ئەسسالام ئەلەيكۇم،
مىڭ-مىڭ يىللار بوپتۇ، شاھانە ئەسەرلەر قىممىتىنى يوقاتماي كەپتۇ . ئىشىنىمەنكى يەنە مىڭ-مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ، شۇ ئۇلۇغلار نەسىھىتى قىممىتىنى يەنە ھەرگىز يوقاتمايدۇ.
قۇتادغۇبىلىك (نەسىرى يەشمىسى)
- يۈسۈپ خاس ھاجىپ
.
كېسەلسىز ئېسەنلىكنى تىلىسەڭ،
"ئاز" ناملىق دورىنى يېگىن، ساق ياشىغىن، ئەي بەگزادە. (D4642)
...
ھالاۋىتى ئۇزۇن خاتىرجەملىكنى تىلىسەڭ،
"تىل" ناملىق گۆشنى يېگىن، ساق ياشا، ئەي زات.
...
خالىساڭ شەربەت بەر، خالىساڭ مەيزاپ(بەر)،
خالىساڭ گۈل شارابى، خالىساڭ جۇلاپ(بەر).
...
ئادەم بۇ دۇنيا مېلىنى تىلەپ يۈگۈرۈپ يۈرسە،
تائەت-ئىبادەت ئىشى توختاپ قالىدۇ.
...
يارتىلغاندىن قورقما، ئۇنىڭدىن تىلەك تىلىمە،
ياراتقاندىن قورق، ئۇنى يۆلەكچى قىل.
...
تىلىگەن ئۇخلىمايدۇ، تىنماي ئىزدەيدۇ،
ئىزدەپ تاپالمىدىم، دەپ كەينىگە يانمايدۇ.
...
ئۆلگەننى كۆرگەنلەرمۇ تىرىك قالمايدۇ،
ئۆلۈمگە ھازىرلان، پەيلىڭنى قوپال تۇتما.
...
بىر توپ ئاچ بۆرىلەر ئەتىراپىڭغا توپلاندى،
قويلىرىڭنى بەك قوغدا، ئەي باتۇر ھۆكۈمران. (D5164)
...
توردىن بىر قوشاق ئۇچراپ قالغان، بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇنىمۇ بەھىرلەپ قوياي دىگەن. ئەمما ئاپتورىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدىم. ئاپتورىنىڭ كىملىكىنى بىلسىڭىز بولسا ئاستىغا ئىنلاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، رەھمەت.
ۋەتەن
بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى،
يۇرتنى بۇلغىدى قاغا،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر ،
بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا.
...
ئۇ ۋەتەن شۇنداق ۋەتەن،
بۆرىسى يۈتكەن ۋەتەن.
قوزىلىرى شىر ئالدىدا،
چوشقىسى سۇلتان ۋەتەن.
ئۇ ۋەتەن شۇنداق ۋەتەن،
يولۋىسى بىھۇش ۋەتەن.
تۇلكىلەرئوۋلايدۇ يىلپىز،
ئىشت لىرى غالجىر ۋەتەن.
ئۇ ۋەتەن شۇنداق ۋەتەن،
پىغانلىرى تاشقان ۋەتەن.
گەريولۋىسى كەلسە ۋۇشىغا،
ئىشت چوشقىسى سەرسان ۋەتەن.
ئۇ ۋەتەن شۇنداق ۋەتەن،
قوي تۆگىلىرى مەزلۇم ۋەتەن.
گەر يولۋىسى چىقسا تەخىتكە،
دۇنيادا بىر جەننەت ۋەتەن.
ئاۋۇ ۋەتەن دېگەن شېئىر سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ .
«تىلىگەن ئۇخلىمايدۇ،تىنماي ئىزدەيدۇ. ئىزدەپ تاپالمىدىم دەپ كەينىگە يانمايدۇ .» ماۋۇ گەپ بەك ياخشى ئېيتىلىپتۇ، «جاپانى كىم تۇلا چەكسە ،گۆھەرنى شۇ ئالۇر تاشتىن . گۆھەرنى ئالغۇچە تاشتىن نى سەۋدا ئۆتەر باشتىن .» دىگەن شۇدە
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ شېئىر توپلىمىدىن تاپقىلى بۇلارمۇ مۇشۇنداق ياخشى شىئىرلىرى بار ئەمەسممۇ