Home >  > PHP يۈزتۇرانە ئىمتىھان سۇئاللىرىدىن(1)

PHP يۈزتۇرانە ئىمتىھان سۇئاللىرىدىن(1)

21

يېقىندا پاراكتىكا ئىھتىياجى بىلەن خىلى كۆپ شىركەتلەر ئارا تەرجىمىھالىمنى كۆتۈرۈپ قاتىراپ يۈردۈم. بېيجىڭدەك تېخنىكا شىركەتلىرى بىرقەدەر كۆپ ئورۇنلاشقان شەھەردە، داڭلىق شىركەتلەرگە كىرىپ پاراكتىكا قىلىش پۇرسەتلىرى ناھايىتى كۆپ ۋە شۇنداقلا رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن. ھازىرغىچە ئاز كەم 30 دەك ئورۇنغا تەرجىمىھال تاپشۇرۇپتىمەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن ئون نەچچسىنىڭ يۈزتۇرانە ۋەياكى يازمىچە ئىمتىھانلىرىغا قاتناشتىم. بەزىلىرىدە شاللىنىپ، بەزىلىرىنى ياراتماي ئاخىرى يامان ئەمەس بىر شىركەتتىن offer ئالدىم، شۇنداقلا بىر مەزگىللىك سىناق ھالەتتە ئىشلىدىم. ئاللاھ خالىسا 9 - ئايدىن باشلاپ رەسمىي 6 ئايلىق پاراكتىكىغا چۈشىمەن.

مەقسەتكە كەلسەك ئالىي مەكتەپ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققاندىن بىرى خىزمەت ئىزدەش، يۈزتۇرانە سىناقلارغا قاتنىشىش، تەرجىمىھال تەييارلاش جەھەتتە ئاز بولمىغان تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ساۋاقلارغا ئىرىشكۈسىمەن. شۇ سەۋەبتىن بىلوگىمىزدا بۇ ھەقتىكى تەسىرات - كەچمىشلەرنى ئورتاقلىشىپ ماڭىمىز.

تۆۋەندە مەلۇم بىر شىركەتكە "PHP پىروگىراممىرى" سالاھىتىدە تەرجىمىھال تاپشۇرغاندىن كېيىنكى يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدا مەندىن سورالغان سۇئاللار ۋە ئۆلچەملىك جاۋابلىرى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ(بەزىلىرىڭلارنىڭ مازاق قىلىپ كۈلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن، مەن راستىنلا PHP ماھىرى ئەمەس، ئەمما ئاز - تولا ئۆگەنگىنىم باردۇر، يەنە كېلىپ پاراكتىكانتلارغا بولغان تەلەپ ھەقىقىي خىزمەتچىلەرنىڭكىدەك يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا كۈلمەي تۇرارسىلە).

مەن بارغان بۇ شىركەتنىڭ  ئىمتىھانى ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئالدىمغا 3 ۋاراقلىق سۇئال قەغىزىنى تاشلىدى ۋە 30 مېنۇت ئىچىدە تاللاپ 20 سۇئال ئىشلىشىمنى تەلەپ قىلدى.  قارىسام سۇئاللار ئۈچ پەلەمپەيگە بۆلۈنۈپتۇ، بىرىنچىسى ئەڭ ئاساسىي بىلىملەر ئىكەن، ئىككىنچى پەلەمپەيدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم، ئۈچىنچى پەلەمپەيگە بىر قاراپلا بېشىم قىيىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەپ يۈرۈپ ئەڭ ئاسانلىرىنى ئىشلەشكە باشلىدىم، مەن ئىشلىگەن سۇئاللار تۆۋەندىكىدەك:

1. php بىلەن html نى ئايرىپ يېزىشقا بولىدىغان قىلىپلاردىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟

جاۋاب: Smarty, template,PHPlibTemplate قاتارلىقلارنى بىلىمەن.

2. php پىروگرامما تۈزۈشتە، قايسى قوراللار ئارقىلىق نەشر باشقۇرىمىز؟

جاۋاب. clear case, CVS, SVN, PVCS, Perforce, CCC, StartTeam, RCS قاتارلىقلار بىلەن php سىستېمىلىرىغا قارىتا نەشر كونتىرول قىلىشقا بولىدۇ.

3. php دا خاتالىق ئۇچۇرىنى قانداق كۆرسىتىپ، قانداق قوبۇللايمىز؟

جاۋاب: try ....catch جۈملىسى ئارقىلىق خاتالىق ئۇچۇرىنى باشقۇرىمىز. خاتالىق كۆرۈلگەندە ئىجرا قىلىدىغان بۇيرۇقنى try نىڭ كەينىگە قويىمىز، ئەگەر ئىجرا جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلسە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن catch ئارقىلىق خاتالىق ئۇچۇرىنى تۇتۇپ كۆرسىتىمىز.

4. تۆۋەندىكى سانلار گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ چوڭ قممەتنى ئوقۇپ ئېلىڭ!

$a=array(1,9,3,5,6,8);
$a=array(1,2,3,4,5,9);

جاۋاب: ئوقۇپ ئېلىش كودى مۇنداق بولىدۇ.

$a=array(1,9,3,5,6,8);
$a=array(1,2,3,4,5,9);
$b=max($a);
echo $b;
or
rsort($a);
echo array_shift($a);

 5. php ئارقىلىق ئالدىنقى كۈنىنىڭ(يەنى تۈنۈگۈننىڭ) چېسلاسىنى كۆرسىتىڭ. فورماتى مۇنداق بولسۇن: 2010-5-10 24:23:22

جاۋاب: كۆرسىتىش كودى تۆۋەندىكىدەك.

/** strtotime(time) funkisiyesi arqiliq waqit formatini korsitimiz
-1 bugundin bir kun awwal ni korsitidu */
$a = date("Y-m-d H:i:s", strtotime("-1 day"));
print_r($a);

 6. echo(), print(), print_r()  فۇنكىسىيەلىرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

جاۋاب: echo  ۋە print  ئىككىسى ئەمەلىيەتتە فۇنكىسىيە ئەمەس، پەقەتلا تىل قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت.

int print(string $arg) نىڭ پەقەت بىرلا پارامېتىرى بار.

echo arg1,arg2; كۆپ پارامېتىرلارنى كۆسىتەلەيدۇ يۇقىرىقى ئىككىسى پەقەت string  ۋە  int تىپىدىكى قىممەتنىلا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. سان گۇرۇپپلىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.

print_r ئارقىلىق سان گۇرۇپپىلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ، مەسىلەن:

$arr = array("key"=>"value");
print_r($arr);

 7.  MYSQL دىن نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى ئوقۇپ ئالىدىغان فۇنكىسىيە قايسى، چېسلا فورماتىنى قانداق بەلگىلەيمىز؟

جاۋاب:  چېسلا فورماتى  يىل - ئاي - كۈن  بويىچە بولغاندا، كودنى مۇنداق يازىمىز:

CURRENT_TIMESTAMP()
DATE_FORMAT()
select DATE_FORMAT(NOW(),'%m-%d-%Y');

 8. PHP ئارقىلىق ئابونت ۋە مۇلازىمىتىرنىڭ ip نومۇرىنى كۆرسىتىش كودى؟

جاۋاب: ئەڭ ئاددى ئۇسسۇلى تۆۋەندىكىدەك.

 echo $_SERVER["REMOTE_ADDR"]
echo $_SERVER["SERVER_ADDR"]

 9. include  بىلەن require نىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئوخشاش ھۆججەتنىڭ تەكرار ئېلىنىپ قىلىشىدىن ساقلنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ھۆججەتنى ئېلىشتا خاتالىق كۆرۈلسە include پەقەت ئەسكەرتىدۇ، require نى ئىشلەتكەندە خاتالىق كۆرۈلسە ئىجرا بولۇشتىن پۈتۈنلەي توختايدۇ.

include ھۆججەتنى ئىجرا بولۇۋاتقان ۋاقىتتا  يۈكلەيدۇ، require ئىجرا بولۇشتىن ئاۋۋال يۈكلەيدۇ.

تەكرار ئېلىنىپ قىلىشتىن ساقلنىش ئۈچۈن ئادەتتە require_once ,include_once ھالەتتە  ئىشلىتىمىز.

10. http://www.test.com/index.html مۇنداق ھالەتتىكى تور ئادرىسىدا بىر يازما بار، php ئارقىلىق شۇ ئادرستىكى يازمىنى قانداق تارتىپ ئالىمىز؟

جاۋاب: (سوراپ ئالىمىز بەرمىسە بۇلاپ ئالىمىز)  ئوقۇپ ئېلىش كودى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

$url = http://test.com/index.html
file_get_contents($url);

 11. فونكىسىيە ئارقىلىق ئېلىخەت فورماتىنىڭ توغرا - خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ!

جاۋاب: (بۇنى wordpress تىن ئۆگەنگەن، تازا ئەسقاتتى) فۇنكىسىيە مۇنداق بولىدۇ.

$str = "teshnayi@gmail.com";
regex="([a−z0−9.−]+)@([da−z.−]+).([a−z.]2,6)" ; //正则
return preg_match(regex,str)

 12. js ئارقىلىق دىئالوگ رامكىسى سەكرىتىپ چىقىرىش كودى قايسى، مەلۇم  كىرگۈزۈش رامكىسىغا نۇربەلگىنى توغۇرلاش كودىچۇ؟

جاۋاب: مانا مۇنداق

// ramka sekritip chiqirish kodliri
alert()
confirm()

// nurbelgini kurguzush ramkisigha toghurlash kodi
focus()

13. php ئارقىلىق سانداندىن ئىزدەش فۇنكىسىيەسى يېزىپ، ساندان جەدىۋىلىدىن ئىسمى '张三' بولغان مەزمۇننى ئوقۇپ ئېلىڭ ۋە كۆرسىتىڭ!

جاۋاب: تەپسىلىي كودى تۆۋەندىكدەك.

// towendikidek bir jediwel bergen
表名  UserName Tel Content Date
     张三 13333663366 大专毕业 2006-10-11
     张三 13612312331 本科毕业 2006-10-15
     张四 021-55665566 中专毕业 2006-10-15
  // mysql gha ulaymiz
  $mysql_db=mysql_connect("local","root","pass");
  @mysql_select_db("DB",$mysql_db);
// mysql din jediwel nami 张三 bolghan mezmunlarni ideymiz
	$sql = sprintf("select * from %s where UserName = '%s'", 
		"表名", 
		"张三");
	values=mysqlquery(sql);
	while(item=mysqlfetchqueryarray(values))
	{
	// 张三 bolghan namiliqning barliq uchurlirini korsitimiz
		echo sprintf("用户名:%s, 电话 %s, 学历: %s, 毕业日期: %s", 
			item[′UserName′],item['Tel'], item[′Content′],item['Date']
		);
	}

14. php ئارقىلىق فونكىسىيە يېزىپ، بېرىلگەن url ئادرىسىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ھۆججەت كىڭەيتىلمە نامىنى ئوقۇپ ئېلىڭ.

مەسىلەن:  http://www.sina.com.cn/abc/de/fg.php?id=1 ئادرسىدىن php ياكى .php كىڭەيتىلمە نامىغا ئىرىشىشىڭىز كېرەك.

جاۋاب: تەپسىلىي ئۇسسۇلى تۆۋەندىكىدەك.

15. مەلۇم ھۆججەت قىسقۇچىسى ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەت ۋە بالا ھۆججەت قىسقۇچىلىرىنى ئوقۇش فونكىسىيەسى يېزىڭ!

جاۋاب: تەپسىلىي كودى تۆۋەندىكىدەك:

مېنىڭ پۈتكۈل ئىمتىھان قەغىزىدىكى 100 گە يىقىن سۇئال ئىچىدىن ئۆرۈپ - چۆرۈپ يازالىغىنىم يۇقىرىقى 15 بوپتۇ. ئىشىپ قالغان بەشىگە قارا - قۇيۇق جۆيلۈپ يېزىپ قەغەزنى تاپشۇردۇم.

بىردەمدىن كېيىن يۈزتۇرانە سىناق ئالغۇچى خادىم بايا تاپشۇرغان قەغىزىمنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، قەغەز يۈزىدىكى مەن جاۋاب يازمىغان سۇئاللاردىن تاللاپ سوراشقا باشلىدى. سورىغانلىرى ئاساسەن ئۈچىنچى پەلەمپەيدىكى سۇئاللار بولۇپ، جاۋاب بېرىپ بولالماي كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. نۇرغۇن سۇئاللارغا نەخمەيداندا كود يازغۇزدى، تەرلەپ - تەپچىرەپ يۈرۈپ ئاران قۇتۇلدۇم. ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى يۈزتۇرانە ئىمتىھاننىڭ قىزىقارلىق ھىكايىلىرىنى كېيىنكى يازمىمىزدا داۋاملىق ئورتاقلىشىمىز.

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (21)
نەقىللەر (0)
  1. پادىچى [ قىرىقىنچى دەرىجە ] unknowunknow 11 -قەۋەت 2014/06/07 14:25

    مەن «javascript كودىدا قۇر بويىچە مەزمۇن ئۆچۈرۈش! » دىگەن تىمىنى يوللىغان ئىدىم ، ئەمما كود قوشۇش نورمال ئەمەس ، يەنى بىلوگنىڭ كود قوشۇش قىسىمى javascript كودىنى فىلتىرلىيالمايدىغان ئوخشايدۇ ، بەتكە ئىجرا قىلىپ چىقىرىۋاتىدۇ ، بۇ خەتەرلىكمۇ يا؟ ئەگەر جاۋا سىكرىپىت كودى مۇلازىمىتىر تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسىچۇ؟ — يەنى سىكرىپىت كودى ئارقىلىق php كودىنى ياكى mysql بۇيرۇقىغا تەسىر قىلسىچۇ! — كود ئىجرا بولۇپ بەت يۈزىگە چىقتى ئەمما نورمال ئەمەس! شۇڭا ئۆچۈرۈلۈپ تۇردى قاراپ باقسىڭىز نىمە مەسىلىكىن؟

    • تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ پادىچى 2014/06/07 14:42

      مۇنداق گەپ ئۇكام! تېما يولىغاندا ئارقا بەتتىن يوللاڭ، ئاندىن تەرھىرىلىگۈچ رايۇنىدا <> بەلگىسى بار بىر كونۇپكا بار. شۇنى باسسىىز مەخسۇس كود قىستۇرۇش رايۇنى ئېچىلىدۇ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك پىروگىرامما تىلىنى تاللاپ، ئاندىن چاپلاپ، ئاندىن add كونۇپكىسىنى باسسىڭىز ئاندىن تامام بولىدۇ. بولمىغاندا Html,Javascript كودلىرى تور كۆرگۈدە ئىجرا بولۇپ كېتىدۇ.

  2. پادىچى [ قىرىقىنچى دەرىجە ] unknowunknow 12 -قەۋەت 2014/06/07 15:44

    ھە ! مۇنداق ئىشمىدى ، مەن ‹› بەلگىسىنى ئەمەس code كونۇپكىسىنى چىكىپ يۈرۈپتىمەن رەھمەت.

  3. appmahiri [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 13 -قەۋەت 2014/06/08 16:26

    مۇبارەك بولسۇن @تەشناكا! تەرجىمىھال بولمىسا بولمامدىكەن؟

  4. بىركىم [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow 14 -قەۋەت 2014/06/13 17:51

    ھېلېلېق :ھا ھا:
    «ھېلېلېق»دىگەن بىلەن ئۆزۈم بىرنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن :ئوماق:

  5. نىدا [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 15 -قەۋەت 2014/10/14 21:40

    ئىسىل تىمىكەن! :ئوماق:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش