Home >  > قۇتادغۇبىلىك 3- ئايلىق كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

قۇتادغۇبىلىك 3- ئايلىق كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

10

ئەسسالام ئەلەيكۇم،

دەرىسلەر خۇشياقمىغاندا كىتابىمنى ئېلىپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىۋالدىم. ھەم ئوقۇغان نەرسىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن بەھىرلىنىپ مېڭىش قارارىغا كەلدىم.
كىتاب ئوقۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ ئەمەس، لىكىن ئوقۇماسلىق مەن ئۈچۈن نۇمۇستۇر ! - ھەسەنجان قاسىم

قۇتادغۇبىلىك

...
ئەي، ھەممىنى بىلگۈچى، مەۋجۇداتنىڭ ھەقىقىتى،
كۆزۈمدىن يىراقسەن، ئەمما كۆڭۈلگە يېقىنسەن.
...
بۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ بىر قىسىمى بىزەك،
بىر قىسىمى يول كۆرسەتكۈچى، بىر قىسىمى كۆزەتكۈچىلەر.
...
كىشىنىڭ كۆڭلى گويا تۈپسىز دېڭىزغا ئوخشايدۇ،
بىلىم بولسا ئۇنىڭ تېگىدە ياتقان ئۈنچىدۇر.
...
كىشىلەرنىڭ يامىنى ئەقىل تاپسا تۈزىلىدۇ،
خەلىق ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق بىلىم بىلەن بېسىقىدۇ.
بۇ ئىككىسى كار قىلمىسا، بىلىمنى قوي -دە،
ئاندىن قولۇڭنى قىلىچقا ئۇزاتقىن.
...
يىگىتلىك ئۆتۈپ كېتىدۇ، تىرىكلىكمۇ تۈگەيدۇ،
سەن بۇ چۈش كەبى دۇنيادىن تېزلا ئۆتۈپ كېتىسەن. D231
...
دۇنيادا بىلىمدىن ئەزىز يەنە نىمە بولسۇن،
بىلىمسىز دېگەنلىك ئەر ئۈچۈن سەت،ھاقارەتتۇر. 260D
...
جاھان سوراش ئۈچۈن مىڭ پەزىلەت كېرەك،
قۇلاننى بېسىش ئۈچۈن ئارسلان كېرەك. D284
...
بۇ تۇراقسىز، بىۋاپا، قېرى دۇنيانىڭ
مىجەزى قىزغا ئوخشايدۇ، سەپسالساڭ، يېشى چوڭدۇر...
سۆيگەننى سۆيمەيدۇ، كېيىكتەك قاچىدۇ،
قاچقانغا يېپىشىدۇ، ئايىغىنى قۇچاقلايدۇ. D401
...
ئۇ زاماندا بۆرە بىلەن قوي بىللە سۇ ئىچتى...
...
غېرىبلىق دېگەن ناھايىتى قاتتىق نەرسە،
نى-نى ئەرلەرنىڭ غېرىبلىقتىن بېشى قايغان. D478
...
كىشى قەدىرلىك ئەمەس ، بەلكى كىشىلىك قەدىرلىكتۇر،
...
بەخىت ئىشەنچسىز، ۋاپاسىز، تۇراقسىزدۇر،
كەتكەندە تېز ئۇچىدۇ، ئايىغى تايغاق. D670
...
بۇ بەخىتكە مەغرۇرلانما، ئۇ كېلىدۇ ۋە يەنە كېتىدۇ،
بۇ دۆلەتكە ئىشەنمە، ئۇ بېرىدۇ ھەم ئالىدۇ. D694
...
بىلىمسىزنىڭ كۆڭلى قۇمدەك بولىدۇ،
دەريا كىرسىمۇ تولمايدۇ، ئوت-چۆپ ئۈنمەيدۇ. D975
...
بۇ دۇنيا مېلى گويا تۇزلۇق سۇغا ئوخشاشتۇر،
قانچە ئىچسىمۇ كىشى قانمايدۇ، تىلىمۇ نەم بولمايدۇ. D1408
...
ئەي بەختىيار ئەلىگ، ساراي ، قەسىر قۇرما،
ساڭا قارا يەر ئاستىدىن ئۆي تەييارلاندى. D1418
...
ئادەم بالىسىنى بىچارە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ،
كۈن بويى دۇنيا يىغىدۇ، يېيىشكە نېسىپ بولمايدۇ. D1732
...
ئاڭلاش قۇلاق ئۈچۈن لەززەتتۇر. D1915
...
ھەر قانداق ئىشتا تەمكىنلىكنى تاللا،
پەقەت تائەت-ئىبادەتكىلا ئالدىراپ يۈگۈ. D1999
......

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (10)
نەقىللەر (0)
  1. ئالپبەگ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/04/13 22:17

    Alp Ekran خەت نۇسخىسىمۇ چىرايلىق چىقىدىكەن – ھە. مەن تېخى ALKATIP UI خەت نۇسخىسىمىكىن دەپتىكەنمەن.
    ئەلى مالىم ئۈچ كۈندە بىر كىتاب ئوقۇيمەن دېگەندەك قىلغان چىمبۇلاق تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا. مانا مەن يېرىم يىل بوپتۇ بىرەر كىتابنى تولۇق ئوقۇپ باقمىغىلى :ئىسىت:

  2. پاسئان [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/04/14 00:51

    ماۋۇ ئۇسلۇبىڭىز نېمانچە چىرايلىق -ھە!

  3. تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/04/14 08:29

    ئىشقىلىپ كىتاب ئوقۇشتەك راھەت ئىش يوق مېنىڭچە! بىردەمنىڭ ئىچىدە تالاي كىشىلەرنىڭ ئەقىل بۇلاقلىرىدىن شەربەت سۈمۈرىدىغان گەپ…

  4. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2014/04/14 10:31

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاداش ئاۋۇ قۇتادغۇبىلىك دېگەن تېما ئاستىدىكىلا قىسىمنىڭ ئاخىرى لازىمتى. كىتاب ئوقۇش خاتىرسىنى ئوبدان يازىدىكەنسىلە… :ھا ھا: لېكىن ھېچ تاپالمىدىم كېيىن يوللامسىلەنكى…. :لول لول:

    • Tashjan [ كۇلۇب ئاۋانگارتى ] unknowunknow @ ھاجى 2014/04/14 11:54

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قۇتادغۇبىلىك دىگەن كىتابتا ئىككى مىسرا بىر مەزمۇن بولۇپ يېزىلىدىكەن. ئالدى-كەينى بولغان كۇپلىتلار بەزىدە مەزمۇن جەھەتتە مۇناسىۋەتسىز چىقىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى كىتابتىكى كۆپ قىسىم مەزمۇنلاردا تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار(مەسىلەن«ۋەزىر غەزىنە ئىشلىرىدا ھوشيار بولىشى كېرەك. بەگكە سادىق بولىشى كېرەك.») بولۇپ، مەن پەقەت شۇ ماڭا تەسىر قىلغان ھەم ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگىلەرنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ قويدۇم. يا بولمىسا مەن ھىلى شۇ بەتتىكى مەزمۇننى پۇتۈنلا يوللاپ بېرەي-ھە.

  5. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2014/04/14 10:34

    لېكىن دەھشەت ئۈزۈندىلەركەن جۇمۇ بۇ ! مۇشۇ كىتابلارنى ئۆتكەن بولسا ھە مەكتەپتە… «ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا غەجەك چالغۇچە»؟

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش