« قارا كۆزلېرىڭدىن بىر تامچە ياش چۈشكىچە، بۇ يۈرۈكۈم مىڭ پارە بوپ داغلىنار، يىغلىما گۈلۈم ھەرگىز يىغلىما...» قارا كۆزلەرنىڭ ئاچچىق ياشلىرىغا مەلھەم بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە مۇڭلۇققىنە بىر ناخشېنى ھوزۇرۇڭىزلارغا سۇندۇم. ناخشا ئاڭلىغاچ تۈرۈك تىلى ئۈگېنىمىز، تۈرۈك تىلى ئۈگەنگەچ بلوگىمنى نادىر ئېنكاسلار بىلەن كۆمىۋېتىمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! ئەمسە قۇرۇق گەپنى قويۇپ، يازمېنىڭ پايانىغا باقايلى!
[mp3]http://www.teshnayi.com/wp-content/uploads/2013/03/Sen-Aglama普清版-高质量.mp3[/mp3]
sen ağlama
سەن يىغلىما
(تەرجىمە قىلغۇچى: Mr.hot )
Kara ğözlerinden bir damla yaş düşünce
قارا كۆزلېرىڭدىن بىر تامچە ياش چۈشكىچە
Güzel yüzün yanakların ıslanır
گۈزەل يۈزۈڭ، چاناقلىرىڭ ياشلىنار
Kara gözlerinden bir damla yaş düşünce
قارا كۆزلىرىڭدىن بىر تامچە ياش چۈشكىچە
Hüzün keder yüreğime yaslınar.
قايغۇ - ھەسرېتىڭ يۈرېگىمگە يۈكلىنەر
Sen ağlama bir damla ğözyaşın yeter
سەن يىغلىما، بىر تامچە كۆز يېشىڭ يىتەر
Sen üzülme gülüm
سەن قايغۇرما گۈلۈم
Gece gökyüzünden bir damla yaş düşünce
كىچە ، كۆك قەھرىدىن بىر تامچە چۈشكىنچە
Bahar gelir tüm çiçekler ıslanır
باھار كېلەر، گۈل - چېچەكلەر بېخلىنار
Kara gözlerinden bir damla yaş düşünce
قارا كۆزلىرىڭدىن بىر تامچە ياش چۈشكىچە
Hüzün keder yüreğime yaslınar.
قايغۇ - ھەسرېتىڭ يۈرېگىمگە يۈكلىنەر
Sen ağlama bir damla ğözyaşın yeter
سەن يىغلىما، بىر تامچە كۆز يېشىڭ يىتەر
Sen üzülme gülüm gamzende güllerin biter
سەن قايغۇرما گۈلۈم، مەڭزىڭدە گۈللېرىڭ يۈتەر
yollarıma taş koysalar döneceğim
يوللىرىمدا تاغ بولسىمۇ قايتارمەن
Gözlerinden yaşlarını sileceğim
كۆزلېرىڭدىن ياشلىرىڭنى سۈرتىمەن
(قايتارما)
.....
ئىزاھات: يۇقارقى ناخشىنى بلوگىمىزغا چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە خەتلىك فىلىمىنىڭ بارلىقى بايقالدى. تەكرار ئەمگەك بولسىمۇ، "ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا" دەپ ھوزۇرلانغايسىزلەر... بەگنىڭ كەپىسىدىكى ناخشىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭلار: سەن يىغلىما
بۇ بىز بىلەن بىللە تۈركچە ئۆگەنگەن بالا شۇكەن ھە ؟
سىز بىلەن بىر مەكتەپتىكى،
يوللىرىمدا تاغ بولسىمۇ قايتارمەن. دېسە بەلەنراق بولارمىكىن مەنچە،
ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم.
يېقىملىق ناخشىكەن. دوستىڭىزغا سالام دەپ قويۇڭ،
شۇنداق، دەل ئۆزى! پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق، شۇنداق ئۆزگەرتىپ قويسام بولغۇدەك…
تەرجىمېلىرىڭىزدىن بىزنىمۇ تەڭ بەھرىمان قىلارسىز بولسا، غىرىپ كۈلبەمدە!
ياخشى ناخشا ئىكەن… نەلەردىنمۇ تاپارلىكىن مۇشۇ ناخشىلارنى…
نەدىن تاپاتتۇق،يولدىن تىرىۋالىمىز – دە!
سىلىزە، بېيجىڭنىڭ يوللىرىدا يەرگە قاراپ ماڭىسىلەركەندە!
نىمە دەيدۇ ما ئۇكىچاق، ئاسمانغا قاراپ ماڭامتىم ئەمىسە؟!…
چىقمايدىغۇ ئەپەندىم بۇ ناخشا… قانداق قىلسام چىقىدۇ؟ قويۇش كۇنۇپكىسىنى باستىم بولمىسا….
چىقاتتىغۇ، قويۇش كونۇپكېسىنى باسسىڭىز چىقاتتى. بەلكىم تور سۈرئېتى سەل ئاستىدۇ، بىر ئازدىن كىيىن چىقىپ قالىدۇ…
مۇڭ
يىغلاپ تاشلىغانسىز ھەقاچان….؟
ئۇنى بىر دىمەڭ دەيمە ئەمما ناخشىنىڭ ئەسلى نۇسھىسىنى تاپالمىدىم
ھاي بىز يوقلاۋاتساق غېرىب كۆلبە بولامدا يا بو :grin
يىلدا بىر كەپ قويۇپ، «يوقلاۋاتساق…» دەيدا ما ئاداش!!
قارا كۆزلېرىڭدىن بىر تامچە ياش چۈشكىچە…. تولىمۇ مۇڭلۇق بىر ناخشا ئىكەن تېخىمۇ ئېسىل مەزمۇنلاردىن بەھرىمەن قىلىشىڭىزغا تەشنامەن
شۇنداق، مۇڭ تىتىيدۇ بۇ ناخشا…. داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلارسىز!
ھەقاچان ھازىر قاتتىق ۇخلاۋاتىسىلەر،شۇ مەن خەت يازسام بىر قېتىممۇ قايتۇرۇش خوشياقمىسا ۆزلىرىگە بۇ يەردىكى مەكتىپىمنى قانداق تونۇشتۇرىمەن
ما ىىنكاسنى تىلفوندا يازغان شۇڭا توغرا چۈشىنەرسىلەر
ھاي مەن بەرگەن ماتىرياللارنى تىقىپ قويماي باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ـۈچۈن چىقارماسلە دەيمەن。قاندا قىغىنىڭلا ھاي بۇ
بەك ئېسىل ناخشا جۇمۇ بۇ!