Home >  > تېلفۇن خاتېرسى

تېلفۇن خاتېرسى

4

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇرمەنلەر.
ئۈلۈشكۈن تېلڧۇننىڭ سىستېما نەشىرىنى يېڭىلىغاندا تېلفۇن خاتېرسىنى زاپاسلاشنى تاللىغان بولساممۇ تېلڧۇندىكى بارلىق ئەپلەر ۋە باشقا نەرسىلەر زاپاسلىنىپ پەقەت تېلفۇن خاتېرسى بىلەن ئۇچۇرلارلا غايىپ بوپتۇ. گەرچە تېلفۇن خاتېرسىدىكى نەچچە يۈز نۇمۇرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئايدا-يىلدا بىر نەچچە قېتىم ئىشلەتسەممۇ تازا ئىچىم سىقىلدى.
شۇنداق قىلىپ توردىن ئازراق ئىزدىسەم QQ نىڭ تېلڧۇن خاتېرسى ئۇچرىدى، نۇمۇرۇمنى تىزىملىتىپ قارايدىغان بولسام نەچچە يىل بۇرۇنقى نۇمۇرلار، ئۇچۇرلا، تېلڧۇن خاتېرسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە تۇرۇپتۇ. بىر قاراپ خۇشال بولسام يەنە بىر قاراپ ئەنسىرەپ قالدىم. چۈنكى بۇنىڭدا مېنىڭ ھەممە ئۇچۇرلىرىم ئاساسەن ساقلانغان ئىكەن. مەسىلەن: توردا مال سېتىۋېلىش، بانكا كارتا ھېساباتى، تېلڧۇن قالدۇق سوممىسى ۋە ئاغىنە بۇرادەرلەرگە يوللىغان ئۇچۇرلار (بىر قىسىم بىۋاستە ئىقتىسادقا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار،مەخىپىي نۇمۇرلار ) دېگەندەك.
شۇنىڭ بىلەن لازىملىق ئۇچۇرلارنى زاپاسلىۋالغاندىن كېيىن ھەممىسىنى يۇيۇپ تاشلىدىم، ئىقتىدارى يامان ئەمەس ياسالغان بۇ تېلفۇن خاتېرسى ئەخلەت ساندۇقىغا ساقلاپ قويۇپتۇ، ئۇ يەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم. ئەمدى تۈگىگەندۇ دەپ قارىسام «ۋاقىت ھالقىش» دەپ بىر ئىقتىدارى بار ئىكەن، باياتىن يۇيۇپ تاشلىدىم دېگەن سان-سىپىرلار ئۆز پېتى يىل-ئاي-كۈن بويىچە يەنە تۇرىدۇ. بەلكىم بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت بولسا كېرەك، ئۇچۇرلارغا يەنە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن بۇ يەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم. قىسقىغىنا ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى شۇنىڭ بىلەن تاماملاندى.
خۇلاسە: يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇش ۋە باشقا خەھەتتىن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ (بېلەت ئېلىش، توردا مال سېتىۋېلىش، ئۇچۇر-ئالاقە....) يەنە نۇرغۇن تەرەپلىرى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ خۇددىي بۆرىنى قوتانغا باشلاپ قويساق ھەرقانچە مۇستەھكەم قوتان بولسىمۇ ئامال يوق. بەلكىم ئاشۇ مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇچۇرنى ئاشكارلىماسلىقىغا ئىشەنىچ قىلالىساقمۇ لېكىن ھېچكىم شۇ شىركەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى يوچۇق سەۋەبلىك ئۇچۇر ئاشكارلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىققا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. چۈنكى QQ نۇمۇرلىرىنىڭ ئوغۇرلىنىشى ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان ئىشلار. ھەم ئىشلەتكۈچى شۇ سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىسىمۇ شىركەت ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ(چۈنكى سىز ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياخشى ساقلىمىغان) . شۇڭا ئۇچۇر ساھەسىدىكى بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

بىر ئىشنى باشقا ئېچىقىمەن دەيدىكەنسەن چوقۇم ئاۋۋال پىلاننى ئوبدان تۈزۈۋال، چۈنكى قايتىدىن باشلاش ئاسان ئەمەس.


ئۈنچىلەر (4)
نەقىللەر (0)
  1. توڭلاتقۇ [ جۇغلانما: 2 نومۇر ] Google Chrome 39.0.2171.95Mac OSX 10_10_0 دىۋان 2015/01/05 13:05

    ئاشۇ ئىشلەتكەن دېتالنى يوللاپ قۇيالامسىزمۇ ، مەنمۇ ئاشۇنداق قىلىپ نۇمۇرنى يوقىتىپ قويغان.

  2. ھاجى [ جۇغلانما: 43 نومۇر ] Google Chrome 39.0.2171.95Windows 8 گىلەم 2015/01/06 10:45

    لېكىن شۇ ئادەتتە QQ نۇمۇر ئوغرىلانسا، تېلفۇن نۇمۇرمۇ قوشۇپ ئوغىرلىنىدۇ. ئاندىن ئىلان سودىگەرلىرى ياكى قويمىچىلارغا سېتىپ بېرىدۇ . شۇڭىلاشقا بەزىدە ئەخلەت خەتلەر، ئۇچۇرلار، مۇكاپات ئۇچۇرلىرىغا ئوخشاش ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرى كېلىپ تۇرىدۇ.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش