كىشىلەرنىڭ تاماكا تاشلىغنىنى كۆرگەنمەن. تاماكا تاشلاش ياخشى ئىش، چۈنكى ئۇ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولغان ناكەس بىر نەرسە. تاماكا چېكىش ئارقىلىق ئىتقادىمىزغا شەك كەلتۈرىمىز، جىسمىمىزنى زەھەرلەپلا قالماي روھىمىزنى بۇلغايمىز، ئىقتىسادىمىزنى بۇزۇپ چاچىمىز، مۇھىتقا زىيان سالىمىز، قىسقىسى ئىنسانىيلىقىمىزنى ھايۋانى نەپسىمىزنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ بېرىمىز! يۇقارقى بەدەللەر بىلەن ئاران دېگەندە نەچچە مېنۇتلۇق «روھىي لەززەت»كە ئېرىشىمىز.
ئەمدى يەتتە ياشتىن - يەتمىش ياشقىچە، سامسىپەزدىن - ئەمەلدارغىچە ئىشلىتىپ «ئاشىق» بولغان QQ غا كەلسەك، مېنىڭچە، بىزگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى خۇددى تاماكىغا ئوخشاشلا پايدىسىدىن كۆپ. ئۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىز ئېنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان يۈزمۇ- يۈز ئالاقىدىن يىراقلاپ كىتىمىز، نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى ئەرزىمەس ئالاقە تورى ئىچىدە خازان قىلىمىز، چىن ھېسىياتىمىزنىڭ ھارارېتى سۇسلاپ، ئوبىكتى ئەرزىمەس كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ، ۋاقىت - پىلان ئورۇنلاشتۇرىشىمىز تۈرلۈك تاساددىپى QQ ئالاقىسى بىلەن بۇزۇلىدۇ، ئىقتىسادىمىز بىھۇدە خورايدۇ، سالامەتلىكىمىز، تەپەككۇر قۇۋۋېتىمىز، كۆزىمىز، روھىمىز يۇشۇرۇن ئاھاڭدا زىيانغا ئۇچىرايدۇ، تاققا - تۇققا QQ پاراڭلىرىمىز بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھۆرمەت ساھىبى بولۇشتىن مەھرۇم بولىمىز. بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار ئانا تىلىمىزنى تازا راۋرۇس قوللىمىغان ئۇ ئەبجەش نەرسە بىلەن تۈرلۈك يېزىقتا پاراڭ سوقۇپ، ئانا تىلىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىمىز..... يۇقارقىلار بەدىلىگە بىز «ئالاقە» مەقسىتىگە يىتىمىز.
پىقىر ئىلگىرى نەچچە قېتىم بۇنەرسىدىن ئۈزۈل كىسىل يىراقلاش نىيىتىگە كەلگەن بولساممۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قول ئۈزەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ نازارېتى ئاستىدا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن بۇ يەردە مۇنۇ باياناتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. دېمەك ئەزىز دوسىتلار مېنى نازارەت قىلىپ تۇرغايسىزلەر، بۇندىن كىيىن ئۇشبۇ مەۋھۇم دۇنيادا مېنى ئۇچىرىتپ قالساڭلار ھېچ ئايىماستىن يۈزۈمگە سالغايسىزلەر...
يۇقارقى بايانلىرىمنى بەلكىم يۈزەكىيلىكتە ئەيىبلەيدىغانلار، ياكى QQ ئىشلىتىشنىڭ پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ دەپ قارايدىغانلار بولىشى مومكىن. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆز قارېشىم ۋە مەۋھۇم ئالاقىگە بولغان پوزىتسىيەمنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلىنىشى.
ئۇنداقتا مەن تەركىدۇنيا بولامدىم(چاقچاق) ؟! جاۋابى ياق. تۆۋەندە مەن بىر نەچچە خىل ئالاقە ئۇسۇلىنى تاپشۇرىمەن، بۇلار ئارقىلىق تۇرمۇش، ئۈگىنىش جەريانىدىكى ھەرقانداق خارەكتېردىكى ئالاقىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش تامامەن مومكىن، شۇنداقلا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى.
1. مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، كوللىكتىپ پاراڭ قىلىش، سۇئال - ياردەم سوراش ئىھتىياجى بار دوسىتلارنىڭ بىۋاستە ھالدا موشۇ بلوگىمنىڭ خالىغان يېرىگە چۈشىنىشلىك قىلىپ بايانلىرىنى چاپلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئادەتتە بۇنداق سۆز - پىكىرلەرنى جاۋابسىز قالدۇرماي، ئەڭ تىز - سۈرئەتتە جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن.
2. مەن بىلەن بىرقەدەر مەخپىي شەخسىي ئالاقە قىلىش ئىھتىياجى بارلانىڭ تۆۋەندىكى ئېلىخەت ساندۇقۇمغا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئالاقە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن(ھەرزامان تېلىفۇنۇمدا ئوچۇق تۇرىدۇ، ئېلىخەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالايمەن):
S41157018@163.com
3. جىددىي، مەخپىي، مۇھىم ئالاقىلەردە تېلىفۇن قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئادەتتە دەرسىتە بولۇپ قالمىساملا قوبۇل قىلالايمەن، قوبۇل قىلالمىسام ئۆزۈم قايتۇرىمەن. تېلىفۇن: 18810604762
خوش، يۇقارقىلار بىلەن بىز تامامەن بىمالال ئالاقە قىلالايمىز. ئەلۋەتتە 2013 - يىللىرىمۇ تۆت - بەش يىل ئاۋۋالقىدەك پوچتىدىن دوسلىرىمنىڭ خېتىنى تاپشۇرىۋېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ئەزىز كىشىلىرىمنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ، ئانا تىلىمىز بىلەن پاساھەتلىك قىلىپ يازغان ھەربىر پارچە خېتىنى تاپشۇۋېلىش مېنى ھەقىقەتەن خۇش قىلىدۇ، مەنمۇ ئىشىنچە ۋاقىتلىرىمدا قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، پىكىرداش دوسىتلىرىمغا ئەستايىدىللىق بىلەن خەتلەر يازىمەن.
ئاخىرىدا بارلىق دوسىتلارنىڭ ۋاقىتىنى قەدىرلەپ ئىشلىتىشىنى، ئۆز ھاياتىنى پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ لايىھەسى بويىچە ئەمەس، ئۆز لايىھەسى بويىچە ئۆتكۈزىشىنى، ھەرقانداق ئىشتا پايدا - مەنپەئەت، قەدىر - قىممەت ئۆلچىمى بىلەن تاللاش ئېلىپ بېرىشىنى، ئەڭ مۇھىمى جەڭگىۋار ياشلىقىنى ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ ئىتىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۈچىنچى تەرەپ كۈرەلىشى بىزگە بەك زىيانلىق
مەنمۇ تاشلىۋىتەي دىگەن ئەمما شۇ سىنىپنىڭ ئۇختۇرۇشى دەمدۇ پائالىيەت دەمدۇ ئىشقىلىپ ھەممىنى مۇشنۇڭدا ئۇقتۇردۇ
نەچچە تاشلاپ، نەچچە قاچىلاپ، ئاخىرى شۇ زۆرۈر بولغاندا ئىشلىتىپ بولمىسا تاقاپ كىلىۋاتىمەن بۇ نەرسىنى.
ئەسسالامۇ ئەيكۇم تەشنايى ئادوووووش ، قاندا ئەۋالىڭ ؟ نىمىشلا بىلەن بولاپ كەتتىڭ ؟ ئاڭلىشىمچە سىتىۋىن جوبىس باللىرىغا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئوينىغىنى قويمايدىكەنتۇق ، سەۋەبى باللىرىنىڭ يۇقرى تېخنىكىغا خۇمار بولۇپ قېلىپ ،خۇمارىدىن قۇتۇلالماي ئەزالىرىنىڭ چىكىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن . شۇڭا ئۇلار ئۆيدە ئالما مەھسۇلاتلىرى توغۇرلۇق پاراڭنىمۇ كۆپ قىلمايدىكەن .
ئادەم دىگەن بىر ئشىلارغا ئاسان كۆنۈپ قالىدىغان نەرسىكەن ، شۇڭا يىراق تۇرۇشقا تىگىشلىك نەرسىدىن ۋاقتىدا يىراق يۈرگەن ياخشى .
ياخشى يازمىكەن ھارمىغايسىز