بۈگۈن ھەۋەسكارنىڭ يەنە بىر يىڭى ھەۋېسىگە جۈر بولىدىغان بولدىڭىز! شئىر مەن تولىمۇ ياقتۇرىدىغان نەرسىلىەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ چالا ساۋات ئىكەنلىكىمگە باقماي ئاز تولا مىسرالارنى تۈزۈپ باققان. بۈگۈن يۈزۈمنى ئالمىدەك قىزراتىپ تۇرۇپ ھوزۇرىڭىزغا بۇلارنى سۇندۇم. مەسخىرە قىلماقچى بولسىڭىز ئاۋۇ ھىڭگايشىپ تۇرغان چىراي ئىپادىلىرىدىن قالدۇرۇپ قويارسىز! قېنى ئەمسە تۆۋەنگە مەرھەمەت:
كۆرۈنۈپ كەلسىمۇ كۆزۈڭگە ئەجەل،
ھودۇقما جان دېگەن تۆت كۈن ئامانەت.
ئاي - يىللار سالساگەر روھىڭغا كىشەن،
ئاگاھ بول، ياغىدۇ مىڭ يىل ئاھانەت.
* * * *
دۇنيانىڭ چىتىدە بىچارە بىر قۇش،
يۈرەركەن ياد ئىتىپ ئۆز ئۇۋىسىنى.
ئۇيقۇسىز كىچىلەر يۇمۇلسا كۆزى،
چۈشىدە كۈتەركەن ئۇ بوۋېسىنى.
* * * *
كۆرەش
تېنىقىم كۆرەش ئۈچۈن
ئۆلىمىممۇ ھەم.
يىغلىشىم كۆرەش ئۈچۈن
كۈلىشىممۇ ھەم.
كۆرەش ئۈچۈن تۇغۇلغانمەن
ئىسمىممۇ كۆرەش.
ئىزلىرىم مۆھۈردۇر
نىشانىم كۆرەش!
* * * *
سۈبھىي پەيتىدە
جىلغىسىمان بىنالارنىڭ
مۇزدەك ھۆسنىدە،
قاقشال دەرەخلەرنىڭ
ئازغۇن ياپراقلىرى ئۈستىدە.
غۇۋا،
بەكمۇ غۇۋا،
ئەگىيدۇ بىر نۇر
سۈبھىي پەيتىدە.
سۆيەلمەي ئاۋارە زىمىننى قۇياش،
كۆرەلمەي ئاۋارە قۇياشنى زىمىن.
يېتىم بالىدەك،
قىرى بوۋايدەك،
يىغلايدۇ دۇنيا
سۈبھىي پەيتىدە.
بولغۇدەكمۇ؟! شئىرلادىن زوق ئالالايدىغان بىرسى بولسىڭىز مەن بىلەن پىكىرلەشمەي قايتىشنى ئەخمەقلىق دەپ بىلىڭ. بىز دەۋېرداشلىرىمىزنىڭ شئىرىي تۇيغۇلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرى ھەققىدە مۇڭدىشىمىز...
بۇ شېئىرنى شۇنداق ياخشى يېزىپسىز ، ھېسىيات مۇشۇنداق رېتىم قاپىيىگە تۇيۇنغان شېئر ئارقىلىقلا ئۆزمەنىسىنى تاپىدۇ ،تېىخمۇ كۆپ شئېرلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!رەھمەت!
رەھمەت… مەمنۇن بولدۇم! كىلىپ تۇرارسىز ئەمسە!
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپسىزدە! مۇبارەك بولسۇن!
رەھمەت… بەك ياراپ قالدى بۇ ئۇسلۇپ، لىكىن سىزنىكىگە ئوخشاپ قالدى
ئوخشاپ قالغانغا ھېچ نېمە بولمايدۇ،بۇ ئۇسلۇبنى نۇرغۇن بلوگەرلار ئىشلىتىۋاتىدۇ.بەكلا ئىلغار ئۇسلۇب بۇ!
شاش چىقىپتۇ ، غەيرەت قىلىڭلا جۇمۇ
كەپ تۇرارسىلە يوقاپ كەتمەي!
شېئىرىيەت باياۋانىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!
رەھمەت سىزگە. چوقۇم تىرىشىمەن…
رەھمەت
شېئىر دېگەن دىلنىڭ زوقى!!!
مېنىڭمۇ شېئىرىي تۇيغۇلىرىم قوزغىلىۋاتىدۇ جۇمۇ….
ۋەتەن يايلاق مەن بولۇپ تايچاق،
قوينىدا بىر قېنىپ يايرىسام.
ۋەتەن دەرەخ مەن بولۇپ بۇلبۇل،
شاخ-شېخىدا خۇشھال سايرىسام.
ۋەتەن دەريا مەن بولۇپ بېلىق،
ئېقىنىدا توختىماي ئاقسام،
ۋەتەن ئاسمان مەن بولۇپ بۈركۈت،
ھۆر قوينۇڭدا جاھانغا باقسام…..
…….
…….
ئاخىرى سىلەرگە ئامانەت.
ياخشى چىقىپتۇ جۇمۇ! ئاخىرىنى مەن ئازادە ۋاقىت چىققاندا ئىلھاملىنىپ ئولتۇرۇپ داۋاملاشتۇراي ئەمىسە!
شائىرمەن شېئىرغا قىلىمەن ھەۋەس،
يازىمەن ھەق گەپنى يالغاننى ئەمەس.
ئاخىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!