ئېسىمدە قېلىشىچە كومپىيۇتېردىن IE تور كۆرگۈنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان. لېكىن كۆزنەك 8 چىققاندىن كېيىنغۇ بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن خالىي بولدۇق. تۆۋەندە مىكروسوفت ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن IE تور كۆرگۈنى تىز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
تەييارلىق: ئالدى بىلەن چوقۇم باشقۇرغۇچى سالاھىيتىدە كىرىپ (ياكى باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى بار بولۇشى كېرەك) CMD كود ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز. (تەپسىلاتى مۇشۇ يازمىدا بار ) ئاندىن تۆۋەندىكى ماس كودلارنى كۆچۈرۈپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا كۆزنىكىگە چاپلاپ Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىمىز. ئىجرا بولغاندىن كېيىن چوقۇم كومپىيۇتېرنى قايتىدىن قوزغىتىشىمىز كېرەك.
IE 9 نى ئۆچۈشۈرش بۇيرۇقى:
FORFILES /P %WINDIR%servicingPackages /M Microsoft-Windows-InternetExplorer-*9.*.mum /c “cmd /c echo Uninstalling package @fname && start /w pkgmgr /up:@fname /quiet /norestart
IE 10 نى ئۆچۈشۈرش بۇيرۇقى:
FORFILES /P %WINDIR%servicingPackages /M Microsoft-Windows-InternetExplorer-*10.*.mum /c “cmd /c echo Uninstalling package @fname && start /w pkgmgr /up:@fname /quiet /norestart
IE 11 نى ئۆچۈشۈرش بۇيرۇقى:
FORFILES /P %WINDIR%servicingPackages /M Microsoft-Windows-InternetExplorer-*11.*.mum /c “cmd /c echo Uninstalling package @fname && start /w pkgmgr /up:@fname /quiet /norestart
IE 11 ھازىر بىر قەدەر ئىلغار تور كۆرگۈلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىكروسوفىت ئورگان تەرەپنىڭ ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. گەرچە كۆپىنچىمىز باشقا كۆرگۈلەرنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بولساقمۇ IE نىڭ باشقا تور كۆرگۈلەر ئورنىنى باسالمايدىغان تەرەپلىرى ھەم بار. شۇڭا ساقلاپ قېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. IE9 ياكى IE10 بولسا ئەڭ يېڭى نەشىرىگە يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسالام ئەلەيكۇم، تازا ئەمەلىي نان تىگىدىغان بىر يازما بولدى. ھە مانا ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدۇق. ئەمدى قايسىنى قاچىلايمىز ئورنىغا :لول لول:
ۋوي ئاداش مەن ئۆچۈرۈپ تاشلىۋىتىڭلا دېمىدىمغۇ ھېچقاچان، پەقەت ئۇسۇلنى يوللاپ قويدۇم. ئۆچۈرگەن بولساڭلا ئوت تۈلكە بىلەن كىرەمجاننن قاچىلاڭلا ئەمىسە… :ھا ھا:
ھۇف…. مەن سىللىگە دىسەم، قاچىلاش يۇيۇشتىنمۇ تەسكەن :ئاپلا:
ئەگەر مەن كومپىيۇتېرغا سېستىمىنى قايتا قاچىلاپلا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ieنى ئۆچۈرۋەتسەم . مەن باشقا توركۆرگۈنى قايدا چۈشۈرىمىنا ؟ :توۋا :
تور كۆرگۈ يوق بولسا دەمسىز؟ ئۇنداقتا باشقا دىتال چۈشۈرۈش دىتاللىرى بىلەن چۈشۈرۈڭ، ئەگەر ئۇمۇ يوق بولسا، باشقا كومپىيۇتېرغا چۈشۈرۈپ بارماق دىسكىدا كۆچۈرۈڭ.
مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئۆچۈرۈشتىن ئاۋۋال بىر قانچىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ. مەنغۇ ئادەتتە كەم بولسا بولمايدىغان دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىمەن.
ھىلىقى كىرومجانكىڭىزنى گوگۇل چوڭامنىڭ بىتىنى ئىچىپ تۆت ۋەدە كاتەكچىنىڭ ئىچىنى چىكىت بىلەن توشقۇرۇزىۋەتمەي! كىرومجان دەپ ئىزدەپ دوۋىنلوئاد دېگەنبىر ماققىدە بىسىپ چۈشەمەمسىز
يېرىم چاقچاق ،يېرىم سۇئال مەنىسىدە سورىغانتىم :ھا ھا: بارماق دېسكامنىڭ ئىچىدە ھەرخىل سېستىما ، ھەرخىل كەم بولسا بولمايدىغان دېتاللار لىق بار :ھا ھا: