Home >  > پادىچى : خاتىرەمدىن[خۇلاسە]

پادىچى : خاتىرەمدىن[خۇلاسە]

8

مەن پىروگىراممىنى قانداق ئۆگەندىم؟

dhuif8uxwy78fzg6qlew

دەسلەپكى سۆز:

ئىلگىرى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ مەن ئىنگىلىز تىلىنى قانداق ئۆگەندىم تىمىسىدىكى بىر ماقالىسىنى ئوقۇغۇنىم ئىسىمدە ،
ئۇ ماقالىنىڭ ماڭا , تېخىمۇ ئنىقراقى مىنىڭ ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشىمگە قانچىلىك چوڭ ياردىمى ۋە ئىلھامى بولغانلىقىنى ھېلىھەم ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن
ئەلىبەتتە ئەشۇ ماقالىنىڭ مەندىن باشقىمۇ ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىغا ئاجايىب قىممەتلىك تۇتقا ، تىل ئۆگىنىشتىن چۈشكۈنلەشكەن روھلارغا بىر جەڭگىۋار سىگنال بولغانلىقى مۇقەررەر، يەنە ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇنجان بىلگە ، تاشپولات روزى ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىم ۋە ئۇستازلىرىمىز (ھەتتا بۇ يەردە تورلاردىكى چاچقان ، تەشنايى قاتارلىق بىلوگ ئارقىلىق بىزلەرگە ئىلھام بىرىۋاتقان ئاكىللىرىمىزمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئۆزلىرى ئۇتۇق قازانغان ساھەلەردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ شۇ يولنىڭ بىشىدا يولغا كىرىشتىن ئىككىلىنىپ ياكى قىينىلىپ توختاپ قالغان مىڭلىغان ئۈمۈدلۈك كۆزلەرگە ماياك يېقىپ بەرگەنلىكىگەشاھىد بولدۇم ياكى شاھىد بولغانلارغا سۆھبەتداش بولدۇم . ئەلىۋەتتە بۇ بىر يۇقرى ساپانىڭ ، ياخشى باشلىنىشنىڭ ، قالاقلىق قاشاقلىقنىڭ زامانىسى ئۆتكەنلىكىنىڭ خۇش ھىد ئىشارىتى ، سۈيۈملۈك ئالىملىرىمىز ، قەدىرلىك ئۇستازلىرىمىز ياشىسۇن ، ئالىملىرىمىز ئارىمىزدا مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە قەدىرلەنسۇن ، چۈنكى بىز سەنئەتخۇمار خەلىق ئەمەس ، ئىلىمخۇمار خەلىق!

ماقالە مۇددىئاسى :
گەرچە ئۆزۈم قايسى جەھەتتىنلا ھىسابلىماي بىرەر ساھەدە ئۇتۇق قازىنىشتىن خېلىلا يىراقتا بولساممۇ ، ئىلىم - - تېخنىكا ئىگەللەش يولىدا ئۇستازلارنىڭ ئىزلىرىدىن يىقىلىپ- قوپۇپ ئىلگىرلەۋىتىپ ، مىنىڭمۇ كەينىمدىن بۇ يولدا تىرمىشىۋاتقان ، بەلكى ئەمدىلا كىرىشنى ئويلاۋاتقان
باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭمۇ ياردەمگە مۇھتاجلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بەلكى مەندىنمۇ ئۆتە قىينالغان ياكى قىينىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم
خۇددى روزىدار ئاچلىقنى ، يىتىم - يىسىرلارنىڭ قورسىقى ئاچسا قانداق بولىدىغانلىقىنى رامزاندا ھەقىقى ھىس قىلغاندەك ئاندىن مەنمۇ بىر تەرەپتىن ئىلگىرلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ۋاقتىمنىڭ يىتىشچە ئاز - ئازدىن بولسىمۇ ئىز قالدۇرۇپ قويۇشنى توغرا تاپتىم! گەرچە ئۆزۈم ئەمدىلا باشلىنىشدا ، بەلكى يول ئېغىزدىلا بولساممۇ . ئىلگىرى پىروگىرامما ھەققىدە بىر قانچە ئوتتۇرا - تۆۋەن سەۋىيەلىك «ماقالىلەرنى ، پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن» نامىدا بىر يۈرۈش خاتىرە توپلاملىرىنى تورلارغا تارقاتقان ئىدىم. ئالدىنقى قېتىمقى ئۇچۇر تېخنىكا - ساھەسى بىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم دىگەن چوڭ ھەجىملىك ماقالەمدىن كىيىن يېقىندىن بۇيان خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ئۆگىنىپ ئاندا - ساندا چىقىپ قالىدىغان ئازغىنە بوش ۋاقىتلىرىمدا يەنىلا خاتىرەمنى داۋاملاشتۇرۇپ يىزىشنى توغرا تاپتىم. --- مەيلى ئوقۇلسۇن - ئوقۇلمىسۇن ، بىر ئىز قالدۇرۇپ قويۇشنىڭ تېخىمۇ
خەيرىلىك ئىنتايىن مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم. دىمەك مەزكۇر ماقالەم پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن ناملىق خاتىرىنىڭ داۋامى

|?خاتىرەمنىڭ داۋامىدا نىمىشقا بۇ توغىرلىق يەنى پىروگىرامما ئۆگىنىش توغىرلىق سۆزلەپ قالغانلىقىمغا كەلسەك! ئىلگىركى يازمىللىرىمدا ئىزچىل
كۆپ سورالغان سۇئالنىڭ بىرسى ، | پىروگىرامما ئۆگىنىشكە شۇنچىلىك قىزىقىمەن ئەمما قەيەردىن باشلاشنى ، قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتىمەن
خوش ! بۇ سۇئالغا چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئىككى خىل جاۋاب بېرىش مۇمكىن ، بىرى : ھەقىقىى ئۆگەنگۈسى بار ئادەم سوراشتىن ئاۋال ئىزدىنىپ باقىدۇ ، چاچقان ، تەشنايى قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ بىلوگىلىرىدا بۇ ھەقتە ناھايىتى تەپسىلى يازمىلار ئىنتايىن كۆپ، مەيلى تەرجىمە قىلىنغانلىرى بولسۇن مەيلى ئىجادىلىرى بولسۇن سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ. ئىككىنجىسى : سەل سىلىقراق دىسەك ، مەن يەنە قايتىلاپ بۇ ماقالىنى تەييارلاۋاتىمەن ، ئەمدى پىروگىرامما ئۆگىنىشنى قانداق باشلايمەن دىگەن سۇئالغا ئورۇن قالمىدى دەپ ئويلايمەن ئەلىۋەتتە ئىلگىرىمۇ ئورۇن يوقتىئەمدى يەنە شۇ سۇئال مەندىن سورالسا مىنىڭ بىردىنبىر جاۋابىم : ئورۇندۇقتا بىسىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىسىز مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەزكۇر ماقالىنى ئېقىم لىنيە رەسىملىرى بىلەن قوشۇپ ئىشلەپ ئەڭ يۇقرى ئىمكانىيەتتە تىرىشىپ ئۆلچەملەشتۈرمەن ، ئوقۇپ پايدىلانغۇچىلارغا بىر ياخشى پايدىلىنشى مەنبەسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن مۇددىئا تامام!

ئەڭ ئاۋال مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يولدا ئىلگىرلەش تارىخىمنى بىرئاز سۆزلەپ بېرەي ، لىللا گەپنى قىلغاندا ئەسلى ئۈلگىلىك مىساللار ئۆرنەك ئېلىنىشى كېرەك ئىدى ، گەرچە نەتىجەم ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ يولنى خېلى بىر يەرلەرگىچە باستىم ، ئەڭ بولمىغاندا مەندە تەجىربە بار ، شۇ تەجىربىلەرنى بولسىمۇ سىزلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن .

مىنىڭ بۇ كەسىپكە تۇنجى بۇلۇپ قەدەم ئالغان ۋاقتىم ، يەنى پىروگىرامما دىگەن نەرسىنى كۆرگەن ۋاقتىم
2013-يىلى 3- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا توغرا كىلىدۇ. يەنى 17 - يىشىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە بۈ گۈزەل كەسىپكە تۇنجى قەدەمنى ئاپتىمەن.
ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇ گۈزەللىكتىن نىمىشقا خەۋەرسىز قالغانلىقىمغا كەلسەك مەن ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى پەقەت تەغدىردىنلا كۆرىمەن ،
يۈزۈمنى قېلىنراق قىلىپ تۇرۇپ راس گەپنى قىلسام ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەتتا 2012 - يىللىرىغا قەدەر كومپىيۇتېر قاتتىق دىتالىنى
كومپىيۇتېرنىڭ تۈمۈردىن ياسالغان قاتتىق سايمانلىرى ، كومپىيۇتېر يۇمشاق دىتالنى سۇلياۋ قاتارلىق ئەۋرىشىم ماتىرياللاردىن ياسالغان يۇمشاق
سايمانلىرى دەپلا چۈشىنەتتىم ، مىنىڭ ئەقلى نۇقتام زىيادە تۆۋەنمۇ ياكى ئىشلارنى بەك ئاددى ئويلايمەنمۇ ئۇقمۇدۇم ئىشقىلىپ مەن بىر قۇدۇقتىكى پاقا ئىدىم

قاچانكى كومپىيۇتېر بىلەن تونۇشتۇم شۇ مىنۇتتىن باشلاپ مەندە بۈ ئۈسكۈنىگە قارتا ئەيمىنىش ئارلاشقان قىزىقىش ، قورقۇش ئارلاشقان ھەۋەس ، ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارلاشقان ئىنتىزارلىق ، جۈرئەتسىزلىك ئارلاشقان مۇھەببەت تۇيغۇلىرى پەيدا بولدى.
ھەرنەرسە جۈپتى بىلەن يارالغانلىقىغا شەرتسىز ۋە شەكسىز ئىشەنمەي ئامال يوقكى، كائىنات ئىككى قۇتۇبتىن تۈزۈلگەنكەن ، نەدە بىر ياخشىلىق بار شۇ يەردە بىر يامانلىقنىڭ بولۇشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان بىر قائىدە ، يۇقىردا دىيىلگەندەك بۇ ساھەگە كىرگەن دەسلەپكى مىنۇتلاردىلا مەندىكى ھەربىر ياخشى تۇيغۇغا بىر پاسسىپ تۇيغۇنىڭ ھەمراھ بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تازا ئېنىق چۈشىنىپ كىتەلمىدىم ، چۈشەنگەنلىرىمىنىمۇ بۇيەردەزىغىرلاپ گەپنى ئۇزارتماي ، ئاشۇنداق مۇرەككەپ ھىس تۇيغۇلار سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا تېخىمۇ مۇھىم سەۋەبلەر بارمۇ ئەيتاۋۇر دەسلەپكى تىركىشىش كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەنمىدى ، ھەرنىمە بولىسىمۇ شۈكرى دىمىسەم قارا يۈز بولىمەن
ئەمما مىنىڭ باشقا بىرقىسىم ساۋاقداشلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا نەتىجەم ئۇنچىۋالا داۋراڭ سالغۇدەك ئەمەس ئىدى ، ئەمما شۇ نەرسىنى تىلغا ئېلىپ ئۈتۈش كېرەككى مىنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن روشەن پەرىقلىق بىرقانچە تەرەپلىرىم بار . بۇلاردىن ئەڭ نۇقتىلىقلىرى ،مەندە بۇ كەسىپكە رودۇپايدەك چاپلىشش ئىرادىسى ئاللىقاچان يالقىنجاب بولغان ئىدى ، شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى بۇ يەردە دىيىلۋاتقان ئىرادە ھەرگىز مۇشتۇمۇمنى تۈگۈپ قۇلىقىم يېنىغا ئەكىلىپلا مەن ئىرادە باغلىدىم..... دەپ ، ۋەدىنامە ئوقۇش ئەمەس بەلكى قايتا - قايتا ئويلىنىش ، ئاچچىق ساۋاق ۋە تاتلىق تەجىربىلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق ، بۇنى ئۆگىنىپ نىمە قىلالايمەن؟ دىگەن نۇقتىنى ، نىشانىمنى ئەڭ يۇقرى چەكتە ئېنىق قىلىۋىلىشتىن كىىيىنكى مۇقىملاشتۇرۇلغان ئىرادە ئىدى
شۇ سەۋەبتىنمىكىن بەزى ساۋاقداشلىرىم ، ئوقۇش پۈتكەندىلا كەسىپ ئۆزگەرتكەن ياكى بۇ كەسىپ بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللانغان بولدى ، يەنە بەزى ساۋاقداشلىرىم پەقەت خىزمەت مائاشى ئۈچۈنلا بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىپ جاھاندارچىلىق قىلغان بولدى. ئەمما مەن ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەنكى ئاخىردىكى ئاز بىرقىسىم ساۋاقداشلىرىم قاتارىدا بۇ كەسىپكە يەنىلا رۇدۇپايدەك چاپلىشىش قارارىنى چىقاردىم ، ئەلىۋەتتە بۇ قارار مەن ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر چىقىرىلغان ئەڭ شەرەپلىك قارارلارنىڭ بىرى.

مەن 2013- يىلى بۇ ساھەگە كىردىم دىسەم ، 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 1-- كۈنىگىچە ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان پىروگىرامما تىللىرىدىن 10 غا يېقىن تىل بىلەن ئازدۇر - كۆپتۈر تۇنۇشقان بوپتىمەن. بەزىسىنى خېلى چوڭقۇرلاپ ئۆگەنگەن بولسام ، بەزىسىگە باشنى شالاپپىدە تىقىپلا چىقىپتىمەن ، مەيلى ئاقىۋەت قانداق نەتىجىلەنسۇن ئۇ ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۈچۈن ئالاھىدە پۇشايمىنىم يوق

ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بىرقاتار دەسلەپكى تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ، سىزلەرگە بايان قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئەلىۋەتتە تەجىربە بىلىم دىمەكتۇر
ئەڭ ئاددى ئىككى تىلنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، پالانى پىروگىرامما تىلىنى يتىۋىتىمەن دەپ بىر داڭلىق پىروگىرامما تىلىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالالمايمەن ، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى ، تولا كۆرىۋەرسە ھىچ بولمىسا كۆز پىشىپ قالىدىكەن ھازىر قايسى تىل ئالدىغا كەلسەممۇ ، گەرچە تۈزۈك كود يازالمىساممۇ قوقماي ئېتىشىپ باقالايدىغان بىر يۈرەك كىرىپ قالغانلىقىدىن خۇشالمەن

خاتىرەمدىن : جاۋا سىكرىپىت تىلى ئۆگىنىش

learn-to-code

گەرچە پىروگىرامما ئۆگىنىش تارخىم خېلى بۇرۇن باشلانغان يەنى بىر يىلدىن ھالقىغان بولسىمۇ ، تونۇشقان پىروگىرامما تىللىرىممۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ئويلاپ باقسام بىرەر تىلنى مۇقىم تۇتۇپ قولۇمدىن ئۆزۈم رازى بولغۇدەك ئەپ چىققىچە ئۆگىنىپ باقماپتىمەن . ھېلىھەم ئۆزۈمدە شۇ سەھۋەنلىك - نۇقسان بولغاچقا بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ، ئالدى كەينى چېپىپ يۈرۈپ ھەممە تىللارغا باش تىقىپ مالتىلاپ باقىدىغان ئىشنى تاشلاپ مەلۇم بىر پىروگىرامما تىلىنى مۇقىم تۇتۇپ بىر باشتىن ئۆگىنىشنى باشلاش قارارىغا كەلدىم ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم بىر پىروگىرامما تىلىنى پىششىق ئۆگىنىۋالغاندىن كىين يەنە بىر تىلنى ئۆگىنىش ئىلگىركىدىن كۆپ ئاسانلىشاتتىكەن ، بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ سەپەرنىڭ داۋامدا ئۈستى - بىشىمنى تۈزەشتۈرۈپ رەتلىك ھالدا قايتىلەتىن باشلاش ئېنىقى
داۋاملاشتۇرۇشنى نىيەت قىلدىم.

ئىلگىرىكى باش تىقىپ ، تونۇشۇپ باققان تىللار ئىچىدە ئۆزلەشتى دىيىشكە توغرا كەلسە HTML , CSS نى دىسەك بولۇرمىكىن. ھالبۇكى راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئىككى تىلنى پىروگىرامما تىلى دىگەندىن كۆرە بىرىنى تامچىلىق تىلى يەنە بىرىنى بىزەكچىلىك تىلى دىگەن تۈزۈكبۇ ھەرگىز ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ بۇ تىللارنى ياراتمىغانلىقتىن ئەمەس بەلكى بۇ تىللارنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئاددى تىللار قاتارىدىن ئىكەنلىكى ئاچچىق ۋە تاتلىق ھەقىقەت بولغانلىقىدىندۇر. شۇنىسى مەلۇمكى ئىنگىلىز تىلى قاتارلىقلار باشقا مىللەتلەر ،يەنى ئادەملەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تىللار بولسا پىروگىرامما تىللىرى كومپىيۇتېر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ، پاراڭلىشىدىغان ئالاقە قورالىدىن ئىبارەت، يۇقرىدا دىيىلگەن ئىككى تىل بولسا شۇ تىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاددى قىسىمنى (خۇددى ئىنگىلىز تىلىدىكى نو ، يېس ، ئوكېي غا ئوخشاش ناھايىتى ئاساسى بۇيرۇقلارنى ) ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتتا ئالاھىدە باش قاتۇرىدىغان مۇرەككەپ لوگىكىلىق كودلار ئۇچىرمايدۇ. ئۆزۈمگە قايتىپ كەلسەم ، ئەمدىلىككە كەلگەندە بۇ ئىككى تىل بىلەنلا پىروگىراممىر دىگەن ئاتاقنى كۆتۈرپ يۈرۈشنىڭ بىر نومۇس ئىكەنلىكىنى مەجبۇرەن ياكى ئىختىيارەن ھىس قىلىشقا باشلىدىم ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا لوگىكىلىق تىللارنى ئاددىلىق دەرىجىسى بويىچە بىر باشتىن تەرتىپلىك ۋە پىششىق ئۆگىنىشنى تاللىدىم ، ۋە ئەڭ دەسلەپ قاتتىق ئويلىنىش ۋە كۆزىتىش شۇنداقلا ئىھتىياجنىڭ مەجبۇرلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئوڭ تاناسىپ ئامىللار تۈپەيلى تۇنجى بولۇپ ئىشنى جاۋا سىكرىپىتتىن باشلاشنى جەزىملەشتۈردۈم . ئەلىۋەتتە بۇ تىل بىلەن ئىلگىرىمۇ ئازدۇر - كۆپتۇر بۇرادەرچىلىكىمىز بولغاچقا ماڭا باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ قولايلىق بولۇشى ئاسانلا ئۆزلەشتۈرۋېلىشىم مۇمكىن ، ئەمدىكى مەسىلە مەن ئۇنى راستىنلا ئۆگىنىپ كىتەلەمدىم يوق ، ئەگەر ئۇنى راستىنلا ئۆزۈم رازى بولغۇدەك ئۆگۈنۈپ كىتەلىسەم ، بۇ ياخشى بولغىنى ئۇ چاغدا كىيىنكى نىشانغا يۇقرى دەرىجىلىك تىللاردىن تاللاپ بىردىن - بىردىن يالماپ يۈتۈش مەن ئۈچۈن بارغانسىرى ئاسانلىشىپ باراتتى ، ئەگەر ئەكىسچە بولۇپ قالسا !!!!!؟؟؟؟؟..، بولدى شۇم ئېغىزلق قىلماي خۇدايىم ساقلىسۇن خاتىرەمنىڭ داۋامىغا بۇلارنى پۈتۈپ قويۇشۇمدىكى مەقسەد بولسا ، ئەگەر مەن غەلبە قىلسام بۇ ئۈزۈندىلەر تورلارغا ئېلان قىلىندۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار پايدىلىنالايدۇ ، ئەگەر مەغلۇب بولسام بۇ خاتىرە شۇ پېتى باستۇرۋېتىلىدۇ ، شۇنداقتىمۇ بۇ بىر ئاچچىق ساۋاق خاتىرىسى سۈپىتىدە ماڭا تەجىربە بولۇپ قالىدۇ. تامام!

جاۋا سىكرىپىت تىلى ئابونىت تەرەپتە يەنى تور كۆرگۈدە ئىجرا بولىدىغان ئىقتىدار تىلى بولۇپ توربەتنىڭ تور كۆرگۈدە ئىجرا بولىدىغان بىرقىسىم مۇھىم ئىقتىدارلىرى ، سانداندىن تارتىلغان ئۇچۇرلارنى بەت يۈزىدە ئىزدەش ئۈنۈمى ، يۇقرى دەرىجىلىك ساندان مەشغۇلات تىللىرى بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك لاھىيە تىللىرى ئارسىدا ئالاقىچىلىك ، بىدىكچىلىك قىلىدغان ئەمما بولمىسا قەتتى بولمايدىغان ئىتايىن زۆرۆر ، بىر قوليازما تىلىدىن ئىبارەت ، يەنە جاۋا سىكرىپىتنىڭ ئاجەكىس قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىلغار تېخنىكىللىرى ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن ۋە كىلىۋاتقان بولۇپ ھەممىسى دىگۈدەك قالتىس ئالقىشلانماقتا. تۆۋەندە مەن جاۋا سىكرىپىتتىكى بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن.

بىرىنجى : جاۋا سىكرىپىت ئابونىت تەرەپتە يەنى تور كۆرگۈدە ئىجرا بولىدىغان تىل بولۇپ ، ئۇنىڭغا توربەتنىڭ مۇھىم ئىلمىنىتلىرىنى قوشۇشقا قەتئى بولمايدۇ ، توربەتنىڭ ساندانغا ئۇلىنىش كودلىرىدىكى ھۆكۈم قىلىش ئىشلىرى ، ئەزالارنىڭ تىزىملىتىش شەرىتلىرى قاتارلىقلاردىكى ئالدىنقى توساق ، سەزمىلەرنى جاۋا سىكرىپىتتا قىلىشقا بولسىمۇ ساندانغا ئۇلىندىغان يەرلىرىدىكى ئەڭ زىل ئۇچۇرلارغا كەلگەندە جاۋا سىكرىپىتقا قاراپ سېلىشمۇ قاتتىق مەنئى قىلىندۇ ، چۈنكى تور كۆرگۈ ئاۋال سىكرىپىت كودلىرىنى تور كۆرگۈگە يۈكلىۋالىدىغان بولغاچقا بۇنداق چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ، بارلىق مەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى ، توربىتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئىشلىرىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن كۆپچىلىككە تاپشۇردىڭىز دىگەن سۆز.

ئىككىنجى : ھېلىھەم خۇددى مىنىڭ بۇرۇنقى ۋاقتىمغا ئوخشاش جاۋا سىكرىپىت بىلەن جاۋا تىلىنى ئارلاشتۇرۇپ قوياۋاتقان قېرىنداشلار خېلى كۆپ ئىكەن ، بىز بۇ يەردە تولۇق ئىشەنچ بىلەن كېپىللىك بېرەيلىكى ئىككىسى پۈتۈنلەي ئىككى دۇنيا ، JSP ياكى PHP دىگەن بولسىڭىز بەلكىم سەل ئەقىلگە مۇۋاپىق بولارمىكىن چۈنكى ھىچ بولمىسا ئۇلار جاۋا سىكرىپىت بىلەن ئېلىم - بىرىم مۇناسىۋىتى بار تىللار. ئەمما جاۋانى جاۋا سىكرىپىنىڭ تۇققىنىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ! ئۇ ئىككىسى ئىجرا بولۇش مۇھىتى ، ئىشلىتىلىش ئورنى ، تارقىتلغان مەنبەسى ، ،،.. ئىشقىلىپ يېقىنمۇ كەلمەيدىغان ئىككى تىل ، ئۇنداقتا ئىككىسىنىڭ ئىسمى نىمانداق ئوخشايدۇ ، خۇددى ئاتا بالىدەك؟ مەن بۇنىڭغا ئېنىق بىرنىمە دىيەلمەيمەن ، خەقنىڭ ئىسىم قويۇش ئەركىنلىكى بار ، قانداق ئىسىم قويسا قويمامدۇ. مانا بۇ مىنىڭ ھازىر بېرەلەيدىغان بىردىن- بىر جاۋابىم ئەمما كاپالەت بېرەي پۇرسەت بولسىلا بۇ توغىرلىق كىيىن ئىزدىنىپ ئېنىق جاۋابىنى بېرىمەن.

جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ئۆگىنىش ھەم ئاسان ھەم تەس بىر جەريان ئاسان دىيىشىم جاۋا سىكرىپىتنىڭ ئاساسى قىسىم قۇرۇلمىسى ئادەملەرنىڭ پىكىر قىلىش لوگىكىسىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ كاللا ئوچۇق بولسىلا رومان ئوقۇغاندەك ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدىكەن ئەمما ئىش قىيىنلاشقانسىرى يەنى فونكىسيە بولۇپمۇ چوڭراق تىپتىكى فونكىسيەلەرنى تۈزۈش باسقۇچىغا كەلگەندە ئادەم خېلىلا چىلىنىپ كېتىدىكەن ، ئەلىۋەتتە مۇتلەق ئاسان ئىش يوق ھەرقانداق پىروگىرامما تىلىمۇ قېلىشمايدۇ. ئەمما شۇ نۇقتىنى تەن ئالماي بولمايدۇكى جاۋا سىكرىپىت تىلىنى تاللاپ تۇنجى قەدەمنى ناھايىتى توغرا باسقانلىقىمدىن بارغانسىرى خۇشال بولۋاتاتىمەن ھەم شۈكرى ئېيتىمەن.
جاۋا سىكرىپىت تىلى ئۆگىنىش داۋامىدا ئۆزۈم ئارمان قىلغاندەك بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداقلا خاتىرنىڭ داۋامىنى نۇرغۇن قېرىنداشلار بەك ئالدىراتقانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە يەنە بىر قىسىم يوللاپ تۇراي پەستە!

جاۋا سىكرىپىت ئۆگىنىش تەسىراتى

learning-to-code-580x464

ھارۋا ئىجاد بولغاندىن كىيىن ئىنسانلار داۋاملىق ئاسانلىق ئىزدەپ ماشىنىنى ئاندىن ئايروپلاننى كەشىپ قىلغانكەن ، توختىماي ئاسانلىق ئىزدەش ئىنسانلاردىكى تۇغما قابىليەت بولسا كېرەك ، مەن جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان قسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا بىرمۇنچە ئىشلارنى بايقاشقا ئۈلگۈردۈم ، بۇ يولنى مەندىن ئىلگىرى نەچچە مىليون ئادەم بىسىپ بولغاچقا يول ئۈستىدە قالايمىقان ياكى تەرتىپلىك چۈشكەن نۇرۇغۇن ئىزلارنى كۆرگىلى بولاتتى، جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىدىن سىرىتقى ئامىل نۇقتىسىدىن قارىغاندا مۇنداق بىرقانچە ئۇسۇل ئەڭ كۆپ قوللىنىلدىكەن.

[1]. خەنزۇ تىلى ياكى ئىنگىلىز تىلى ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق تىلدىكى مۇنەۋۋەر كىتابلارنى تاللاپ كۆرۈش ، كىتابتىكى مەشىقلەرنى ئېرىنمەي سىناق قىلىش قايتا - قايتا كۆچۈرۈپ يىزىش ۋە تەھلىل قىلىش
[2]. ئۇستازلار ئىشلەپ تارقاتقان دەرىسلىك ۋىدىئولىرىنى تەكرار كۆرۈش دەرسلىكنى يادلاپ دىگۈدەك پىششقلاش ھىس قىلىشىمچە بۇمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
[3].مۇشۇ تىلنىڭ فونكىسيە قوللانمىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ شۇنىڭدىن بارلىق فونكىسيە ناملىرى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى بويىچە بىرمۇ - بىر سىناپ چىقىش
[4]. GitHub قاتارلىق تورلاردىن ئوچۇق مەنبەلىك ئىزھاتلىق نادىر كودلارنى چۈشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ يىزىپ بېقىش
[5]. بەيدۇ ، گوگىل قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش

يۇقارقى ئۇسۇللاردىن بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچى ئاساسەن كۆپ قوللىنىلدىغان ئۇسۇل بولۇپ بۇلاردىن ۋىدىئو ئىشلەپ تارقىتىش ئەڭ ئەۋجە ئالغان، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسدىلا بىزگە كەلگەندە بەزى مەسىلىلىلەر مەۋجۇت مەسلەن ھازىرغا قەدەر ئىدرىس مۇئەللىمنىڭ جاۋا توغىرسىدىكى جاۋا تىلىدىن ئاساس ناملىق كىتابىدىن باشقا پىروگىرامما توغرىسدا بىر ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىتاب نەشىر قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن ، جاۋا سىكرىپىت تىلى توغرىسىدا ئىنگىلىز ۋە خەنزۇ تىللىرىدا ناھايىتى كۆپ نادىر ماتىرياللار نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بىرەرىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ياكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۇ توغىرلىق ئىجادى كىتاب يىزىلمىغان (ناھايىتى ئاز بىرقانچە دانە كىتاب بۇرۇنقى بولغاچقا ھازىرچە نەزەردىن ساقىت)، ئەگەر يىزىلىپ مەن خەۋەرسىز قالغان كىتابلار بولسا بۇيەردە خەۋەردا بولۇپ قېلىشىمنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
بۇلارنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار ، ھازىر ئىسىمگە كەلگەن ھەم ئەڭ ئاساسلىق سەۋبلىرىدىن بىرى : بۇ ساھەدىكى تخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز بولغاچقا بىرەر - ئىككى يىل سەرىپ قىلىنىپ تەرجىمە قىلغان ياكى تەييارلانغان ماتىرياللار نەشىردىن چىققاندا ئاللىقاچان پايدىلىنىش دەۋىردىن ئۆتۈپ كىتىشى مۇمكىن. يەنە بىرى : گەرچە بۇ ناھايىتى مۇھىم ھەم شەرەپلىك ئەمگەك بولسىمۇ ھەم تامامەن ھۆددىسدىن چىقالايدىغان ئۇستازلار بولسىمۇ بۇ ئىشلار خېلىلا قول تۇتىدىغان بولغاچقا ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائى سەۋەبلەردىن ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى ئۇيغۇرلاردا بۇ توغرسىدا تونۇش تولىمۇ كەمچىل بولغانلىقتىن بۇ توغرىسدا يىزىلغان كىتابلارنىڭ بىسىلىش تىراژى بىرقانچە يۈزگىمۇ يەتمەسلىكى ھەتتا سەرىپ قىلىنغان قەغەزنىڭ پۇلىنىمۇ كۆتۈرەلمەي ئېغىر ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغىرلىق كىتاب يىزىش رومان يازغانغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق زىھنى قۇۋۋەت تەلەپ قىىلىشى تۇغانلا گەپ . بۇلار مەن ئويلىغان سەۋەبلەر ئەگەر بۇ توغرىسىدا بىر ئۆلچەملىك نادىر ئۇيغۇرچە ماتىريال بارلىققا كەلگەن بولسا ئانا تىلدىن باشقا تىلنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئىشى ئوڭ بولغان بولاتتى .

شۇڭا پىروگىرامما تىللىرى جۈملىدىن جاۋا سىكرىپىت تىلى توغىرلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئاساسلىقى كەسپى كۇرىسلىرىغا ، ياكى ئۇستازلارنىڭ ئىشلەپ تارقاتقان سىنلىق دەرىسلىكلىرىگە تاينىپ كەلدى ، ئەپسۇسلىنارلق يىرى شۇكى بۇ خلدىكى دەرسلىكلەرمۇ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمىنى ھىسابقا ئالمىغاندا مۇتلەق كۆپچىلىكى يېرىم يولدا ھەتتا باشلىنىشىدىلا توختاپ قېلىش خەۋىپىدە بولۇپ كەلدى، دەرىسلىك قوللانمىللىرىچۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۈچۈن قوللانما ئەڭ ياخشى ماتىريال بولالايتتى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە قوللانمىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بۇيەردە ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن ، ئەمما ئەپسۇسكى بىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا تېخى بىر ئۆلچەملىك پىروگىرامما تىلى قوللانمىسى تارقىتىلىپ باقمىدى ناھايىتى كۈچلۈك ئىرادە ، ۋە بىر كەسپى قىزغىنلىق بولمىسا بۇ توغرىسدا مەن ھىس قىلغان ئەڭ مۇھىم ماتىريال قوللانمىنى تەييارلاش بەسى مۈشكۈل بىر ئىش. شۇڭا مەن بۇ يەردە ناھايىتى زور بوشلۇق ھىسابلانغان مۇنداق بىرقانچە نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن :

[1]. ئەگەر شارائىتى ھەم قىزىقىشى بار بولغان شۇنداقلا سەۋىيەسى يىتىپ ئاشىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا

1. ناھايىتى ئۆلچەملىك قىلىپ بىرپۈتۈن جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ياكى باشقا خالىغان بىر تىلنى تامامى ئۆگۈنۈپ كىتىشكە يەتكۈدەك مۇكەممەل بىر دەرىسلىك سىن ھۆججىتى ئىشلىسە بولىدۇ ، ئەسكەرتىش سىن ھۆججىتى 5~6 قىسىم ئىشلىنىپ باھانىلەر بىلەن تاشلىنىپ قالسا بۇ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئابرۇيىغا ھەم كۆپچىلىككە زىيانكەشلىك قىلغانلىق
2. بۇيەردە مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئىپادىلەپ بولالمايدىغان بىر ئىش : بىر مۇكەممەل ئۇيغۇرچە قوللانمىنىڭ بارلىققا كىلىشى ، بۇ يەردە دىيىلۋاتقان قوللانما ئەۋرىشىم تۈزۈلدىغان بولۇپ كومپىيۇتېر نۇسقىسىنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى نەشىر قىلىنمايدۇ، يېڭى ئىقتىدارى چىققاندا قەرەللىك نەشىر كۆتۈرلۈپ ماڭسا بولىدۇ
3. ھەرقايسى پىروگىراممىرلار ئۆزى پىششىق بولغان بىر تىلنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ كىتاب يازسا بىرىنجىدىن : ئۆزى تېخىمۇ پىشىپ كېتىدۇ ، ئىككىنجىدىن تىل چەكلىمىسگە ئۇچراۋاتقان نۇرۇغۇن قېرىنداشلارنى غەمدىن خالاس قىلغان بولىدۇ

ئالى ئەسكەرتىش : بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بار ، يەنى مۇتلەق كۆپچىلىكىمىزدە نىمىشقىكىن پۇلغا نەرسە سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قالغان بولۇپ ، بۇمۇ تالانتلىقلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى يەنى ئەمگەكنىڭ قىممىتى بولسا تالانتلىقلار تېخىمۇ روھلىنىپ تېخىمۇ قالتىس ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ ، غەرىپ ئەللىرى ، ياپونيەگە ئوخشاش ئەللەردە مەخسۇس پەقەت بىرلا توربەت بىلەن جان باقىدىغان ناھايىتى چوڭ شىركەتلەر بار ، بىز ئويلاپمۇ يېتەلمەيمىز ئەمما بۇ راس چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەربىر ئەمگىكى پۇلغا يارايدۇ ، شۇڭا ئۇلار كۈچلۈك رىقابەت ئاستىدا تېخىمۇ قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلىدۇ ، ئەمما بۇ ياقلاردا بولسا ئازراقلا دىققەت قىلمىسىڭىز شارتتىدە بىكارغا ئىرىشۋالسا خۇدايىم بەردى دەپ خۇش بولۇپ كىتىىش بىر ئادەت ، توغرا خۇدايىم بەردى ئەمما ئۇ بىكارغا ئىرىشكەن خەخنىڭ ھەققىنى خۇدايىم سىزنى مۇكاپاتلاپ بەرمىدى ،بەلكى سىناپ بەردى ، قالغىنىنى كۆپچىلىك ئويلىشىپ كۆرەرسىلە ئەسلى مەقسەدتىن بەك چەتنەپ كەتمەي

مەن بۇ تىلنى ئۆگىنىپ دەسلەپكى كۈنلەردىلا بارغانسىرى خۇشال بۇلۇشقا باشلىدىم ، ئىشەنچىممۇ بارغانسىرى مۇقىملىشىپ كىتىۋاتاتتى ، شۇنداقلا بەزى غايىۋى خىياللارنىمۇ قىلىپ قالاتتىم . يەنى بۇ تىلنى مۇۋەپپىقيەتلىك ئۆزلەشتۈرەلىسەم ،يەنى تامامى پىششىق ئۆگۈنۈپ كىتەلىسەم ئۆگەنگەنلىرىمنى مۇنداق 3 خىل شەكىلدە قىممەتلەندۇرشۈم مۈمكىن .

بىرىنجىدىن : ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش ، يەنى كۈچۈمنىڭ يىتىشچە تىرىشىپ قېرىنداشلارنى بەزى تىگىشلىك بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىش
ئىككىنجىدىن : ئۆگەنگەن بىلىمىمنى تاۋارلاشتۇرۇپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىش ئەلۋەتتە ئويلاشمىسام بولمايدىغان زۆرۆريەت ئۈچىنجىدىن : بەزى يوللار ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىمنى ھەقلىق ياكى ھەقسىز يۇسۇندا قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش ، بۇلار تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە باسقۇچلۇق بولىدۇ.
1. ئۆلچەملىك بىر مۇكەممەل جاۋا سىكرىپىت دەرىسىلىكى ئىشلەپ تارقىتىش
2. مۇكەممەل بولغان ناھايىتى ئۆلچەملىك بىر ئۇيغۇرچە قوللانما تۈزۈپ چىقىش
3. ئەگەر شارائىت يار بەرسە ، ھەم زۆرۆريىتى بولسا كەمىدە بىر پارچە كىتاب يىزىپ چىقىش
قوشۇمچە : يۇقارقى ئىشلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ھەممىسى ھەقىسىز بولۇشىمۇ ، ھەممىسى ھەقلىق بولۇشىمۇ ، ياكى بەزىسى ھەقلىق بەزىسى ھەقسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن ، بۈ ھازىرچە مۇھىم ئەمەس مۇھىمى مەن يۇقارقى خىزمەتلەرنى مۇۋەپپىقيەتلىك پۈتتۈرەلىسەمكەن ھالبۇكى بۇ ئىشلار ئېغىزدا ناھايىتى ئاسان ئېيتىلغان بولسىمۇ ئەڭ ئاسىنىغىمۇ كەمىدە بىرقانچە ئاي ، يۇقىرسىغا يېرىم يىلدىن 8~9 ئايغىچە ۋاقىت كىتىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەرگە ئېلىش لازىم ، شۇڭا بۇ ئىشقا مۇتلەق كاپالەت بەرمەيمەن ، ئەمما قولۇمدىن كەلگىنچە كۈچەشكە تىرىشىمەن. ئەلىۋەتتە بۇلارنى مەندىن باشقا ھەرقانداق بىر ئۇستازىم قىلىشنى قارار قىلىپ قالسا خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمەن. شۇنىڭغا كاپالەت بېرەلەيمەنكى بۇ ئىشنى 10 ، 100 ھەتتا مىڭ ئادەم تەكرار قىلسا ھەرگىز ئوخشاش بىر ئىشنى قىلغان ھىسابلانمايدۇ.

يېڭى ئۇچۇر

گەرچە جاۋا سىكرىپىت تىلى ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنلىق دەرىسنى ئىشلەپ تارقىتىش ئالاھىدە يېڭىلىق بولمىسىمۇ ، مەن ئىزدەپ ئاخىرغىچە پۈتكەن ، ھەم ئالاھىدە كۈچ بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بىر دەرىسلىكنىڭ يوقلىقى مىنى شۇنچە جىددى خىزمىتىم ۋە سىرىتقى ئۆگىنىشلىرىمنى تاشلاپ بۇ ئىشنى قىلىشقا قىزىقتۇردى. بۇنداق بىر كۈچ سەرىپ قىلىپ ئىشلەنگەن دەرىسلىكنىڭ بولماسلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنداق سەۋىيىسى بار ئۇستازلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ مۇھىم نۇرغۇن سەۋەبلەر بار ئەلىۋەتتە.

ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ئازغىنە تىلغا ئالساق ، مۇنداق بىر قىسچىلىق بار. ئىشلىمەي دىسە ئازغىنە بولىسمۇ تۆھپە قوشقۇسى كىلىۋاتقان ھەم ئۆگىنەلمەي تىلدىن قىينىلۋاتقانلار نۇرغۇن ، ئىشلەي دىسە ھەقسىز قىلغىلى بولمىغان ، ھەقسىز قىلاي دەپ بەك كۈچەپ نۇرغۇن ۋاقتنى سەرىپ قىلىپ قان تەر سىڭدۈرسە قىلغان نەرسىسى ھە دىسىلا ھەقسىز جۆندىلىنىۋىلىۋاتقان ، بوپتۇلا دەي دىسە ئۆي ، بالا - چاقا قورساق تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇستازلار پۈتۈنلەي دىگۈدەك خىزمىتىنىلا قىلدۇ چۈنكى مانا مەنمۇ خىزمەت قىلىپ باققان چۈشىنىمەنكى دەرىسلىك ئىشلەشكە ھەپتە - ئايلاپ ، كېچە - كېچىلەپ ئىشلىگەندىن كۈندىزى نورمال 8 سائەت ئىشلەپ قويسا ئايلىقى دەرىسلىك ئىشلىگەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى چىقىدۇ. ئەمما مۇنبەرلەرگە چىقسىلا ئونلىغان يۈزلىگەن پىروگىرامما ھەۋەسكارلىرى. ماڭا ئوخشاش تۇنجى دەرىس ئىشلىگەنلەر بولسا بىرەر قېتىم ئىشلەپلا ئەمەلى ئەھۋالنى كۆرۈپ داۋاملاشتۈرۈشتىن يالتىيىپ قالىدۇ. ... ھالبۇكى چەتئەلنىڭ مەخسۇس مۇشۇ دەرىسلىكلا ئىشلەيدىغان شىركەتلىرى بار!

مەسلەن : http://courses.tutsplus.com/?utm ... 76322083f-209838397

http://www.lynda.com/

http://www.codeschool.com

مەن بۇ ئىش بىلەن جان باقمايمەن ، ئەمما يۈرەك قېنىم سەرىپ بولغان ، نۇرغۇن ئەجىر سىڭگەن ئىشنىڭ قەدىرسىز ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا توپا بىسىپ كىتىشنى خالىمايمەن. قىلىغاندىكىن قولۇمدىن كىلىشچە كۈچەپ قىلىمەن ، ئەمما قەدىرسىزلىنىشگە يول قويالمايمەن ، جىقلىرىڭلارغا مىنى بىلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، ھەممىسى پەقەت سىز قېرىنداشلىرىم (ئۆگىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن) ، گەپنىڭ خۇلاسىسى مەن بىر چوڭ ھەجىملىك يەنى 6~7 دەرىستە توختاپ قالمايدىغان ئىمكانىيىتىمنىڭ يىتىشچە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن جاۋا سىكرىپىت دەرىسلىكى ئىشلەپ چىقماقچى ، بۇ جەمئى 3 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، يادرو قىسىمى ، دوم (يەنى JavaScript كودى ئارقىلىق HTML نى كونتىرول قىلىدىغان) ... قىسىمى ۋە يۇقرى سەۋىيە قىسىمدىن ئىبارەت 3 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ، دەرىسلەر (قولۇمدىن كىلىشچە) بەك كۈچەپ ئىشلەنگەچكە كۆپرەك ۋاقىت كەتتى . ھازىر 1- قىسىمى ئاساسەن پۈتۈپ قالغان بولۇپ سىناق ، ئوڭشاش باسقۇچىدىن كىيىن (بۇنداق ئىشلارمۇ ئىشتىن سىرىتقى بولىدۇ.) كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. --- يەنى تەخمىنەن مۇشۇ ئاينىڭ 21 ئەتراپىدا! بىرنجى چوڭ بۆلەك ئېلان قىلىندۇ.

ئەسلىدە بۇ ئىش بىرەر ئاي بۇرۇنلا پۈتۈپ بولسا بولاتتى ، ئەمما خىزمەت ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش بولغاچقا ، ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىت كۆپ ئاشماي شۇڭا بەك سوزۇلۇپ كەتتى. مىنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ ئارىلاردا خاتىرەمدىن سۇنۇپ تۇردۇم ، قۇرۇق گەپلا ساتىدىدىغان ئاداشكەن ماۋۇ دەپ ئويلاپمۇ قالغانسىلە ھەقىچان! ...

- ئاخىردا مىنى بۇ ئىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ، تەكلىپ بەرگەن ۋە توختىماي تەلەپ قىلىپ ئېلخىتىمگە خەت يازغان قېرىنداشلارغا ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت!
- پادىچى
- مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى
- 2014.8.1

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (8)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/08/01 23:20

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئادەمنىڭ ئۆگەنگەنلىرى كۆپەيگەنسىرى بىلمەيدىغىنىمۇ بىللە ئېشىپ ماڭىدىكەن. بەزىدە ئۆتكەن كۈنلەر ئىسراپ بولغاندەك بىلىنگىنى بىلەن يەنىلا بىر قىسىم تەجىربە ساۋاقلار قالىدىكەن. ئەگەر مۇشۇ html+css+javascript نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگنىۋالسىڭىزمۇ كاتتا ئىش.

  2. تاشۋاي [ كۇلۇب ئاۋانگارتى ] unknowunknow گىلەم 2014/08/05 21:29

    ئەسسالام ئەلەيكۇم، پىروگېراممىرلىقنى ئۆگۈنۈش توغۇرۇلۇق ئوي پىكىرلىرىڭىزدىن يۇقىرى بولغان ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم، بارىكاللا. دەرىسلىكلىرىڭىزگە تەقەززامەن، ھارمىغايسىز![تەسىرات بۆلىكىدىكى Gethub دىگەن سۆزنى Github قا ئۆزگەرتىپ قويدۇم ھە راس.]

  3. مىسرانى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/08/06 17:01

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پادىچى قېرىندىشىم!
    بۇ يازمىڭىزنى ھەقىقەتەن بەكمۇ ياقتۇردۇم. سىزنىڭ بىلىمگە تەشنا ھەۋەسكارلارنىڭ بىلىمگە بولغان چاڭقىشىنى قاندۇرۇش يولىدا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلىدىم. ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي! مۇشۇ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ھەۋەسكارلارنىڭ كۆڭلىنى بىر ئاچىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمىز!
    تېخنىكا قەھەتچىلىكى، بىلىم ئاچارچىلىقى ئېراسىدا تۇرۇۋاتقان جەمئىيىتىمىز سىز ۋە سىزدەك ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ موھتاج!!! (تىرىشىڭ! ياشاپ كېتىڭ!)
    دوستۇم(ئەسلى ئاداش دېسەممۇ بولاتتى، چۈنكى بىز تەڭتۇشكەنمىز. بۇنى ھېس قىلغىنىمدا بەك خۇش بولدۇم. :ئوماق: )، مەن بىلەن بىر ئالاقىلاشسىڭىز بولاتتى. بەلكىم سىز ھايات مۇساپەمدە ماڭا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەردىن بولۇپ قېلىشڭىز مۇمكىن. سىزگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقاندىن بېرى مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىۋاتىمەن…

    تۆۋەندە ئەنسىرەش ۋە ئۈمىداۋارلىق ئىچىدە ئېلخەت ئادرېسىمنى قالدۇراي(ئەگەر خالىسىڭىز سىز بىرەر ئالاقىلەشكۈ ئادرېسىڭىزنى قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ):

    misrani2014@Outlook.com

    مەن ئۈچۈن مۇشۇ ئىنكاسىمنىڭ جاۋابسىز قېلىشىدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك…
    بوپتۇ ئەمىسە، ئىنكاسىمنى تېزرەك كۆرىشىڭىزنى تىلەيمەن.

    – سىزگە شادلىق تىلەپ: مىسرانجان
    2104.8.6، خوتەن.

    • تاشۋاي [ كۇلۇب ئاۋانگارتى ] unknowunknow @ مىسرانى 2014/08/06 17:39

      ئەسسالام ئەلەيكۇم، پادىچى ئاغىنىمىزنىڭ موشۇ بەتتىكى باشقا يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ باقسىڭىز ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىغا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن. ماۋۇ كۇ كۇ نۇمۇرىمىكىن : 2798659641

    • مىسرانى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ مىسرانى 2014/08/07 20:28

      مەن ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر دەرىجىدە ياردەمگە موھتاج ئىدىم… :ھۆ ھۆ:

      • ئالپبەگ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ مىسرانى 2014/08/08 12:52

        مىسرانى قېرىندىشىم، پادىچى بۇرادىرىم سىلىنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن سىلىگە ئىنكاس يېزىپتىكەن، ئەمما ئىنكاس يوللىنىش مەغلۇب بوپ كېتىۋېرىپتۇ(خېلى ھەپىلىشىپ بېقىپتۇ، بەلكىم بۇ بىلوگ سىستېمىسىدىكى بىرەر كاشىلا سەۋەبىدىن بولسا كېرەك). پادىچى بۇرادىرىم بەك ئالدىراش، بۇنى نۇرغۇنلىرىمىز بىلمەيمىز. قېرىندىشىم، توغرا چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

        • مىسرانى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ ئالپبەگ 2014/08/08 23:13

          خەۋەرلەندۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر!
          بۇمۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقى… مەن توغرا چۈشىنىمەن. نېمىلا دېگەن بىلەن بىزمۇ مۇشۇ ساھەنىڭ پەرۋانىلىرى،- دە… توغرا چۈشىنىشمىسەك بولماس. :لول لول:

          ھە راس! سىزنىڭ پادىچىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى يوللاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! :ئوماق:
          ئۇچۇر يوللىغىنىمغىمۇ يېرىم سائەتچە بوپتۇ. بۇ ئادەم يەنە ئۇچۇر قايتۇرالماي يۈرەمدىغاندۇ… :ئاپلا:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش