مۇئەللىم زوق – شوخ بىلەن دەرىس سۆزلەۋاتسا نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم تىلىفۇنىغا دۈمچىيىپ، زىرىكمەي – تىرىكمەي بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. قىزىقسىنىپ بىرسىنىڭ تىلىفۇنىغا ئوغۇرلىقچە شۇنداقلا بىر قارىماسمەنمۇ!؟ ئەسلى ئۇلارنىڭ كىچىك بالىدەك، سانلارنى ئاستى – ئۈستى، ئوڭ سولغا يۆتكەپ بىر نېمىلەرنى ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ھىي ھىي، بۇمۇ كاللا كىتىدىغان ئويۇن ئېكەن، بولۇپ قالامدۇ نېمە؟ شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ دەرھال تېىلىفۇنۇمغا قاچىلاپ، ئىچىم پۇشقانلىرىدا ئويناشنى باشلىۋەتتىم.
ئويۇننىڭ تەپسىلاتى مۇنداق
كۆزگە ئىلمىغان بۇ ئويۇننى ئوينىماقمۇ تەسكە چۈشتى. خالىغانچە يۆتكەۋەرگەن بىلەن بولمايدىكەن دەيمەن. تۆت كاتەكتىكى سانلارنىڭ يىغىندىسى 2048 گە تەڭ بولغىنىدا ئاندىن يەڭگىلى بولىدىكەن. يەنى 2048=1024+512+256+256 موشۇ ھالەتتە بىر رەتتىكى تۆت كاتەكنى تولدۇرغاندا بولىدىكەن. قارىماققا ئاددىي تۇرغىنى بىلەن مەنمۇ ئىككى ھەپتە ئويناپ تاساددىپىي بىر قىتىم ئۇتۇپ بېقىپتىمەن.
تىلىفۇندا ئويناۋىرىپ مەززىسى قالمىدى، ئەمدى كومپىيوتېر بىلەن ئوينىماي بولمىدى، خەپ. شۇ نىيەتتە مونۇ ئاددىي ئويۇن بېتى تەييار بولدى. HTML5+CSS3+JavaScript بىلەن ئىقتىدارلىرى تەقلىدىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئەلۋەتتە نۇرغۇن كودلىرىنى تور دۇنياسىدىن تىرىپ كەلدىم، ئاز بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزۈم ماسلاشتۇردۇم. قېنى ئەمىسە، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى سىلەرمۇ ئويناپ بېقىڭلا! چىمپىيون بولغانلارغا بىلوگىمىز نامىدىن سوۋغات بېرىلىدۇ!
ئويناش ئۇسسۇلى مۇنداق
كومپىيوتېردا:
بەت ئاستىدىكى “ئوينايمەن” نى بېسىپ ئويۇن بېتىنى ئېچىڭ ۋە كونۇپكا تاختىسىدىكى يۆنىلىش كونۇپكىلىرى ياكى W,D,S,A كونۇپكىلىرى بىلەن ئاستى – ئۈستى، ئوڭ – سولغا يۆتكەپ ئويناڭ.
تېلىفۇن ياكى ئايپەدتە:
كاتەكچە رايۇنىنى ئاستى – ئۈستى، ئوڭ – سولغا سىيرىپ مەشغۇلات قىلىڭ(خۇددى ئەپ قاچىلاپ ئوينىغاندەكلا).
ئويۇننىڭ كود تەركىبى مۇنداق
index.thml – ئويۇن بېتىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
main.css – ئويۇن بېتىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە پاسون بېرىدۇ.
animframe_polyfill, application , bind_polyfill, classlist_polyfill ناملىق 4 دانە js ھۆججىتى ئارقىلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە سىيرىلما كوماندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
game_manager، grid، html_actuator قاتارلىق 3 دانە js ھۆججىتى ئارقىلىق ئويۇننىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى ھاسىل قىلىندى.
keyboard_input_manager ناملىق js ھۆججىتى ئارقىلىق كونۇپكا تاختىسى بۇيرۇقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
local_storage_manager ناملىق ھۆججەت ئارقىلىق رېكورت نومۇرنى ساقلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
تامام!
قالتىس، پروگرامما قاينىمىدا بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋېتىپسىلە.
2014-05-06 7:18 چۈشتىن كېيىنۋاي نەدىكىنى، كۆپۈكتەك لەيلەپ تۇرغىنىم تۇرغان موشۇنداق
2014-05-08 3:27 چۈشتىن كېيىنئويۇن رامكىسىنى قىستۇرما شەكلىدە ئەكىلىپ تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ ‹ ياكى ئۆزىڭىز ئەسلى يانفون نەشىردىن ئۈلگە ئېلىپ 0 دىن باشلاپ ياسىدىڭىزمۇ؟ …. ئەمما بەك پەيزى بولىدىكەن ما 27 سۇڭ ئىكراندا ئوينىسا ….
2014-05-06 7:45 چۈشتىن كېيىن27 سۇڭ دەڭلا، ئالامەتكەن جۇمۇ…
2014-05-06 8:50 چۈشتىن كېيىنسىزمۇ ياسىۋېلىڭ بىرتال https://github.com/gabrielecirulli/2048/
2014-05-06 9:52 چۈشتىن كېيىن…. ما گەپنىڭ جېنى با ! getHub ھەجەب ئىسىمگە كەلمەپتا؟! …. ئەمما ما ئويۇننى تەشناباي ئۆزى ياسىغاندەكلا جۇمۇ …
2014-05-07 9:55 چۈشتىن بۇرۇنئەسلى كودىنى باشقىلار يېزىپتىكەن، مەن شۇنىڭدىن پايدىلانغان…
2014-05-08 3:27 چۈشتىن كېيىنبۇ ئۇيۇنغا كارامەت قىزىقىپ قالغانتىم . بىر نەچچە قېتىم يېڭىپمۇ باققان تېخى … ئەمدى ياخشى بولدى كود يېزىپ ھېرىپ قالغان چاغدا ئېچىپلا ئويناپ كەتسەم ھاھاھا. ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت جىمۇ …
2014-05-06 9:47 چۈشتىن كېيىنئويناپ تۇرسىلى ماندا زىرىككەندە ئېچىپ قويۇپ!
2014-05-08 3:28 چۈشتىن كېيىنئاھ ماتېماتىكا
2014-05-07 11:52 چۈشتىن بۇرۇنباشلانغۇچتا 10 يىل ئوقيدىغان ئىشكەنتۇق ھە!؟
2014-05-08 3:28 چۈشتىن كېيىنماتېماتىكا ئايرىلىپ كەتكەن مەشۇققا ئوخشايدۇ . باشتا شۇنداق شىرىن ئۈتۈشكەن ، لېكىن ھازىر بىر-بىرىمىزگە قارىيالمايمىز ، قېپقالغىنى ئاچچىق-تاتلىق ئەسلىمىلەر …..
2014-05-08 8:53 چۈشتىن كېيىنمەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئوينىياممىدىما بۇ ئوياننە…
2014-05-14 2:20 چۈشتىن كېيىنئوھوي! چىراي ئىپادىلىرى قوشۇلۇپتىغۇ راس!
2014-05-14 2:21 چۈشتىن كېيىنياخشى تەرجىمە قىپسىز مەن مۇشۇ تىيەن تىيەن فىي چې دىگەننى apltooيىشىپ قارسام بەك كۇپكە شۇڭا تاشلاپ قويدۇم،
2014-05-17 10:18 چۈشتىن بۇرۇنئەمدى قىزىقماس بوپ قالدىم بۇ ئويۇنغا… بىكار ۋاقىتمۇ چىقمايۋاتىدۇ!
2014-05-18 7:42 چۈشتىن كېيىن