Home >  > قۇتادغۇبىلىك 5-ئاي بىرىنچى ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش خاتىرەم

قۇتادغۇبىلىك 5-ئاي بىرىنچى ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش خاتىرەم

10

ئەسسالام ئەلەيكۇم،

كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى ھەر ئايدا يوللاي دەپ باشلىغان، لىكىن ئاي ئاخىرىدا قىلىدىغان ئىشلار بەك جىق ھەم ھەر ھەپتىدە ھوسۇل ئېلىش ئايدا بىر قېتىمدىلا ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈنۈملۈك دەپ ھېس قىلدىم. شۇڭا ھەپتىدە بىر يوللاش قارارىغا كەلدىم. مەزمۇن ئاز،  ئەمما خېلى ساز.

 

قۇتادغۇبىلىك  (نەسىرى يەشمىسى)

- يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئارقا كۆرۈنۈش : كۈنتۇغدى-ئەلىگنىڭ ئۆگدۈلمىشنى ئوغدۇرمىشقا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئوغدۇرمىش خەلىق ئىچىدە ئاز كۆرىنىدىغان بىلىملىك كىشى بولۇپ ئەمما ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان سېغىنىشى كۈچلۈك بولغاچقا پۈتۈن ئۆمىرىدە ئاللاھنى سېغىنىپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئەلىگ بەگ ۋەزىر ئۆگدۈلمىشتىن بىلىملىك كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇشنى سورىغاندا ئۇ ئوغدۇرمىشنى تونۇشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەلىگ بەگ ئوغدۇرمىشنى يېنىدا ئىشلىتىپ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىش مەقسىتىدە ئۆگدۈلمىشنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ. ئەمما ئوغدۇرمىشنىڭ ئېتقادى بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىن "ئىبادەتتىن باشقىسى مەن ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس، باشقا ئىشلار ئۈچۈن زىھنىمنى ئىسراپ قىلمايمەن" دەپ رەت قىلىپ ئۆگدۈلمىشنى قايتۇرىدۇ. لىكىن ئەلىگ بەگ ئوغدۇرمىشقا قايىل بولۇپ ئۇنى ئىشلىتىپ قېلىشنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىپ يەنە ئەلچە ئەۋەتىدۇ...[تۆۋەندىكىلەر شۇ جەرياندىكى دىئالوگلاردىن ئۈزۈندىلەر]

...

دوست، يولداش،ئۈلپەت تۇتۇش كېرەك، دېدىڭ،
بۇغۇ ياخشى، لېكىن يۈكىنى كۆتەرمىكىڭ تەس.

...

كۆڭۈل نازۇك بولىدۇ،بۇ-سىنالغان،
ئىسسىقتا تېز ئېرىيدۇ،سوغوقتا توڭلايدۇ.

...

خۇدا خالىغان بىر بەندىسىنى تاللىسا،
ئۇنىڭغا دۇنيا بەرمەيدۇ، يولىنى پاك قىلىدۇ.

...

دىققەت قىلساڭ، دۇنيا كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ،
ئىزىدىن ماڭساڭ قاچىدۇ، قاچساڭ ئىزىڭگە چۈشىدۇ.

...

بارى كۇپايە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقى ھاجەت ئەمەس،
بۇ دۇنيا تۈۋى يوق پاتقاقلىقتۇر، ئەي تەمەگەر.

...

كىشى ئالتۇن بىلەن مىسنى پەرىق ئېتەلمىسە،
بىر تاشقا ئازىراقلا سۈرۈپ كۆرسە كۇپايە.

...

ئەي زاھىتلىققا ئېرىشكۈچى، سەن ئاخىرەتلىكنى ئىزدىسەڭ،

ساۋابلىق، ياخشىلىقنى بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كېتىشىڭ كېرەك.

.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (10)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/05/11 11:11

    دىققەت قىلساڭ، دۇنيا كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ،
    ئىزىدىن ماڭساڭ قاچىدۇ، قاچساڭ ئىزىڭگە چۈشىدۇ.

    كىشى ئالتۇن بىلەن مىسنى پەرىق ئېتەلمىسە،
    بىر تاشقا ئازىراقلا سۈرۈپ كۆرسە كۇپايە.

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماۋۇ مىسرالاردا ئوخشىتىشنى ناھايىتى ئوبدان ئىشلىتىپ مەزمۇننى ئالتۇندەك تاۋلىۋىتىپتۇ جۇما. چۈشىنىشلىك ۋە يىغىنچاق.

  2. سەۋدا [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/05/11 14:19

    «خۇدا خالىغان بىر بەندىسىنى تاللىسا،
    ئۇنىڭغا دۇنيا بەرمەيدۇ، يولىنى پاك قىلىدۇ.»
    ھەر جۈملىسى بىر ھىكىمەت دېسە، ھەرقىتىم ئوقۇسام ھەرخىل چۈشەنچىدە بولىمەن ئوخشاش بىر جۈملىگە……

  3. مىسران [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/05/13 15:53

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشنايى ئاكا ۋە تەشنا بلوگىدىكى بارلىق ئەزىزلەر! ھەممىڭلارغا مىسرانجاندىن ئالىي ئېھتىرام!

    تەشنا بلوگىغا خۇش كەلدىم…(ھى ھى ھى دەپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)

  4. سەۋدا [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2014/05/14 11:08

    :ھۆ ھۆ: :ئاپلا: :ھو ھاھا:
    مەن گۇۋاھ، بۇ ئىنكاس تېلىفۇندا يېزىلدى ……

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش