ئەزىزلەرگە بۈگۈن چوقۇم بىر سوۋغا بېرىش كىرەك ئىدى. ئەتىراپىمغا قارىسام بلوگداشلار بەس - بەستە سوۋغات تارقىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قاراپ تۇرماي ئاددىي بولسىمۇ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان مۇنۇ ئۇسلۇبنى تەييار قىلدىم. بۈگۈن دوپپا كەيمىگەنلەرنىڭ بۇ تېمىغا قارىماسلىقىنى، ئەكىسچە دوپپا كەيگەن ئەزىزلەرنىڭ سوۋغات سۈپىتىدە قوبۇل قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
تېلىفۇن ئۇسلۇبى دېگەن نېمە؟
ئالدى بىلەن ئاددىي ئىزاھات كىرەك. كۆچمە ئۈسكىنىلەردە تورغا چىقىشنىڭ ئومۇملىشىشغا ئەگىشىپ، ھازىر نورغۇن خەنسوچە توربەتلەر شۇ خىل ئۈسكىنىلەرگە ماسلاشتۇرۇلدى. يەنى HTML5,CSS3 خاسلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، تېلىفۇن، ئايپەد قاتارلىق ئۈسكىنىلەردە تور زىيارەت قىلىدىغانلارغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ھازىرغا قەدەر بىرنەچچە چوڭ خەۋەر توربەتلىرى ئۆزىنىڭ ئەپلىرىنى ياساپ چىققان بولسىمۇ، نۇرغۇن بىكەتلەر تېخى كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە تولۇق ماسلاشتۇرۇلغىنى يوق. دېمەك بۇ بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان بوزيەر بوپ قالدى. شۇ سەۋەپ بىز بلوگگىرلارمۇ ئاز - تولا ئۇرۇنۇپ كۆردۇق. ھازىرغا قەدەر پىشقەدەم بلوگلارنىڭ كۆپىنچىسى تېلىفۇن ئۇسلۇبى قوللىنىۋاتىدۇ، بىز يىڭى بلوگگىرلارمۇ سەپتىن قالمايلى دەپ، مۇنۇ ئاددىي ئەمما تولىمۇ ئۇز بولغان ئۇسلۇبنى تەييار قىلدۇق.
بۇ ئۇسلۇبنى قانداق ئىشلىتىش كىرەك؟
تېلىفۇن ئۇسلۇبى بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە باشقا ئۇسلۇبلاردىن پەرىقلىنىدۇ. ئىقتىدار، ھەجىم جەھەتتىكى پەرىقنى قويۇپ تۇرۇپ، ئىشلتىش جەھەتتىن كەلسەك: سىز ئالدى بىلەن بلوگىڭىزنىڭ ئارقا بېتىدىن mobilepress ناملىق قىستۇرمىنى ئىزدەپ تېپىپ، قوزغىتىشىڭىز كىرەك. ئاندىن مەن تەمىنلىگەن مۇنۇ ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ، ftp قورالى ئارقىلىق wp-content/plugins/mobilepress/themes موشۇ ئادرىس بويىچە ئۇسلۇبنى يۈكلەيسىز. ئاندىن ئارقا بەتكە ئۆتۈپ Mobilepress دېگەن تاللاشتىن يۈكلىگەن ئۇسلۇبىڭىزنى قوزغىتىپ قويسىڭىزلا تامام.
ئۇسلۇبنىغۇ قاچىلىدۇق، ئۈنۈمى قېنى؟
مەزكۇر ئۇسلۇبنى قاچىلاشتىن بۇرۇن teshna.me بلوگىنى تېلىفۇندا ئېچىپ كۆرۈڭ(تېلىفۇنىڭىز ئۇيغۇرچە قوللىمىسا بۇ ئۇسلۇبنىڭ سەۋەنلىكى بولمايدۇ)، ئۈنۈمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئاندىن ئىككنچى باسقۇچ بويىچە بلوگىڭىزغا ئورنىتىۋېلىڭ. بۇ ئۇسلۇب ئىنتايىن كىچىك ھەجىملىك بولۇپ، ئادەتتە بىر قىستۇرمىدەك ئىغىرلىقتا بولىدۇ.
ئۇسلۇب ئورنىتىش جەريانىدا بۇزۇپ قويسام قانداق قىلىمەن؟
نېمە دەيدىغانسىز ئەمدى؟! بۇزۇپ قويۇشقا ئىشەنچىڭىز بولسا، ئاۋۋال بۇ ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇڭ - دە، تىزدىن چوڭ بولىشىڭىزنى كۈتۈڭ. بۇزۇپ قويمايمەن دەپ قارىسىڭىز تەۋەككۈل قىلىپ قاچىلاڭ، ئالىمادىس ھادىسىگە يولۇقسىڭىز ئۇدۇل بلوگىمغا سەكرەپ، قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىڭ!
ئاخىرىدا ئەزىزلەرنىڭ «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» مىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شۇنداقلا ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ مەڭگۈ بىزلەرگە نىسىپ بولىشىنى تىلەيمەن.
ئۇسلۇب چۈشۈرۈش: ئاسماندىن چۈشۈرۈش
ئەمدى بولدى . رەھمەت ھەشقاللا تەشەككۈر :ھا ھا:
پەچەت پەچەت
مەن سىز كۆرسەتكەن بويىچە قىلغان ئىدىم ئەمما بولمىدىغۇ ؟؟؟
بۇ يانفۇن ئۇسلۇبى چۇشمەس بولۇپ قاپتۇ … ماڭا ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزلەرمۇ …. ئىلخەت 1693429164@qq.com
سىلەرنىڭ بۇ خەت نوسخىسى بەك ئىسىلكەن !!!!! :ئوماق:
ئۇسلۇب ياخشىكەن لىكىن ئاۋۇ قىستۇرما ئانچە ياخشى ئەمەستەك ، تەشنا بلوگىغا قايسى قىستۇرمىنى ئىشلىتۋاتسىلەر
مەن Any Mobile Theme Switcher قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.
تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى چىقمىدىغۇ ياناۇن ئۇسلۇبىدا؟قانداق قىلغۇلۇق؟
ئادىرىسى يوقاپ كىتىپتۇ كىيۇ كىيۇرىمغا ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ
كىيۇ كىيۇ
530254734
بۇ ئۇسلۇبنى ماڭىمۇ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
413299300@كىيۇكىيۇ.كوم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تەشناجان تەتىلدە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، كومپىيۇتېردا تورغا چىقالمايدىكەن. شۇڭا ۋاقتىنچە يوللاپ بېرەلمەيدۇ. بىر مەزگىل ساقلاڭلار. مەنزىل تورىدىن ئىزدەپ بېقىڭلار،ياراپ قالغۇدەكلىرى بارمىكىن. menzil.cn
رەھمەت قىرىندىشىم ، مەن چۇشۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
يېقىننىڭ ياقى مەندە مۇنداق بىر خىياللار تۇغۇلىۋاتىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ بىز لاتىن ئۇيغۇرچىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ، تېلىفۇن ئايپەد قاتارلىق كۆچمە ئۈسكىنىلەردە لاتىن ئۇيغۇرچىسىنى قوللىنىش . مەن شۇنداق دىقەت قىلىۋاتىمەن ، بىز ئادەتتە ئۈندىدار كىيۇۋ كىيۇۋ سىنا قاتارلىقلاردا تېما يوللىغاندا خەنزۇچىلا يوللايدىكەنمىز ، بۇنىڭدىكى بىر كۈچلۈك سەۋەپ بولسا تېخى خېلى كۆپ ئۈسكىنىلەر ئەرەپ ئۇيغۇرچىسىنى دېگەندەك قوللاپ كەتمەيدۇ ، قوللىغان تەقدىرىدىمۇ بىرقەدەر ئاۋارچىلىق ، ناۋادا بىز ھازىرقى ئەرەپ ئۇيغۇر يېزىقىمىزغا يانداش قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لاتىن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن بولساق ئىشلىتىش ئاددىيلىشىپلا قالماي يەنە بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداشتىمۇ زور پايدىسى بار دەپ قارايمەن .