بىئوگرافىك ئەسەلەرنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. بولۇپمۇ بىزدەك ياشلىق مەزگىلىدە تېڭىرقاپ يۈرگەنلەرگە داڭدار كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان كىتابلار ئاز - تولا ئىشەنچ ۋە يېڭىچە تەپەككۇر يولى بىغىشلايدۇ. ئەلۋەتتە ھەرقانداق داڭلىق شەخىسنىڭ مۇۋەپپىقىيەت فورمۇلاسى بىزگە ماس كېلىشى ناتايىن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇھت ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئاشۇ داڭدار شەخىسلەرگە ئوخشاش كۆرەش قىلغان بولساقمۇ، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە چىقماسلىقى ھەم ئىھتىمال. لېكىن، ھەرقانداق بىر ئۇتۇق قازانغۇچىنىڭ ئارقىسىدا بىز ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايدىغان ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىمىز ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا ئۇرۇنغىنىمىزنىڭ ئۆزى موشۇنداق كىتابلارنىڭ بىزگە بەرگەن ئازدۇر - كۆپتۇر "ئىجتىمائىي زوقى" ھىسابلىنىدۇ.
يېقىندا، دۇنياغا داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورى facebook نىڭ قۇرغۇچىسى مارك.زۇكېربېرگ ھەققىدە يېزىلغان بىر كىتاب قولۇمغا چىقىپ قالدى ۋە قىزىقىش بىلەن تىزلا ئوقۇپ تۈگەتتىم. بۇ يەردە ئەزىزلەر بىلەن مەزكۇر كىتابتىن قىسقىچە تەسىراتىمنى ئورتاقلىشىمەن!
كىتاب چۈشەندۈرۈلىشى
كىتاب ئىسمى(ئەسلى تىلى – خەنزۇچە): facebook之父马克·扎克伯- 后乔布斯时代的传奇
كىتاب ئۇيغۇرچە ئىسمى(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانمۇ يوق، بىلمىدىم!): facebook ئاتىسى مارك.زۇكېربېرگ - جوبىستىن كېيىنكى رىۋايەتلىك شەخىس
كىتاب تىلى: خەنزۇچە
ئاپتورى: 林志共 王静
نەشرىيات: يېڭى دۇنيا نەشرىياتى (新世界出版社)
نەشر قىلىنغان ۋاقتى(خەنزۇچە نەشرى):2012 – يىلى 4- ئاي
كىتاب باھاسى: 39.90
كىتاب ھەجىمى: 32 كەسلەم 185 بەت
كىتاب مۇندەرىجىسى:جەمئىي 8 باب
بىرىنچى باب: زۇكېربېرگنىڭ تور ئىمپىريىسى
ئىككىنچى باب: زۇكېربېرگ ھەققىدە زىددىيەتلىك قاراشلار
ئۈچىنچى باب: Facebook نىڭ پىسخولوگىيلىك ئارقا كۆرۈنۈشى
تۆتىنچى باب: ئۆزگىچە قاتنىشىشچان (参与型)ئېلان مىتودى
بەشىنچى باب: سۇپا(平台) ئىگەللىيەلىگەن ھەقىقىي نوچى
ئالتىنچى باب: زۇكېربېرگنىڭ جۇڭگو بازىرىغا بولغان زور ئىستىكى
يەتتىنچى باب: زۇكېربېرگنىڭ تىجارەت تەسىراتلىرى
سەككىزىنچى باب: ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدىكى كۈلپەتلەر
ئاخىرقى سۆز: Facebook دەۋرى
ئاپتورلار ھەققىدە ئىكى كەلىمە
林志共: ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئالماشتۇرۇش تورىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، ئامېرىكا بىرلەشمە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى. 1978 - يىلى فۇدەن ئۇنۋېرستىتىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىگە ئوقۇشكا كىرگەن. 2003 - يىلى ئامېرىكا پرېنستون ئۇنۋېرسىتتىنىڭ MBA ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. 2000 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا بىرقانچە تۈرلەرنى ئېچىش، مەبلەخ سېلىش مەسلىھەتچىلىكى، سودا - ئالاقە ئۇيۇشمىسى مەسئۇللۇق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. بازارلىق كىتابلىرىدىن يەنە "ئالما بوران - چاپقۇنى" (苹果风暴) قاتارلىقلار بار.
王静: تىجارەتچىلەر بىئوگرافىيە يازغۇچىسى. لەنجۇ ئۇنۋېرىستىتى ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى "ئالما بوران - چاپقۇنى"، "كۆرەشچى چېن تىيەنچىياۋ" قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلغان.
كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
مەزكۇركىتابتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادا ئۆمۈچۈك تورىدەك بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، كىشىلەر ئارا يېڭىچە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن facebook تىن ئىبارەت تور سۇپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن تاكى تەرەققىي قىلىپ، Google, Apple,Microsoft لارغا تەھدىد شەكىللەندۈرگىچە بولغان جەريانى، ھەر قايسى نوقتىلاردىن چىقىش قىلىنىپ يېزىلغان. ئارتۇق بايانلاردىن، قارا - قويۇق ماختاشلاردىن خالىي، ئاپتور ئۆز مەيدانىدا تۇرۇپ، شۇ دەۋىرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەھلىل يۈرگۈزگەن.
خارۋارد ئۇنۋېرىستىتىنىڭ تولۇق كۇرۇس 2 - يىللىق پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان زۇكېربېرگ، پىروگراممىرلىققا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە تالانتى بىلەن مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار ئارا ياقتۇرۇشقانلار دوسىتلىشىدىغان بىر بەت سېستىمىسى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئاندىن خاككېرلىق ھۆنىرىنى ئىشلىتىپ، مەكتەپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن خارۋارد ئۇنۋېرستىتىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىمى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرىدۇ ۋە ئۇنى يېڭى تور بېتىگە قويىدۇ. نەتىجىدە ئون نەچچە سائەتكە بارماي خارۋاردتىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ توربەتكە بەس - بەستە تىزىملىتىدۇ ۋە ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ. لېكىن مەكتەپ تەرەپ زۇكېربېرگنىڭ خاككېرلىق ھۆنىرىنى بايقاپ قىلىپ چارە كۆرىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ قىتىمقى ئاددى بەت سېستىمىسىنىڭ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا زور ئالقىشا ئېرىشكىنىدىن زور ئىلھام ئالغان زۇكېربېرگ، ياتىقىدىكى ئىككى كومپىيۇتېر مەستانىسى بىلەن بىرلىكتە 2002 -يىلى 2- ئايدا facebook نى رەسمىي ھالدا تورغا چىقىرىدۇ. دەسلىپىدە پەقەت خارۋارد ئۇنۋېرستىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغىلا ئېچىۋىتىدۇ، ھەمدە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاي ئاخىرىغا بارمايلا مەزكۇر توربەتكە پۈتكۈل خارۋارد ئوقۇچىلىرىنىڭ يىرىمى تىزىملىتىپ، رەسىم ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يوللايدۇ. 2 ئايدىن كېيىن تەسىر دائىرىسى خارۋاردتىن ھالقىپ، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى داڭلىق ئۇنۋېرستىتلارغا ئېچىۋىتىلىدۇ(ئوخشاشلا ھەقىقىي ئىسىم تەلەپ). 2004 - يىل ئاخىرىغا بارغاندا facebook نىڭ تىزىملاتقۇچىلىرى 1 مىليۇندىن ئاشىدۇ. موشۇ سۈرئەتتە ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ، facebook تەدرىجى ھالدا پۈتۈن ئامېرىكا، ئاندىن پۈتكۈل دۇنياغا(دۆلىتىمىزدىن باشقا) ئېچىۋىتىلىدۇ.
facebook ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، 2006 - يىلىغا بارغاندا 12 مىليۇن ئابونتقا ئىگە بولىدۇ. شۇنداقلا مەبلەخ سالغۇچىلارنى جەلىب قىلىپ، زور سوممىلىق مەبلەخكە ئىرىشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا خىلى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان mySpcae ئالاقە تورىمۇ تەدرىجى ھالدا ئورنىنى Facebook قا تارتقۇزۇپ قويىدۇ. زۇكېربېرگنىڭ بىر قوللۇق يىتەكچىلىكى ئاستىدا Facebook ئىزچىل يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، :پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئالاقىلەشتۈرۈش" شۇئارىنى بويلاپ تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ. نەتىجىدە غايەت زور كۆلەملىك ئابونىتلار قوشۇنى ۋە كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى بىلەن ئېلان ھەمكارلىق جەھەتتە Google,Microsoft قاتارلىقلارنىڭ كۆزىنى قىزارتىدۇ. Facebook بىلەن ئېلان ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورنىتىش ئۈچۈن، Google بىلەن Microsoft بەس - بەستە سۆھبەتلىشىدۇ. پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلانغان زۇكېربېرگ ئېلان قويماسلىق قارىشىدا تەۋرەنمەي تۇرىۋالىدۇ. كېيىن Facebook كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە قاراپ ئىقتىسادقا بولغان ئىھتىياج ئاشىدۇ، ئاخىردا ئىككىسىنى تازا دوغا سېلىپ قويۇپ، 2مىليۇن 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا شىركەتنىڭ 1.6% پېيىنى سېتىپ بېرىپ، Microsoft بىلەن ئېلان ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويىدۇ. چىشىنى چىشلەپ قالغان Google ئاچچىق بىلەن Google+ قا مەبلەخ سېلىپ، Facebook تىن ئۈستۈنلۈكنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ(لېكىن يەنىلا تارتىۋالالمىدى). كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، Facebook يېڭىدىن "ماياك" نامىدا بىر ئىلان سېستىمىسى تۈزۈپ چىقىپ، ئابونىتلار ھەمكارداش شىركەتلەرنىڭ تورىدىن قانداق مەھسۇلات سېتىۋالسا، شۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارنى Facebook بېتىدە ئاپتوماتىك كۆرسىتىپ بېرىدىغان قىلىدۇ.ناھايىتى تىزلا بىر ئاپەتكە ئايلانغان بۇ "ماياك" نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. مەسىلە مۇنداق: ئىشلەتكۈچىلەر مەلۇم سودا سۇپىسىدىن قىز دوستىغا تويلۇق ئۈزۈك سېتىۋالغان بولسا، سېتىۋالغانلىق ئۇچۇرى شۇھامان Facebook بېتىگە ئاپتوماتىك چىقىپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈكنى بېرىشتىن ئاۋۋال قىز دوستى ئاللىبۇرۇن خەۋەر تېپىپ بولغان(يەنى كىشىلەر ئۆز - ئارا سىر ساقلىيالمايدىغان بولۇپ كەتكەن)....شۇنداق بىر تالاي ئىشلار زۇكېربېرگنىڭ بېشىنى قاتتىق ئاغرىتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن Facebook بۇ "ماياك" ناملىق ئېلان سۇپىسىدىن تولۇق ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.
ئەلۋەتتە، Facebook ئېلاندىن كىرىم قىلمىسا بۇنچە زور كۆلەملىك شىركەتنىڭ مۇنتىزىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش تەس. نەتىجىدە زۇكېربېرگ شىركەت باشقۇرۇش جەھەتتە مول تەجىربىگە ئىگە بىرەرسىنىڭ ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ، Facebook نىڭ ئۆزىگە خاس بىر تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تەخىرسىز ئېكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن Google شىركېتىنىڭ خەلقئارالىق تور تىجارىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى شىلېر . ساندبېرگنى يالۋۇرۇپ دېگەندەك، Google دىن تارتىپ چىقىپ، Facebook نىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ بېرىشكە چاقىرىدۇ. 38 ياشلىق بۇ ئايال دېمەكچىلىك Facebook نى بىر قولىدا پىرقىرىتىپ، ئۆزگىچە ئېلان مىتودىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە شىركەتنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى تەڭپۇلۇققا ئىگە قىلىدۇ.
Windows, IOS سېستىمىلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ساھەنى مونۇپۇل قىلىۋالغان، ئاندىن مونۇپۇللۇق دائىرىسىدە غەمسىز تىجارىتىنى يۈرۈشتۈرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق چۈشەنگەن زۇكېربېرگ، ۋاقىتلىق ئالاقە تورى قىزغىنلىقىغا تايىنىپ ئۇزاق پۇت - تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن Faceobook نى ئالاقە تورىلا ئەمەس، خۇددى Windows, IOS كە ئوخشاش بىر مەشغۇلات سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. نەتىجىدە، Facebook ئاچقۇچىلار سۇپىسىنى مەيدانغا چىقىرىپ، غايەت زور ئىشلەتكۈچىلىرىگە تايىنىپ، ھەرقايسى داڭلىق پىروگراممىرلارنى Facebook تا ئەپ ئېچىشقا جەلىب قىلىدۇ ۋە ھەر ئىككىلى تەرەپ زور مەنپەئەتكە ئېرشىدۇ(كېيىن بۇنى دوراپ، سىنا ئاچقۇچىلار سۇپىسى، بەيدۇ ئاچقۇچىلار سۇپىسى قاتارلىقلارمۇ مەيدان كەلدى).
شۇنداق قىلىپ، 2012 - يىلى 2 - ئايغا بارغۇچە Facebook نىڭ قىممىتى ھەرقانداق بىر تېخنىكا شىركېتىدىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىگە بارغاندا پايچېكىنى بازارغا سالىدۇ ۋە غايەت زور پايچېكى قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ.
كىتاب ھەققىدە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم
1. ھېسسىي تەسىرات: نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنى "ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن" دەپ ئويلايدىكەن، ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقانلىرى تولىمۇ ئادەتتىكى ئىشلار بولىدىكەن. ئاز بىر قىسىم كىشىلەر "ئۆزۈم قىزىققان ئاددى ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن" دەپ ئويلايدىكەن، ۋە بىراۋلارغا ئوخشاش نەتىجە ئۈچۈن ئەمەس ئۆز قىزىقىشى ئۈچۈن داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئاقىۋەتتە كېيىنكىلەرنىڭ "ئاددى ئىش" لىرى ئاجايىپ ئۇلۇغ ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدىكەن.
2. زۇكېربېرگنىڭ شۇنچە تىز ئۇتۇق قازىنىشى ئۇنىڭ تالانتىدىن باشقا يەنە شۇنداق بىر تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىپ قالغىندىن دەپ چۈشەندىم. دەل كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئېڭى ئۆزگىرىۋاتقان بىر زاماندا، Facebook تىن ئىبارەت بۇ قورالنى باشقا بىرسى مەيدانغا چىقارغان بولسىمۇ ئوخشاشلا ئۇتۇق قازىنىشى مۇمكىن ئىدى(مۇمكىن دەۋاتىمەن). ھەمدە زۇكېربېرگ پەقەت بىر قەدەملا كېچىككەن بولسا ھەم پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولىشى مۇمكىن ئىدى.
3. زۇكېربېرگنىڭ توربېتىگە ئېلان قويۇشقا شۇقەدەر قىزىقمايدىغانلىقى خۇددى مېنىلا دوراپتىكەن(ھا ھا....). بىر ئىشلارنى قىلغاندا چوقۇم يېراقنى كۆزلەش كېرەك ئېكەن. بىر تۈرۈپ دەرەخ ناھايىتى تىزلا مىۋە بېرىش مۇمكىن، بىراق نەچچە يىلغا بارمايلا ھوسۇلدىن قىلىشى ھەم مۇمكىن؛ ئىشتىھاتلىق باغۋەن ئۈچۈن دەرەخنىڭ مىۋېسىدىن بەكرەك ئۇنىڭ غولى، يىلتىزىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى، قىسقىسى ئوبدان ئاينىشى تېخىمۇ مۇھىم. دەرەخ ھەيۋەت بولسا، ھامان بىر كۈنى تۈگىمەس مىۋە بېرىدىكەن.
4. زۇكېربېرگنىڭ "قالايمىقان" يەنى ئاددى - ساددىلىقى مەندە زور تەسىر قالدۇردى. ساپما كەشىنى سۆرەپ، بۆكلۈك چاپىنى كېيىپلا يۈرىيدىغان سىرىق چاچ بۇ ئەپەندىمنىڭ بايلىققا بولغان كۆز قارىشى خىلى ئايدىڭ ئېكەن دەپ ئويلىدىم.
كىتابتىن ئۈزۈندىلەر
1. "مەلۇم بىر يېڭى ئىش يۈزبەرگەندە نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئارقىلىق خەۋەر تاپماي، مالال بولۇپ مەخسۇس خەۋەر توربەتلىرىگە قاراپ يۈرگىدەكمىز؟" - زۇكېربېرگنىڭ قارىشى
2. "جوبىس 'دېڭىز قاراقچىلىرى مەدەنىيىتى"نى تەشۋىق قىلغان، زۇكېربېرگ "خاككېرلار مەدەنىيىتى" ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئۇنىڭچە، 'خاككېر'لارچە ئۇسلۇب بولسا بىرخىل ئۈلۈكسىز تەۋەككۈل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پوزىتسىيەسىدىن ئىبارەت ئېكەن".
3. " تەرەققىي قىلىپ زورايغان ۋەم مۇقىم تەرەققىيات يولىغا ئىگە بولغان بىر كارخانىدا، ئېنىقكى مۆجىزە يارىتىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ."
4. "بارلىق زىھنىمنى نۆۋەتتە قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا قارىتىشىم كېرەك. چۈنكى، مېنىڭچە، ئادەمنىڭ زىھنى ئىنتايىن ئاسان چېچىلىدۇ.دائىم ئەسلا مۇھىم بولمىغان ئىشلارغا نەزىرىمىز ئاغدۇرۇلۇپ قالىدۇ. 'ۋەسۋەسىنى بېسىقتۇرۇش' دەل شۇنداق مۇھىم بولمىغان ئىشلارغا دېققىتىمنى چاچماسلىقنى كۆرسىتىدۇ" - زۇكېربېرگ
5. "Facebook چوقۇم ئۈلۈكسىز تەرەققىي قىلىىدۇ، لېكىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئەمەس، زۇكېربېرگنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە"
6. "دىمكوراتىيە ئەڭ ئۈنۈمسىز باشقۇرۇشتۇر. دىمكوراتىيە كۆپچىلىكنى ئەركىن پىكىرگە يىتەكلىيەلەيدىغان بىر خىل كەيپىياتتۇر،لېكىن، تىز يۈكسىلىۋاتقان بىر كارخانىغا نىسبەتەن، باشقۇرغۇچى چوقۇم كەسكىن ۋە رەھىمسىزرەك بولىشى كېرەك"
7. "يېڭى تارىخىي دەۋېر يارىتالايدىغان شىركەت ئۈچۈن خىرىدارلىرىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىشىنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق"
8. " مەن پەقەت بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ئېچىۋىتىلگەن قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىمەن" -- زۇكېربېرگ
9. " شۇنداق كىشىلەر باركى: ھېچبىر قىممىتى بار ئىش قىلماي ئولتۇرۇپ، شىركەت قۇرۇشنىلا ئويلايدۇ."
10. "يەرشارىدىكى ھەرقانداق ئىككى ئادەمنى ئالاقىلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئالەقىنى ئورنىتىش ئۈچۈن، كۆپ دېگەندە ئالتە ئادەمدىنلا كىسىپ ئۆتسەك بولىدۇ"
11. " پەقەت ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ ئوچۇق بولغىنىدىلا،ئاندىن ساغلام خاراكتېردىكى جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ."
12. " مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ھەرقانداق ئادەم تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشى كېرەك: بىرىنچى، چوقۇم ناھايىتى ئېنىق تەرەققىيات يۆنىلىشى بولۇشى، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. .... ئىككىنچى، چوقۇم بىر ياخشى گۇرۇپپا بارلىققا كەلتۈرەلىشى كېرەك."
خۇلاسە: كىتابنى تۈرلۈك ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكىنىم ئۈچۈن، مەزكۇر خاتىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي يېزىپ چىقىشقا قۇربىم يەتمىدى. ياشلارنىڭ ۋە ئۆزىنى ياش چاغلايدىغانلارنىڭ مەزكۇر كىتابنى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
دېۋان.
“بارلىق زىھنىمنى نۆۋەتتە قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا قارىتىشىم كېرەك. چۈنكى، مېنىڭچە، ئادەمنىڭ زىھنى ئىنتايىن ئاسان چېچىلىدۇ.دائىم ئەسلا مۇھىم بولمىغان ئىشلارغا نەزىرىمىز ئاغدۇرۇلۇپ قالىدۇ. ‘ۋەسۋەسىنى بېسىقتۇرۇش’ دەل شۇنداق مۇھىم بولمىغان ئىشلارغا دېققىتىمنى چاچماسلىقنى كۆرسىتىدۇ”
ماۋۇ ناھايىتى ئوبدان گەپكەن. زادى ئاۋۋال بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئاخىرىغا ئېلىپ چىقمىسا، يېرىم يولغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىكەن.
زاكىربەگ :لول:
كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى ياخشى يېزىلىپتۇ.
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ مۇشۇ ئىنكاس يېزىلىۋاتقىچە كىچىككىنە بىر ئىشنى بايقىدىم، تەشنا بۇرادەر، بلوگىڭىزدا ”ئا، ئە…“ لەرنى يېزىش ئۈچۈن ”ئ + ا“ ئىككى كونۇپكا بېسىپ يۈرمەي بىر كونۇپكا ئارقىلىقلا يېزىۋېتىدىكەنمىز. ھەم بۇ پەقەت سۆزنىڭ باش ھەرىپى بولغاندىلا مۇشۇنداق ئىجرا بولىدىكەن-دە، چاتاق چىقمايدىكەن. ياخشى ئىقتىداركەن.
ھا ھا… زاكىربەگ! مەنمۇ موشۇنداق ئويلىغان دەسلىپىدە، لېكىن قىرىنداشلىرىمىز بۇنىمۇ ”ئۇيغۇر“ قىلىۋالمىسۇن دەپ زۇكېربېرگ ئالغان.
توغرا، شۇنداق قولايلاشتۇرۇشقا بولىدىغان نوقتىلارنى قولايلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەك بولىدۇ مېنىڭچە. ئەت – ئۆگۈن بوغۇم بويىچە خەت كىرگۈزىدىغان بولۇپ كىتەمدۇق تېخى…. :ھا ھا: