ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
ئاۋال چۈشەنچە بېرىۋالاي! «پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن» ناملىق يۈرۈشلۈك يازمىللىرىمنى يوللاۋاتقان ئىدىم ، بەلكىم قېرىنداشلار بۇ تېمىنى كۆرۈپ نىمىشقا تۇيۇقسىزلا يۆلىنىش ئۆزگەرگەندۇ ؟ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ، ياق ! يۆلىنىش ئۆزگەرمىدى ، «پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن» داۋاملىق يىزىلىۋاتقان بولۇپ كىيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە سىلەر بىلەن داۋاملىق يۈز كۆرۈشىدۇ. ئاندىن مەزكۇر يۈرۈشلۈك تەرجىمە خارەكتىردىكى ماقالىلىرىمنىمۇ شۇنىڭ بىلەن بەك چوڭ پەرىقلىق دەپ قارىمايمەن ، ئەڭ مۇھىمى ، يېقىندىن بۇيان ماڭا ئېلخەت يازغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنجىسىنىڭ خىتىدىن مەلۇم بولدىكى ، چەتئەلگە چىقىپ ياكى ئىچكىردىكى ئاددىسى دىيارىمىزدا ئالى مەكتەپلەرگە ياكى تولۇق كۇرىسلارغا ئۆتۈش ئالدىدىكى قېرىداشلار بەك كۆپكەن ، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ جەمىيەتتىكى يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ كەسىپ تاللاشتا ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تولىمۇ قىيىن بىر ھالەتتە ۋاقىت چىقىرىپ ، ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئىزدەندىم ۋە نوپۇزلۇق ماتىرياللارنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەزكۇر يازمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قالغىنىغا ماقالە داۋامىدا ئايرىم چۈشەنچە بېرىلدى.
2014-يىلى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى 100 ئىستىقباللىق كەسىپ
ئېلىكىتابىنى چۈشۈرۈۋالامسىز؟ چۈشۈرۈش (提取码:67ea)
ھەرقايسى ئەللەر ، چوڭ – كىچىك تەشكىلاتلار ، شىركەتلەر ھەتتا شەخىسلەردىن تارتىپ ھەر يىلى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سىتاتىسكا دوكىلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ ، بەزىسى دۆلەتنىڭ كىرىمنى ۋە ئىقتىساسلىقلار ئەھۋالى قاتارلىقلارنى مۆلچەرلەش نىيىتىدە بولسا ، بەزىسى خەيرى – ساخاۋەت ، ئىنسانلارغا تۆھپە قوشۇش ... دىگەندەك ، شىركەتلەر بولسا ئۆز كەسىپ يۆلىنىشگە ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولسۇن دەپ قىلغان بولسا ، شەخىسلەر ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ ئىستىقبالىنى ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى بىلىپ باقماقچىدۇر بەلكىم! مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بۇ بىر پايدىلىق ئىشتۇر ، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا بۇنداق سىتاتىسكىلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە بىرقانچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلغاندىنمۇ بەكرەك پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن!
خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق توربەتلەردە 2014- يىللىق كەسىپلەر دەرىجە سىتاتىسكىسى ئاللىقاچان يەنى
2014 كىرمەي تۇرۇپلار ئېلان قىلىنىپ بولغان ئىدى ، ئۇ چاغدا مەن بۇنىڭ ئىنگىلىزچە ئورگىنالىنى يوللاپمۇ قويغان ئىدىم. ئەمما مەلۇم بولدىكى يەنىلا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنالىشى ناتايىن ئىكەن ، شۇڭا سەۋيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي ، ئۇلارنىڭ ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان جايلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر سىتاتىسكىدىكى كەسىپلەر ئىقتىسادى قىممەت نۇقتىسىدىن دەرىجىگە تىزىلغاندەك قىلىدۇ ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئومۇمى كەيپىياتىدىن قارىغاندىمۇ ئىقتىساد ئامىلىنى مۇۋەپپىقيەت دەپ
چۈشۈنۈش ئومۇملاشقان بولغاچقا شۇ بويىچە دەرىجىگە تىزىلغان بولۇشى ئىھتىمال – شەخسى قاراش.
بۇلار جەمئى 100 داڭلىق كەسىپ بولۇپ ، ۋاقىت ، سەھىپە ، سەۋىيە چەكلىمىسى تۈپەيلى ئالدىنقى 10 كەسىپلا سەل كونكىرىت بايان قىلىندۇ. قالغان كەسىپلەر ئومۇمى بايان شەكلىدىلا بىر تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلىدۇ.
1.يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىق كەسپىي! (كومپىيۇتېرغا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 1-جىسى)
ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا مەزكۇر يۇمشاق دىتال كەسپى يەنىلا ئۆز رىكورتىنى ساقلاپ قالدى. ئەسلى ئورگىنالدى ئنىقلىمىسدا ۋە باشقا مەنبەلەردە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلىپتۇ. كومپىيۇتېر ئىنجىنىرلىق كەسپىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ، باشقا كەسىپلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى : ئۇنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ئەڭ قىسقا ، تەرەققى قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ، كېڭىزيىش تىزلىكى ئەڭ شىددەتلىك! ... سىز ئىشلىتىۋاتقان ئاددى بىر سائەتتىن تارتىپ ، قولىڭىزدىكى تېلىفونىچە ، كوچا چىرىغىدىن تارتىپ ئۆيىڭىزدىكى ئائىلە سايمانلىرىغىچە ھەممىلا نەرسىگە يۇشاق دىتال ئىنجىنىرلىرىنىڭ قولى تەگمىسە قېنى سىز ئىشلىتەمسىزكىن؟! پەيدا بولغىنىغا تېخى يېرىم ئەسىرمۇ بولمىغان(مۇستەقىل كەسىپ بۇلۇپ شەكىللىنىش ۋاقتىنى كۆزدە تۇتىدۇ) بۇ كەسىپنىڭ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە كېڭىيىشىنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئۇنى 1- ئورۇنغا تىزىشىمىزغا يىتەرلىك سەۋەب بولالايتتى! دۇنيائاخبارات ساھەسىدە ئۇرۇشتىن قالسىلا ئەڭ قىززىق نۇقتا بۇلۇشى - دۇنيادىكى ئەڭ باي ماگىناتلارنىڭ مۇشۇ ساھەدىن چىقىۋاتقانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بۇ كەسىپنىڭ يېقىنقى بىرقانچە ئون ھەتتا يۈز يىللاردا سەھنىدىن چۈشۈپ كىتىداغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىمىزغا سەۋەب بولدى.
يىللىق كىرىمى : يۇقرى سەۋيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمى 113 مىڭ 280 دوللار ....
ئوتتۇرا سەۋىيەلىكلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى 90 مىڭ 60 دوللار ...
تۆۋەن سەۋىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمى 70 مىڭ 850 دوللار ...
ئەسكەرتىش :1. يۇقارقى كىرىم ھىساباتى خەلىقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلغان.
2. يۇقارقى 3 خىل دەرىجە پىرسەنىتنى ئۆلچەم قىلغان بولۇپ مەسلەن يۇقرى سەۋىيە دىگىنى 75پىرسەنىتنى كۆرسىتىدۇ. باشقىللىرىنى شۇ بويىچە چۈشەنسڭىز بولىدۇ.
2.كومپىيۇتېر سېستىما ئانالىزچىسى! كومپىيۇتېرغا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 2-جىسى
راستىنى ئېيتسام مەزكۇر كەسىپنىڭ قانداق قىلىپ كومپىيۇتېر ئىنجىنىرلىق كەسپىدىن كىيىنلا دۇنيادىكى 2- چوڭ كەسىپ بولۇپ تىزىلغانلىقىنى تازا چۈشىنەلمەي قالدىم. ئەسلى ئورگىنالدا مۇنداق مەزمۇندا ئېنىقلىما بېرىلىپتۇ. « كومپىيۇتېر سېستىما ئانالىزچىسى كومپىيۇتېر سېستىمىسى بىلەن ئۇنى لاھىيەلىگۈچى ئورگاننىڭ لاھىيەسىنى ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇش ، ۋە لاھىيە داۋامىدىكى شۇنداقلا لاھىيە پۈتكەندىن كىيىنكى سېستىما يوچۇقىنى تەھلىل قىلىپ تېپىش ۋە ھەل قىلىش لاھىيەسى بىلەن ئوتتۇرغا قويۇش» دىگەندەك ... يەنە تۆۋەندىكى شەرىتلىرىنى تىلغا ئېلىپتۇ « كومپىيۇتېر سېستىما ئانالىزچىسى كەمىدە تۆۋەندىكى شەرىتلەرنى ھازىرلىشى لازىم! 1.كومپىيۇتېر يۇمشاق دىتالىنى ياخشى چۈشىنىشى ، مۇرەككەپ بولغان پىروگىراممىلارنى ، ھەرخىل پارامىتىرلارنى قانۇنيەتلىك تەھلىل قىلالىشى لازىم! 2. كومپىيۇتېر قاتتىق دىتالىنىڭ ئىش ئىشلەش پىرىنسىپىنى پىششىق چۈشىنىشى لازىم! 3. كومپىيۇتېر تور تېخنىكىسىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىشى ۋە تور تېخنىكىسىنىڭ كومپىيۇتېر مەشغۇلات پىرىنسىپىدىكى ئىش ئىشلەش قانۇنيىتىنى تەھلىل قىلالىشى لازىم! 4.يۇقارقى چوڭ ئۈچ بۆلەك يەنى كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى ، كومپىيۇتېر قاتتىق دىتالى ۋە كومپىيۇتېر تور تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىشى ، تەتقىق قىلالشى ، تەھلىل قىلالىشى لازىم! شۇنىڭدىن كىيىنلا يۇقرى سەۋىيەلىك مۇنەۋۋەر ئىنجىنىرلار يازغان مۇكەممەل پىروگىرامما ، مەشغۇلات سېستىمىللىردىن يۇچۇق تاپالايدۇ.» بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كىيىلا ئاندىن بۇ كەسىپنىڭ نىمە ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئىككىنجى چوڭ كەسىپ بولۇپ تىزىلغانلىقىغا قايىل بولدۇم.
يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى: يۇقرى سەۋىيە 100 مىڭ 30 دوللار!
ئوتتۇرا سەۋىيە 79 مىڭ 680 دوللار!
تۆۋەن سەۋىيە 63 مىڭ 30 دوللار! (خەلىقئارا ئۆلچەم)
3. چىش دوختۇرى! (ساغلاملىققا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 1-جىسى)
بۇ خەۋەر ئادەمنى سەل بىئارام قىلىدۇ شۇنداقمۇ ، مۇرەككەپ ئىچكى كىسەللىكلەر دوختۇرلىرى تۇرسا، تەجىربىلىك تاشىقى كىسەللىكلەر دوختۇرلىرى تۇرسا ... ئەجبا چىش دوختۇرلۇق كەسپى شۇنچە مۇرەككەپ كەسىپلەردىنمۇ ئالى دەرىجىلىكمىدۇ؟ ئۇ نىمىشقا 3- ئورۇنغا تىزىلىپ قالدى؟ مەن راستىنلا
ھەيران قالدىم. ئەمەلىيەت شۇكى ئەسلى ئورگىنالمۇ ناھايىتى قىززىق دەللەر بىلەن باشلانغا ئىدى. « سىزنىڭ ئەڭ بىئارام بولۇپمۇ بارماي قۇتۇلالمايدىغان يېرىڭىز قەيەر؟ بېرىشنى خالىمايسىزيۇ ئەمما يۈگۈرۈپ بارماي ئامالىڭىز يوق!!! بىر ئادەمدە بىر پۇت بولار پۈتۈن ھاياتىدا بىر قېتىم سۇنار يا سۇنماس ، سۇنۇقچىنىڭ بازىرى شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ. بىر ئادەمدە بىر ئۆت ياكى بىر يۈرەك بولار ، ئىچكى كىسەل دوختۇرىنىڭ بازىرى بىر قېتىملىق ئوپراسىيە! ئەمما جەزىم قىلىمەنكى سىزنىڭ 32 چىشىڭىز بولمىغاندىمۇ 20 دىن كەم چىقمايدىغۇ دەيمەن. يەنە كاپالەت بېرەلەيمەنكى سىز يىگەن ھەر بىرنەرسە
ئېغىزڭىزدىن كىرگەندىن كىين تۇنجى ئۇچىرشىدىغان نەرسە دەل سىزنىڭ چىشلىرىڭىزدۇر. بۇلارغا
ئادەم تەبئىتىدىكى ھورۇنلۇق (چىشنى چوتكىلاش قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك) قوشۇلۇپ ...
چىش دوختۇرلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور بازار قىممىتى يارىتىپ بەردى.» يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ بۇ مەسىلىمۇ مىنىڭ كاللامدىن ئۆتكەندەك بولدى، سىزنىڭچۇ؟
يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى : ئوتتۇرا يۇقرى سەۋيەلەر 145 مىڭ 240 دوللار!
تۆۋىن سەۋىيە 104 مىڭ 230 دوللار! (خەلىقئارا ئۆلچەم)
4. كەسپىي سېستىرا . (ساغلاملىققا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 2-جىسى)
4- ئورۇنغا تىزىلغان بۇ كەسىپكە قاراپ قانچىلىك ھەيران قالغىنىمنى بىلمەيسىز! مىنىڭ (بەلكىم بىزنىڭ) نەزىرىمدىكى بۇ كەسىپ ئۇنچە زىزلزىلە قوزغىغۇدەك كەسىپ ئەمەس ئىدى. ئەمما ئەسلى ئورگىنالدىكى سەۋەبلەرنى قايتا – قايتا ئوقۇپ چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان « سېستىرا » سۆزى دائىرىسىگە رايونىمىزدىكى مۇتلەق نۇرغۇن سېستىرا ئۈنۋانىدىكى كىشىلەر كىرەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. بېرىلگەن ئورگىنالدا مۇنداق مەزمۇندا ئىلاۋە بىرىلگەن ئىدى. «مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ھىسيات نۇقتىسىدىن مەزكۇر كەسىپنىڭ نىمە ئۈچۈن دوختۇر ، ئىچكى كىسەللىكلەر پىروففىسورى ، قۇرلۇش ئىنجىنىرى ... قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق كەسىپلەرنىڭمۇ ئالدىغا تىزىلىپ قالغانلىقىغا قايىل بولالمايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت شۇكى ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى قايسى نۇقتىغا مەركەزلەشسە ئىستىقبال قاينىمى شۇ نۇقتىنى مەركەز قىلىپ پېرقىرايدۇ ، مەسلەن : ئەگەر ئىنسانلارنىڭ بىنا- قۇرلۇشلارغا ئىھتىياجى ئازايغاندا قۇرلۇش ئىنجىنىرىنىڭ قەدرى ، بىر ساتراچتىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە سېستىرالارنىڭ قىلىدىغان ئىشى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىمۇ ئاددى ئەمەس ، كۈنىگە تۇغۇلىۋاتقان يۈزلىگەن بوۋاقلار، ھايات-مامات ئوتتۇرسىدىكى تۈمەنلىگەن كىسەللەر ، ئاغرىق ئازابىدا ۋايساۋاتقانلار، ئۆز ھاجىتىدان چىقالمايۋاتقانلار ... 100 بىمارغا بىر تەجىربىلىك دوختۇر يىتىپ ئاشىدۇ ئەمما 10 بىمارغا بىر سېستىرا يىتىشى ناتايىن» سىزچە شۇ سېستىرانىڭ قىلىدىغان ئىشى مۇشۇلارلىمىدۇ؟ ياق ... ھەيران قالدىمكى ئىلاۋىدە يەنە مۇنداق ئەسكەرتىشلەر بېرىلىپتۇ. « سېستىرا ئۈنۋانى ئۈچۈن كىسەل ئەھۋالىنى ئانالىز قىلالىشى ، تەجىربىخانىدا مۇرەككەپ تەجىربىلەرنى ئىشلىيەلىشى شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە دوختۇرنىڭ رولىنى ئوينىيالىشى ھەتتا بىر قېتىملىق مۇكەممەل ئوپراتىسيە مەشغۇلاتىنى قىلالىشى تەلەپ قىلىندۇ.» ئەلىۋەتتە بۇلاردىن باشقىمۇ نۇرغۇن شەرىتلەر ، نۇرغۇن ئېنىقلىمىلار بولۇپ بۇلارنى بىر-بىرلەپ يىزىش ئەپسىز بولۇپ قالدى.
يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى : ئالى دەرىجىلىك سېستىرالار : 106 مىڭ 510 دوللار
ئوتتۇرا دەرىجىلىك سېستىرالار : 89 مىڭ 960 دوللار ...
تۆۋەن دەرىجىلىك سېستىرالار : 78 مىڭ 410 دوللار ....
--- خەلىقئارا ئۆلچەم ----
ئەسكەرتىش : بۇ يەردە مۇنداق ئىككى نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىتەي. 1- بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان تۆۋەن دەرىجىلك ئاتالغۇسى ھەرگىزمۇ ناچار سەۋىيەنى كۆرسەتمەستىن ، خەلىقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، پىرسەنىتلەشتۈرۈپ ھىسابلاش نەتىجىسىدىن ئىبارەت.
2- يۇقارقى مەزمۇنلار تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ ، تىلىمىزدا تېخىمۇ جانلىق ، چۈشىنىشلىك ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبرازلىق ئىپادىلەيمەن دەپ ئەسلى مەزمۇن ئەينەن تەرجىمە قىلىنماستىن مەزمۇن تۇتقا قىلىنىپ ئۆزگەرتىپ ئىپادىلەندى. قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ ئوقۇشىنى ۋە باھا بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
5. دورىگەرلىك (ساغلاملىققا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 3-جىسى)
«ئىلگىرىركى ۋاقىتلار بولغان بولسا ئېھتىمال دورىگەرلىك كەسپى ئالدىنقى ئوننىڭ ھەتتا 20 نىڭ ئىچىگە كىرەلىشى ناتايىن ئىدى . ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى ۋاقىتتا دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا كومپىيۇتېردەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق بولۇپ قالدى. جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز گۆش يىمەيمۇ ئۆتىۋېرىدۇ ، قورۇما ، ئىتالىيە چۆپى ، پىسالارنى يىمىسىڭىزمۇ كۈن ئۆتكىزەلەيسىز ئەمما ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىسىز، ئاددى دورا - كومۇلاچلارسىز كۈنلىرىڭىز قانچە ئۇزۇن خاتىرجەم داۋاملىشى مۇمكىن؟ مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ، خىېمىيىلىك قورال سىناقلىىرى
، ئورگانىك ماددىلار ، خېمىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ يىمەكلەر ئارقىلىق داستىخىنىمىزغىچە ئاخىرى قورسىقىمىزغىچە بېرىشى بىزنى شۇنداق بىر ھاڭ لېۋىگە قىستاپ باردىكى كۆز يەتكۈسىز تىك قىيا زەھەرلىنىش ئالدىدا ئەپلەپ – سەپلەپ جان باقماقتىمىز، مۇشۇ تۇرىۋاتقان خەتەرلىك ئورنىمىزدىن ھىس قىلىپ باقساق بەلكىم ئاشۇ دورىلا بىزنىڭ پۇتىمىزدىكى دەسسەپ تۇرىۋالغۇدەك تاشلىرىمىزدۇر.....» مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مەزكۇر كەسىپنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ 5- ساغلاملىققا ئائىت كەسىپلەر ئارسىدا 3- بولۇپ قېلىشىدىن ئەجەبلەنمىسەممۇ بولىدۇ.
ئىلاۋە : توغرا ، ئەمەلىيەت شۇكى ، كىشىلەرنىڭ قايسى تەرەپكە بەكرەك ئەۋجىگە چىقسا ، مۇۋەپپىقيەت ۋە ئىستىقبال شۇ تەرەپتىكى كەسىپلەردە بەكراق مول بولىشى مۇمىكىن ئىكەن. بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش ماقالىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ ، كىيىنكى قىسىمىنى داۋاملىق ، قۇربىمنىڭ يىتىشىچە تەرجىمە قىلىپ يوللايمەن. بۇنىڭغا ئوخشىغان خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق سىتاتىسكىلارنى ھەممىمىز بولۇپمۇ بىز ياشلار تېخىمۇ ئېنىقراقى ئالى مەكتەپ ئىشتىراكچىللىرى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ۋە مۇھىم دەپ قارىغانلىقىمدىن ، مەزكۇر تەرجىمىگە تۇتۇش قىلدىم ، كەمتەرلىك قىلماي لىلا سۆزلىگەندە سەۋىيەرىم تۆۋەن بولۇپ تەرجىمىدە نۇرغۇن نۇقسانلار بولۇشى تەبئىي ، قېرىنداشلارنىڭ باشقىچە ئويلاردا بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. پەقەت ئورتاق پايدىلىشى مەقسەد قىلىندى ، بەكتۇر چەتئەل تىلى ، چەتئەلدە ئوقۇش ، كەسىپ ئۇچۇرلىرى ، بىرىملىرى مۇنبىرى نامىدىن تەييارلاندى ۋە تارقىتىلدى.
http://bektur.com/bbs/portal.php
ماقالىنىڭ ھوقۇقى توغرا يولدا پايدىلانغۇچى بارلىق قېرىنداشلارغا مەنسۇپ ، مەنبەنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز ياكى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر ماقالىدە ھەرقانداق نۇقسان ، ئارتۇقچە ۋە ياكى مەسىلە بار دەپ قارالغا نۇقتىلار بولسا تەنقىدى پىكىرلەر قۇبۇل قىلىندۇ. ئەلىۋەتتە خالىسىڭىز مىنىڭ شەخسى خەت ساندۇقۇمغا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادىرسى :
esedulla@sina.com
كامالى ئىھتىرام بىلەن پادىچى!
-2014 – يىلى 5-ئاينىڭ 15 – كۈنى
- مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى!
-رەھمەت – داۋامى بار!
- ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى ، تېخىمۇ كۆپ مۇنبەرلەرگە ئۆزۈم يوللىيالمايمەن ، شۇڭا ئاداشلار ئىزدىنىش ، مىسرانىم ،... ئىشقىلىپ ئۆزۈڭلار خالىغان تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار كۆرەلەيدىغان مۇنبەرلەرگە ئۆلچەملىك كۆچۈرۈپ يوللاپ قويساڭلار... ئاللاھ خالىسا ساۋابىقا شىرىك بولۇسىلە!
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
نادىر يازما!! نۇرغۇن كىشىلەر خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمايدۇ بۇنداق كەسىپلەرنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى. ھە دىسىلا مەمۇرلۇقنىڭ غەلۋىسى، بەزىلەر پۈتۈن ئۆمرىنى باشقىلارغا ئىشلەپ(ھىسابتا مەدىكار) ئۆتۈزۈشنى خالايدۇكى بىرەر ماۋۇنىڭدە جەزبىدار ساھەلەردە ئىزدىنىپ بېقىشنى خالىمايدۇ. :ۋىيەي:
تەشنايى ، ساندان ، ياكى مۇلازىمىتىردا مەسىلە بار!
ئالدى بەتتىن يازغان ئىنكاس ساندانغا كىرمەيدىكەن ، بەتنى يېڭىلىغان ھامان ، ھىچنىمە يوق.. (ئىچىم قانچىلىك ئاچچىق بولدى!؟ ھە مىنىڭ! ) … دەرھال ھەل قىلىڭ! …باشقىلارمۇ شۇنداق بولسا ، رىيازەتچىلەر نارازى بولىدۇ دە؟!
ئارقا بەتتىن كىرىپ بولۇپ، ئالدى بەتتىن ئىنكاس يازسا شۇنداق ئالامەت كۆرۈلىدىكەن. مەن تىزلا ھەل قىلاي بۇنى، بىر قوشۇق قىنىمدىن كەچسىلە پادىچى :ھا ھا: ئەدىپىنى بىر بەرمىسەم بولماپتۇ!
ئەسسالام ئەلەيكۇم، مېنىڭچە ئۈچىنچىسىگە كۆز دوختۇرىنى تىزىش كېرەك. چۈنكى: بىرىنچى ئىككىنچىسى كومپيوتېرغا مۇناسىۋەتلىككەن، ئاندىن مۇشۇ دەۋىرنىڭ ئۇچۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خەقنىڭ ھەرخىل ئۇچۇر ۋاستىللىرىگە ئىھتىياجى بەك چۈشىدۇ(كومپيوتېر، تىلپۇن…) دىمەك، بۇندىن كىيىن ئادەم بەدىنىمىزدە ئەڭ چوڭ خىرىسقا ئۇچىرايدىغىنى باشقا نەرسە ئەمەس، كۆز، دەپ قارايمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ‹‹ ئادەم تەبئىتىدىكى ھورۇنلۇق (چىشنى چوتكىلاش قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك) قوشۇلۇپ … ›› ماۋۇ بىر ھەقىقەت. لېكىن شۇنچە تەكىتلەنگەن ئۈممەت تاشلاپ قويۇپ خەنزۇلار ئوبدان چۈشىنىپ قالغان چېغى…
بۇنى(ئەسلىسىنى) گۈدۈككە يوللاپتىكەنسىلە كەسىپ ئىسمىغىلا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ ئۆتۈپ كەتكەن. لېكىن ماۋۇ تەرجىمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، ئوبدان چىقىپتۇ.
ھەربىرىڭلارغا ئايرىم-ئايرىم ، ناھايىتى تەپسىلى جاۋاب يازغاندىم ، …. ئىسىت ۋاقتىم ، ئىسىت ۋاقتىم … بولدى ئەمدى قايتا يازمايمەن ، بۇرادەرلە نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى پەرەز قىلىپ ئۆزۈڭلا چۈشۈنۈۋېلىڭلا! ….
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم .مەن يىڭدىن بىر بىلوگ قۇراي دىگەنتىم . ئەگەر مۇمكىن بولسا ئازراق كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام !
ئەگەر ياردەمنى تەشنايىدىن سورىغان بولسىڭىز ! دەل جايىنى تېپىپسىز ۋە ئۇ سىزگە چوقۇم ياردەم قىلىدۇ.
ئەگەر ياردەمنى مەندىن سورىغان بولسىڭىز!
ھەر ئىشنى كەسىپ ئەھلى قىلغىنى ياخشى مىنىڭچە بۇ ئىشتا تەشنايى سىزگە ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ! بۇ ھاجىتىڭىز ئۈچۈن بىرلىكتە تەشناكامنىڭ جاۋابىنى كۈتەيلى!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ھەرقانداق ياردەم كېرەك بولسا ئۇدۇللا دەڭ، قولۇمدىن كەلسىلا ياردىمىمنى ئايىمايمەن. زۆرۈر بولسا 496878328 qq نومۇرى ئارقىلىق ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.
دۇنيا دا قىيىن كەسىپ قىيىن ئىش يوق پەقەت تىرشىپ شۇ ئىش ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلام….