Home >  > خەپ، ئىككى ھەپتىدە بىر كىتاب ئوقۇمىسام ھىساب ئەمەس!

خەپ، ئىككى ھەپتىدە بىر كىتاب ئوقۇمىسام ھىساب ئەمەس!

9

ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن بۈگۈنگە كەلگەندە، ئەھمىيەت بېرىشلا ئەمەس، قاتتىق تەلەپ بىلەن كىتاب ئوقۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنىڭ ئاساسىي -  چوقۇم ئۇلاردىن بىلىملىك بولۇش. زامانىمىزدا ھەقىقىي بىلىمنى ئۈندىدار سالۇنلىرىدىن ئەمەس، مۇنبەر - توربەتلەردىنمۇ ئەمەس، تالاش - تارتىشتىنمۇ ئەمەس، بەلكى، كىتابتىن ئالالايمىز.

"ئىككى ھەپتىدە بىر كىتاب" پىلانىنى رەسمىي قوزغاتتىم. بۈگۈندىن باشلاپ قەتئىي كۈچكە ئىگە. ھېچقانداق باھانە سەۋەب كۆرسىتىشكە بولمايدۇ! كىتابلارنىڭ ئىسمى، تاماملىنىش ئەھۋالى موشۇ يازما ئاستىغا داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.

ھەر ئىككى ھەپتىنى بىر كۇرس قىلىپ خاتىرىلەپ ماڭىمەن.


 

كۇرس ئوقۇلىدىغان كىتاب ئىسمى تاماملىنىش ۋاقتى ھالىتى تەسىرات
بىرىنچى "كىروراندىكى ئىزچىلار " 1- قىسىم 2015-1-12 تاماملاندى يېزىلىۋاتىدۇ
ئىككىنچى "كىروراندىكى ئىزچىلار " 2- قىسىم 2015-1-19 ئوقۇلىۋاتىدۇ يوق

 


يۇقىرىقى جەدىۋەل شەكلىدە خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ. دوستلارنىڭ نازارەت قىلىپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. نادىر كىتابلاردىن تەۋسىيە قىلىپ تۇرغايسىلەر. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە كىتابلار بولسا بولىۋېرىدۇ...

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (9)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ جۇغلانما: 43 نومۇر ] Google Chrome 39.0.2171.95Windows 8 دىۋان 2015/01/05 08:06

    ئاداش ئوبدان پىلان بوپتۇ. مەن بىر كىتاب تەۋسىيە قىلاي.
    ئۇيغۇرچە ئىسمى: كومپىيۇتېر پېروگىرامما لايھىلەش سەنئىتى
    خەنچە ئىسمى: 计算机程序设计艺术
    ئېنگىلىزچە ئىسمى: The Art of Computer Programming :mad:

  2. 123 [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] IE  نىڭ ئىپدىايىسىغۇ بۇ Trident/7.0 گىلەم 2015/01/06 16:40

    爱因斯坦

  3. ئالماس [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] Google Chrome 39.0.2171.95Windows XP كىگىز 2015/01/08 08:53

    ئوبدان پىلان بوپتۇ. پات-پات كېلىپ قاراپ باقىمەن ئەمىسە. مەنمۇ كىتاب ئوقۇشقا ئاتلاندىم، لېكىن سىزنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس.

  4. ئارىف [ جۇغلانما: 6 نومۇر ] IE  نىڭ ئىپدىايىسىغۇ بۇWindows 7 4 -قەۋەت 2015/01/10 07:20

    اللە رازى بولسۇن.قەلىبدىن تامچىلغان ھېكمەت ساھېللىرمىزدا شۇ ئوزلۇك چۇقانلىرمىز،شۇ چاڭقىغان كىملىكلىرمىزئۇچراشقۇسى–ئىنششااللە.

  5. ئۇيغۇربەگ [ جۇغلانما: 29 نومۇر ] Google Chrome 39.0.2171.95Mac OSX 10_10_1 5 -قەۋەت 2015/01/11 19:09

    مەن ئارلاشمىدىم بولدى!

  6. ھاجى [ جۇغلانما: 43 نومۇر ] Google Chrome 41.0.2272.101Windows 8 6 -قەۋەت 2015/04/02 08:21

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يازما چوققىلاندى. داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيلى. :lol:

  7. ئەرخان [ جۇغلانما: 4 نومۇر ] Google Chrome 41.0.2272.96Android 4.3 7 -قەۋەت 2015/04/04 15:52

    ئەنجانباينى ئوقۇپ قويىڭە !

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش