Home >  > يىپىشقىنىم يىپىشقان – IT ساھەسى

يىپىشقىنىم يىپىشقان – IT ساھەسى

15


ئارمانلار خۇددى ئورمانلىقتىكى يۇپۇرماقلاردەك ساناقسىز ئىدى. «يازغۇچى بولىمەن» دېدىم كىچىكلىكىمدە، لېكىن...ھامان بىركۈنى يۈرەك كىسىلى ياكى زىخقا كىسىلى بىلەن ئەجەلسىز كېتىپ قالىدىغىنىمنى قىسقىسى ھەقىقەتنىڭ شۇئارىنى ياڭرىتالماي، بۈدۈنە يەكى سېغىزخان بولۇپ ئۆتىدىغىنىمنى ھېس قىلدىم؛ «سىياسىيون بولىمەن» دېدىم، سىياسىي سەھنىكىگە ھەقىقەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلمەكنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دوستلىرىم بىلەن سۇلالە - پادىشاھلىق بولۇپ ئوينىغاندەك ئاددىي ئەمەسلىكىنى، مېنى «قوماندان» قىلىدىغان «خەلقىم» نىڭ تولىمۇ ئامالسىزلىقىنى تونۇپ يەتتىم؛ « دوختۇر بولىمەن» دېدىم، بەلكىم پەرىشتە سۈپەت بىر ئىنسان بولۇشنى ئىزلىگەن بولغىيتتىم، ئەمما راستىنلا دوختۇر بولغۇم يوق ئىدى، چۈنكى ئىسپىرىت پۇرىقىنى ئەڭ ئۆچ كۆرەتتىم؛ مەن ئەسلى ئالىم بولاتتىم، چۈنكى ئىسمىممۇ ئالىم ئىدى....ھا ھا!
شۇنداق ئاخىرى مەن دەل موشۇ ساھەگە كىرىپ قالدىم. دىن، سىياسەت، مەدەنىيەت... چەكلىمىلىكىدىن خالىي، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان، دەۋرىمىزنىڭ سىمۋولى بولىۋاتقان كومپىيوتېر تېخنىكىلىرى. شۇنداق بىر خىل ھېرىسمەنلىك بىلەن ئۈگىنىدىغان بولۇپ كەتتىم. ھەربىر ئىجادىي ئەسىرىم يېڭىدىن ئىشەنچ ۋە ئۈمۈد بېغىشلاۋاتىدۇ، ئوڭۇشلۇق ئىجرا بولغان ھەربىر پروگراممام قەلبىمدە ھاياجان چۇقانلىرىنى ياڭرىتىۋاتىدۇ. مەن ئۆگىنىۋاتىمەن، ئىزدىنىۋاتىمەن. يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىۋاتىمەن. ئەڭ جەلىپكار تېخنىكىلارنى ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، بايراقدار تېخنىكا ساھەلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ نامىنى نوپۇزغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن، مەنلا ئەمەس بىر يولدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتىمىز.
زامانىمىزدا ھەرقايسى داڭلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەۋھۇم بىر دۇنيادا ئىمپىراتورلۇق تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ قارىماققا ئاددى بىر ئىشتەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇرۇش قىلىپ، قان تۆكۈپ ئىنسانلار ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش بىلەن چوڭ پەرقى يوق. چۈنكى بۇ خىل مەۋھۇم ئىمراتورلۇق ئارقىلىق تالاي ئىنسانلارنىڭ مەنىۋېيىتى، تور دۇنياسىدىن ئىبارەت تەقلىدىي دۇنيادىكى بارلىق پائالىيەتلىرى دەل ئەشۇ ئىمپىراتورلارنىڭ ھامىيلىقىدا بولىدۇ، تالايلىغان «خەلق» ئەنە شۇ ئىپىراتورلار ئۈچۈن تالاي قىممەت يارىتىدۇ. دېمەك بۇ ئاجايىپ قالتىس بىر ساھە - IT ساھەسى!
مەندىن ھوقۇق تەما قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدىغان بولدۇم. ئەمما مەندىن بايلىق(ماددىي ۋە مەنىۋېي) كۈتىدىغانلار ئۈچۈن ئاللاھ خالىسا بىر جاۋاب تەييار قىلىمەن. ھامان بىر كۈنى كىرىمنى سېكۇنت بىرلىكىدە ھىساپلايدىغان ئەشۇ كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىمەن(زەي سالماي ئاتقان پو). چوقۇم.... مەن پۇلنى ياخشى كۆرىمەن، سىياسىيدىن قانچە يىرگەنگەنسىرىم ئىقتىسادنى شۇنچە ياقتۇرۇپ قىلىۋاتىمەن. شۇنداق، مەن نۇرغۇن پۇل تېپىشىم، نامراتلىق، نادانلىق ئاسارىتىدە قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىم، موھتاج كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك. ھوقۇقىنى قالايمىقان يۈرگۈزۈپ زومىگەرلىك قىلىۋاتقان نائەھلىلەرنى سىتىۋېلىپ، پۇلۇمغا قۇل قىلىشىم كېرەك(چاقچاق).
مەن بىلەن ئوخشاش مەقسەت - نىشاندىكى دوستلىرىم، سىلەرنى كۈتىمەن!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

بۇ يازىمىدا خەتكۈش يوق

ئۈنچىلەر (15)
نەقىللەر (0)
  1. دوغاپ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/02/17 20:26

    مەن تا ھازىرغا قەدەر ئىزچىللىق دېگەن نەرسىگە يولۇقۇپ باقمىدىم. شۇڭا بەزىدە ئۆزۈمنىڭ كېيىنىدىن ئاز_ تولا غەم قىلىپ قالىمەن. ئەمما شۇ ھال بىلەنلا بەل قويىۋەتكىنىم يوق. سىز دېگەن ساھەگە بىلىپ _ بىلمەي كىرىپ ساپتىمەن، ئەمدى قايتىشقىمۇ ئىمكانىيەت يوق چىراي. ئاللاھ خالىسا بۇ يول جەريانىدا يېنىڭىزدا سەبداش بولغۇسىمەن!

  2. مۇئەللىم [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/02/18 12:35

    مەن بۇ ساھەدە سىلەرگە ھەمدەم بولالماسلىقىم مۇمكىن ، ئەمما كۆڭلىگە ئەڭ بۈيۈك غايىلەرنى پۇككەن ھەر بىر كەلگۈسىنىڭ سىلەرگە ھەمدەم بولۇشىغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن تېنىمسىز تىرىشمەن . …….!

    • تەشنايى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ مۇئەللىم 2014/02/28 07:35

      مۇئەللىم ئاغامنىڭ تىرىشچانلىقىغا قول قويماي تۇرالمايمەن. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن ئايرىلىپ، سىلىدەك مۇئەللىم بولغاندا مېنىڭ بۇ ئىشلارغا قىزىقىشىم بولامدۇ يوق، بۇنى تېخى بىلمەيمەن. :لول لول:

    • ئىشقىيار [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ مۇئەللىم 2014/03/06 10:48

      سىلىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىغا قول قويماي تۇرالمايمىز مۇئەللىمكا ،بىزلەر تىخى بىر ئوقۇغۇچى ،لىكىن سىزچۇ ؟كۈندە مۇنتىزىم خىزمەت ۋاقتى بولغان بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى .شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە بىز بلوگگېرلار ئۈچۈن باش سۈپىتىدە كىتىپ بارىسىز .بىزنىڭ كىيىنلىكىمىز قانداق بولىدۇ بۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرالامدۇق بۇنىسى نامەلۇم .مانا ئۈچ كۈن بولدى .مۇلازىمىتىر تەرەپتىن ھىچ سادا يوق ،ساندان ۋە بوشلۇق ھۆججەتلىرىلا ئەمەس بوشلۇق ئۇچۇرىمۇ يوق بولدى ،نىمە بولغىنىنى بىلەلمىدىم .ھەممىنى قايتا باشلاشقا مەجبۇر بولدۇم .ئىلمىي ماقالە يېزىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان مۇشۇ چاغدا ئارام ئېلىپ قالىدىغان بولدى . :ھۆ ھۆ: :ھۆ ھۆ:

  3. غۇلامجان [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/02/22 15:45

    ياخشى يىزىپسز، ئاۋۇ مۇزىكىمۇ بولىدىكەن.

  4. تارىم [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2014/02/27 22:56

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشى يېزىپسىز.

  5. ئىشقىيار [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2014/03/06 10:40

    خەت يازالايدىغان ھەممە ئادەم شائىر،يازغۇچى بولمايدۇ .شۇنىڭدەك بىزگە ئوخشاش ئانچە مۇنچە كودتىن خەۋەر تىپىۋالغان ئادەمنىڭمۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى بەسى مۈشكۈل ئىشكەن .شۇ ۋەجىدىن توختىماي ئىزدىنىش ،ئۆگىنىش كىرەككەن .سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن .مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن ئانچە مۇنچە خەۋەردارمەن .ئارزۇ ئۈمىدلىرىڭىزنىڭ بىر كۈنى ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  6. مەلەك [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 6 -قەۋەت 2014/03/10 23:49

    ماكسىمنىڭ جەڭگىۋار مۇزىكىسى ماۋۇ يازمىنى، ۋە ئوقۇرمەننى ئالغا ئۈندەيدىكەن.
    شۇ تاپ ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئارزۇلارنى نىشانلاپ قانچىلىكىدىن ۋاز كەچكىنىمنى قايسىسىنىڭ ھازىرقى نىشانىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قېلىۋاتىمەن…

    • تەشنايى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ مەلەك 2014/03/26 08:41

      لېكىن ھازىر بىلسەم ماكىسىمنىڭ ماۋۇ مۇزىكىسىنىڭ نامى «مىسىردىن چىقىش» يەھۇدىيلارنىڭ تارىختىكى بىرىنچى قىتىملىق مىللىي ئەركىنلىك ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن ئەمەسمۇ… شۇندىن بىرى ئۆچ بوپ كەتتىم بۇ مۇزىكىغا. :ھۆ ھۆ:

  7. قاراخان07 [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 7 -قەۋەت 2014/03/14 11:27

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!قىزقىىشمىز،كۆزقارشىمىزدا ئوخشاشلىق باركەن.كەسپىمىز ئوخشاشكەن.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش