(بىر دوستۇم تەۋەللۇتىنىڭ 19 يىللىقىغا بېغىشلايمەن. ھايات بېغىدىكى ئالتۇن چىچەكلىرىنىڭ تېخىمۇ بەرق ئۇررۇپ پورەكلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.)
بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن؟
سەھەر چىقسام ئىشىك ئالدىغا
يىغىۋاپتۇ ئاپئاق – ئاپئاق قار.
شىئىر يازدىم سېنى تەبرىكلەپ،
مۇڭغا پاتتى ئاپئاق – ئاپئاق قار.
ئوغرىلىقچە ئاق قارغا ئوخشاش،
كىرىۋاپسەن ئون توققۇز ياشقا.
ناخشا ئېيىتتىم سېنى تەبرىكلەپ
مۇڭغا پاتتى ئاپئاق – ئاپئاق قار.
يۈگۈر! بازاردىن
گۈل ئەكەلگىن 12 – ئاي،
كەمپۈت ئەكەل 12 – ئاي،
چىچەكلىگىن 12- ئاي.
كىچىككىنە تۇرۇپلا تېخى
كىرىۋاپتۇ ئون توققۇز ياشقا.
تەبرىكلىشىپ سالپاڭ سۆگەتلەر
ئاق لىچەكنى چىگىپتۇ باشقا.
كىردى بۈگۈن ئون توققۇز ياشقا
بىر غۇنچىنىڭ پاك خىياللىرى.
كىردى بۈگۈن ئون توققۇز ياشقا
سەرگەردانلىق ياش قىيانلىرى.
كىردى بۈگۈن ئون توققۇز ياشقا
ئەڭ ئەڭ نۇرلۇق چولپان يۇلتۇزى.
قۇشلار، قۇشلار
ھەي ئوماق قۇشلار
قار ئۈستىگە قويدۇم دان چېچىپ
دېرىزېنىڭ ئالدىغا بېرىپ
ناخشا ئېيتىپ بېرىڭلار بۈگۈن.
ياخشىمۇسىلەر ئەي سوغ شاماللار
قېچىپ كەتمەي ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر رەت
چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭلار بۈگۈن.
سالام ئېيىتقىن ساقاللىق قۇياش
چوڭ بوۋامدەك تەبەسسۇم بىلەن
ساڭا ئوخشاش كۈلسۇن ئۇ بۈگۈن.
تەبرىكلەڭلار
يول بويىدىكى يالىڭاچ تىرەكلەر
تىرەكلەرگە ئۇۋا سالغان قۇشلار،
قار ئۈستىگە پىستىرما قويۇپ
قۇشقاچ ماراپ ياتقان بالىلار!
تەبرىكلەڭلار ئەي شەھەر خەلقى
بەس – بەس بىلەن قوي كالا سويۇپ.
ئاق قۇشقاچتەك كىچىككىنە بىر قىز
ئويناۋىتىپ چاھار بېغىدا
كىرىپ قالدى ئون توققۇز ياشقا.
2012 – يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى
دوستىڭىز نېمىدىگەن بەختلىك ، شېئىر بەكمۇ يەڭگىل ،ئوماق چىقىپتۇ
ئاپتور تەشنايى : 2012-يىل12-ئاي15-كۈن16:49:58 1-رەت
رەھمەت! چىن تۇيغۇدىن پۈتۈلگەن شئىر شۇنداق ئوماق چىقسا كىرەك. كېلىپ تۇرارسىز جۇمۇ….
شائىر دوستى بولسمۇ ياخشى بۇلىدىكەن جۇمۇ،
رەھمەت ،
تۇنجى قېتىم …..
ئاپتور تەشنايى : 2012-يىل12-ئاي15-كۈن16:51:36 1-رەت
ئەرزىيمەيدۇ!! شائىر دەپ كەتكىنىنى، قوشاق توقۇپ يۈرىمەن شۇ…