ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەيلى سىز php ھەۋەسكارى بولۇڭ ياكى باشقا پىروگىرامما تىلى ھەۋەسكارى بولۇڭ ۋە ياكى بىلوگخۇمار بولۇڭ (phpسىستىمىسى كۆزدە تۇرۇلدى) ئادەتتە ساندان بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىسىز. مەن دائىم php مۇھتى ھازىرلاش قۇرالى سورىغانلارغا Xampp نى تەۋسىيە قىلاتتىم.Xampp قۇرالى بولسا مەنلا ئەمەس نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشى. يەنى (Apache+MySQL+PHP+PERL) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپلاشتۇرۇلغان قۇرال. Linux ، Solaris ، M ac OS X قاتارلىق كۆپ خىل مەشغۇلات سىستېمىسىدا نۇرمال ئىشلەيدۇ. نەخ گەپكە كەلسەك بۈگۈن مۇشۇنىڭ ساندانىغا بىرقىسىم بۇيرۇقلارنى ئېلىپ بارىمىز.
مەشغۇلات سىستېمىسى: windows 8.1
ئالدى بىلەن ساندانغا كىرىمىز:
مەن كومپىيۇتېردىكى بۇ قۇرالنى قاچىلىغان ئورۇن: D:xamppmysqlbin يەنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماس ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ دىسكا رايونىدىن تاپسىڭىز بولىدۇ.
ئالدى بىلەن CMD ئىجرا كۆزنىكى قوزغىتىمىز. تىزلەتمە كونۇپكا : WIN+R دىن ئېچىلغان كۆزنەككە CMD نى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇڭ.
ئاندىن D:>cd xampp/mysql/bin ئارقىلىق mysql سانداننىڭ bin مۇندەرجىسىگە كىرىمىز.
1. ساندانغا كىرىش بۇيرۇقى: d:xamppmysqlbin>mysql -u root نى ئىجرا قىلىمىز.
ئادەتتە Xampp نىڭ ئەزا نامى root، پارولى قۇرۇق بولىدۇ. لېكىن بۇنداق بولغاندا بىخەتەرلىك مەسلىسى كېلىپ چىقىدۇ. ھازىرچە ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تاقاپ قويسىڭز بۇ ھەقتە كېيىنچە تەپسىلى توختىلىمىز.
يۇقارقى بۇيرۇق توغرا ئىجرا بولغاندىن كېيىن
Welcome to the MySQL monitor. Commands end with ; or g. Your MySQL connection id is 104 Server version: 5.5.34 MySQL Community Server (GPL) Copyright (c) 2000, 2013, Oracle and/or its affiliates. All rights reserved. Oracle is a registered trademark of Oracle Corporation and/or its affiliates. Other names may be trademarks of their respective owners.
ئالدى بىلەن سالام، ئاندىن ساندان ئۇچۇرلىرى كۆرىنىدۇ.
ئەمدى بىز ئىلگىرى قۇرۇلغان ساندانلارنى تەكشۈرۈپ باقايلى؛
2. ساندانلارنى كۆرۈش بۇيرۇقى: show databases;
نەتىجىسى:
mysql> show databases; +--------------------+ | Database | +--------------------+ | information_schema | | cdcol | | mysql | | performance_schema | | phpmyadmin | | phpstudy | | test | | webauth | | wordpress | +--------------------+ 9 rows in set (0.00 sec)
بىرەر ساندان كەم تۇرامدۇ نېمە، ئۇنداقتا تولۇقلاپ قويامدۇق؟
3.ساندان قۇرۇش بۇيرۇقى: create database teshna; يەنى تەشنا دېگەن سانداننى قۇرۇۋالدۇق.
نەتىجە:
mysql> create database teshna; Query OK, 1 row affected (0.00 sec)
ئەمدى ئارتۇقلىرىنى ئۆچۈرىۋىتەيلى. يەنى يۇقىردا ساندانلارنى تەكشۈرگەندە دىققەت قىلغان بولسىڭىز مەن phpstudy دەپ بىر ساندان قۇرۇپ قويغان.
4. ساندان ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى: drop database phpstudy; ئۆچۈرۈلىدىغان ساندان نامى: phpstudy
نەتىجە:
mysql> drop database phpstudy; Query OK, 0 rows affected (0.00 sec)
ئەمىسە ئاۋۋال مۇشۇنچىلىك ئۆگىنىپ تۇرايلى.
كىچىك بالىغا نان چايناپ بەرگەندەك بەك تەپسىلى سۆزلەپ كەتتىمۇ قانداق؟!
ئەسسالام ئەلەيكۇم، بەك چۈشىنىشلىك بوپتۇ. ئىشقىلىپ ماڭا ھەزىم بوپ كەتتى…. :ھا ھا:
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم، ئاداش! mysql مۇنداق cmd ئارقىلىق باشقۇرۇپ باقماپتىكەنمەن، راستىنلا قولايلىق ئېكەن. دېگىنىڭلا بويىچە ئويناپ باقتىم، نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك: :ھا ھا:
ئاداش ماۋۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى رەتلەپ يېزىپ ماڭساق، يۇقىدا ئېيتىلغاندەك jaca نى بولامدۇ php نى بولامدۇ ئۆگەنگەندە ئەسقاتقۇدەك. ھەم بۇ ساھەدە ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار يوق دېيەرلىككەن. مۇشۇ ساندان بىلىملىرىنى ياخشى ئېگەللىسىمۇ خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ ھازىر. شۇڭا نۆلدىن باشلاپ تەپسىلى يېزىپ ماڭايلى…
سۆز-جۈملىللىرى ئىنگىلىىز تىلى گىراماتىكىسى يەنى ئادەم تىلىغا دەھشەت يېىقىندە بۇ ئوماقنىڭ!
بۇنداق ئويناشقا مەن بەك ئامراق!! بەك پەيزى بولىدۇ. wampserver دا شۇ كۆزنەكنى بىۋاستە ئاچىدىغان كۇنۇپكىمۇ بار تېخى!
مەنمۇ قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن شۇ ئەمدىلىكتە.
مەن windows ئىشلەتكەنلەرگە IIS 8.0 ياكى Microsoft WebMatrix نى تەۋسىيە قىلاي، كىيىنكىسى بەك بەلەن چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز، سىز ئىزدىگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى بار. ئىشلەش مۇھىتنى(php,Jsp,Asp.net,Mysql,Oracle,MSSql دىگەندەك) ئاپتۇماتىك قۇرۇپ بىرىدۇ. ھەم نۇرغۇن سىستىما تەمىلىگەن. لېكىن يامان يىرى، IIS Express بىلەن تەمىنلىگەن، شۇڭا چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىپ IIS ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
بىلوگىڭىزمۇ خېلى قىززىپتۇ جۇمۇ، ھارمىغايسىلەر دوستلار.
رەھمەت…