ئادەتتە بلوگلارغا ئېنكاس يوللىغۇچىلارنىڭ باش سۈرىتى ئېلىخەتكە باغلانغان، خەلقارا بىر تۇتاش باش سۈرەت مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن Gravatar رەسىمى بولىدۇ(موشۇ ۋوردپرەسكە بىۋاستە باش سۈرەت تەڭشەيدىغان ئىقتىدارنى قوشىۋەتكەن بولسا - زە). لېكىن بۇ مۇلازىمەت چەتنىڭ بولۇپ، ئېلىمىزدە چەتئەل مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئەۋۋالى دېمىسەممۇ ئايان. شۇنداق قىلىپ بلوگىمىزدا ئېنكاسچىلارنىڭ باش سۈرىتى ھەرقېتىم ئامىرىكىدىن كېلىپ بولغۇچە، بىچارە بلوگىمىز ئورۇق ئىشەكتەك ئاران قالىدۇ، بەزىدە قارايدىغان بولساق بلوگىمىزدا باش سۈرەتلەر كۆرۈنمەيمۇ قالىدۇ...بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرقانچە تەدبىرى بار:
[t]تەدبىر ۋە تەدبىر[/t]
1. زاپاسلاش قىستۇرمىلىرى(缓存插件) ئىشلىتىش: نۇرغۇن قىستۇرمىلار بولۇپ، بلوگدىكى تۈرلۈك رەسىم ۋە مەزمۇنلارنى تۇنجى زىيارەت قىلغۇچىنىڭ تور كۆرگۈسىگە ياكى بلوگىمىزنىڭ بوشلۇقىغا زاپاسلاپ، بوشلۇقىمىز ئىقىم خورىشىنى ئازلىتىدۇ، بلوگ سۈرئىتىنى تىزلىتىدۇ. بىراق، لېكىن بىراق ئۇنداق قىستۇرمىدىن بىرنى قاچىلاپ ئاستىلاتقان سۈرئەتنى، ئۇچۇرلارنى زاپاسلاپ تولدۇرغىلى بولمايدۇ، يەنى بىزدەك زىيارەتچىلىرى چەكلىك بولغان بلوگگىرلارغا تازا ماس كەلمەيدۇ.
2. ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش: ئېنكاس رايۇنىغا Gravatar رەسىم ئىشلەتمەي، ئېلىمىزدىكى API تەمىنلەيدىغان QQ, Sina قاتارلىقلارنىڭ تېزىملىتىش ئېغىزىنى ئىشلىتىپ، شۇلاردىكى باش سۈرەتنى تارتىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئېنكاس يازغۇچىلار پەقەت تىزىملاپ كىرگەن ھېساۋاتىنىڭ باش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتسىلا بلوگىمىزدىكى باش سۈرئىتىمۇ ماس ئۆزگىرىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز ئىشلىتىپ كۆرگەن 多说 ۋات - ۋات قىستۇرمىسى بىر ئۈلگە. ئەمما ئۇسلۇبىمىزدا بۇخىل ئىقدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئازراق تېخنىكا كېتىپ قالىدۇ، يەنە Sin, QQ دېگەنلەردىن API ئېلتىماس قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ.
3. Gravatar رەسىمىنى بوشلۇقىمىزغا زاپاسلاش: بۇ خىل ئۇسسۇلنى مەزكۇر يازمىمىزدا تونۇشتۇرىمىز. يەنى بوشلۇق مۇندەرىجىمىزگە بىر ھۆججەت خالتىسى قۇرۇپ، ئۇسلۇبىمىزنىڭ فونكىسىيە قىسمىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاپ قويساقلا بلوگىمىزدىكى باش سۈرەتلەر بلوگ بوشلۇقىمىزغا زاپاسلىنىدۇ. زىيارەتچىلەر ئىككىنچى رەت كىرگەندە باش سۈرەتنى چەتنىڭ مۇلازىمىتىدىن ئەكەلمەي، بىۋاستە بوشلۇقىمىزدىن ئالىدۇ. دېمەك بۇ خىل ئۇسسۇل زىيارەت مىقدار ئانچە كۆپ بولمىغان بلوگلارغا تازا ماس كېلىدۇ. ئەمما باش سۈرەتلەر بىر زاپاسلانسا ئالدىراپ ئۆزگەرمەيدۇ، دېمەككى: بىراۋلار بلوگىمىزغا تۇنجى كەلگەندە باش سۈرىتى يوق، شۇنىڭ بىلەن سۈكۈتتىكى باش سۈرەت زاپاسلىنىدۇ، كېيىن ئۇ Gravatar باش سۈرەت ئۆزگەرتسە بلوگىمىزدا يەنىلا بۇرۇنقى باش سۈرىتى كۆرۈنىدۇ، شۇڭلاشقا ھۆججەت قىسقۇچىسى ئىچىدىكى رەسىملەرنى ھەر 14 كۈندە بىر يىڭىلىنىدىغان قىلدۇق، ئەلۋەتتە باش سۈرەت رەسىمى ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا ئانچە كۆپ ئىقىم خورىتىۋەتمەيدۇ.
ئەمەلگە ئاشۇرۇش باسقۇچىلىرى مۇنداق:
[t]تەدبىرنىڭ پايانى ۋە بايانى[/t]
1. بوشلۇقىڭىزنىڭ WordPress قاچىلانغان باش مۇندەرىجىسىگە avatar نامىدا بىر ھۆججەت قىسقۇچىسى قۇرۇڭ(ھۆججەت ھوقۇقى 755 ياكى 777 بولىشى كېرەك).
2. قۇرغان ھۆججەت قىسقۇچىڭىز ئىچىگە default.jpg نامىدا بلوگىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى باش سۈرىتىنى تاشلاڭ.
3. ئۇسلۇبىڭىزنىڭ functions.php ھۆججىتىنى ئېچىپ، ئەڭ ئاستىدىكى ?> بەلگىسى ئۈستىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ:
function my_avatar($avatar) { $tmp = strpos($avatar, 'http'); $g = substr($avatar, $tmp, strpos($avatar, "'", $tmp) - $tmp); $tmp = strpos($g, 'avatar/') + 7; $f = substr($g, $tmp, strpos($g, "?", $tmp) - $tmp); $w = get_bloginfo('wpurl'); $e = ABSPATH .'avatar/'. $f .'.jpg'; $t = 1209600; //ئون تۆت كۈندە ۋاقىت بەلگىلەش، بىرلىكى: سېكۇنت if ( !is_file($e) || (time() - filemtime($e)) > $t ) { // باش سۈرەتلەر ھەر ئون تۆت كۈندە بىر يىڭىلىنىدۇ copy(htmlspecialchars_decode($g), $e); } else $avatar = strtr($avatar, array($g => $w.'/avatar/'.$f.'.jpg')); if (filesize($e) < 500) copy($w.'/avatar/default.jpg', $e); return $avatar; } add_filter('get_avatar', 'my_avatar');
قېنى ئەمىسە بىي سىناپ بىقىلا ماقىما...
مەنچە بولغاندا، باش سۈرەتنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بۇلىدىغان قىلىپ، ساندانغا ساقلىغان ياخشىمىكىن دەيمەن، سىغىم چوڭ ئەمەس بولغاندىكىن، بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كىتەلمەيدۇ.
باش سۈرەنىڭ بىر تۇتاش بولغىنىنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرى بار، ھەرقانداق wordpress ئاساسىدىكى بېكەتكە باھا يازغاندا ئاپتۇماتىك بىر خىل باش سۈرەت چىقىدۇ. ئوخشىمىغان بېكەتتە ئالماشتۇرۇپ يۈرمەيمىز. لېكىن ئاۋارچىلىق يېرى شۇ ئۇ بېكەت چەتنىڭ بولغاچقا بىر بولسا دىيارىمىزدا نۇرمال زىيارەت قىلالمايمىز، بىر بولسا سۈرئىتى ئاستا. بولمىسا ئاشۇ ئارقىلىقلا سىز دېگەندەك ئىختىيارى ئالماشتۇرۇپ تەڭشىۋالسا ، ھەربىر بېكەتتىكىنى ئايرىم ئۆزگەرتىپ يۈرمەيدۇ. ھەممىسى بىراقلا ئالمىشىدۇ.
مەنمۇ بىر چاغ ياش ئىدىم…
ياشلىقىم غورۇرىدىن بەڭۋاش ئىدىم.
ياش ئېدىم، بەڭۋاش ئىدىم، ئارغىماقتەك شاش ئىدىم…. :ئاخسا:
گاھ يۈگەنسىز شوخ ئاساۋ بىر تاي كەبى،
گاھ بۇلۇتلار ئىچرە ئۈزگەن ئاي كەبى