logo
ئورنىڭىز: باش بەت > پىچىر-پىچىر > يازما مەزمۇنى

XX كە يېزىلغان خەتلەر(1)

پىچىر-پىچىر سىز 306- كۆرۈرمەن 8ئۈنچە يوللىغۇچى:

ھەربىر قەلىبنىڭ سۆزلىسە مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان گۈزەل ھىكايىلىرى بولىدۇ. بەزىلەر ئەنە شۇ قەلىب ھىكايىلىرىنى بايان ئەيلەش ئۈچۈن شائىر، يازغۇچىلارغا ئايلىنىدۇ؛ بەزىلەر توختاۋىسىز ئىزدىنىشلىرى بىلەن قەلبىدىكى ئەشۇ سىرلىق ھىكايىلەرنىڭ پايانىغا يەتمەكچى بولىدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئازاپ – چۈشكۈنلۈك، روھىي گادايلىق ئىچىدە ھىكايىلەردىكى تۆكۈلگەن ياپراقلارغا، ياكى قۇرۇپ كەتكەن كۆلچەكلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مېنىڭمۇ قەلبىمدە ساماۋىي چۆچەكلەردەك سۆزلەپ – سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدىغان ھىكايىلىرىم بولغان. مۇساپىرلىق جەندە – كۇلاسىنى كەيگەن ئەشۇ كۈنلەردىن بىرى ھىكايىلىرىمنىڭ پىروسوناژلىرى ئالمىشىپ، تېمىلىرى يىڭىلىنىپ، پەسىللىرى ئۆزگىرىپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق كىچىك ۋاقتىمدا سۆگەت تۈۋىدە توقۇغان شۇ ھىكايىلىرىمگە ئوخشاش تۇيغۇرلار قەلبىمگە ئىزچىل پۈتۈلۈپ ماڭدى.
«ھامان بىر كۈنى قەلىب ھىكايىلىرىمنى لىپاپقا سېلىپ ساڭا ئەۋەتىمەن» دېمىگەن ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ھىكايىلىرىمنى سېنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى دەپ ئويلاپ، مونۇ پۈتۈكلەرنى پىنھاندا ئولتۇرۇپ ساڭا سۇنماقتىمەن. سەن، مەن ۋە ھېچبىر بەندە تونۇمايدىغان «سەن»نى قەلىب ھىكايىلىرىمنىڭ سادىق تىڭشىغۇچىسى قىلىپ تاللىشىم ھەرگىزمۇ تاساددىبىيلىق ئەمەس، بەلكى ئىلاھىي قىسمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى دەپ چۈشەن!


 

ئىسىڭدە بولغىنىدەك، بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا باشقا بىر دۇنيا بار ئىدى، بىر بۇردا ناننى نەچچىگە پارچىلاپ، كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ ئولتۇرۇپ يەۋاتقان كىچىك دوسلىرىمىز، كىيىملىرى يىرتىلىپ ئۆتمە – تۆشۈك بولۇپ كەتكەن بوۋاي – مومايلار، كوچىلارنى توپا – چاڭغا تولدۇرۇپ، مەرەشكىنىچە ئۆتۈپ كىتىۋاتقان قوي – كالىلار، ھەر بازار كۈنى ئېشىگىنى بازار ئىچىگە تىزەكلىتىپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ قۇيرۇقىغا تاغار كەيگۈزىۋېلىپ، سودىگەرلەرنىڭ مېلىنى توشۇيدىغان شاپاق بۆك بالا، ئۆيمۇ – ئۆي ئىشىك مۇشىتلاپ «پەشمەت ئېلىۋېلىڭلار!» دەپ جىنىمىزنى چىقىرىغان كىچىك قىزچاق، سايراۋىرىپ ئاۋازى پۈتۈپ قالغان توكۇر خوراز، چوڭلارلا ئەمەس كىچىك بالىلارمۇ ئەيمىنىپ، ئالدىدىن تۈز ئۆتەلمەيدىغان ئىمام ئاخۇنۇم… مانا بۇلار بىز ئۈچۈن ئون نەچچە يىل ئاۋۋالقى دۇنيانىڭ قىسقا كارتىنىلىرى ئىدى. بۈگۈن بىز تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر دۇنيانىڭ قاپقاراڭغۇ قوينىغا بىلىپ – بىلمەي كىرىپ قالغىنىمىزنى تېخىچە تونۇپ يىتەلمەيۋاتىمىز!
ۋاقىت – ئاللاھنىڭ، بەندىلىرىنى غاپىللىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ياراتقان كاتتا مۆجىزىلىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بۈگۈن كەچكەن كىچىككە، ئەتە مەڭگۈ كىچەلمەيدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يىتىشنىڭ ئۆزى يارىلىشىمىزنىڭ مەنىسىگە يىقىنلىشىش دەپ ئويلايمەن. ۋاقىت بىزنى قارشى تۇرۇپ بولالمايدىغان ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە، مەلۇم بىر نىشانغا مىڭىشقا قىستايدۇ. بەزىلەر «تەرەققىيات، زامانىۋېيلىشىش، تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش، ئالەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش…» دېگەندەك ئاتالمىش شۇئارلار بىلەن تولغان«جەلىبكار» يوللارغا ماڭىدۇ ؛ بەزىلەر مەيلى قاياققىلا ماڭمىسۇن، سەپەرنىڭ باشلىنىشى يوقلۇق بولغىنىدەك ئاياغلىشىشىنىڭمۇ يوقلۇق بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھېچبىر تەمتىلىمەستىن، جاھان رەپتارىغا ھەيران قالماستىن ئۆز يولىدا ماڭىدۇ. ئىتقاد، ئەقىدە ۋە روھىي پاكلىق ئۇلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولىدۇ.
مېنىڭ توغرا شەرھىيلەنگەن تەرەققىيات كۆزقارشىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىمنى بىلىسەن. كىچىكىمدىن باشلاپ يىڭى شەيئىيلەرگە، جاھان تىلسىماتلىرىغا قىززىقىدىغىنىم راس. ئەمما مەندە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، چىكىدىن ئاشقان ئىددىيۋېي ئۇرۇنۇشلىرىمغا پاسىل بىكىتىپ، ئۆزىنىڭ يارىلىشىغىمۇ گۇمانىي نەزەردە قارايدىغان بەندىلەردەك بىچارە ھالغا مەھكۇم بولۇشتىن ساقلايدىغان بۈيۈك ئىتقاد بار. لېكىن… ئەپسۇسلۇق، ئىچىنىش ئىچىدە ئىتىراپ قىلماي ئامالىم يوقكى، ھازىرقى دۇنيانى، ئۆزلۈكىنىلا ئەمەس ئۆزىنى ھەتتا تىنقىلىرىنىمۇ ئۇنۇتقان كىشىلەر بىر ئالدى. ئەتىراپىم ئەنە شۇنداق كىشىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. قەلىب ھىكايىلىرىمنى ساڭا بايان ئەيلەۋاتقان ھەربىر قۇر ئارسىغا، بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزدىكى دۇنيارىمىزغا بولغان چەكسىز سىغىنىشىمنىڭ تەشنالىقىنى سىڭدۈرىۋەتتىم. ئۆتمۈشكە بولغان سىغنىش ھەرگىزمۇ بۈگۈنگە بولغان ئۈمۈدسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئەكىسچە ئۇ ھەقىقەتكە، يۈكسەكلىككە، ئادىمىيلىككە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈشنى كۆرسىتىدۇ.
تەلپۈنۈشنىڭ ئۆزى پەقەت بىر خىل ھېسسىي ھالەت، ھېسسىي ھالەتتىن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكەلمىگەن كىشىلەرنى «ھىسسي قۇل» دەپ ئاتايلى. چۈنكى، پەقەت قۇللاردىلا ئەركىنلىك بولمايدۇ. تەلپۈنگەنلىرىگە ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانغا ئىمكانىيەت بولمايدۇ. قىسقىغىنە بۇ خېتىم ئارقىلىق نېمىلەرنى دېمەكچى بولغىنىم ساڭا ئايان بولدى. بىز «ھەقىقەت يولىدا مەڭگۈ بىرگە بولىمىز» دىيىشكەن ئىدۇق، سىنىڭمۇ تۈرلۈك ئىمكانىيەتسىزلىكلەر ئارسىدىن يول تىپىپ، نۇرلۇق نىشانغا قاراپ مىڭىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن. ئاخىرىدا بىزگە سۈزۈك ئەقىل، پاك ئەقىدە ئاتا – قىلغان ئىگىمىزگە شۈكىرىلەر ئىيتىش بىلەن بۇ قېتىمقى خېتىمنى موشۇ يەردە ئاياغلاشتۇرىمەن!

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. 4 - قەۋەت
    ۋەھىمە

    تەبىئى مۇھىت بىلەن زامانىۋى شەھىر مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى ، ئادىمىلىك پەرقىمۇ ئالامەت چوڭ بولىدىكەن ،

    2013-09-26 9:44 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. كىگىز
    مۇئەللىم

    نىمىشقىدۇر قەلەم قۇۋىتىڭىزدىن سىزنىڭ ھېسىياتقا تويۇنغان ، تەپەككۈرى چوڭقۇر قەلەم ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتىمەن ، چوڭقۇر مەنالار يۇشۇرۇنغان بۇ خەتمۇ دەل شۇنىڭ دەلىلى ، ئىشىنىمەنكى ، سىز يېتۈك قەلەمكەشلەردىن بولۇپ چىقىسىز ……

    2013-09-26 9:53 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • تەپەككۇر دولقۇنلىرىغا چۈمۈلگىنىمدە قەلىمىم ئاز – تولا شاشلىشىپ قالىدۇ! مۇئەللىم ئاغامنىڭ باھالىرىغا كۆپ تەشەككۈرلەر!

      2013-09-26 11:19 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. گىلەم
    كەرىس

    بەك سۆيۈندۈم،ھازىرقىدەك چۈشكۈن،تېڭىرقاپ يۈرگىنىمدە بەك تەسىر قىلدى،رەھمەت قېرىندېشىم. ـ توۋا دەپ قالدىم،شۇنچىلىك روھىي تەييارلىقلار بىلەن كەلگەن بولساممۇ،كىچىككىنە بىر ئىش تۈپەيلى يەنە چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالدىم. قارىغاندا،ئېتىقادىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە بەكرەك كۈچىسەم بولغۇدەك. يەنە بىر رەھمەت دوستۇم

    2013-10-03 12:06 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
    • سىزگىمۇ رەھمەت! خىيالىڭىزدىكى ئالىي مەكتەپ بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرىق بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بەك نەزەرگە ئېلىپ كەتمەڭ! ھاياتتا دېگەن ئوڭۇشسىزلىق بولمىسا مەزىزىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىزنى ھەرئاماللار بىلەن روھلاندۇرۇپ تۇرۇڭ، ئەلۋەتتە مۇستەھكەم ئىتىقاد ۋە پاك ئىبادەتلەر بىلەن ھەقىقىي ئۆزىڭىزنى تېپىۋالالايسىز، ئىنشائاللاھ!

      2013-10-03 2:10 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  4. دىۋان
    Mr.President

    ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ «خەت» يېزىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم..

    2013-10-05 12:37 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
    • بېگىمنىڭ يېزىشقان خەتلىرى مۇنبەرلەردىمۇ مودا بولغانتى راس… ھىلىھەم توختىتىپ قويمىسىلا جۇمۇ!

      2013-10-05 6:51 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات
  • يىڭى ئۈنچە
  • خەتكۈشلەر
  • ئىختىيارى
footer logo
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!Theme by QQOQ