بېيجىڭغا بىر كۈنلۈك ساياھەت
2012/06/03 ساياھەت ⁄ جەمئى: 6111 ھەرپ 10 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 1,159 مېھمان+

ساياھەت ۋاقتى:2010-يىل 02-ئاي 11-كۈن
ساياھەت نوقتىلىرى:
1. خەلق مەيدانى___ماۋزۇدۇڭنىڭ جەسىتى ساقلانغان خاتىرە ساراي.
2. باي دۆلەت دېڭىز ئاستى دۇنياسى(富国海底世界).
3.ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانى___ قۇش چاڭگىسى، كۇپ شەكىللىك سۇ ئۈزۈش مەيدانى، ئەتراپتىكى مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلار.
ھېس تۇيغۇلىرىم:
قاق سەھەردە، ئۇيقۇغا ئادەتلىنىپ كەتكەن كۆزلىرىمىز قەلبىمىزدىكى ئاللىقانداق كۈچلۈك تەلپۈنىشلەرنىڭ تىپچەكلەشلىرى بىلەن ئېچىلدى. ئالدىراشچىلىق ئىچىدە سەپەر تەييارلىقىنى قىلىپ، ياتاق بىناسى ئالدىغا جەم بولدۇق. تاڭ تېخى سۈزۈلمىگەن ئىدى، سوغۇق شاماللار بىرخىل ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلماقچى بولغاندەك ئەسەبىيلەرچە ھوۋلايىتتى.بىز تاقەززالىق ئىلكىدە سىنىپلار بويىچە ماشنىغا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا تۇرۇشلۇق شەھرىمىزنى كەينىمىزدە قالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتۇق. خۇددى ئىلگىرى بىرنەچچە قىتىمقىدەك، ئىگىز-پەس قۇرۇلۇشلار توپىى، قان تومۇرلاردەك كىسىشمە يوللار ئارقىمىزدا قالدى!
بۇ قېتىمقى ھېسيات ئىلگىركىلەرگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيىتتى. بەلكىم يۈرىكىمنىڭ تۆرىدە «سەن بۇقىتىم ئۆيۈڭگە ئەمەس، يات بىرشەھەرگە ساياھەت ئۈچۈن ماڭدىڭ...» دېگەن جاراڭلىق سادا ياڭراپ تۇرغانلىقتىن بولسا كىرەك. خۇشال بولۇش كىرەكمۇ قانداق؟! مەن باشقىچە ئويدا بوپ قالدىم: ئەلۋەتتە خۇشال بولۇش كىرەك، بىر كۈن ئوينىۋالىدىغىنىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى،نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتىدىغىنىم ئۈچۈن خۇشال بولۇش كىرەك. يەنى، ئاسمانلارغا تاقاشقان ئىگىز بىنالارغا قاراپ، مەھەللەمدىكى كونا ئۆيلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، سىلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق تەپەككۇر خانەمگە يىڭى سۇئاللارنى توشقۇزۇش؛ ئۇلۇغ شەخىسلەر ھەيكىلى ئالدىدا ئۆزلۈكىم ئۈستىدە باش قاتۇرۇش؛ بەخىرامان، باياشات شەھەر ئاھالىسىغا قاراپ ، مەدەنىيلىكنىڭ، زامانىۋىيلىقنىڭ مىغىزنى ئىزدەش؛ شەھەر قۇرۇلمىسىغا ئۆز خىياللىرىمنى سىڭدۈرۈپ، ئۆزۈمگە« ئەگەر موشۇ شەھەرنى مەن لاھىيلىگەن بولسام...» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ، كەلگۈسۈسى تەرەققىياتىم ئۈچۈن «بوشلۇق» ئىگەللەش... بىر چاغلاردا داڭلىق شەخىسلەر ماڭغان يوللاردا مەغرۇر دەسسەپ مېڭىش، يىڭىلىقلارغا ئىغىر بىسىقلىق بىلەن باش كۆتۈرۈپ قاراش...! ھەممە ئادەم ھاياجان ئىلكىدە قاراۋاتقان شۇ شەھەرنىڭ  مۇنۇ دەقىقىلەردە مېنىڭ تاپىنىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئويلاش...مانا بۇلار مېنىڭ خۇشال بولۇشۇمغا ئەرزىيدىغان ئىشلار ئىدى.
ساياھەت يىتەكچىمىز ئۆزىنىڭ ناتىقلىقىنى نامايەن قىلماقچى بولدىمۇ ياكى بىزدەك «قۇملۇق ئەرۋاھلىرى» نى ھىچنەرسە بىلمەيدۇ دەپ ئويلىدىمۇ، بىردەم تارىخ-جۇغراپىيە يەنە بىردەم مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن مىساللارنى ئېلىپ،بىيجىڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ سەلەتەنەتلىك تارىخنى سۆزلەيىتتى. مەن ھامان ئازاپلىق سۇئاللار ئىلكىدە تولغىناتتىم،،،
تۇنجى بولۇپ كۆزۈمگە چىلىققانلىرى، يول بويىغا سىلىنغان رەڭگارەڭ مەيخانىلار (酒吧)بولدى. ئالدى بىلەن شۇ يەرلەردىن چىقماي ياتىدىغان «ئىتسىمان ئادەم» لەرنى ئۇزۇن قۇيرۇق، ھىڭگاڭ چىش، سالپاڭ قۇلاقلىرىنى قوشۇپ ئويلاپ، تازا مەسخىرە قىلىۋالدىم. ئاندىن ئۆزۈمنىڭ شۇ پۇلدارلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام قىلماقچى بولغان ئۇلۇغ ئىشلىرىمنى كۆزلىرىمنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ ساناپ باقتىم. مەن «ئۇلۇغ» ئادەم بولماقچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈم ئارزۇ قىلغاندەك ئادەم بولماقچى ئىدىم.
ماشىنا ئەينىكىدىن سىرىتقا قاراپ، مۇزدەك بىنالارغا سوغۇق نەزەر تاشلىغىنمچە خەلق مەيدانى ئەتراپىغا يىتىپ كەلدۇق. خىلى ئۇزۇن ئارىلىقنى پىيادە ماڭدۇق. مەن باشقىلارغا ئوخشىماسلىق ئۈچۈن« ئاڭلاپ تۇر! مېنىڭمۇ سېنىڭ مۇبارەك يۈزۈڭگە دەسسەش ھوقۇقۇم بار، مەنمۇ سېنىڭ خوجىلىرىڭدەك ئادەم...» دېگىنىمچە ھەربىر قەدېمىمنى سالماق ئېلىپ يالغۇز ماڭدىم. «بېيجىڭ كوچىلىرى مېنىڭ تاپىنىم ئاستىدا، خەلق مەيدانى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا....» شۇخىل خىياللار بىلەن جاندىن ئۆتىدىغان قاتتىق سوغۇق ئىچىدە، ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئامان-ئىسەن ئۆتۈپ، ئاچقۇچلىرىمىزنىمۇ تۈمۈر قوراللار قاتارىدا تاپشۇرۇپ، ئاندىن ماۋزىدۇڭنىڭ جەسىتى ساقلانغان سارايغا كىردۇق. ماۋزىدۇڭ كىرىستال ئەينەك ئىچىدە ئۇخلاۋاتقاندەك جىمجىت ياتاتتى. شۇ تاپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىماقچى بولغان ئىدىم، ئەممە يالماۋۇزدەك بىرنەرسە گىلىمنى مەھكەم سىقىۋالدى. ھىچنەرسە ئويلىماي، ئۇنىڭ جەسىتىگە مۇرەككەپ بىرخىل تۇيغۇدا قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. ئىھ ئۇلۇغ ماۋجۇشى!
بىرنەچچە پارچە رەسىمگە چۈشكەندىن كىيىن، كەينىمىزگە يېنىپ، ماشىنىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. يولنىڭ سول تەرىپىدە بىرنەچچە ئورۇندا سۈرلۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سىياسىي ئورگانلارنى ۋە ئۇنىڭ يېنىغىلا مەخسەتلىك سېلىنغان رېستۇران-مىھمانخانىلارنى كۆردۈم. بىرنەچچە چەتئەللىكنىمۇ ئۇچراتتىم. «سەن نەلىك؟ قايسى مىللەتتىن....؟» دەپ سوراۋاتقان تەئەججۈپلۈك كۆزلەرگە«مەن يىراق بىر جايدىن... ئۇيغۇر ئىدىم...» دېگەن مەنىدە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتىم. نىمە ئۈچۈنكىن بېشىغا ياغلىق ئورىۋالغان بىر تۈركىيلىك خانىمغا ئىختىيارسىز قاراپ قالدىم، لىكىن ئۇ  مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى كۆزگە ئىلمىغاندەك، قىزىقىش ئىلكىدە بولسىمۇ قاراپ قويمىدى.
ماشىنىغا قايىتقاندىن كىيىن بىر ئاز مۇساپىنى بېسىپ،بىرقەدەر شەھەر سىېتىغا جايلاشقان «دېڭىز ئاستى دۇنياسى» غا يېتىپ باردۇق. تېشىدىن قارىماققا تولىمۇ ئاددىي بىلىنىدىغان بۇ جاينىڭ ئاستى راستىنلا بىر كىچىك دۇنيا ئىدى. سۈنئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلىنغان بولسىمۇ، ھەقىقەتەن دېڭىز ئاستىدەك تۇيغۇ بېرەتتى.بۇ جايدا ھاياتىمدا تۇنجى قىتىم نۇرغۇن بىلىقلارنى ، تاشپاقىلارنى يەنە ئاللىقانداق دېڭىز ھايۋانلىرىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بەزى بىلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنمەك ئۈچۈن ئۇزۇن كۈزەتتىم، نەپەس ئىلىشلىرىنى ساناپ باقتىم، كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدىم، ئۇلارنىڭمۇ ماڭا قىزىقىشىنى ئۆتۈندۈم! قۇيرۇقىنى بولسىمۇ ماڭا قارېتىپ مىدىرلىتىپ قويۇشنى ئۈمۈد قىلىپ كۈتتۈم، تەقدىرىگە ئىچىندىم، ئۆز تەقدىرىمگە تەقلىد قىلىپ باقتىم، موشۇ بىلىجانلارغا ئوخشاش مەھكۇملۇقتىكى ئادەم بولغىنىمغا ئۆكۈندۈم؛ تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە سۇئال قويۇپ جاۋاپ ئىزدەپ باقتىم؛ يۈرۈكۈمنى ئوڭ قولۇم بىلەن سىلاپ باقتىم... ھاياجان، نەپرەت، ئىشەنچ بىرىكىپ كەتكەن ئىدى.قايتىپ چىقىپ دوستلىرىمنىڭ «قانداق ھىسياتتا بولدۇڭ؟» دېگەن سۇئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇردۇم.
ئاخىرقى نوقتىمىز ئولىمپىك مەيدانىغا يىېتىپ باردۇق. سوغۇق شاماللار بىلەن كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ تۇرغان «قۇش چاڭگىسى»، كۇپ شەكىللىك سۇ ئۈزۈش مەيدانىنى كۆردۈم.تۈگىمەس خىياللىرىم يەنە سەكرەشكە باشلىدى: ئىككى يىل بۇرۇن مەن ماشىنىدىن چۈشكەن جايدا كىملەر ماڭا ئوخشاش تۇيغۇلاردا بولغان بولغىيىتتى؟! مەن تۇتقان رېشاتكىلاردا كىملەرنىڭ بارماق ئىزلىرى قالغان بولغىيىتتى؟! مەن قارىغان نوقتىلارغا كىملەر ماڭا ئوخشاش ھېسياتتا قارىغان بولغىيىتتى؟! شۇ ۋاقىتتىكى مەنزىرە كۆڭۈل ئىكرانىمدا قانداق سۈرەتلىنىشى كىرەك؟!توساتتىنلا ھاياجانلىنىشىمنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلىپ قالدىم.مەن نېمە ئۈچۈن ھاياجانلانغۇدەكمەن!؟ بۇلار پەقەت ماددىي مەۋجۇتلۇققۇ خالاس! ماڭا خىياللىرىمدا قالغان تۇيغىلىرىدىن باشقا ھىچنەرسىسى مەنسۇپ ئەمەس! توغرا، دۇنيادا مېنىڭ ئارتۇقچە ھاياجانلىنىشىمغا ئەرزىيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس! ھاياجان پەقەت باشقىلارنى ئىتراپ قالغاندىلا بولىدۇ، باشقىلار مېنى ئىتراپ قىلمىغۇچە مەن ئۇلارنى ئىتراپ قىلالمايمەن، ھامان گۇمانىي، شۈبىھلىك نەزرىم بىلەن رېئاللىققا باقىمەن! ھاياجانلىنىشنىڭ ئورنىغا «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سۇئالنى قويۇپ باش قاتۇرۇش لازىم. بىركۈنى ئەخمەق ئادەملەر ماڭا، مېنىڭ خەلقىمگە ھەۋەس قىلسا ئاندىن توغرا بولىدۇ.
ئاخىردا مېنىڭمۇ بۇ جايدا «ئەركىن پۇقرا » سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ باققىنىمنىڭ پاكىتى ئۈچۈن بىرنەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشتىم. ئاندىن كىيىن «خەيرى-خوش، ئامان بول مەغرۇر ماكان» دېگىنىمچە، ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىمنىڭ تولۇق يوقالغانلىقىنى جەزىملەشتۈتۈپ ئاندىن ماشىنىغا چىقتىم. بىر ئازدىن كىيىن مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە «قارارگاھ»قا يىتىپ كەلدۇق.
خولاسە:
مىھمانخانا ھەرقانچە كاتتا بولسىمۇ خوجايىننىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، مىھمانلار پەقەت كۆرۈپ ھوزۇرلىنىش ھوقۇقىغىلا ئىگە.
ئۆزلۈكنى ئىزدەش قۇللۇقتىن باشلىنىدۇ.

جەمئىي 10 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 10 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:0 دانە

  1. مۇزات : 2012-يىل06-ئاي04-كۈن14:50:22  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    سىز ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان ئوخىشمامسىز؟


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2012-يىل06-ئاي04-كۈن16:40:09  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      شۇنداق ئىچكىردە ئوقۇيمەن. ئەمدى ئالىي مەكتەپ بىرىنچى يىللىققا چىقتىم.

  2. مۇزات : 2012-يىل06-ئاي05-كۈن00:11:09  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بىرىنچى يىللىقىتىلا بلوگ قۇرسىڭىز يامانكەنسىز جۇمۇ,تېخىمۇ تىرىشىڭ!

    • يالغۇز : 2012-يىل06-ئاي18-كۈن21:30:48  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا بىلوگ قۇرسا يامان بولسا تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىدا بىلوگباسنى ھىساپقا ئالغاندا تولۇقسىزنىڭ1-يىللىقىدا بىلوگ قۇرسا نىمە بولىدۇ ;-)


      • ئاپتور
        تەشنايى : 2012-يىل06-ئاي18-كۈن23:05:05  2-رەت جاۋاب @جاۋاب

        تالانت ئىگىسى بولىدۇ – دە ئۇنداقتا!! مەن تولۇقسىزدا مائۇس تۇتۇپ باقمىغان تېخى :sad:


  3. ئاپتور
    تەشنايى : 2012-يىل06-ئاي05-كۈن00:38:00  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    رەھمەت! :oops:

  4. قۇتفۇ : 2012-يىل06-ئاي17-كۈن16:16:27  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    مەنمۇ بارتىم شۇچاغدا ئاداش! نېمە خىيال سۈرۈپلا يۈرىيدىكەن دېسەم ئەسلى موشۇلارنى ئويلاپتىكەنسەن – دە ;-)


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2012-يىل06-ئاي17-كۈن16:28:20  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ھەراس سەنمۇ بەزگەكتەك تىترەپ يۈرەتتىڭ بىر يەردە!( جاندىن ئۆتكەن دېسە ئۇ سوغۇق…)

  5. يالغۇز : 2012-يىل06-ئاي18-كۈن23:38:31  -15قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    تالانت ئىگىسى(قاش ئاتقان چىراي ئىپادىسى)

  6. تەڭرى قامچىسى : 2012-يىل08-ئاي27-كۈن20:47:14  -14قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ‹‹تەنھەرىكەن مەيدانى››ئەمەس تەنھەرىكەت مەيدانى

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟