باشقىلارغا ئىشلەش ئەڭ ئەخمىقانە مەبلەخ سېلىشتۇر(لى جىياچېڭ)
2012/12/01 تەرجىمېلىەر ⁄ جەمئى: 8689 ھەرپ 2 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 646 مىھمان+

دۆلىتىمىز كاتتا بايۋەچچىلىرىدىن بىرى بولغان لى جىيا چېڭنىڭ شېنجىندا سۆزلىگەن قىممەتلىك نۇتىقى

ھەممىمىز بىلىشىمىز مومكىن، شىياڭگاڭلىق لى جىيا چېڭ ئۆي مۆلۈك، نىفىت سودىسى ساھەسىدە خەلقارالىق شەخىس بولۇپلا قالماي يەنە ئېلىمىز ئۆي مۆلۈك ساھەسىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىۋاتقان كاتتا بايلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئاددىي بىر كەمبىەغەل ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، نۇرغۇن ئىغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئىرىشكەنلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ كەلدى. يىقىندا 81 ياشقا كىرگەن بۇ كىشى شېنجىندا ياشلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، مۇستەقىل ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلدى. تۆۋەندىكلەر ئۇنىڭ نوتۇق تىكىسىتى بولۇپ، ئەزىزلەرنىڭ نەپ ئېلىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم!

نۇتۇق مەزمۇنى:

بەزىلەر باشقىلارغا ئىشلەش ئارقىلىق پۇل تاپىمەن دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا ئىشلەش ئەڭ ئەخمىقانە بىر خىل مەبلەخ سېلىشتۇر. ھاياتىمىزدا نېمە ئەڭ مۇھىم؟ ياشلىق باھارىمىزدىن قىممەتلىك يەنە نېمە بار؟! نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ نامراتلىقىدىن، بىرەر ئوقەت قىلىشتا مەبلەخنىڭ يوقلىقىدىن قاقشايدۇ. بۇ نېمىدېگەن كۈلكىلىك بىر ئىش ھە! ئەمەلىيەتتە سىز ئۆزىڭىز بىر ئالتۇن كان(شەكىلسىز بايلىق)، پەقەت ئىتىراپ قىلىشقا پىتىنالمايۋاتىسىز خالاس.«ئالتۇن كان»نى كۆمۈپ قويۇپ نابۇت قىلىشقا رازى بولىسىزكى ھەرگىز ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئويلاپ باقمايسىز؛ باشقىلارنىڭ كۆزىگە تەلمۈرۈپ ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەشنى، ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى خوجايىنغا ئىككى قوللاپ ئۆتۈنۈپ بېرىشنى خالايسىز!

ئويلاپ باقايلى، كىم تۇغۇلىشىدىنلا تەڭرى ئۇنىڭغا بىر دۆۋە ئالتۇن بېرىپتىكەن؟! يەنە كىم ئېنتايىن ئەتىراپلىق تەييارلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەپلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپتىكەن؟!تۇغۇلىشىدىنلا ئالتۇن غەزىنىنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغان كىشىلەر يوقنىڭ ئورنىدا، ئەشۇ غايەت زور ئىگىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەڭ ئاددىي ئادەملەر تىكلىگەن . بۈگۈنكىدەك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچۇر دەۋرىدە، ئۆيدىكى ھېساپ بازارغا توغرا كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە! ئىلگىر بىر دوستۇمتىن نېمىشقا باشقىلارغا ئىشلىمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىدا، ئۇ: «بىر ئاز خاتا سۆلەپ قويىدىغان بولدۇم، باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەش ئەڭ ئەخمىقانىلىك بىلەن ياشلىقنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن ئىدى. سىز نېمىشقا شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئىزچىل بىر ئىشلەمچى بولۇپ كەلدىڭىز؟ چۈنكى، سىز نۆۋەتتىكى ئەھۋالىڭىزدىن قانائەتلىنىسىز؛ چۇنكى سىزدە جاسارەت يوق، تۇغۇلىشىڭىزدىنىلا بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويۇشتىن، ئۆزئالدىڭىزغا يول تۇتۇشتىن قورقىسىز؛ چۈنكى سىزدە دادىل ئالغا بېسىش روھى كەمچىل، ئۆزىڭىزدىن ھالقىغىدەك جاسارەت يوق! گەرچە ئىلگىرى كۆپ قېتىم ھاياتىڭىزنى، نامرات تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغان بولسىڭىزمۇ، بىراق تېخىچە ئۇنداق قىلالمىدىڭىز، چۈنكى سىز ئويلىغان ئىشىڭىزنى قىلىشقا پىتىنالمايسىز؛ مەغلۇپ بولىشىڭىزدىن، بارى – يوق ئازغىنە مەبلىخىڭىزدىن ئايرىلىپ، قاقسەنەم بولۇشتىن قورقىسىز، بۇلارنى قىلىش تۈگۈل ئويلىسىڭىزمۇ تېنىڭىز شۈركىنىدۇ! ئۆزىڭىزچە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، كۆرەش قىلدىم، چەكسىز ئىرادەم بىلەن ئاتلاندىم دەپ ئويلايسىز، ئەمما ئاخىرىدا ئىشلاردىن كۈتكىنىڭىزدەك نەتىجە چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاز كىچىشنى تاللايسىز! دېمەك، سىز يەنىلا بىر ئىشلەمچى خالاس!

سىز نېمىشقا تېخىچە بىر ئىشلەمچى؟ چۈنكى سىز ئومۇمى ئېقىمغا ئەگىشىسىز، باشقىلارنى دوراپ، تەھلىلسىز ئىش قىلىسىز. بىر تېيىن پۇلىڭىز بولمىغىنى بىلەن، يۈزىڭىزنىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىن ئۆلگىدەك قورقىسىز؛ چۈنكى سىز ئاتا – ئانىڭىزنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايسىز، تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ناتوغرا پىكىرلىرىنى رەت قىلالمايسىز، مۇستەقىل ئويلىغانلىرىڭىز يوق، ئۆز ئالدىڭىزغا قارار چىقىرىشقا پىتىنالمايسىز. ئىددىيىڭىز قاتمال، پەقەت ئازراقلا پۇل تىپىپ توي قىلىشنى، ئاندىن بالىلىق بولۇپ، تېپتىنىچ ياشاپ ئۆتۈشنى، پۈتۈنلەي ئاتا – ئانىڭىزنى دوراپ ياشاشنى ئويلايسىز. چۈنكى سىز تۇغۇلىشىڭىزدىن ناتىۋان،مىڭېڭىز ئاجىز،باشقىلار نېمە دېسە شۇنى قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز؛ چۈنكى سىز شەكىلسىز سودا قىلىشنى ئۈمىد قىلىسىز، ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپ ئاسماندىن تورت يېغىشىنى كۈتىسىز؛ چۈنكى سىز دائىم پۇرسەتنىڭ يوقلىقىدىن دادلىنىسىز، ئەمما پۇرسەت كەلگەندە ئۇنى چىڭ تۇتۇشنى بىلمەيسىز؛ چۈنكى سىز نامرات بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى كەمسىتىسىز. تۈگۈلىۋىلىپ ھېچقانداق مۇستەقىل ئىش قىلىشقا پىتىنالمايسىز، پەقەت باشقىلارغا ئىشلەپ بېرىسىز. ئالاھىدە بىرەر ئىقتىدارىڭىز يوق، باشقىلار بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىشلا قولىڭىزدىن كىلىدۇ، ھاياتىڭىز خۇددى ئاتا – ئانىڭىزنىڭ نەچچە ئون يىل ئاۋۋالقى ھاياتىدەك دۋام قىلىدۇ، شۇڭا سىز مەڭگۈ باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئادەم ـ ئىشلەمچى!

نۇرغۇن كىشىلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتسام دەيدۇ، ئەمما ئۇلار دائىم بىر ئىش قىلغاندا ھەرخىل باھانىلەرنى تېپىپ ئۆزىنى توقۇنۇش ئىچىدە قالدۇرىدۇ. ئىزچىل ھالدا ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ، كۈنلەرنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزىدۇ. مەسىلەن:

  1. مېنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىم يوق ــ خاتا: ھېچكىممۇ تۆرىلىشىدىن گەپ – سۆزگە ئۇستا بولغان ئەمەس، مۇنبەردىكى ناتىقمۇ ئىغىزىغا كەلگەننى دەپلا شۇنداق ياخشى سۆزلەۋاتقىنى يوق، ئۇ سەھنىگە چىقىشتىن ئاۋۋال نەچچە يۈز قىتىملاپ مەشىق قىلغان بولىدۇ. سىز باشقىلار بىلەن تىللاشقاندا، بىرەر ئىشتىن قاقشىغىنىڭىزدا سۆزگە ئىنتايىن ئۇستا، ئەمما بۇ ئازراقمۇ قىممىتى يوق بولغان «ناتىقلىق» تۇر. باشقىلارنىڭ قاملاشمىغان گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى باسالماي باھالاپ كىتىسىز، ئەمما ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىشنى بىلمەيسىز. ئەگەردە كۈچ سەرىپ قىلىپ مەشىق قىلغان بولسىڭىز بۇگۈن قانداقسىگە نۇتۇق قابىلىيتىڭىز بولمىسۇن؟!
  2. مەندە پۇل يوق ــ خاتا: پۇلڭىز يوق ئەمەس، پۇل ناپالايدىغان كاللىڭىز يوق! نەچچە يىل ئىشلەپ يۈرۈپ يەنە پۇلىڭىز يوقمۇ؟ بار ئەمما خەجلەپ بولدىڭىز. قىلچىلىك مەبلەخ سىلىش قىممىتى بولمىغان بىھۇدە ئىشلارغا خەجلەپ تۈگەتتىڭىز. يەپ – ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىشلارغا سەرىپ قىلىپ تۈگەتتىڭىز، ياكى ساندۇقتا ساقلاپ، پۇل پاخاللىشىپ كەتتى. دېمەك، قولىڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ قىممىتىدىن تولۇق پايدىلىنالمىدىڭىز، شۇڭا تاپقان پۇللىرىڭىز كۆلگە چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كىتىدۇ.ئايلىق تاپاۋېتىڭىزنى شۇ ئايدا خەجلەپ تۈگىتىسىز، ھەپتە ئىچىدە ئەسلى ۋەسلىڭىزگە قايتىسىز ، بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىسىز، بىر كۈن ھوزۇرنى سۈرۈپ،ئۇندىن كىيىن سۇناي چالىسىز.
  3. مەندە ئىقتىدار يوق ــ خاتا: ئۆزىگە چىنىقىش پۇرسىتى بەرمەي تۇرۇپ، كىممۇ تۇغۇلىشىدىن ئىقتىدارلىق بولۇپ قاپتىكەن؟! ئوقۇش پۈتتۈرسىڭىزلا ئىختىساس ئىگىسى بولامسىز؟ ئىگىلىك تىكلىسىڭىزلا غەلبە قىلامسىز؟ باشقىلار توختىماي تىرىشىپ ئۈگىنىۋاتقىنىدا، تەجىربە يەكۈنلەۋاتقىندا، يىڭىچە يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان چىغىدا سىز كۈندە ئازراق ئىش قىلىپلا زىرىكىشلىك ھېس قىلىسىز، ئازراقلا ئۈگىنىپ ھېچ ئەھمىيىتى يوقتەك ئويلايسىز، نەچچە بەت كىتاپ كۆرۈپلا كۆرگىڭىز كەلمەيدۇ، ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارغا ئۈگىنىشكە قىززىقمايۋاتىمەن دەيسىز، شۇنداق قىلىپ ئۆمرىڭىزنىڭ يىرىمى ھېچ ھولسۇلسىز ئۆتۈپ كىتىدۇ، كۈنلەپ تەڭرىنىڭ بىرەر قىتىم پۇرسەت بەرمىگىنىدىن قاقشايسىز. ئىقتىدار تىرىشش ئارقىلىق يىتىلدۈرىلىدۇ، تىرىشمايلا ئىقتىدارلىق بولۇشنى ئويلىسا تالانت ئىگىسىمۇ دەلتە بولۇپ قالىدۇ. تىرىشىش ئارقىلىق ھەرقانچە دۆت ئادەممۇ ئىقتىدارلىق بولالايدۇ .
  4. مېنىڭ ۋاقتىم يوق ــ خاتا: ۋاقىت ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ئىسراپ قىلىۋىتىلگىنىمۇ ئوخشاشلا كۆپ. باشقىلار ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرىۋاتىدۇ، سىز تېلىۋۇزۇر كۆرىۋاتىسىز؛ باشقىلار جاپالىق ئىزدىنىۋاتىدۇ، سىز ئويۇن ئويناپ تۈگىمەس ئىچ پۇشۇقىڭىزنى چىقىرىۋاتىسىز. ئىشقىلىپ ۋاقىتنىڭ نەقەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنسىرىڭىز، كۈنلىرىڭىز تېخىمۇ بىمەنە ئۆتىۋاتىدۇ. باشقىلار باي بولسا ھەۋەس قىلىسىز، ئەمما ئۇلارغا ئوخشاش ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قىممەت يارىتىشنى، توختىماي ئىزدىنىشنى ئويلىمايسىز.
  5. مېنىڭ كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ــ خاتا: كەيپىياتىڭىز ياخشى چىغىدا ئارمانسىز ئوينايسىز، كەيپىياتىڭىز ناچار چىغىدا ئۆيگە سولىنىپ ھاراق ئىچىسىز؛ كەيپىياتىڭىز ياخشى چىغىدا كوچا ئايلىنىسىز، ناچار چىغىدا ئويۇن ئوينايسىز؛ كەيپىياتىڭىز ياخشى چىغىدا ھوزۇرىنى سۈرىسىز، ناچار چىغىدا مۆشۈك ئىيىقتەك ئۇخلايسىز. ياخشى، ناچار كەيپىياتنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن ئوخشاش، ئىشقىلىپ راۋرۇس بىر ئىش قىلمايسىز.
  6. مېنىڭ قىززىقىشىم يوق ــ خاتا: قىززىقىش دېگەن نېمە؟ يەپ – ئىچىپ، ئويناپ كۆڭۈل ئىچىشقا ھەممە ئادەمنىڭ قىززىقىشى بار، ئازراق نەتىجە بولمىسا كۈچلۈك قىززىقىش نەدە تۇرۇپتۇ! پۇل بولمىسا نېمىڭىزگە تايىنىپ تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىسىز! سىزنىڭ قىززىقىشىڭىز زادى نېمە؟ ساياھەتكە چىقىپ، بارى – يوق پۇلىڭىزنى سورىۋىتىپ كىلىش، كاراOK توۋلغىلىغى بېرىپ پۇل قاپچۇقىڭىزنى قۇرۇقداپ كىلىش، بىرمۇنچە مال سېتىۋىلىپ، سالپايغانچە قايتىپ كىلىش... ئىشلەمچىلىككە قىززىقىشىڭىز بارمۇ يوق؟ قىستا – قىستاڭ كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئولتۇرۇشقا قىززىقىشىڭىز بارمۇ يوق؟ ئىشقا چۈشكەندە يوقلىمىغا قاتنىشىش، ئىشتىن چۈشكەندە كارتا سۈركەشكە قىززىقىشىڭىز بارمۇ يوق؟ ئائىلىڭىز جىددىي پۇلغا ئىھتىياجلىق بولۇپ قىلىپ، چىقىش قىلالماسلىققا قىززىقىشىڭىز بارمۇ- يوق؟ ئالغان قەرىزلىرىڭىزنى قايتۇرالماسلىققا قىززىقىشىڭىز بارمۇ يوق؟ چاشقان دورىسى سىتىۋالغۇچىنىڭ ئۇنىڭغا قىززىقىشى بولىشى مومكىنمۇ؟...
  7. مەن ئويلىنىپ باقاي ــ خاتا:كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق بىرەر ئىشنى قىلسىڭىز قاملىشىشى مومكىن، قىلمىسىڭىز كۆڭلىڭىز بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ. بىر تۇرۇپ ئويلىسىڭىز كۈندە ئوخشاش رىتىمدا ئىشقا بېرىش بىرخىل ئەخمەقلىقتەك تۇيۇلۇپ،ئەتىدىن باشلاپ باشقىچە ئىش كۆرۈشنى كۆڭلىڭىزگە پۈكىسىز؛ يەنە بىر تۇرۇپ ئويلىسىڭىز ھازىرقىدەك پۇل تاپماقمۇ ئاسان ئەمەس. ياق، ياق!ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپماقمۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، پۇرسەتنى قەتئىي قولدىن بەرمەسلىكنى قارار قىلدىڭىز! ۋاييەي، كەچ كىرىپ قاپتۇ، ئەتە بىر نېمە دەيچۇ! ئاندىن ئەتىسى يەنە يۇقارقى 123456 خىل ئامىل تەسىرىدە، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئېنىق قارار چىقىرالمىدىڭىز. ئىككىلنىپ يۈرۈپ بىرمۇنچە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدىڭىز، ئەمما يەنىلا قىلچىلىك نەتىجە يوق.

مۇنداق بىر گەپ بولىدىغان: «كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان ئادەمنىڭ چوقۇم كىشىنى نەپىرەتلەندۈرىدىغان بىر تەرىپى بار!»، ھاياتلىقتا پۇرسەت يوق ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى كىشىلەردە قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى يوق! باھانە، سەۋەب بەك كۆپ.... پۇرسەتنى قولغا كەتۈرىدىغان كىشى چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، بىر پۇڭ پۇلى بولمىسىمۇ چوقۇم ئاقىللىق بىلەن ئامال تىپىپ چىقىدۇ! قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان كىشى، بىر مىليۇن بەرسىڭىزمۇ بىرەر ئىش قىلالمايدۇ، باي بولالمايدۇ، بەلكىم يەنە ئورنىغا يىقىلىشى مومكىن. مانا بۇ ھەرىكەتلىنىش كۈچىنىڭ كەملىكىدىنىدۇر! ئىككىلىنىشكە ، كەينىگە سوزۇشقا ئامراق، يىرىم يولدا ۋاز كىچىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ پۈتۈن ئۆمرى بىرخىل ئۆتۈپ كىتىدۇ! شۇنداق كىشىلەر باركى، بىرەر ئىش قىلسا ئۈچ مىنۇتتىلا قىززىيدۇ، بەش مىنۇتتا قىزغىنلىقى ئالەمگە سىغمايدۇ، ئۇزۇنغا بارمايلا لاسسىدە بوشىشىپ قالىدۇ، بۇ خىل ئادەملەرگە مۇۋەپپىقىيەت قالپىغىنى كەيدۈرۈپ قويسىمۇ بىشىدا بىردەم تۇرمايدۇ.

قاراپ بېقىڭ، باشقىلار نېمە ئۈچۈن مىليونلارچە قىممەتكە ئىگە، سىز بولسىڭىز پۇل ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ يۈرىيسىز! باشقىلارنىڭ «تەلىي» گە ھەۋەس قىلماڭ، ئۇلار ئەڭ مۆشكۈل كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزگەن، قىيىنچىلىقلارنى قانداق يىڭىپ، ئۆزىدىن قانداق ھالقىپ، تەقدىرىنى قانداق ئۆزگەرتكەنكەنلىكىنى سىز كۆرمەي قالدىڭىز خالاس! سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز پەقەت قىممىتى نەچچە يۈز مىڭغا ئەرزىيدىغان بىر قىتىملىق دەرس، ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن بىر ئۆمۈر پايدىسىنى كۆرشىڭىز مومكىن.

جەمئىي 2 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 1 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:0 دانە نەقىل: 1


  1. ئاپتور
    نۇردوس : 2012-يىل12-ئاي02-كۈن14:40:36  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا. ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش ياخشى ئەمىلىلىشىپتۇ.
    «كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان ئادەمنىڭ چوقۇم كىشىنى نەپىرەتلەندۈرىدىغان بىر تەرىپى بار!» ماۋۇ سۆزلەرنىڭ خەنچىسىنىلا ئاڭلاپ تەرجىمىسىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. تەشەككۈر سىزگە. تېخىمۇ تىرىشىڭ.

نەقىللەرنى كۆرۈپ بېقىش: 1

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟