Home >  > قانداق قىلغاندا قالتىس پىروگىراممىرغا ئايلانغىلى بولىدۇ؟(1)

قانداق قىلغاندا قالتىس پىروگىراممىرغا ئايلانغىلى بولىدۇ؟(1)

9

7nMnim

تۇرۇپلا ئويلاپ قالىمەن! زادى قانداق ئامىل مېنىڭ قىزىقىشىمنى تۈگەل ئۆزگەرتىۋەتكەندۇ، يەنە نېمە سەۋەبتىن ئىلگىرى تولىمۇ سوغۇق بىلىنىدىغان بۇ كومپىيۇتېر تېخنىكىلىرىغا شۇقەدەر قىزىقىپ قالغاندىمەن!؟ ئەلۋەتتە ھەر ئادەمنىڭ ھاياتىدا قەلبىگە يىقىلغۇ قىلىدىغان كۈچلۈك ئارزۇلىرى بولىشى كېرەك. مانا موشۇ ئارزۇلارنىڭ قوماندانلىقىدا ھېچبىر كۈچ بېسىقتۇرۇپ بولالمايدىغان قىزىقىش باش كۆتۈرىدۇ، ۋە تالاي مۇمكىنسىزلىكلەر مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىدۇ.

بىر زامانلاردا يازغۇچى، شائىرلىق چۈشى شۇنداق چاپلاشقان ئىدىكى، بىرەر كىتابقا چاغلىق نەرسە چىقارغان شائىر، يازغۇچىلارنى كۆرسەم قولىنى تۇتۇپ بېقىشمۇ ئالامەت ھاياجان ئىدى. شۇ تەرىقىدە ئۇنى - بۇنى يازغانمۇ بولدۇم، گىزىت ۋە ژۇرناللاردا يوقتىن - ياخشى ئىلان قىلغانمۇ بولدۇم. ھەتتا كېيىن ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىدا پەنگە ئايرىغاندا، قەدىمكى خەنزۇچە ئەدەبىياتنى ساراڭ بولماي ئۆگىنىپ بولالىشىمغا ئىشەنگەن بولسام، شەرتسىزلا ئىجتىمائىي پەننى تاللىغان بولاتتىم. ئامالسىز تەبئىي پەنگە باغلاندىم، ئۆگەندىم، تىرىشتىم. ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپ كەسپنى تاللىغاندا ئەسلا قىزىقىش تۈپەيلى ئەمەس، باشقا كەسىپلەرنى تاللاشقا مەيلىم بولمىغاچقا موشۇ يۇمشاق - قاتتىق دىتاللارنىڭ ھەممىسىگە چېتىلىدىغان ئېلىكتېر ئۇچۇر ئىنجىنېرلىق كەسپىنى تاللىۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ تەپەككۈر ئۇسسۇلۇمنى تولۇق بىر ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
دەرىسلەر باشلىنىپ كەتتى. كومپىيۇتېر مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ تۈزۈلشىدىن باشلاپ ماشىنا تىلى (汇编语言) گىچە، C++ تىلىدىن باشلاپ چىرتىيوژ سېزىشقىچە، كېيىن ئۆزەك قوراشتۇرۇش ۋە پىروگرامما يېزىشقىچە ھەممىنى ئۆتىۋاتىدۇ. بېشىدا ئۆگىنەلمەي "پوق يەپ بۇ كەسپىنى تاللاپتىكەنمەن" دەۋەتتىم. ئۆگەندىم، ئۆگەنمىسەم ئىمتىھان بار ئىدى.... شۇنداق قىلىپ ئاستا - ئاستا مەندىكى ھېسسىي ئامىللار يوقىلىشقا باشلىدى. ئىلگىركىدەك شىئىرىي ئىلھاملار مېنى تاشلاپ كەتتى، ئاسان ھاياجانلانماس بولىۋالدىم... قارىماققا ياخشى باشلىنىشتەك! شۇ ۋاقىتلاردا تۇرۇپلا ئويلىسام: بۇرۇن قولىنى تۇتۇشمۇ ھاياجان بىلىنىدىغان شائىر يازغۇچىلارنىڭ تولىسى، مېنىڭ مەسخىرە قىلىشىمغىمۇ ئەرزىمەيدىغان بىرتوپ جانباقتىلار ئىكەن(پەقەت شەخسىي قاراش). قايسىدۇر بىر داڭلىق شائىرنىڭ ئەركەكلىك ھەققىدە دەبدەبىۋىي شىئىرلارنى يېزىپ قويۇپ، قىمارخانىغا قەلەم ھەققىنى توشۇتالماي، يەزنەمدىن قەرىز سوراپ تېلىفۇن قىلغىنىنى بىلمىگەن بولسام، سەبىيلەرچە ھەۋەس بىلەن ئۆتەتتىكەنمەن؛ قايسىدۇر بىر پىشقەدەم يازغۇچى ھاراقكەشلەرنى سۆكۈپ ئەسەر يازغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ قىرى ھاراقكەش ئېكەنلىكىنى يۇشۇرمىغان بولسا بەلكىم ئوخشاشلا ھەۋەس قىلار ئىدىم. كېيىن بىلدىم، مەن ئۇ كوچىدا ئەسلا ماڭالمىغۇدەكمەن. شۇنداقلا خەلقنىڭ روھىنى ئۇخلىتىشقىلا يارايدىغان ئەسەر يازغاندىن ماۋۇ كود يازغان مىڭ ياخشىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن قىزىقىش ئوتى پاراسلاپ تۇتاشتى.
يۇقىرىدا، گەرچە ئۆزۈم تېخىچە تۈزۈك بىر سەۋىيە ھازىرلىيالمىغان بولساممۇ، پۈتۈنلەي ئوخىشىمايدىغان ئىككى قىزىقىش ئارسىدا سەكرەش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھېس - تۇيغۇلىرىمنى ئاددىيلا بايان ئەيلىدىم. ئەمدى يازمىمىزنىڭ تېمىسى بويىچە، تۆۋەندە خان ئاكادىمىيەسى(Khan Academy) كومپىيۇتېر ئىلمىي فاكۇلتىت مۇدىرى John Resig نىڭ (يەنى، jQuery نىڭ ئىجادچىسى) قانداق قىلىپ "ھەركۈنى كود يېزىش" پىلانىنى 20 يىل دۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىقى ھەمدە ئۆزىنى قانداق تاكاممۇللاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى يازمىسىنى كۆرۈپ باقايلى!


ماقالىسىدە دىيلىشىچە، ئۇ ئاۋۋال ئۆزىگە تۆۋەندىكىدەك 4 تۈرلۈك كەسكىن پرېنسىپ تۈزۈۋالغان:

1. كۈندە چوقۇم كود يېزىشىم كىرەك. ماقالە، بىلوگ ۋە ياكى باشقا ھۆججەت يازساممۇ مەيلى، لېكىن چوقۇم ئارىسىدا ئۆزۈم يازغان كود قىستۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.
2. يازغان كود چوقۇم ئىشلىتىلىشچان بولۇشى كېرەك. فورماتلانغان، قايتا ھاسىللانغان كود بولسا بولمايدۇ.
3. كودنى چوقۇم يىرىم كېچىدىن بۇرۇن يېزىپ تاماملىشىم كېرەك(ئاساسلىقى كىچىدە تۈنىمەسلىك ئۈچۈن).
4. يازغان كود چوقۇم ئوچۇق مەنبەلىك بولۇشى ۋە Github قا قويۇشۇم كېرەك(بۇنداق بولغاندا ئۆزۈمنى ئەستايىدىل كود يېزىشقا مەجبۇرلىيالايمەن، شۇنداقلا كودلارنىڭ تەكرار ئىشلىتىلىشىگە قولايلىق).

ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىقى پرېنسىپلارنى ئۇ تولىمۇ جانلىق ئۇسسۇلدا تۇرمۇشىغا ئۆزلەشتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق كەسكىن پرېنسىپ تۈزۈشى پەقەت ئىشتىن سىرتقى پىروگىرامما تۈرلىرىنى ئېچىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. ئۇ توپتوغرا 20 يىل يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە كۈندە كود يازغاندىن كېيىن، بۇجەرياندىكى تەسىراتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلىگەن(ماقالىسىدىن ئۈزۈندە):

*******

ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە "كۈندە كود يېزىش" ۋەزىپىسىنى تاماملاش.

كۈندە كود يازىدىغان ۋاقتىمنى يىرىم سائەتتىن كەم قىلمىدىم(ئەلۋەتتە بۇ ئاسانغا چۈشمىدى، بولۇپمۇ بىر پۈتۈن تۈرنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى كودلىرىنى ئەسلەشكە توغرا كەلگەندە). خىزمەت كۈنلىرى ئادەتتە بىر سائەتتىن ئاشۇرىۋەتمىدىم.
كود يېزىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالدىم.

بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن ھەرگىزمۇ Github دىكى دەرىجەمنى قوغلاشمىدىم. ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلار كود يېزىپ، پىروگراممىغا ئىشلىشىم ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرۈشكە سەل قارىسىڭىز، سىز مەڭگۈ باشقىلاردىن ئېشىپ كېتەلمەيسىز!
ناچار كەيپىياتلىرىم بىلەن كەسكىن كۆرەش قىلدىم.

كۈندە كود يېزىش پىلانىنى باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، ئىشلەۋاتقىنىم ۋاقىت چەكلىمىسى يوق، ئىشتىن سىرتقى تۈر بولسىمۇ ھېچبىر ئىلگىرلەش ھېس قىلالمىدىم. كېيىن شۇنى بىلدىمكى، بۇنداق كەيپىياتنىڭ تۈرنى ياخشى ئىشلىشىمگە قىلچىمۇ پايدىسى يوق ئېكەن. شۇڭا ئىزچىل ناچار كەيپىياتىمنى يېڭىشنى ئۆگىنىپ كەلدىم. مانا ھازىر ھەرقانداق چوڭ تۈرلەرنىمۇ قىلچە بىئاراملىق ھېس قىلماي ئىشلىيەلەيمەن.
ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارامدىن ياخشى پايدىلىنىش.

نۇرغۇن كەسىپداشلارغا نىسبەتەن ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرى، ئىشتىن سىرتقى تۈرلىرىنى ئىشلەشنىڭ ئالتۇن پەيتى. لېكىن ماڭا نىسبەتەن ئىشلەۋاتقان تۈرنى ھەپتە ئاخىرىغا سوزۇپ قويۇش تولىمۇ ئۈمۈدسىزلىك بىغىشلايدىغان بىر ئىش. دەسلىۋىدە ھەپتىلىك پىلاندىكى تۈرنى تولۇق تاماملاپ بولالماي، ئارام كۈنلىرىدىكى تۈرلۈك سەيلە، زىيارەتلەرنى تەرك ئېتىپ كەلگەن ئىدىم. كېيىن چۈشەندىمكى، ئىشلەۋاتقان تۈر قانچىلىك مۇھىم بولمىسۇن، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ۋە ھاياتتىن ھوزۇر ئېلىشقا قەدئىي سەل قارىماسلىق كېرەك ئېكەن. شۇڭلاشقا ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلىش تولىمۇ مۇھىم.
توختاۋىسىز ئويلىنىش.

كۈندە كود يېزىپ، ئىشتىن سىرتقى تۈر ئىشلەشنىڭ مۇھىم بىر پايدىسى:مەن كۈندىلىك پىلانىمنى ئورۇنداش ئۈچۈن، يول ماڭغاندا، يۇيۇنغاندا، تاماق يەۋاتقاندا... ئىشقىلىپ ئازراقلا بىكار بولغىنىمدا ئىزچىل شۇ تۈر ئۈچۈن باش قاتۇرىدىكەنمەن.شۇنداق قىلىپ، مىڭەم ھەرزامان ئويلىنىش ھالىتىىنى ساقلاپ تۇردى، بارغانسىرى ئىشتىن سىرتقى تۈر ئىشلەش ئۈنۈمۈم ئېشىپ ماڭدى.
دەل ۋاقتىدا تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىش.

كۈندە كود يېزىشتىن ئىبارەت بۇ ئادەتنى يىتىلدۈرىۋالغاندىن كېيىن، تاشقي دۇنيا بىلەن ئالاقە ئىشلىرىممۇ ئىنتايىن رەتلىك بولدى. دوست - بۇرادەرلىرىم مېنىڭ بۇ ئادىتىمنى بىلگەندىن كېيىن بىرەر پائالىيەتكە چىللىسا "بۈگۈنكى كود يېزىش پىلانىمنى ئورۇنداق بولۇپلا باراي" دېسەم، ئۇلارمۇ قىلچە خاپا بولمايدىغان بولدى.
كودلار يېغىلىپ زور پىروگىرامما تۈرلىرىگە ئايلاندى.

كۈندە كود يېزىش پىلانىمنى ئىجرا قىلغان شۇ زامانلاردىن بىرى، گەرچە كۈندە ئازراقتىن يېزىپ ماڭغان بولساممۇ، ھازىرغىچە بىرقانچە توربەت، بىرقانچە تۈر ئېچىش رامكىسى ۋە مودىللرىنى روياپقا چىقىرىپتىمەن. ھازىر ئولتۇرۇپ ئۇلارغا قارىسام، راستىنلا ئۆزۈم يېزىپ پۈتتۈرگىنىمگە ئىشىنەلمەي قالمەن.
ياخشى ئادەت ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى. پەقەت بىر ئىسىل ئادەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالىسىڭىزلا چوقۇم زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز!

  - يۇقىرىقى مەزمۇنلارنىڭ ئاپتورى: John Resig

خۇددى يۇقىرىقى ماقالىدە دىيلگەندەك. پىروگراممىرلىق سېپى ئۆزىدىن چىدامچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. شۇنداق بولغان ئېكەن قالتىس پىروگراممىرغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال غەيرەتلىك بولۇش كېرەك. ھېچقانداق بىر پىروگىراممىر تۇغۇلۇپلا مەلۇم بىر پىروگىرامما تىلىنى بىلىۋالغان ئەمەس. دەل توختىماي مەشىق قىلشىلار بەدىلىگە ئۆگەنگەن. "ئىستىقابال سەھنىسى" نىڭ بىر سانىدا، ئېنگىلىزتىلى ياكى خەنزۇتىلىنى قىلچىمۇ .ئۇقمايدىغان، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغان بىر بالىنىڭ 3DMax ۋە Maya قاتارلىق دېتاللارنى ئۆگىنىپ، ئۈچ ئۆلچەملىك قىسقا فىلىملەرنى يالغۇز ئىشلىگىنىدىن ئاجايىپ ھاياجانلانغان ئىدىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىشلەتكەن دېتاللىرىنى پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە كۆرۈنمە يۈزگە تەڭشىۋىلىپ، بەلگىلەر ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىپ كىتەلىگىنى.... دېمەك زادى چىدام غەيرەت+ ئوتتەك قىزغىنلىق +.... نۇرغۇن ئامىللارنىڭ يىغىندىسىدىن بىر قالتىس پىروگراممىر يىتىشىپ چىقسا كېرەك.

كۆپچىلىك بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلا، يازمىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا تېخىمۇ كۆپ نوقتىلاردىن توختىلىپ ئۆتسەك!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (9)
نەقىللەر (0)
  1. ئۇيغۇربەگ [ جۇغلانما: 18 نومۇر ] unknow بايۋەتچىلەرنىڭ دىۋان 2014/12/22 15:05

    ماقالىنىڭ بېشى ياخشى باشلىنىپتىكەن، ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز تىما ئۆزگۈرۈپ كەتتى دېسە.

  2. دوغاپ [ جۇغلانما: 40 نومۇر ] Google Chrome 41.0.2243.0Windows 8 گىلەم 2014/12/22 15:34

    مەن ئۆزۈمنىڭ كەسپىنى سۆيىمەن دېسەم بۇ قىپقىزىل يالغان گەپ. مەن پەقەت .ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىنى سۆيىمەن. ئەمما ئۆز قىزىقىشىمنى بويلاپ، ئۇنى سېستىمىلىق تەرەققىي قىلدۇرالمىغىنىمغا ئىچىمنىڭ ئېچىشىدىغىنى راست. نېمىشقىكىن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىم تولىمۇ چۇۋالچاق بىلىنىدۇ. بەزىدە ئۆزۈمنى ھېچنىمە بىلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. بۇ خىل كەيپىياتتىن قانداق قۇتىلىشىم كېرەككىن…

  3. ئەجرىم [ جۇغلانما: 7 نومۇر ] Google Chrome 39.0.2171.95Windows 7 كىگىز 2014/12/22 15:49

    باللا تويۇقسىز يامان بوپ كەتتىيا. بەگ قايتىپ كەلسە بىرلىشىپ بىرەر ئىش قىلساق بولاتتى …

  4. چاشقان [ جۇغلانما: 29 نومۇر ] Google Chrome 35.0.1916.153Windows 8 4 -قەۋەت 2014/12/22 23:26

    مېنڭچە چەتئەللىك مۇنەۋۋەر پىروگراممېرلارنىڭ بىزدىن ئارتۇق يېرى خىزمەتنى خىزمەتتەك بىلىپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىلا بولۇشى مۇمكىن. ئادەم ئۆزى قىزىققان نەرسىگە بېشىچىلاپ قاراقويۇق ئىش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئەستايىدىللىقنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشى، ئىزچىل بولۇشى، ئاز- ئازدىن بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشى لازىم بولىدىكەن. مەن تەرجىمە قىلغان ماقالىلەردىكى مۇنەۋۋەر پىروگراممېرلارنىڭ گەۋدىلىك ئالاھدىلىكىمۇ ئەستايىدىللىق ۋە ئىزچىللىق ئىكەن. مېنىڭچە بىز مۇشۇ ئىككى ئىشنى داۋاملاشتۇرالىساق قەدەمنى بىرقەدەر لىللا ئالغان بولۇشىمىز مۇمكىن.

  5. ھاجى [ جۇغلانما: 43 نومۇر ] Google Chrome 39.0.2171.95Windows 8 5 -قەۋەت 2014/12/23 04:22

    ئوبدان پىكىرلەر بولۇپتۇ. ماۋۇ تېما ۋە ئىنكاسلارنى ئاز دېگەندە كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك.

  6. يۈسۈپجان [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] Google Chrome 43.0.2357.65Windows 7 6 -قەۋەت كۆپلۈك: 3 ھەپتىلەر بۇرۇن

    بۇ ماقالە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ناخشا چولپانلىرىغا ھەۋەس قىلىپ يۈرەتتىم ،لېكىن كىيىن بىلدىمكى بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ناخشىچى،سەنئەتچىنىڭ 3% رۇلى بار ياكى يوقكەن، مىنىڭچە بولغاندا تېخنىكا بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. مەنمۇ كومپىيوتۇرغا ئوتتەك قىزىقىمەن،نۇرغۇنلىغان كىشلەرگە پۇل بېرپ ئۈگىنىپ باقتىم،ئاساسىم بەك تۆۋەن بولغاچقا تۈزۈك نەتىجىگە ئېرشەلمىدىم ،ئەمما ئىزچىل بۇ قىزىقىشىمنى تاشلاپ قويمۇدۇم ،گەرچە ھازىر بىلىمىم بەك يۇقىرى بوپ كەتمىسىمۇ ئەمما تور بىخەتەرلىكىگە ئائىت خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،ھەقىقەتەن ئىزچىللىق ۋە ئەستايىدىللىق بولسىلا بىر گەپ بۇلىدىكەن……..

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش