سىز چوقۇم بىر ئەبلەخ
2012/06/09 ITپاراڭلىرى ⁄ جەمئى: 4692 ھەرپ 6 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 981 مېھمان+

 

ئانا تىلىڭىزغا مەسئۇل بولۇڭ!

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم تور بېتىمگە زىيارەتكە كەلگەن ئەزىزلەر! بۇ يەرگە ئاران بىر كەلگىنىڭىزدە ، شىرېن سۆزلىرىم بىلەن قارشى ئالماي «ئەبلەخ» دەپ تىللىغىنىمدىن ھەيران قىلىۋاتامسىز!؟ ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭمۇ چوڭ بىر ئەبلەخ ئىكەنلىكىمنى ئىتىراپ قىلىمەن. ئاندىن كىيىن سىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش چوڭ كىچىك  ئەبلەخلەردىن ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن . ئالدى بىلەن «ئەبلەخ» سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىگە باقايلى:

ئەبلەخ : ـــ سۈپەت [ئە] قىلمىشى، ھەرىكىتى چېكىدىن ئاشقان، ئۆتۈپ كەتكەن قەبىھ؛ يارىماس، رەزىل:

ئۇشبۇ سۆزنىڭ مەنىسى يۇقارقىدەك بولۇپ، ئەڭ ئەقەللىي بۇرچىنىمۇ ئادا قىلالمايۋاتقان، بىلىپ تۇرۇپ خاتالىقىغا يول قويىۋاتقان، نادان قىلمىشلىرى چىكىدىن ئاشقان كىشىلەرنى تىللاشقا ئوبدان تىتىغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.

سىزمۇ بەلكىم ھېس قىلىۋاتقانسىز، كۆپ يىللاپ «بىلىم ئۈگىنىمىز» دەپ ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە يۈرۈپ خەنزۇتىلى سەۋىيەرىمىز خىل ئۆسۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن «كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ پەخىرلىك تۇيغۇلىرى ئاستىدا» ئانا تىلىمىزنى يات تىللارغا قوشۇپ، ئۆزىمىزچە يىڭى تىل ياساپ قوللىنىشقا ئادەتلىنىپ كەتتۇق. ھالىمىز شۇ يەرگە يەتتىكى بۇ خىل ئارلاشما تىلغا قۇلىقىمىز، مىڭىمىز، يۈرىكىمىز... بارچە ئەزايىمىز كۆنۈپ كەتتى، تاكى تەتىلللەردە ئۆيگە بېرىپ ، خەنزۇتىلىدىن قىلچە خەۋېرى يوق ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئالدىدا چاپاننى شاڭيى، دۇكاننى چاۋشى دەپ مات بولمىغۇچە ئىغىزىمىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنى سەزمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق! قەلبىمىزدە « سەن بىر ئۇيغۇر! دۇنيا يۈزىدە 20 مىلىيونغا يىقىن نوپۇسى بولغان، جوڭگودىن ئىبارەت قۇدرەتلىك دۆلەتتىكى خەنزۇلاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، ئۆز ئالدىغا ساپ تىلى، مۇكەممەل مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىى، گۈزەل دېنى بولغان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى؛ سەن ياراتمايۋاتقان موشۇ تىلىڭ بىلەن ئەجدادلىرىڭ دۇنيا تارىخىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان؛ھازىر سېنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىلىرىڭنىڭ ھۆددسىدىن چىقالمايۋاتقان بۇ ‹يارىماس› تىلىڭ دۇنيادىكى نى - نى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆز بەدئىي قىممىتى بىلەن ساڭا يەتكۈزۈپ بېرىشكە قۇربى يەتكەن؛ مەھمۇت كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق بوۋىلىرىڭ دەل موشۇ تىلنىڭ پاساھىتى بىلەن دۇنيا يۈزىدە نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئايلانغان...» دەپ ۋىجدانىمىزغا سۇئال تىكلەيدىغان ئاداققى تۇيغىمۇ قالمىدى. شۇڭا بۇ ھالىمىزغا «ئەبلەخ» دېگەن نامنىڭ ھەرگىزمۇ ئىغىر كەتمەيدىغانلقىغا ئىشەنچ قىلىپ قالدىم. ئۆزىمىزنىڭ زادى بىر ئەبلەخ ئىكەنلىكىمىزنى ئوچۇق ئىىتىراپ قىلىدىغان كۈنىمىز كەلگەندەك قىلىدۇ...

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى (يەنە سىتۇدېنت دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تۇرۇپ ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلەشنى، ئۆزىنى، ئۆزلۈكىنى سۆيۈشنى بىلمىسە ئۇنىڭ جاپا تارتىپ ئوقۇغانلىرى نېمىگە تەڭ بولىدۇ؟! نېمە مەقسەتتە بىلىم ئالغان بولىدۇ؟! مۇھەببەت دەپ ئۆلۈپ تىرىلىۋاتقانلار ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىسە ئۇلارنىڭ ھىسياتى نېمىگە ئوخشاپ قالىدۇ!؟ كەينىمىزدە ئەجدادلىرىمىز لەنەت ئوقۇپ، باشلىرىنى چايقىغىنىچە قاراپ تۇرىدۇ؛ ئالدىمىزدا سەن قانداق كەلگۈندى؟ مېىنىڭ يىلتىزىم قېنى؟ سەن قانداق مەخلۇق دەپ نالە قىلغانچە ئەۋلادلىرىمىز تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ. بىز ئەڭ چوڭ گۇناھكار ئەبلەخلەرگە ئايلىنىپ قىلىۋاتىمىز....

قانداق قىلىش كىرەك!! ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشىنىشتىن باشلايلى. مەن چوقۇم «ئەبلەخ» بولمايمەن دەپ ئويلاپ، ھەربىر سۆزىمىزدە ئەقلىمىزنى قاتتىق ئىشلىتەيلى! تىلىمىزدا ئاجايىپ تاتلىق سۆزلەر بولۇپ، ئىنساننىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە بۇنىڭدىنمۇ قادىر تىل بولمىسا كىرەك. ئانا تىلىغا باشقا تىللارنى ئارىلشتۇرۇپ سۆزلەيدىغانلارنى قاتتىق تەنقىد قىلايلى، بىكار ۋاقىتلىرىمىزدا كۆپرەك ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ قويايلى. دوسلىرىمىز بىلەن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوماق - ئوماق سۆزلىشەيلى! مومكىنچىلىكى بارمۇ؟!

جاھاندا قانداق ئىشلار مودىدىن قالمىدى دەيسىز؟! بىر چاغلاردا خەنزۇتىلىنى چالابۇلا سۆزلىيەلىگەنلەر قالتىس ھىسابلانغان بولسا بۈگۈن ئانا تېلىنى پاكىزە سۆزلىيەلىگەنلەر ھۆرمەتكە ھازاۋەر بولىۋاتىدۇ.؛ ئىلگىرى دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە «خەنزۇتىلى بىلىدىغان بولۇش» دېگەن تۈرنى قوشقان بولسا، بۈگۈن «ئانا تىلىدا مۇئەييەن ئاساسقا ئىگە بولغان بولىشى كىرەك» دەپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، چۈنكى ھازىر خەنزۇتىلىنى قاسساپمۇ، ئاشپەزمۇ ھەتتاكى تىلەمچىمۇ بىلىدىغان بوپ كەتتى. ئەمدى جاھان تاقەززاسىغا ماسلىشىپ، ئۆز تىلىمىزنى پىششىق ئۈگىنىش كۆرىشىگە ئاتلانمىساق كەلگۈسىدە ئىككى تىل ئارىسىدا ئېسىلىپ قالىمىز.

ئۇنداقتا، ئەبلەخ سانالماسلىق ئۈچۈن سىز تۆۋەندىكىلەرنى ئورۇنداشقا تىرىشقايسىز! ( بولمايدىكەن رەھىمسىز يىللار ئەبلەخ دېگەن سىسىق زەنجىرنى بوينىڭىزغا ئېسىپ قويىدۇ)

  1. ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىڭىز بىلەن پىكىرلەشكەندە چوقۇپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىڭ؛ ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى ئانا تىلىڭىز ئارقىلىق ئىپادىلەشكە كاپالەتلىك قىلىڭ.
 2. ئانا تىلىنى چالا سۆزلەيدىغان ياكى سۆزلەشتە قىينىلىدىغان قىرىنداشلىرىڭىزنى ئۇچىراتسىڭىز سەمىمىيلىك بىلەن ئۈگۈتۈپ قويۇڭ، ساپ تىلدا سۆزلەشكە رېغبەتلەندۈرۈڭ.
 3. ھەردائىم خەنچە مىكروبلوگلارنى ئوينىماي،ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بەتلەرنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى مەشىق قىلىپ قويۇڭ( ئىشەنسىڭىز، كىيىن جەمىيئەتكە چىققاندا تىز سۈرئەتتە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزەلىشىڭىز سىزگە نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ.)
 4. خەنچە تور رومانلىرىنى ئوقۇۋەرمەي، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ تۇرۇڭ . ( چۈنكى نېمە ئىش قىلماڭ سىز مەڭگۈ بىر ئۇيغۇر، بۇ سىزنىڭ پەخىرلىنىشىڭىگە ئەرزىيدىغان تەقدىرىڭىز)
 5. ۋاقىت چىقىرىپ باشقا تىللادىكى ماتېرىياللارنى ئانا تىلىڭىزغا تەرجىمە قىلىپ ئۈگىنىڭ، نەچچە يىل تىل ئۈگىنىپ، ماتېرىيال تەرجىمە قىلىشنىمۇ بىلمەسلىك سىزنىڭ كاللىسىغا تۈك ئۈنمەيدىغان ئەخمەق ئىكەنلىكىڭىزگە گۇۋاھ بولىدۇ.

   خوش ! بۈگۈنكى «ئەبلەخ» لەر سۆھبېتىمىز موشۇ يەرگىچە بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەقتىكى كۆرەشلىرىمىز دائىم كۆتىرلىپ تۇرغۇسى. ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئەبلەخكە ئايلىنىپ قالماسلىقىڭىز، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «ئەبلەخ مىللەت» دېگەن قالپاققا چۈشۈپ قالماسلىقى، ساقلىقىڭىز، بايلىقىڭىز، ۋە شاتلىقىڭىز ئۈچۈن توختىماي تىرىشقايسىز!!

 

جەمئىي 6 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 6 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:0 دانە

  1. يالغۇز : 2012-يىل06-ئاي18-كۈن21:32:20  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بۇ 5تۇرلۇك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ 4تىدە مەن يوقكەنمەن……………….

  2. يالغۇز : 2012-يىل06-ئاي18-كۈن23:37:42  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئاپلا خاتا يىزىپ قاپتىمەن،ئەسلى 4تىدە مەن باركەنمەن كەن…………

  3. تەشنايى : 2012-يىل06-ئاي19-كۈن00:32:03  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ما گەپ جايىدا

  4. تاپىنغۇچى : 2012-يىل12-ئاي16-كۈن21:39:19  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    مەنمۇ بىر ئەبلەخ.ئەبلەخ بولماسلىققا تىرىشىۋاتقان،تىرمىشىۋاتقان،تىركىشىۋاتقان…

  5. گەدەنكەش : 2013-يىل03-ئاي22-كۈن10:58:36  -15قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    شۈبھىسىزكى؛ ئەبجەش تىلدا سۆزلىشىدىغانلار يا ھارامدىن بولغانلار ياكى بولمىسا دادىسى(ئانىسى) ساقالسىز مىللەتتىن بولغانلار، ۋە ياكى ئومىچىنىڭ تايىنى يوق ئەبجەش تىلدا سۆزلىشىشنى شەرەپ بىلىدىغانلار.

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟