بىر يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىن خۇلاسە
2012/08/29 ئالىي مەكتەپ ⁄ جەمئى: 8307 ھەرپ 9 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 700 مېھمان+

 

كۆزۈمنى كىچىككنە يۇمۇپ، ئازراق چۈش كۆرگەندەك قىلغان، مانا بۈگۈن چاقماق چاققاندەك چۈچۈپ ئويغانسام، بىر يىللىق ھاياتىمنىڭ رەھىمسىز قاتىلىغا ئايلىنىپتىمەن. قولۇمدا نە بىرتال سۇنۇق قىلىچ بولسۇن؟ بوشۇشۇپ سىسىق ياغاچتەك بوپ قالغان سۆڭەكلىرىم بىلەن مەرھۇم بىر يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ خازان ياپراقلىرىغا دەسسەپ، تىتىرەپ تۇرۇپتىمەن.

 "ئالىي مەكتەپ بىر جەننەت، ئۇيەردە سەن پۈتۈنلەي ئەركىنلىككە چىقىسەن، دەرىسلەرمۇ قىيىن ئەمەس..."، "ئالىي مەكتەپ ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان جاي، ئۇيەردە مۇھەببەتتىن ھوزۇر ئالىسەن، ئاجايىپ رومانتىك تۇيغۇلارنىڭ ئەزىز ساھىبى بولىسەن..."، "ئالىي مەكتەپ يىرىم جەمئىيەت ..." موشۇنداق گەپلەرنى كىچىكىمدىن باشلاپ بەك كۆپ ئاڭلىغىنىم راست، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا مۇئەللىملەرمۇ موشۇنىڭغا ئوخشاش غايىۋېي تەسۋېرلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كىنوخانا، تانسىخانىلارغا بارغاندىكى ھىكايىلىرى بىلەن ئادەمنى مەسىت قىلىدىغان! مانا بۈگۈن بۇ سىرلىق جايدا، ئازابلىق "ئەلۋىدا" سىمفونىيىسىگە جۈر بولغاچ، بىر يىلىمنىڭ ماتەم مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىۋاتىمەن. شۇنچە كۆپ كىشىلەر ئارىسىدىن نېمىشقا ھەق گەپ قىلىدىغان ئادەمنىڭ چىقمىغىنىدىن قاتتىق ئۆكۈنىمەن(قان قۇسۇپ يىغلىغان چىراي ئىپادىسى). نېمىشقا كىشىلەر ئالىي مەكتەپكە يالغان تەبىر بىرىشىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرنى "غەپلەتتە قالغانلارنىڭ دوزىقى، ئويغاقلارنىڭ جەننىتى" دىيىشمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن "بۇ جايدا ئاجايىپ كەسكىن بىر جەڭگە قاتنىشىدىغانلىقىمىزنى بۇرۇنلا سەمىمىزگە سالمايدۇ؟...

  بۈگۈن بلوگىمنىڭ بارچە ئاۋازىنى قويىۋېتىپ شۇنداق ۋارقىرىغۇم كىلىۋاتىدۇ: "ئەي نادان سەپداشلىرىم، سۆيۈملۈك ئىنە - سىڭىللىرىم! ئالىي مەكتەپ ھەققىدىكى غايىۋېي تەسۋېرلەرگە ھەرگىز ئالدانماڭلار، بۇ يەرگە ياشلىقنىڭ شىرېن تۇيغۇلىرىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، كەلگۈسىدىكى مۇتلەق ئورنۇڭلارنى تىكلەش ئۈچۈن، رېقابەتكە تولغان جەمئىيەتنىڭ سىناق نۇسخىسىدىن تەسىراتقا ئىرىشىش ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار. بۇيەرگە بېلىڭلارنى مەھكەم باغلاپ، مۇشتۇمۇڭلارنى قاتتىق تۈگۈپ كىلىڭلار....

 تۆۋەندە كەمىنە تەشنايىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى تۇنجى يىللىق ھاياتىدىن ئىرىشكەن قىزىقارلىق ھەم   كىشىنى ئويغا سالىدىغان تەسىراتلىرى ھوزۇرىڭىزلاردا بولىدۇ.

  بىرىنجى تەسىرات: گاڭگىراش ئىچىدە كاللىسىدىن كىتىش.

  مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇپلا ئىككى ھەپتىلىك ھەربىي مەشىقكە قاتناشتۇق. بۇ جەرياندا ئاجايىپ يالغۇزلۇق ھېس قىلدىم. ھەتتا كىچىلىرىنىمۇ ئۇيقۇسىز خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. "مەن ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان ناتۇنۇش بىر جايدا كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىۋاتىمەن. تىلىمنى، دىلىمنى چۈشىنىدىغان بىرمۇ قىرىندىشىم يىنىمدا يوق، تىلىفۇنۇممۇ خۇددى مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك سايراپمۇ قويمايدۇ....". خىياللىرىمغا ياندىشپ، ئىلگىرى تۈزۈپ قويغان "ئالىي مەكتەپتىكى پىلانلىرىم" يادىمغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن خۇددى ھىندىستان كىنولىرىدىكى قەھرىمانلاردەك كۈچكە تولۇپ كەتتىم. مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى بولمىغان بۇ مۇھىتتىن يىراقلاپ، پىلانىم بويىچە ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىشنى باشلىۋەتتىم. مەشىق ئارلىقىدا ئارام ئالغانلاردا، تاماق ۋاقىتلىرىدا، ئۇيقۇسىز كىچىلەردە، پوستا تۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇنداۋاتقاندا توختىماي ئۈگەندىم. بۇ يەردىن قانچە زىرىكسەم شۇنچە ئۈگەندىم. ئازاپلىرىم ئاستا – ئاستا ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئەتراپىمدىكى ئالا كىيىملىك ساۋاقداشلىرىم بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالدىم(كىيىن مەكتەپكە بېرىپ كىيىم ئالماشتۇرغاندا، بىرىنىمۇ تونۇيالمىغانتىم)

  مەكتەپكە كىلىپ دەرىس باشلانغاندىن كىيىن، ھەپتىلىك دەرس جەدېۋىلىگە قاراپلا ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم. قۇرۇق كاتەكلىرى يوق دىيەرلىك ئىدى، ھەرسائەتلىك دەرىس 150 مىنۇت دەپ تۇراتتى. ئىلگىرى باشقىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە كۈندە دەرىس يوق بىكار يۈرىيدىغانلىقىنى ئاڭلىمىغان بولسامچۇ كاشكى! نېمە ئامال؟! "ئىسىلغاندىكىن ئىگىزگە ئىسىلاي، يىقىلسام تۆگىدىن يىقىلاي" دەپ موشۇنداق مەكتەپنى تاللىغاندىكىن ئامال يوق ئەمدى.

 دەسلەپكى بىر ئاي ئىچىدە دەرىس ئوقۇيدىغان سىنىپ ۋە ماتېرىياللارنى تېپىپ بولالماي ئېلىشىپلا قالدىم. ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەرنى ئالدىن تەكرارلاپ كىرسەم مۇئەللىم باشقا يەرنى سۆزلەپ بىزار قىلىپ قويدى. بىر سائەتلىك دەرىسىتىلا نەچچە باپنى سۆزلەپ تاماملاپ، بىر ھەپتە مۆكچىيىپ ئولتۇرۇپ يازغۇدەك تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۈلگۈردى. ئالىي ماتېماتىكا تۈگىسە، ئالىي فىزىكا، ماشىناسازلىق، پروگىرامما تىلى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى....دېگەندەك كاللامنىڭ قىتىقىنى چىقىرىدىغان دەرىسلەر ئۆچرەتكە تىزىلدى. بارغانسىرى ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئەمەس تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىنمۇ جاپالىق بىر يىللىققا چىققانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىك تەلەپپۇزلىرىدا دەرىس سۆزلەشلىرىدىن ئۆرگىلەي! كىتاپتىكىنى چۈشىنىپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتسام ئۇلار ئۆزى تەييارلاپ كىرگەن ppt  لارنى كىنو قويغاندەك قويۇپ بېرىپ، بىر نېمىلەرنى سۆزلەپ چىقىپ كىتىۋەردى. ئىلگىرى تۈزگەن پىلانلىرىمغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم. ئالىي مەكتەپتە زادى قانداق ئۈگىنىش، نېمىلەرنى ئۈگىنىش، تۇرمۇشنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك. ياتسىراش، گاڭگىراش ئىچىدە ئۆزۈمنى يۈتتۈرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم. كاللام خۇددى قوناق ئېتىلدۇرىدىغان ھىلىقى يۇقىرى بېسىملىق قازاندەك بوپ كەتتى.

 ئىككىنچى تەسىرات: سائەت سىتىرېلكىسىغا سۆرىلىپ قىلىش.

 بۇيەردە ۋاقىتتىن بەرىكەت قاچقان ئىكەن. ئەتتىگەن تۇرۇپ ياتاق بىلەن دەرىسخانا بىناسى ئارىسىدا بىرنى قاتىراپ بولغۇچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن؛ تاماق يىيىش ئۈچۈن، مەكتەپ كارتىسىغا پۇل قاچىلاش ئۈچۈن، ھەتتا تاللا بازىرىدا پۇل خەجلەش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇشقا نەچچە سائەت ۋاقتىڭ كەتكەن؛ تاساددىپى بىرەر دوستۇڭ بىلەن سىرىتقا چىقىشقا توغرا كەلسە ئۇنى ساقلاپ، ياكى كوچا ئاپتۇبۇسىدا مۈگىدەپ ئولتۇرۇپ يەنە بىر مۇنچە ۋاقتىڭ رەھمەتلىك بوپ كەتكەن... ئىشقىلىپ ئالىي مەكتەپتە ۋاقىت ئەڭ قىس.

ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەردىن سىرىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەنمەكچى ئىدىم، بۇلارغا ۋاقىت ئىزدەپ قىلمىغانلىرىم قالمىدى. كەچ يېىتپ، ئەتتىگەن تۇرۇپ ئۇيقۇغا قانماي قەھۋەگە ئۈگىنىۋالدىم. يەنىلا بولمىدى، ئويلا – ئويلا ئاخىرى موشۇ كومپىيوتېرنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمنى يەپ كەتكىنىنى بايقاپ قالدىم. ئالىي مەكتەپتە كومپىوتېر بولمىسا قانداق بولىدۇ؟! قىز دوستىڭىز بولمىغاندىنىمۇ بەتتەر بولىدۇ! ياتاقتا ھىلىقىلار ۋارقىرىشىپ يىرىم كىچىگىچە كومپىىيوتېر ئوينىسا سىز قانداقمۇ چىداپ تۇرالايسىز؟! يەنە كىلىپ ئەتراپىڭىزدا پىكىرلىرىڭىزنى ئوراتقلىشىدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغاندىكىن، ئۇيغۇرچە تەپەككۇرىڭىزنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن توربەتلەرنى زىيارەت قىلغۇڭىز كىلىدۇ. ئەمما مەن يەنىلا كومپىوتېرغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتىمنى مۇۋاپىق تەڭشىمىسەم بولمايدىكەن. Qq ۋە باشقا كۆڭۈل ئىچىش تۈرىدىكى دىتاللارنى زۆرۈرىيەت بولمىسا قوللانماسلىق قارارىغا كەلدىم، باشقىلارنىڭ"رېن-رېن، ۋېيبو ئوينىمايدىغان مەتۇ" دەيدىغان مەسخىرىلىرىگىمۇ كۆنۈپ قالدىم. لىكىن يەنە دېسەم يەنە شۇ، ئالىي مەكتەپتە سائىتىڭىزنىڭ سىتېرىلكىسى خۇددى مۇسابىقە ئاپتومۇبىلىنىڭ چاقىدەك تىز چۆرگىلەيدۇ. سەللا بوشاڭلىق قىلسىڭىز ئۇنىڭغا ئەسكى لاتىدەك سۆرىلىپ يۈرگىنىڭىز يۈرگەن.

ئۈچىنچى تەسىرات: ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەت تىراگىدىيىسى.

 يات مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاپ يالغۇزلۇقنىڭ مۇزدەك ئازاپلىرى بىچارە يۈرۈكۈمنى دەزماللاپ تۇراتتى. مەن مۇھەببەت ھەققىدە كىچىكىمدىن باشلاپ خىلىلا تەپسىلىي پىكىر يۈرگۈزۈپ باققان ئىدىم(گەرچە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمىگەن بولساممۇ)، ھەمدە بۇ يېشىمدا، بۇ خىل روھىيىتىمنى ئىسكەنجىگە ئالغان يات مۇھىتتا بىرەر سىردىشىمنىڭ بولۇشىنى يۇشۇرۇن ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما مەكتەپ قورۇسىدىكى جۈپ – جۈپ ياشلارنىڭ "مۇھەببەتلىشىۋاتقان" ھالىتىگە قاراپ، شۇنداقلا ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرىدىغان، كىشىنىڭ ئاجىز تۇيغۇلىرىنى ئازدۇرىدىغان ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، قىز ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەلۋەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن بىر مەدەنىيەت تىپىگە تەۋە ئەمەسلىكى زور تەسەللىي بولدى، ئەمما، موشۇ شەھەردىكى باشقا ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئەھۋاللىرىمۇ موشۇلاردىن چوڭ پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن "مۇھەببەت"تىن يىرگىنىدىغان بولۇپ قالدىم.

 يىقىن دوسلىرىم مېنىڭ ئىچكى مايىل تىپلىق مىجەزىمنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىزچىل تۈردە "بىرەر قىز تېپىۋىلىش" قا رېغبەتلەندۈرۈپ كەلدى، ھەتتا ئۆيۈمدىكىلەرمۇ بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىدىغان بوپ قالدى. لىكىن مەن خۇددى كىچىك كىرپېجاندەك تۈگۈلىۋالدىم. مەن ياشلىقىمدا شىرېن تۇيغۇلاردىن بەكرەك كۆرەش قىلىشقا ئىنتىلىمەن، شۇنداقلا باشقلارنىڭ "ئالىي مەكتەپتە بىرەر قىزنى تېپىپ، يالغۇزلۇقۇڭغا ھەمراھ قىلىۋالساڭلا بولدى، كىيىنكى ئىشلار ئۆز يولىدا بولىدۇ"دېگەن سۆزلىرىگە قوشۇلمايمەن. مەن ئۈچۈن مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ئۇقۇم...شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىن ھېسسي تۇيغۇلىرىم ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمايدىغانلىقىمنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالدىم. ئۆڭكۈردەك قاپقارڭغۇ يۈرىكىنى كۆتۈرۈپ"مۇھەببەت" ئىزدەپ يۈرگەنلەر كۆز ئالدىمدا يورغىلاپ يۈرسە، ماڭا "مۇھەببەت" ئۈچۈن سەكپارە بولۇشنىڭ ھازىرچە ئەھمىيىتى بارمۇ؟ يەنە كىلىپ، دىنىمىزنىڭ ئەھكاملىرى بويىچە ھازىرقىدەك دائىرىسىدىن چەتنىگەن مۇھەببەت قىلمىشلىرى راۋا ئەمەس تۇرسا... يالغۇزلۇقۇمغا ئۇلۇغ ئىگەم پەرىشتىلەرنى ھەمرا قىلىۋاتسا، مەن ئۈچۈن بىھۇدە ئىزتىراپ چىكىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟!

ئادرىسىڭ بار سېنىڭ ئەي ئادەم

ئىككىنچى بىر قەلىپتە جەزمەن.

ئادرىسىم بار مېنىڭمۇ چوقۇم

باشقىلارنىڭ يۈرىكىدە ھەم.

تۆتىنچى تەسىرات: ئويغانغاندىن كىيىن بەك ئۇزۇن ئۇخلىغانلىقىنى ھېس قىلىش.

  خۇددى ئۆمۈرلۈك ئۇيقۇسىنى ئالىي مەكتەپتە ئۇخلىغىلى يىغىپ قويغاندەك، بەزىلەر ئۆزىنىڭ قەيەردە، نېمە مەقسەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى شىرېن چۈشلىرىگە ئارلاشتۇرۇپ ئۇنتۇپ كىتشتى. ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاش ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى مودا ئېقىمىغا ئايلىنىپ كەتتى.  نورمىدىن ئارتۇق ئۇخلاش تىپى ئۆزىدىن بىھۇدە پائالىيەت ئىدى، ئۇنىڭ بەدەنگىلا زىيىنى بولۇپ قالماستىن، مىڭە ۋە روھقىمۇ چىرىتىش خارەكتېرلىك زىيىنى بار ئىدى. لىكىن ئەپسۇس، سەپداشلىرىم ئۇيقۇغا خۇمار بوپ كەتتى.

 ئالىي مەكتەپ تۆتىنچى يىللىققا چىقىپ قالغان ئاكاشلارنىڭ داد – پەريادلىرىنى ئاڭلىمىغان بولسام مېنىڭمۇ مۈگىدەپ قىلىشىم ئىھتىمالغا يىقىن ئىدى. ئۇلار پەقەت كەسكىن رېقابەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىغا كەلگەندە ئاندىن كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ، ئويغۇنۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتكىنىنى ئاچچىق ئەلەملەر ئىچىدە بىلىپ يەتتى.

  شۇنداق، ئالىي مەكتەپ ھاۋاسىدا قويۇق ئۇيقۇ پۇراپ تۇرىدۇ، سەللا ئىرادىسىز بولسىڭىز دەرىسخانىلاردا، كۇتۇپخانىلاردا، يوللاردا، ھەتتا ھاجەتخانىلاردا ئۇخلاپ قىلىشىڭىز تامامەن مومكىن. بۇنڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈندە بىرەر قېتىم ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بېقىڭ! يۈرىكىڭىزنى تىڭشاپ، تومۇرىڭىزنى تۇتۇپ بېقىڭ.

 شۇنداق قىلىپ، بۇ ئاددىي تەسىرات يازمام ھازىرچە ئاياغلىشىپ قالدى. بۇلارنى ئوقۇپ چىقىپ، كاللىڭىزدا ھەرقانداق تەنقىدىي پىكىر ياكى باشقا خىياللار شەكىللىنىپ قالسا سىخيلىق بىلەن تۆۋەندىكى قۇرلاغا چاپلاپ قويارسىز!

جەمئىي 9 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 6 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:3 دانە

  1. ئەلىف : 2012-يىل08-ئاي30-كۈن16:06:05  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ھەر قېتىم مۇشۇنىڭدەك ئادەمنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇسام ،ئۆزەمگە يەنە بىر قېتم مەدەت بىرىپ تېخىمۇ تىرىشقىم كىلىدۇ،گەرچە مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىساممۇ ،!تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز!

    • تەشنايى : 2012-يىل08-ئاي30-كۈن19:03:15  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      رەھمەت،دائىم يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا تەشەككۇرلەر! يازمىلاردىن ئاز تولا نەپكە ئىرىشكەن بولسىڭىز مەن ئۈچۈن تولىمۇ بەخىت ھىسابلىندۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىسىڭىز نېمە بوپتۇ؟! بىلىم ئۈگىنىش مەكتەپتىكىلا ئىش ئەمەس، ئۇلۇغ مەقسەتلەر بىلەن تىرىشسىڭىز، ئىنشائاللا، ھېچكىمدىن قىلىشمايسىز!

  2. ئەلىف : 2012-يىل08-ئاي30-كۈن16:18:01  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ۋوي راس، رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا بەزى مەزمۇنلارنى خاتىرەمگە كۆچۈرۋالدۇم جۇمۇ،.خاپا بولمايدىغانسىز؟

  3. تارىم : 2013-يىل10-ئاي16-كۈن22:05:01  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئاجايىپ ھاياجانلاندىم مەن دىسە نىمدەپ بالدۇراق كۆرمىگەندىمەن . مىنىڭ كۆز قارىشىم سزنىڭ بىلەن قايتا نوسخىلاپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن . بەلكىم مىجەزىمىزمۇ ئوخشاپ قالدىكەن . مەنمۇ سىزدەك بىر ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، مەنمۇ 2-يىللىقىا چىقتىم . لېكىن مەن ئالي مەكتەب دېگەن يەرگە شۇنداق سەت تويۇپ كەتتىمكى ، بالا چاقامنى مۇشۇنداق نىجىز يەرگە يېقىن يوللاتماسمەن دەپ قەسەم قىلىپ كەتتىم . مەن ئۈچۈن ھازىر ئالي مەكتەب دېگەن بو يەر ھېچنىمىگە يارىمايدۇ ، ئۇ بىر ھەيۋەتلىك ، سۈر بېسىپ تۇرغان خارابە ، ئەڭ مەينەت ئۇيۇن ياماشا ، ئەيىش ئشرەتنىڭ چىرايلىق بېزەپ قويغان ئېغىلى ،يەنە دېسەم يەنە شۇ . تۈگىمەيدىغان سەت مەينەت گەپلەر . ھەر كۈنى نامىزىمدا ئۇلۇغ ئاللانى ياد ئېتىپ ئچى ئچىمدىن يىغلاپ كېتىمەن . مۇشۇ مۇز بۇراپ تۇردىغان جايدىكى سۇغۇق چىرايلار ، ھېسىياتتىن قىلچە ئەسەر يوق ھىىجاپلار ، كۈندە يەيدىغان سوۋۇپ قالغان تاماقلار ،پۇلغا سېتىۋالمىغاق ئچكىلى بولمايدىغان ئسسق چايلار ، … ئشقىلىپ بو جايدىكى جىمى ئشلارغا سۇيقەست يۇشۇرۇنغان . چۇقۇم شۇنداق ، مەن شۇنداق ھىس قىلىپ قالدىم …
    بۇرادەر رەھمەت سىزگە بۇ ئەسىرڭىزنى ئوقۇپ ئچىپ يىنىك بولۇپ قالدى .


  4. ئاپتور
    تەشنايى : 2013-يىل10-ئاي17-كۈن09:09:54  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    راسلا ئورتاقلىقىمىز نۇرغۇن ئىكەن، ھەتتا ئىسمىمىزمۇ ئوخشايدىغاندەك قىلىدۇ :lol:
    ھەر قېتىم چۈشكۈنلەشكەنلىرىڭىزدە مەن بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ، ئۆزئارا مەدەت بېرىشىپ ئۆتىمىز. ئاللاھ ھەقنى ياقىلىغانلارنى ئەنە شۇنداق سىنايدۇ، دىللىرىمىز ھەق يولىدا مۇستەھكەم بولسىلا باشقا ئىشلارنىڭ كارايىتى چاغلىق :oops: ..

    • تارىم : 2013-يىل10-ئاي18-كۈن18:44:39  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      رەھمەت ، دائىم پىكىرلىشىپ تۇرايلى ئەمسە .

  5. تارىم : 2013-يىل10-ئاي18-كۈن18:42:47  -15قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    دىللىرىمىز يۇرۇق بولسۇن ،چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا چۆكۈپ كەتمەيلى . ئازاپلىق ، جاپالىق كۈنلەردە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى ، ئىرادىمىز سۇنۇپ كەتمىسۇن ،نىشانىمىزنى يۈتۈرۈپ قويمايلى ،دىلىمىز قۇرۇپ كەتمىسۇن . تىرىك جەسەتكە ئايلىنىپ كەتمەيلى . يۈرۈكىمىزدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېنى ئاقسۇن ، دىلىمىز ئسلام نۇرى بىلەن چۆمۈلسۇن ! !!

  6. تارىم : 2013-يىل10-ئاي18-كۈن18:44:15  -14قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    رەھمەت ، دائىم پىكىرلىشىپ تۇرايلى ئەمسە . :razz:

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟