logo
ئورنىڭىز: باش بەت > كىتابخۇمار > يازما مەزمۇنى

         ئەسسالام بلوگىمغا كىلىپ قالغان ئەزىزلەر! كىتاپ ئوقۇش ئىنسان تەپەككۇرىنى يىڭىلاشنىڭ ئەڭ ئەقەللى بىر ئۇسۇلى. مەكتەپتە كۈندىلىك دەرىسلەرنى ئۈگىنىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر!  شۇنداق، شۇنداق…كىتابنىڭ قىممىتىنى پەقەت كۆپلەپ ئوقۇغاندىلا بىلىسىز، ئۇنى ئوقۇغانسىرى ئاشىق بولىسىز، ئاشىق بولسىڭىز مەنىسىزلىكتىن يىراقلاپ، ئاجايىپ كاتتا بىر قەسىرگە كىرىپ قالىسىز…  مەنغۇ «كىتاب خالتىسى» دېگەن سۆيۈملۈك «لەقەم» نى بوينۇمغا ئېسىپ يۈرگىلى ئۇزاق زامانلار بولدى، لىكىن ھىچبىر زىرىككىنىم يوق بۇ كىتاپتىن. خوش، ئۇنداقتا تۆۋەندە ئۆزۈم يىقىندا ئوقۇغان ئىسىل بىر كىتاپنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدىن سىزنىمۇ خەۋەردار قىلاي، قىزىقىپ قالسىڭىز، قىزىقىش بىلەن ئوقۇشنى باشلىۋەتسىڭىز دىلىم يايراپ كېتىدۇ!!

كىتاب ئىسمى: شېرىن بۇلاق
ئوقۇلغان ۋاقتى: 2012 – يىلى 04 – ئاي
ئاپتورى: سەفىييور رەھمان مۇبارەك فۇرى ___ :
  1943 – يىلى 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ھىندىستاننىڭ ئەئزەم كاتا ئۆلكىسىدە ئەنسارى جەمەتى نامى بىلەن تونۇلغان ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ھازىر ھىندىستان بىنارىس سەلەفىيە ئۇنۋېرىستىتىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
  نەشىرىيات: سابىق شەبنەم تورى (ئىلىكىتاب قىلىپ ئىشلىگەن)
ھەجىمى: 557 بەت ، A3 قەغەز
        قۇرۇلمىسى ۋە قىسقىچە مەزمۇنى:

قۇرۇلما جەھەتتىن ۋاقىت تەرتىپى بويىچە  ئىسلام دېنى بارلىققا كىلىشتىن ئىلگىركى ئەرەبلەرنىڭ جاھالىيەت دەۋرىدىن باشلاپ بايان قىلىپ، كىچىك ماۋزۇلار ئاستىدا بىر – بىرىگە باغلاپ تاكى مۇسۇلمانلار مەككە – مەدىنە ۋە ئەرەپ يىرىم ئارىلىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىسلام دېنىنى گۈللەندۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكسىلىشىگىچە قەدەر تالاي ۋەقەلەرنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا ئىلمىي نوقتىدىن چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان.
 
 مەزمۇن قۇرۇلمىسى:
    1. پەيغەمبەرنىڭ ئەرەپلەر ئارىسىدا بارلىققا كىلىشنىڭ تەھلىلى__ ئەرەپلەرنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى، خەلق ئارىسىدىكى جاھالىيەت مەپتۇنلىقى، بۇزۇقلۇق قاپلاپ كەتكەن جەمىيئەت، ئەرەبلەرنىڭ مىللىي خارەكتىرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر ( مەسىلەن مەرتلىك…) نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن.
2 . ئاللاھنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئاخىرقى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشىنىڭ زۆرۈرلىكىگە تەھلىل.
3. رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىركى مەنېۋىي گۈزەللىكلىرى؛ ئۇنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى ۋە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەقدىرى ھەققىدە.
 (ئەسكە: رەسۇلۇللاھ 25 يىشىدا 45 ياشلىق خەدىچە بىلەن توي قىلدىدۇ)
4. رەسۇلۇلاھنىڭ يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بوپ قالغانلىقى ۋە نۇر تېغىدىكى جىلغىدا كىچە كۈندۈز ئىستىقامەت قىلغانلىقى؛ پەيغەمبەرلىك ھەققىدە ۋەھىي كەلگەنلىكى..
( ئەسكە: مىلادىيە 601 – يىلى 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى دۈشەنبە كىچە ۋەھىي كىلىشكە باشلىدى)
5. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسلام دەۋېتىنى باشلىغانلىقى توغرىسىدا.
( ئەسكە: مۇسۇلمانلار مەككىلىكلەرنىڭ (مۇشرىكلارنىڭ) زۇلىمى ئاستىدا بىھسەتنىڭ( پەيغەمبەرلىك نازىل بولغان يىل) 4 – يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇنجى ھىجرەت__ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلدى.)
6. ئىسلام دەۋېتى ۋە رەسۇلۇللاھ يولۇققان قىيىنچىلىقلار.
(ئەسكە: ئەبۇ تالىپ_- گەرچە ئاخىرقى تىنىقىغىچە مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھنى بىر ئۆمۈر قوغدىغان ۋە قانات ئاستىغا ئالغان)
7. ئەبۇتالىپ، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق رەسۇلۇللاھنىڭ يىقىن كىشىلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ۋاپات بولىشى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەردە قالغانلىقى.
8. رەسۇلۇللاھنىڭ بەيتۇلھەرەمدىن بەيتۇلمۇقەددەسكە سەيىر قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا مىراجغا چىققانلىقى توغرىسىدا.
 ( ئەسكە: بىھسەتنىڭ 11 – يىلى رەسۇلۇللاھ ئائىشە سىدىق بىلەن توي قىلدى، ئائىشە ئۇ ۋاقىتتا 9 ياشتا ئىدى)
9. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلىپ بارغان بىرقانچە بەيئەتلىرى.
10. مەككىدىن مەدىنىگە قاراپ ھىجرەت قىلغانلىقى ھەققىدە.
  مۇشرىكلار كۈنسىرى ھەددىدىن ئېشىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالدى، رەسۇلۇللاھ مەككىنى تاشلاپ ھىجرەتكە ئاتلاندى. بۇ سەپەردە ئەبۇبەكىر ھەمراھ بولدى. ۋاقتى: بىھسەتنىڭ 14 – يىلى 2- ئاينىڭ 27 – كۈنى.
11. مەدىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى.
  دىننىي تەركىبلەر، قەبىلىلەر، سىياسىي ئىقتىساد قاتارلىق ۋەزىيەتلەر…
12. مەدىنىدە ئىسلام تەشۋېقاتى ئېلىپ بېرىش ۋە بىر تالاي تەدبىرلەرنى قوللىنىىپ ۋەزىيەتنى تەرتىپكە سېلىش.
13. قۇرەيىشلەر(مۇشرىكلار) نىڭ سۈيقەسىتلىك ھەرىكەتلىرى ۋە قارشىلىقى؛ بىر قىسىم غازاتلار… بەدرى ئۇرۇشى ھەققىدە.
(ئەسكە: بەدرى ئۇرۇشىدىن بۇرۇن مەدىنىە قوشۇننىڭ كۈچى: 314  كىشى ئەتراپىدا ئىدى. مەككە قوشۇنى: 1300 كىشى ئەتراپىدا ئىدى.)
14. بەدرى ئۇرۇشىدىكى مۆزجىزىلەر ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ياردېمى بىلەن مەدىنە قوشۇنىنىڭ غەلبە قىلغانلىقى.
15. بەدرى غازىتى بىلەن ئوھۇد غازىتى ئارلىقىدىكى پائالىيەتلەر.
16. ئوھۇد غازىتى: قۇرەيىشلەر بەدرى ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبېيىتىگە تەن بەرمەي، ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە قوشۇن تارتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوھۇد غازىتى پارتىلىدى.
( ئەسكە: قۇرەيىش قوشۇنى: 3000 دىن ئارتۇق كىشى، 200 ئاتلىق 700 ساۋۇتلۇق؛  مەدىنە قوشۇنى: 1000 كىشى، 50 ئاتلىق، 100 ساۋۇتلۇق)
   مەدىنە قوشۇنى ئەڭ ئاخىرىدا دۈشمەننى چېكىندۈرگەن ئىدى، ئەمما ئوقياچىلار قوشۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ تاپىلىغىنى ئەستىن چىقارغاچقا، چېكىنگەن مۇشرىكلار قايتىدن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ ئىسلام قوشۇنىنى ئىغىر تالاپەتكە دۇچار قىلدى. رەسۇلۇللاھ خەتەر ئاستىدا قالدى، ساھابىلەر نەچچە يۈزلىگەن مۇشرىكلار بىىلەن يالغۇز ئېلىشىپ رەسۇلۇللاھنى قوغدىدى، ئاللاھنىڭ  ھېكىمىتى بىلەن رەسۇلۇللاھ ئامان قالدى. مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھ ئۆلدى دەپ يالغان خەۋەر تارقاتقاچقا ئىسلام قوشۇنى پاتپارقچىلىقتا قالدى، بىر قىسىم ساھابىلەر ئىشىنىپ قېچىپ كېتىشتى. ئۇرۇش ئاخىرىدا يىڭىش يىڭىلىشسىز ئاياغلاشتى. لىكىن مۇسۇلمانلارغا زور يوقىتىش ئىلىپ كەلدى. مۇسۇلمانلادىن چىقىم بولغان ئادەم:  كىشى70؛  مۇشرىكلاردىن چىقىم بولغىنى: 22 كىشى
17. ئوھود غازىتى بىلەن ئەھزاپ(دۈشمەن ئىتتىپاقداش قوشۇنى) غازىتى ئارلىقىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر:
  ئوھود غازىتىدىن كىيىن مەدىنە ئەتراپىدىكى مۇشرىك قەبىلىلەرنىڭ خورىكى ئۆسۈپ، مۇسۇلمانلارغا تەھدىد سېلىشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا ئەللەر قەلبىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تەھدىھ شەكىللەندۈرگەن مۇشرىكلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى.
18.. ئىككىنچى قىتىملىق بەدرى غازىتى( ئوھۇد غازىتى ۋاقتىدا ۋەدىلەشكەن)
19. ئەھزاپ غازىتى:
  ئىسلامغا قارشى بارلىق مۇشرىكلار بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسلام قوشۇنى خەندەك ياساپ، مۇشرىكلارنى توسۇپ زەربە بەردى. مۇشرىكلار ئارىسىدا ئىغىر ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ چېكىندى.
20. بەنى قۇرەيىش غازىتى( يەھۇدىيلارغا قارشى) ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھەربىي پائالىيەتلەر.
21. رەسۇلۇللاھنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇشرىك قەبىلىلەرگە قوشۇن تارتىشى، مەككىگە ھەجگە ئاتلىنىش ۋە مەككىلىكلەر بىلەن كىلىشىم تۈزۈش.
22. يىڭى بۇرۇلۇش __ گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇش. باشقا پادىشاھ، ئىمپىراتورلاغا مەكتۇپ يوللاپ، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش. بىر تالاي غازاتلار …
23. ئىسلام قوشۇنى مەككىگە كىردى.
24. مەككىنى پەتىھ قىلغاندىن كىيىنكى پائالىىيەتلەر، كىشىلەرنىڭ بەس – بەستە ئىسلامغا كىرىشى.
25. ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر: ھىجرىيە 11- يىلى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى دۈشەنبە چاشكا ۋاقتىدا ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز 63 يېشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى.

 يۇقىرىدا پەقەت قىسقىغىنلا مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ قويدۇم. ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. كىگىز
    ﺩﻭﺱ

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! يازمىلىرىڭىزنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي…
    ئوقۇش ھەلەكچىلىكىدە يازمىنى تۈزتىشكە ۋاقىت ئاجرىتالمىغان ئوخشايسىز ،مۇمكىن بولسا ئوقۇغاچ تەھرىرلەپ بېرەي دەيمەن. :smile:

    2012-10-22 7:56 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • مومكىن بولمامدىغان، خاتالىقلار بولسا كۆرسىتىپ قويۇڭ ۋاقتىدا تۈزىتىمەن.

      2012-10-24 8:44 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. گىلەم
    ﺩﻭﺱ

    ئىنكاس يوللاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى دېگەننى تەرجىمە قىلىپ قويسىڭىز ؟

    2012-10-22 8:03 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. دىۋان
    ئىزتىل

    سىزمۇ مەندەكلا كىتاپخۇمار ئىكەنسىز ئەمەسمۇ ؟

    2012-12-31 2:52 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات
  • يىڭى ئۈنچە
  • خەتكۈشلەر
  • ئىختىيارى
ad
footer logo
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!Theme by QQOQ