Home >  > ئۇنىۋېرىستىتتكى ئولتۇرۇشلار تېزىملىكىى ۋە يانداش خىياللار

ئۇنىۋېرىستىتتكى ئولتۇرۇشلار تېزىملىكىى ۋە يانداش خىياللار

6

جەمىيئىتىمىزدىكى ساناپ تۈگەتكۈسىز ئولتۇرۇشلارنى قويۇپ تۇرۇپ، بۈگۈن كاتتا بىلىم يۇرتى بولغان ئالىي مەكتەپلىرىمىزدىكى ئولتۇرۇشلارنى بىر - بىرلەپ تېزىپ چىقىمىز! ئاندىن دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا ئېلىپ قويۇپ، مۆكچىيىپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە خياللىرىمىزنى قاتاتلاندۇرىمىز. قېنى ئەمىسە، ئەزىزلەرنىڭ نەزەر تۇلپارى تۆۋەندىكى قۇرلاغا چاپتۇرۇلغاي...
نەچچە ئون يىل ئاۋۋال ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار، بەلكىم، ھازىرقى ئۇنۋېرىستىتلاردىكى رەڭدار ھاياتنىڭ ئاچچىق - چۈچۈك لەززەتلىرىنى تۈزۈك سۈرەلمىگەن بولغىيىتتى. ئاكام، ئاچاملاردىن ئاڭلىسام، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى بولسا مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تانسا كىچىلىكلىرىگە ياكى مەكتەپ تىياتېرخانىسىدا قويۇلىدىغان كىنولارغا ئانچە - مۇنچە بېرىپ قويۇپتىكەن. دەرىس خوشياقمىغانلىرىدا پارتىسىغا روماننى تېقىپ ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇغانىكەن. ئەمما زامان چاقى چۆرگىلەپ بۈگۈنگە كەلگەندە، مەيلى چوڭ - كىچىك، داڭلىق - داڭسىز ئۇنىۋېرىستىتلىرىمىز بولسۇن، ھەممىسى نۆۋەتتىكى جەمىېيىتىمىزدە مودا بولغان ئامىللارنى ئۆزىگە تولۇق سىڭدۈرۈپ ئۈلگۈردى. ئاتالمىش ئالىي مەلۇمات ئېگىسى بولغان بىزلەر ئەنە شۇنداق بىنورمال ئامىللارنىڭ دېدىكىگە ئايلاندۇق. تۆۋەندە ئەڭ تېپىك بولغان ئامىل - تۈرلۈك ئولتۇرۇشلار(نامدا «يىغىلىش» دەپ ئاتاپمۇ قويىمىز)ھەققىدە پاراڭ سوقىمىز.

1. يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش ئولتۇرىشى

بۇ خىل قارىماققا مۇددىئاسى ئىنتايىن ئايدىڭ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق مەقسەتنى ئاساس قىلمىغان نامى ئۇلۇغ سۇپىرىسى قۇرۇق ئولتۇرۇش، ئاساسەن ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىدىن ئۆتىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتە بۇ ئولتۇرۇش(يىغىلىش) نىڭ مەزمۇنى: يۇقىرى يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ھېس قىلىپ يەتكەنلىرىنى يىڭى قېرىنداشلىرىغا سۆزلەپ بېرىش؛ مەكتەپ ئەھۋالى ۋە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش؛ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىز سۈرئەتتە تونۇشۇپ كېتىشىگە قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىش؛ يىڭى ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە خارەكتېرىدە ۋەز - نەسىھەت قىلىش....ۋەھاكازالار. ئەمەلىيەتتە بۇ ئولتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى: پائالىيەت تەشكىللىگۈچى قاملاشمىغان ئارلاشما سۆزلەر بىلەن ئىككى ئىغىز سۆزلەش؛ ھەممە ئادەم ئىسمىنى توۋلاپ، ئۆزىنى بىر قاتار تونۇشتۇرۇش؛ ئىنساپ بولسا يەنە ئازراق سۆز قىلىش، بولمىسا مۇزىكىنى گۆمبەڭىشتىپ قويۇپ، ئۈستەلدىكى رەت - رەت تائاملارغا ھۇجۇم باشلاش؛ ئۈستەلنى قۇرۇقداپ بولغاندىن كىيىن بىر توپ ساراڭلادەك، دەلدەڭشىپ يۈرۈپ «ئۇسۇل» ئويناش، قىززىپ - قىززىپ ئاخىرىدا ئۈستەلگە رومكىلارنى تىكلەش....

2- ھېيىتلىق ئولتۇرۇش

بۇ خىل ئولتۇرۇش ئېچكىردىكى ۋە باشقا يىراق شەھەرلەردىكى ھېيىت بايراملاردا ئۆيىگە قايتالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە بىر «كاتتا» پائالىيىتىدۇر. «ھېيىتتا ئۆيدىكلەر بىلەن ھېيىت قىلالمىغانلىقتىن، ساۋاقداشلار بىرلىكتە تاماق يەپ كۆڭلىنى خوش قىلىش؛ ئۇزاق ۋاقىتتىن بىرى دەرىس ئالدىراشلىقىدا كۆرۈشۈپمۇ كىتەلمىگەنلىكتىن، ھيىتنىڭ خاسىيىتى بىلەن بىر جەم بولۇش؛ ئۆزىگە چۇشلۇق ھېيىت ئۆتكۈزۈش....» قاتارلىق شۇئارلار ئاستىدا تەشكىللىنىدىغان بۇ پائالىيەت، كۆپچىلىكنىڭ، «ھېيىتلىق پۇل» لىرىنى ئىئانە قىلىشى ۋە مەلۇم ساۋاقداشلارنىڭ جاپالىق ئورۇنلاشتۇرىشى ئارقىسىدا روياپقا چىقىدۇ. « تويغىچە يەپ ئېچىش ۋە ئويناپ، كۆڭلۈل ئېچىش» بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولىدۇ.

3- يۇرتداشلار ئولتۇرىشى

ئانا يۇرتىغا «ئوتتەك مۇھەببىتى» بولغان بىز بالىلار، ئۆز - ئارا «ئۇنتۇشۇپ» كەتمەسلىك ئۈچۈن يۇرتلار بويىچە قەرەللىك ئولتۇرۇشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىمىز. يىزا بويىچە، ناھيە بويىچە، شەھەر بويىچە يۇرتداش ئايرىپ ئوينايدىغان بۇ خىل ئولتۇرۇشلار ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئىككى ھەپتىدە بىر كىلىپ تۇرىدۇ. بەلكىم بۇمۇ بىزلەرنىڭ ئۆزىمىزگە تەسەللىي تېپىشىمىزنىڭ بىر ئۇسۇلى بولسا كىرەك. گەرچە مەن بۇ خىل ئولتۇرۇشنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېچ بىلەلمىگەن بولساممۇ، باشقىلارنىڭ مۇنداقلا دېيىشىچە: موشۇنداق ئولتۇرۇشلار ئارقىلىق تونىشىمىز كۆپىيىدىكەن؛ ئۈگىنىش بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ، كۆڭلىمىز ئېچلىپ قالىدىكەن؛ يۇرت - ۋەتەنگە بولغان «سېغىنىش» مىز بېسىقىدىكەن.... ئەلۋەتتە بۇ خىل ئولتۇرۇشلارغا بىر يۇرتلۇق ئوغۇل - قىز، چوڭ - كىچىك ھەممىسى چاقىرىلىدىغان بولغاچقا، مەلۇم نىسبەتتە «ئىلمىيلىك» ساقلىنىدۇ. يەنى: بوتۇلكىلار چاقىرىلمايدۇ!

4- ساۋاقداشلار ئولتۇرىشى

بۇ بارلىق ئولتۇرۇشلار ئىچىدىكى تۈرى ئەڭ مول بولغان بىرسىدۇر. يەنى: ۋاقىت پەرقى بويىچە - ئوخشاش يىللىقتىكلەر يىغىلىشى؛ مەكتەپداشلار يىغىلىشى؛ تولۇقسىزدىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشى؛ تولۇقتىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشى؛ ئوغۇل ساۋاقداشلار يىغىلىشى؛ قىز ساۋاقداشلار يىغىلىشى....دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈش مومكىن. ئادەتتە بۇنداق ئولتۇرۇشلارنىڭ سورۇنغا بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى، يەنى: كۆڭۈل ئېچىشنىڭ بارلىق ۋاستىلىرىنى ھازىرلىغان بولىشى كىرەك. ۋاقىت جەھەتتە «ئۈگىنىشكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك» ئۈچۈن، ئاساسەن كەچتە، توغىرىسى يىرىم كىچىگە يىقىنلاشقاندا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. «بارچە غەمدىن خالاس بولۇپ، بالىلىققا قايتىپ قانغۇچە ئويناش» بۇ ئولتۇرۇشلارنىڭ ئاساسى فاڭجىنى بولىدۇ.

5- مۇقىم نام بېرىلمىگەن باشقا ئولتۇرۇشلار:

ئالىي مەكتەپتىكى كۈنلىرىنىڭ «ئېنتايىن مەنىسىز» ئۆتىۋاتقانلىقىنى بالدۇر بايقىغان سەزگۈر بالىلار، تولىمۇ ئىجاتچانلىق بىلەن تېخىمۇ كۆپ تۈردىكى ئولتۇرۇشلارنى پەيدا قىلىدۇ. تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشى، مەكتەپتىن تولۇقلىما تارقاتقانلىقنى تەبىرىكلەش ئولتۇرىشى، شەنبىلىك ئولتۇرۇش، يەكشەنبىلىك ئولتۇرۇش...قاتارىدىكى «يېڭى» ھەم «ئۆزگىچە» ئولتۇرۇشلار ئوخشىمىغان مەكتەپ، ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ھەرخىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
كىچىكمدە دائىم «شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىدا ئوقۇيمەن» دەپ خىيال قىلاتتىم. ئاتا - ئانام: «تىرىشىپ ئۈگنىپ ئىچكىرىدىكى تېخىمۇ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇيسەن!» دېسە خاپا بولۇپ، يىغلاپ كىتەتتىم. ئۇ چاغلاردا ئۆزۈمچە: شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىغا كىرسەم، ئۆزۈم بىلەن ئوخشاش قىززىقىشتىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بەس مۇنازىرىلەردە بولۇپ، بىلىمىمنى موللاشتۇرىمەن؛ تىرىشچان ساۋاقداشلىرىم بىلەن تۈرلۈك ئەتىرەتلەرنى تەشكىللەپ، جەڭگە مەيدانىدا مەغرۇر چاپىمەن... دېگەنلەرنىڭ خىيال قىلاتتىم. كىم بىلسۇن ئاخىرى ئۇ مەكتەپكە كىرىش نىسىپ بولمىدى. تولىمۇ ئەكىسچە تولۇقتىن باشلاپ ئىچكىرىدە ئوقۇپ كەتتىم. ئەمما شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىغا بولغان ھۆرمىتىم سەۋەبلىك كىمنى كۆرسەم ئۇ مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ يۈردۈم. بىر نەچچە دوستۇمدىن «ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئۈگىنىش كەيپىياتى قانداقراق؟» دەپ سورىغان سۇئالىمغا بىرىلگەن جاۋابىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىلىشىۋالغاندەك ئىنكار تەرقىسىدە بېشىنى چايقايىتتى. دېمەك، دىيارىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا چۈشكۈنلۈك ئىغىردەك قىلاتتى. گەرچە دىيارىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تولۇق چۈشەنمىسەممۇ، ئەمما ئاتا - ئانىلىرىنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ بۈيۈك ئارزۇلىرىنى يۈدۈپ يۈرگەن ئىچكىرىدىكى سەپداشلىرىمنىڭ ئەھۋالى مېنى تەگسىز خىياللار دۇنياسىدا يېتىم قالدۇردى.
ئۇلاردا چۈشكۈنلۈك ھەقىقەتەنمۇ ئىغىر. ئاز بىر قىسىم ۋېجدانلىق بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئومۇمەن ئۆزىنى يوقىتىش ھادىسىسى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇزاق مۇددەتلىك مىللىي مەدەنيەت مۇھىتىدىن ئايرىلىش ۋە ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن يىتىلگەن «چوڭ بولۇش» پىسخكىسى تەسىرىدە ئۇلار بىلىپ بىلمەي ئۆزىنى يوقىتىپ قويماقتا. ئۇلارنىڭ زىھنى، ئەقىلى توختاۋىسىز تەسىر قىلىۋاتقان مۇھىت تەرىپىدىن بۇلغانماقتا. ئالتۇندك ياشلىقى بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە بىھۇدە ئۆتۈپ كەتمەكتە. كىچىلىك بەزمىخانا، KTV دەپ ئاتىلىدىغان ئاللىقانداق سورۇنلار ئۇلارنىڭ «تۈگىمەس ئىچ پۇشۇغى» نى چىقىرىدىغان بىردىنبىر ئورۇنغا ئايلىنىپ قالماقتا.
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا كۈنسايىن ئەۋج ئېلىپ كىتىپ بارغان تۈرلۈك ئولتۇرۇش، يىغىلىشلار ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتىشىنى تېخىمۇ تىزلەتمەكتە. ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۈرلۈك مۇنازىرە سورۇنلىرىنىڭ ئۇلارغا قولايسىز بولىشى ۋە ئوخشاش مەدەنىيەت قارىشىغا ئىگە ساۋاقداشلارنىڭ يوق بولىشى ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش روھىنى سۇسلاشتۇرماقتا. ئەتىراپتا شۇنچە كۆپ ئادەم، ئەمما تۈرلۈك ئوي - پىكىرلىرىڭىزنى مۇنازىرىلەشكۈدەك بىرمۇ ئادەم يوق. بۇنداق ئەھۋالدا، تەبىئىكى سىزدە يالغۇزلۇق ئاندىن چۈشكۈنلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ خىل يالۇزلۇقنى يىڭىش ئىستىكىدە قاتنىشىۋاتقان تۈرلۈك ئولتۇرۇشلار تەپەككۇرىڭىزنى تۇنجۇقتۇرۇپ، جىسمىڭىزنى ھاردۇرۇپ، روھىڭىزنى قىرىتىپ تاشلايدۇ... دېمەك، ياشلىرىمىزدا كارامىتىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ خىل ئولتۇرۇشلارغا تەنقىدىي نەزەردە باقماق ئىنتايىن زۆرۈر.
پەرزەنتىنى يىراق شەھەرلەردە كىچە - كۈندۈز تىرىشىۋاتقان ھالەتتە خىيال ئەيلەيدىغان ئاتا - ئانىلار پەرزەنىتىلىرى بىلەن ھەقىقىي سىردىشىشى، ئۇلارغا ئۆزلۈك، ئىتقاد، مىللەت، ئەنئەنە توغىرىسىدا تۈرلۈك ئۇسۇللاردا بىلىم بېرىشى، پەرزەنىتلىرىنى رېغبەتلەندۈرۈپ، كەلگۈسىنى ئۇلارنىڭ ئىسگە سېلىپ تۇرىشى زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مەكتەپ ئۇلارغا بىلىم ئۈگەتكەن بىلەن ئادەم بولۇشنى، ئۆزلۈكىنى تونۇشنى ئۈگەتمەيدۇ. پەلسەپە ئۈگەتكەن بىلەن، تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتلاردىن ھېچنەرسە دەپ بىرەلمەيدۇ.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (6)
نەقىللەر (0)
  1. salam [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2012/11/21 23:26

    yahxi yezepsan adax,,,haiyat kelgen ,,sage exeneman ,bunegdenmu yahxine yezexka terex!!!!!!!!! :cool:

  2. _______مۇساپېر [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2012/11/22 13:42

    ياخشې يېزېلېپتۇ تىىخىمۇ يېگې تېمىلارنې يوللېگايسىلەر

  3. دوغاپ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2012/11/27 22:55

    سىزگە ئوخشاش ئىچكىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپى مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دەپ ئۆتەيكى، سىزدىكى ئىزتىراپلىق ئۆرتىنىشلەر مەندىمۇ ھەم مەۋجۇت.ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان مەندەك نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇ تۈگىمەس ئولتۇرۇشلار ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلانسىكەن دەيمەن.چۈنكى بۇ ئولتۇرۇشلارنى داۋام ئەتكۈچىلەر دەل مەندەك يېڭى ئوقۇغۇچىلاردۇر…

    • تەشنايى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ دوغاپ 2012/11/29 12:41

      بۇ يازمېدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلار ھەرگىزمۇ ئومۇمىيلىققا ئىگە ئەمەس، پەقەت قىسمەن بالىلار ئارىسىدا شۇنداق ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت. ئەلۋەتتە ئىچكىردە راۋرۇس ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن قېرىندالىرىمىز بار… بۇنداق يىغىلىشلارغا بىر بېرىپ قالسىڭىز ئىككىنچى رەت قىلىش تەسكە توختايدۇ، شۇڭا ئىككىلەنمەستىنلا بېشىدىن باشلاپ قاتناشماسلىق كىرەك. يامىنى كەلسە بالىلار ئارىغا ئالماي يۈرىيدىغان گەپ شۇ، ئەمما ئاللاھ ھەرزامان مۆئمىنلەرگە ھەمرا بولىدۇ، دېمەك ھەقىقەت يولىدا ھەرگىز يالغۇز ئەمەسمىز!!!

  4. نۇردوس [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2012/11/28 21:43

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشنايى. ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. بۇ توغرۇلۇق بىر يازمام بولسىمۇ مەسلىلەر بۇنداق ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىنمىغاچقا تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنماي قويغانتىم. ھەممىسى ئېغىزىدا ۋايسايدىكەنۇ ئەمەلدە تۈزىتىشتىن ئەسەرمۇ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئۇچقۇنلارنىڭ ھامان بىر كۈنى يانغىنغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    چاڭقىغان يەرگە تېگىدىغان مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىزغا تەشنامەن. تەشنايى تامچىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!

    • تەشنايى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ نۇردوس 2012/11/29 12:37

      ۋەئەلەيكۇم – ئەسسالام! ئۆزۈمغۇ ئۇنداق بىھۇدە يىغىلىشلاردىن بىشىدىلا ئۆزۈمنى تارتقان، ئەمما ئەتىراپىمدىكى بالىلارنىڭ ئىشلىرى زادى ئىچىمنى ئۆرتەيدۇ. ئاللاھ شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسىكەن دەيمەن… ئۇنداق ئەھمىيەتسىز يىغىلىشلارسىزمۇ بىز قىلالايدىغان ھەم قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان نۇرغۇن ئىشلار تۇرۇپتۇ ئالىي مەكتەپتە!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش