خۇددى ئوغىرى بولمىسا ساقچىنىڭ ھاجىتى بولمىغىنىدەك، خاككىرلار بولمىغان بولسا پىروگرامما ساھەسىدىكى نۇرغۇن يېڭىلىقلار ۋە مۇكەممەللىكلەر بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى دەپ ئويلايمەن. قارىماققا خاككىرلارنىڭ قىلمىشى بىرخىل بۇزغۇنچىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، خاككىرلىق ئەخلاقىنى نورمال يىتىلدۈرگەن بىرسىنىڭ توختاۋىسىز يۇچۇق ئىزدەپ، مەسىلە بايقىشى يامان ئەمەس بىر ئىش. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ شۇنچە ئىزدىنىشلىرى،توختىماي ئۇرۇنۇشلىرى قانداقتۇر بىر پايدا - مەنپەئەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىرخىل مۇۋەپپىقيەت تۇيغۇسى ئۈچۈندۇر... بۇ قارىشىمغا دەلىل: مەن بىلىدىغان داڭلىق خاككىرلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە تولىمۇ كەمتەر، ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەردۇر...
خوش ئۇنداقتا تۆۋەندە پىروگراممىر بىلەن خاككىر ئوتتۇرىسىدىكى 10 چوڭ پەرىقنىڭ رەتلەنمە ھالىتىنى كۆرۈپ باقايلى(بۇ قاراشلار مېنىڭ قارىشىم ئەمەس):
پىروگراممىر &خاككىر
1. خاككىرلار پىروگراممىرلارنىڭ تارماق توپلىمى(يەنى پىروگراممىرلار ئىچىدىن چىققان ئالاھىدە بىر قىسىم پىروگراممىرلار).
2.پىروگراممىرلار كۆپىنچە ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ھەل قىلىنىپ بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئاۋارە، خاككىرلار ئادەتتە ئەڭ يېڭى مەسىلىلەرنى بايقاشقا ۋە ھەل قىلىشقا قىزىقىدۇ.
3. پىروگراممىرلىق بىرخىل كەسىپتۇر، خاككىرلىق بولسا پۈتۈنلەي قىزىقىشتۇر.
4. پىروگراممىرلارنىڭ خىزمىتى نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە ئۇچىراپ تۇرىدۇ، خاككىرلار بولسا خالىغىنىنى قىلىدۇ.
5. پىروگراممىرلار ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى ياخشى(قالتىس)كۆرسىتىشكە ئىنتىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى بازارغا سالىدۇ(باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ). خاككىرلار بولسا ئاساسەن كەمتەر ۋە سۈكۈتچان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنىدىن بىلمەيدىغىنىنىڭ كۆپ زىيادە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.
6. پىروگراممىرلىق بىرخىل «كەسىپتۇر»، پىروگراممىرلار كۆپىنچە مەلۇم پىروگرامما تىلى ۋە قوراللارنى ئىشلىتىپ ۋەزىپىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىز تاماملاشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ، زادى نېمە ئۈچۈن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغىللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرالماي قالىدۇ. ئەلۋەتتە پىروگراممىرلىق خاتا ئىش ئەمەس، ئەمما ئىشەنسەك، تۇرمۇشىمىزدا پىروگراممىرلىقتىن ئۆتە مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلار كۆپتۇر. ئەكىسچە، خاككىرلىق بولسا بىرخىل «خاھىشتۇر» . يەنى، تېخنىكىغا بولغان چەكسىز ئىشتياق ، يادرلۇق تېخنىكلارنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە بولغان كۈچلۈك ئارزۇ، يېڭىلىققا بولغان چەكسىز ئىنتىلىش. ئۇلار دائىم قانداق قىلغاندا خىزمەتنى ئەڭ ياخشى،ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئالاھىدە ئۇسسۇلدا تاماملىغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ. خاككىرلار خۇددى تېخنىكىلىق تالانتى بولغان سەنئەتكار ياكى پەيلاسوپقا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى تۈمەنلىگەن «نېمە ئۈچۈن» ۋە «نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەمەس» لەرگە توشۇپ كەتكەن.
7. پىروگراممىر بىلەن خاككىر خۇددى رەسسام بىلەن سەنئەتكارغا، ياغاچچى بىلەن قول ھۆنەرۋەنچىگە، دەرىسلىك كىتاب ئۇسلۇبى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئۇسسۇلىغا ئوخشايدۇ.
8. پىروگراممىرنىڭ ۋەزىپىسى پىروگرامما تۈزۈپ ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت، خاككىرلارنىڭ بولسا پروگراممىنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئۆز ئىھتىياجىنى قامداشتىن ئىبارەت.
9. پىروگراممىر بىلەن خاككىر ئوخشاشلار كود يازىدۇ. لېكىن خاككىلار «مۇمكىنسىزلىك» لەرنى «مۇمكىنچىلىكلەر»گە ئايلاندۇرۇشقا بەكرەك قىزىقىدۇ.
10. پىروگراممىرلارنىڭ كود ئۇسلۇبى مۇنداق:
#ifndef __A_B___S__LIB_____2___ #include "mything3.h" #include "mything4.h #include "lib/bicycle.h" #include "lib/noodle.h" #endif #ifndef __A_B___S__LIB______4__ #include "mything1.h" #include "mything2.h" #include "lib/mything3.h" #include "lib/spaghetti.h" #endi
خاككىرلارنىڭ كود ئۇسلۇبى مۇنداق:
#include "myhack.c"
يەنى خاككىرلارنىڭ كودلىرى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ، لېكىن كۆپىنچە باشقىلار تەرىپىدىن چۈشىنىكسىز دەپ قارىلىپ ئىتىراپ قىلىنمايدۇ.
تامام، مەيلى پىروگراممر بولسۇن مەيلى خاككىر بولسۇن قىلىۋاتقان ئىشىغا بولغان توغرا تونۇش ئىنتايىن مۇھىم. بەزىلەر جاپالىق بولسىمۇ ئۆمۈر بويى بىر كەسىپ بىلەن قىزىقىش تۈپەيلى مەشغۇل بولسا، يەنە بەزىلەر جان بېقىش ئۈچۈن مەشغۇل بولىدۇ. بەزىلەر مەلۇم مەنپەئىتىنى قانائەتلەندۈرۈش ياكى ئۆزىنى قالتىس كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەسكى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاشۇ ئەسكى ئىشلار ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش، ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن مەشغۇل بولىدۇ.
ياخشى ماقالىكەن. ئەتتىگەندە كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ ئوقۇۋالدىم.
رەھمەت، كېلىپ تۇرارسىز… :لول لول:
دېمەك پىروگراممىردىن خاككىر نوچى دېگەن گەپ چىقتىمۇ بۇيەردە ؟ :ھو ھو:
سەل بىرتەرەپلىمە ھە؟!! پىروگراممىر بولمىسا خاككىرلارغا بۇزىدىغان سېستىما نەدە تۇرۇپتۇ…؛ :ھا ھا:
ھاي تاشناكا، ما يازما بىلەن مېنى ئۆلتۈردىڭىزغۇ؟ پروگراممىر بولمايمەن بولدى………………. :ھۆ ھۆ:
ئاپلا… بىر تالانت ئىگىسىنى ۋەيران قىلىدىغان بولدۇم – دە! :ھۆ ھۆ:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوبدان ماقالە. ئاداش قانداق بولۇپ بۇ توغرىسىدا يازما يېزىشنى ئويلاپ قالدىڭلا؟ بۇنداق سورىشىم يېقىندا مەنمۇ بىر ۋىروسنى تەتقىق قىلىۋاتقانتىم. بەزى بىر ئاشكارە كودلىرىدىن ئىنتايىن ئاددىي، لېكىن ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك، تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ھېس قىلدىم. :ۋىيەي:
ئاداش شۇ ئويلاپ قالدىم – دە! شۇنچە بىخەتەر دەپ داۋراڭ سېلىشقان سېستىمىلارمۇ خاككىرلار ئالدىدا چېنىپ قالىدىكەن… ئېنتىرنىت ۋە كومپىيۇتېردىن ئۆتۈپ ھازىر بۇ خاككىرلىق قاتتىق دىتاللارغىمۇ يۈزلىنىشكە باشلاپتۇ، ئەمەلىيەتتىغۇ كاللىمىزدىمۇ قانچىلىك ۋىرۇس بار بۇنى ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز…
ئىسىل يازما،مېنى نىمە دىسەڭلار مەيلى مەن بۇ 10 قاراشقا تامامەن قۇشۇلىمەن،
لېكىن مەن ھەقىقىي خاككېرنى پىروگراممېردىن ئۈستۈنرەك ئورۇنغا قويىدىكەنمەن.
يازمىدىمۇ شۇنداق مەنا چىقىۋاتمامدۇ؟
مەنمۇ بۇ قاراشلارغا تامامەن قوشۇلىمەن ئۇيغۇرلارنىڭ توربىكەتلىرى ئىچدە يوچۇقسىز تور بەتلەرنى بارماق بىلەن سانىۋالغۇچىلىكلا٬…..!
گۈزەل يازما ، مەنمۇ قوشۇلىمەن ! خاككىرلىق ھەقىقەتەن قىزىقىش بىلەنلا بولىدۇ…
مەن ھېچقايسىسى ئەمەسكەنمەن. :نېمە:
كۆڭەللىرىنى يىرىم قىلمىسىلا… سىلى دېگەن كۆپكە ماھىر بىرگە قادىر بەگ!
ئىنكاسلاردا چىراي ئىپادىسى كۆرۈنمەي «ۋىيەي، ھۆ ھۆ ھۆ ، لول لول لول » دەپ خەتلا چىقىدۇ، ۋىيەي