ناپالىيئوننىڭ جوسپىينگە يازغان سۆيگۈ مەكتۇپى
2012/09/02 ئېنگىلىز تىلى ⁄ جەمئى: 3033 ھەرپ 7 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 656 مېھمان+

ئەسسالام ئەزىزلەر! ئىنگىلىزتىلىنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۈگىنىشىڭىز ۋە تارىخ قوينىدا تاۋلىنىپ چىققان كىلاسسىك نەمۇنىلەردىن زوق ئېلىشىڭىز ئۈچۈن، ئۆزۈم ياقتۇرغان، تىلى يىنىك بولغان ئىنگىلىزچە ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، «تىل ئۈگىنىش» سەھىپىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى قىلىش قارارىغا كەپ قالدىم. ئەلۋەتتە، ئىمكانىيەت يار بەرسە باشقا تىللاردىنمۇ ماتېرىياللارنى ھوزۇرۇڭىزلارغا سۇنغۇسىمەن. تۆۋەندە بۈگۈنكى ھوزۇرىمىزدا: دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ مەكتۇپلىرىدىن ئارىيە.
شەخىس ھەققىدە چۈشەنچە:

ناپاليئون.بوناپات(1769-1821)فىرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى، فىرانسىيە ئىمپىرىيسىنىڭ ئىمپىراتورى. 1796 - يىلى 3- ئاينىڭ 9 - كۈنى، ناپالىيئون جوسپىيىن بىلەن توي قىلدى. ئۇلا دەسلەپ تونۇشقاندا ناپالىيئون كىچىككىنە بىر ساۋاتسىز قوماندان، جوسپىپىين بولسا نازاكىتى ھەريانغا پۇركەتكەن ئېسىل قىز ئىدى. توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ناپالىيئون ئىتالىيە ئارمىيسىگە قوماندانلىق قىلىپ،ئىتالىيىنى ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. جوسپىيىن بولسا پارىژدا قالدى. ناپالىيئون كىيىن توختىماي خەت يېزىپ، ئۇنىڭ يىنىغا كىلىشىنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، رەت قىلىندى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئاز خەت تاپشۇرۇپ ئالدى. تاكى ناپالىيئون مىرانغا كەلگەندە ئۇ ئاندىن يىنىغا كەلدى.

مەكتۇپ مەزمۇنى: ئۇيغۇرچە

مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيمەن. ئەكىسچە، سەندىن نەپرەتلىنىمەن ــ سەن بىر كەپسىز، لەقۋا، ئەخمەق قىز. ئەزەلدىن ماڭا خەت يازمايسەن، يولدىشىڭنى سۆيمەيسەن. سەن ئاددىي بىر پارچە خېتىڭنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىڭ. ئەمما، ھاپىلا-شاپىلا ئالتە قۇر خەت بولسىمۇ يىزىپ ئەۋەتىشنى زىنھار خالىمىدىڭ.
سەن ھەركۈنى نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىۋاتىدىغانسەن، سۆيۈملۈك خانىم؟ سېنى شۇنچە ئالدىراش قىلىۋەتكەن، ھەتتا نەچچە قۇر خەت يىزىشىڭغىمۇ ئىمكان بەرمەيۋاتقان قانداق مۇھىم ئىش باردۇ؟

ئىلگىرى ماڭا ئىللىق ھەم سەمىمىي مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغانغا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ، ئۇلار زادى قانداق بىر تۇيغۇ تەرىپىدىن تۇنجۇقتۇرىۋىتىلدى؟

ۋاقىتلىرىڭنى تامامەن ئۆز ئىلكىگە ئالغان، ھەتتا يولدىشىڭغا ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىڭىغا ۋاقىت بەرمەيۋاتقان، ئۇ ئاجايىپ ئادىمىڭ، يىڭى ئاشىقىڭ زادى قانداق بىر مەخلۇق؟

جوسپىيىن، سەگەك بول، مەن مەلۇم بىر گۈزەل ئاخشىمى ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىشىم مومكىن.
ئەمەلىيەتتە، سېنڭ خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالامىغىنىمدىن ئالاقىزادە بولىۋاتىمەن سۆيۈملۈكۈم! ماڭا دەرھال ھېسيات ۋە مەنالارغا تويۇنغان بىر نەچچە بەت خەت يېزىپ ئەۋەتكىن. قەلبىم شۇندىلا شاتلىققا ئىرىشكۈسى.
ئۇزاق ئۆتمەيلا سېنى باغرىمغا مەھكەم بېسىشنى. شۇنداقلا، قۇياش ئىكۋاتورنى كۆيدۈگەندەك ھارارىتىم بىلەن لەۋلىرىڭگە مىليون قىتىملاپ سۆيۈشنى ئارزۇ قىلىمەن.
بوناپات
1796 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ۋېيرونا

مەكتۇپ مەزمۇنى: ئىنگىلىزچە

I don't love you, not at all; on the contrary, I detest you. You're a naught,    gawky, foolish Cinderella.

You never write me; you don't love your own husband; you know what pleasures your letters give him, and yet you haven't written him six lines, dashed of so casually!

What do you do all day, Madam? What is the affair so important as to leave you no time to write to your devoted lover

What affection stifles and puts to one side the love, the tender constant love you promised him?

Of what sort can be that marvellous being, that new lover that tyrannises over your days, and prevents your giving any attention to your husband?

Josephine, take care! Some fine night, the doors will be broken open and there I'll be.

Indeed, I am very uneasy, my love, at receiving no news of you; write me quickly for pages, pages full of agreeable things which shall fill my heart with the pleasantest feelings.

I hope before long to crush you in my arms and cover you with a million kisses as though beneath the equator.

Napoleon Bonaparte

 

جەمئىي 7 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 5 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:2 دانە

  1. نۇرنىجات : 2012-يىل09-ئاي02-كۈن17:45:19  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    قايسىلا بلوگقا كىرسەم،مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بارلا بار!

    • تەشنايى : 2012-يىل09-ئاي02-كۈن19:08:30  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      بىر ئۆمۈر بلوگ بىلەن ئۆتۈپ كەتمەسلا، بۇلارنىمۇ ئۈگىنىپ قويغۇلۇق…ھى ھى!

      • تەڭرى قامچىسى : 2012-يىل09-ئاي05-كۈن11:19:23  2-رەت جاۋاب @جاۋاب

        ۋاھ ۋاھ ناپالىئوننىڭ شەخسي تۇرمۇشىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا تېخىمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن

  2. ﺩﻭﺱ : 2012-يىل10-ئاي22-كۈن20:19:21  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ھوې..ھوي! مۇنداق ئېسىل بىلوگلار بىر ئۆمۈر بىرگە بولۇشقا ئەرزىيدۇ جۇمۇ !؟
    ئاۋدالىيە دېگەن ئاۋىستىرالىيەغۇ ئاكا :mad:

  3. ۋەھىمە : 2013-يىل09-ئاي26-كۈن16:18:38  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    you don`t know
    مانى نىمە دەپ تەرجىمە قىلساق بولار ؟

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟