Home >  > [قۇتادغۇبىلىك] ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىغا توۋە قىلغانلىقى

[قۇتادغۇبىلىك] ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىغا توۋە قىلغانلىقى

9

 

ئەسسالام ئەلەيكۇم،
قۇتادغۇبىلىك 73-بابتا ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىغا ئېچىنىپ تۆۋە قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ. بۇ مەزمۇنلار بىز ياشلارنىڭ ھاياتىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشىمىشغا ياردىمى تېگىپ قالار دىگەن مەقسەتتە يوللاندى. بۇ مەزمۇن گەرچە مىسرالارغا ئايرىلغان بولسىمۇ مەن بۇلارنى ئۇلاپ يېزىۋىرىشنى توغىرا تاپتىم، چۈنكى ئوقۇپ چۈشىنىشكە تېخىمۇ ئەپلىكتەك قىلىدۇ.

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىغا ئېچىنىپ تۆۋە قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ

مەن بىخۇد ھالدا شادلىنىپ يۈردۈم، ھاياتىم غەپلەت ئىچىدە بىھۇدە ئۆتتى. ھايات كۈچ-قۇۋۋىتى مەندىن كەتمەكتە، تېتىكلىكىمنى يوقىتىپ، قولۇمغا ھاسسا ئالماقتىمەن. ئېسسىت كۈنلىرىم ئۆتۈپ كەتتى، ئۆمۈرۈم تۈگىمەكتە، كېچىللىرىم قارىيىشقا باشلىدى. مەن نازۇ-نىمەتلەرنى كالىدەك يېدىم، بىلىپ-بىلمەي بىر كالىدەك ياشىدىم. مەن بىخۇد ھالدا ئويناپ كۈلۈپ يۈردۈم، كۈنلىرىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتتىم. مەندىن يىگىتلىكنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى كەتتى، ئەمدى كۆيۈپ-تۈتەپ يىگىتلىككە ئېچىنىمەن. ھاياتلىق ئۇجۇقتى، ئۆلۈم يېقىنلاشتى، ئۆلۈمگە چارە يوق، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يولىمۇ يوق. چېچىم شۇڭقار پەيلىرىدەك كۈل رەڭ تۈسكە كىردى، ساقىلىم كۈزدە غازاڭ بولغان گۈل بەرگىگە ئايلاندى. ئوتتۇز ئىككى چىشىم ئاق ئۈنچىدەك ئىدى، ئەمدى يىپى ئۈزۈلۈپ، بىر-بىرلەپ چېچىلدى. كۆزلىرىم بىر كۈنلۈك يەرنى كۆرەتتى، ئەمدى خىرەلەشتى، ئالدىمدىكى كىشىنىمۇ كۆرەلمەيمەن. قۇلاق تۇتسام، يىراق ئاۋازلارنى ئاڭلايتتىم، بۈگۈن قول بىلەن ئىشارەت قىلىپ سۆزلىشىدىغان بولۇپ قالدىم. بېشىم قۇزغۇن تۈسىدەك قاپقارا ئىدى، ئەمدى باشقا ئاققۇ قوندى، يېشىم يىتىلدى. ئەمدى مەن خۇدا ئالدىغا قايتىدىغان بولدۇم، گۇناھلىرىم ئۈچۈن پەرىياد چېكىپ يىغلىشىم كېرەك. مەن خۇدا ئالدىغا بارىدىغان بولدۇم، گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئۆزرە سورىشىم كېرەك. ئەمدى يارىماس ئىشلارنى تاشلاپ، كۆڭلۈمنى بۇلغىنىشلاردىن پاك قىلىشىم كېرەك. [D5632---D5646]

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (9)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/05/28 18:51

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ ياشلارنىلا ئەمەس ھەممە كىشلەرنى ئويلىنىشقا ئۈندىگىدەك. بىزلەر باشقا ئاققۇ قونغۇچە ياشيالامدۇق يوقمۇ ياراتقان ئېگەن ئۆزى بىلىدۇ.

    • تۇخۇم [ كۇلۇب ئاۋانگارتى ] unknowunknow @ ھاجى 2014/05/28 20:58

      ھىمم، توغرا. ئۆتكەن كۈنلەر ھاياتنىڭ ھەربىر قەدىمىدە ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

      • پادىچى [ قىرىقىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ تۇخۇم 2014/05/28 21:24

        بۇرادەر سىننى ئىنكاسقا قىستۇرالمىدىم ، شۇڭا يازمىڭىزنى تەھرىرلەپ بۇنى يازمىغىلا قوشۇۋەتتىم ، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرمىسىڭىز پىكىر بەرگەيسىز ، تۆۋەنچىلىك بىلەن دەرھال ئېلىۋىتىمەن! – رەھمەت

        • پادىچى [ قىرىقىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ پادىچى 2014/05/28 21:39

          شىكىسپىرنىڭ ، پۇشكىننىڭ ، باكوننىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ باقماپتىمەن ، تولىستوينىڭ ، ماكسىموۋىچ گوركىنىڭ … كىتابلىرنىمۇ كۆرۈپ باقماپتىمەن ، (ئەمدى كۆرۈرمەن ئۆمۈرۈم بولسا!) تۈركى تىللار دىۋانىنىمۇ ئوقۇپ باقماپتىمەن ، ئەمما مەن ھازىرغىچە ئوقۇغان يۈزلىگەن رومانلار ئىچىدە پاساھىتى بۇنداق گۈزەل ، بالاغىتى مۇنداق مۇكەممەل يەنە بىر ئەسەرنى ئۇچراتمىدىم دىسەم قەتئىي ئىشىنىشىڭىز كېرەك! —– (ئالىي ئەسكەرتىش: مۇقەددەس كىتابلار سېلىشتۇرۇش دائىرسىدە ئەمەس)

      • تۇخۇم [ كۇلۇب ئاۋانگارتى ] unknowunknow @ تۇخۇم 2014/05/28 21:39

        ياخشى بوپتۇ، تازا ماس كەپتۇ. رەھمەت :ئوماق:

  2. سەۋدا [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/05/28 19:43

    ھەي…… مەيلى قانچىلىك دەۋران سۈرۈپ ياشىسۇن ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار بۇ ئۆلۈم! زالىملارمۇ، خار – زەبۇرلارمۇ ھامان ئوخشاش بىر ئۆلۈم تەمىنى تىتىيدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىدىن ئېچىنمايدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن ئاز بولسا كېرەك!

  3. تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/05/28 23:12

    موشۇ ئالدىراش كۈنلەردە بىلوگنى چۆلدەرىتىپ قويماي، ئۈن – تىنسىز قوللاپ بېرىۋاتقان دوستىلارغا ئالىي ئىھتىراملار بولسۇن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىركېتىمگە دېرىكتۇر بولغاندا سىلەرنى بىر ھەپتىلىك خەلقئارالىق ساياھەت بېىلىتى بىلەن تەمىنلىمىسەم، ئاللاھ خالىسا :ھا ھا:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش