۇق سېنزور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوخشاش ئۇسۇلدا بىز ئۇنىڭ ئادەمنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلالىغانلىقىنى كۆرىمىز! بىز بۇنى ئوربىتا ئەندىزىسى دەپ ئاتىدۇق،بولدى! رەھمەت توماس
ئالقىش
ئۇنداقتا مەزكۇر تېخنىكىنىڭ قانداق ئىشلىتىش قىممىتى بار؟
ھازىرغا نىسبەتەن ئۇ بىر تەجىربە خالاس ! ئەمما مەن سىلەرگە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى قوللىنىشچانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىمەن رېزىرو كۆرگەزمىلەردە ياكى باغچىلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئىكرانى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئەڭ قىزقارلىق ۋە ئازادە خەۋەرلەندۇرۇش ، كۆرسىتىش مۇلازىمىتى قىلالايدۇ. يەنە بۇ قورال دوختۇرخانىلاردا تىببى سايمان - جابدۇقلارنى يەتكۈزۈش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سېستىما ھەركەتلىنىش داۋامىدا ناھايىتى كىچىك ئاياق ئىزى قالدۇرىدۇ ھەمدە قولاي ھەركەتلىنەلەيدۇ، مۇشۇنداق بولغان يەردە ، كىممۇ ئۇنىڭغا مىنىپ بېقىشنى خالىمىسۇن؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قوللىنىشچان. بۇ تېخنىكىنىڭ يەنە بىر گۈزەل تەرپىمۇ بار
مۇزىكا
تەشەككۈر
ئالقىش!

[t] نۇتۇقنىڭ سىن ھۆججىتى[/t]

نوتۇقنىڭ سىن ھۆججىتى 360 قا يوللانغاندىن كىيىن 360 تەرەپ پىرىسلاپ مىجىقىنى چىقىرۋىتىدىكەن ، شۇڭا سۈزۈك ئەمەس ، سۈزۈكلىكدىن رازى بولمىسىڭىز ، بۇلۇت دىسكىسىدىن چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

چۈشۈرۈش ئادىرسى : http://yunpan.cn/QT5grWuEdZaDm (提取码:935d)

-----------------------------

بۇلۇت دىسكىسىدىكى مەسىلىلەر تۈپەيلى چۈشۈرەلمىسىڭىز ، بۇ بۇلۇت تەمىنلىگۈچى تەرەپتىكى مەسىلە ، مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ كىيۇ كىيۇ ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئېلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى لازىم بولسا تەرجىمە srt ھۆججىتىنى ۋاقىت ئوقىغا قويۇپ بولغان تەييار ھالىتىنى بەرسەممۇ بولىدۇ.

ئېلخەت : esedulla@sina.com

- ئۈرۈمچى
- 2014- يىلى 11- ئىيۇن
رەھمەت

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (7)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ جۇغلانما: 95 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2014/06/11 20:05

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تەرجىمە ئوبدان چىقىپ، مېنىڭچە بولسا خەتنىڭ چوڭلۇقىنى يەنىمۇ چوڭراق قىلسىڭىز.
    ئۇنىڭ يول مېڭىشىغا ھەيران قالدىم. ئاۋۇ ئۈچ تال چاق بىر چوڭ چاقنى ھەركەتلەندۈرىدىكەن،ھەممە ياققا ماڭالايدىكەن. قالتىسكەن.

    • پادىچى [ جۇغلانما: 53 نومۇر ] unknowunknow @ ھاجى 2014/06/12 09:59

      بولىدۇ ، خەت چوڭلىقىنى ماڭا شۇنداق مۇۋاپىق كۆرۈنگەن ماخىتىڭىزنى كۆرەپ ھەيران قالدىم نىمە ئىشكى دىسەم مەن كۆزەمگە كومپىيۇتېر ئىكران نۇرىدىن ساقلىنىش ئەينىكى تاقىۋىلىپ خەتلەرنى چوڭ كۆرۈۋاپتىكەنمە ئەمەسمۇ ، ئەمدى ئىنجىقلاپ ئوقامماۋاتىمەن ئا پىتلارنى … ئۇھ! —— ھە بولسا داۋاملىق مۇشۇنداق نۇتۇقلارنى سىلەر بىلەن خالىسانە تەرجىملەرنى قىلىپ تۇرۇشنى خالايمەن. – كىرشتۈرۈش باشقا تېخنىكىلارنى مەن قىلساممۇ بولىدۇ ، ئىگىلىزچە سەۋىيەنىڭ ئېشىشىغا بەك پايدىلىقكەن – رەھمەت

  2. تەشنايى [ بىلوگ ھۆكۈمدارى ] unknowunknow گىلەم 2014/06/11 20:58

    ياخشى تەرجىمە بوپتۇ! موشۇنداق كىشىنى يىڭىلىققا ئىنتىلدۈرىدىغان مەزمۇنلارنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ تۇرساق ياخشى بولاتتى. مەن بىر ۋاقىت چىقىرىپ خەتلىك فىلىم كىرىشتۈرۈپ قوياي بۇ تەرجىمىنى! رەھمەت پادىچى…. :ئوماق:

  3. بىركىم [ جۇغلانما: 17 نومۇر ] unknowunknow كىگىز 2014/06/13 17:47

    مەن تېخى نۇرقۇتتىكى ئاندرۇئىد ماشىنا ئادىمىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى ئوخشايدۇ دەپتىمەن :ھا ھا:

  4. بويتاق [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2014/06/19 16:46

    بەك ياخشى تەرجىمە بوپتۇ! يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان مەندەك تورداشلار ئۈچۈن ياخشى ئوزۇق بولۇپ بەرگۈسى!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش