«گۈلۈم» گە ئاتاپ ئىيتلىغان بىر ناخشا بار، يۈرەك تارىڭىزنىڭ ئەڭ زىل پەدىسىنى چىكىۋېتىدىغان.ئۇزۇن - ئۇزۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز كۈتىۋالىدىغان، ھەر ساباھلارى ئۈمۈد دەرىزىڭىزنى قىيا ئېچىپ، يىراقلارغا پىنھان تەلمۈرىدىغان بىرسى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مۇڭ كۈيگە مەرھەمەت قىلىڭ(سەت ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)! دوستىمىز Mr.Hot نىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنغان يىڭى ناخشىسىسنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭىزلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن ئەلۋەتتە... ئەمىسە، نائۇشنىكنى قۇلاققا بەللەپ، بۇ يازمېنىڭ پايانىغا باقايلى...
Gülüm
گۈلۈم
(تەرجىمە قىلغۇچى:Mr.Hot)
Gülüm buralarda gecmez zaman
گۈلۈم بۇ يەرلەردە زامانلاردىن بىرى،
Yanımda senden kalan
يېنىمدا سەندىن قالغان
Zamansız hasretin var
مەڭگۈلۈك ھەسرېتىم بار..
Unutmak istesem bile unutamam
ئۇنۇتقۇم بولسىمۇ گەر ئۇنۇتالمايمەن،
Sesini duymadan yaşayamam
ئاڭلىماستىن ئاۋازىڭنى ياشىيالمايمەن.
Sana sarılmadan uyuyamam
باسماي تۇرۇپ سېنى باغرىمغا ئۇخلىيالمايمەن.
ئاھ...
Sen benim gülen yüzüm
سەن مېنىڭ كۈلگۈن يۈزۈم
Sen benim en büyük sözüm
سەن مېنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەدەم
Inan kimselerde yok gözümm
ئىشەن،ھېچكىمگە چۈشمەس كۆزۈم
Senden baska ah yar
سەندىن باشقا ئاھ يار...
Yinede sana gönül bağladımm
بىراق ساڭا كۆڭۈل باغلىدىم
Sabaha kadar agladım.
تاڭلارغا قەدەر يېغلىدىم
Yine sen yoktun gülüm.
يەنە يوقتۇر سەن گۈلۈم.
ئىسىل ناخشىكەن، ياشلىقىمنى ئەسلىتىپ قويدى
ياشلىقىمنى ئەسلەتتى دىسەم قىرىمىكىن دەپ قىلىشمىسىلا جۇما …..
ئاپتور تەشنايى : 2013-يىل04-ئاي02-كۈن20:26:45 1-رەت
قىرىپ، ساقىلىنى سۆرەپ ئاران ماڭىدىغان چېغى دەپتىمەن تېخى كۆڭۈل قىرىمايدۇ – دە لېكىن…
ما بلوگنى پات پا. يېڭىلاپ تۇرىلى، ماقما ؟
چاقچاق ھە
ئاپتور تەشنايى : 2013-يىل04-ئاي06-كۈن21:18:38 1-رەت
مەردلىك بىلەن يىڭىلىۋەتتىم ئەينا! كۈنلەر بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى دەيىتمە…
بۇلدىغان ناخشىكەن،ياقتۇردۇم.پات-پات كىلىپ ئاڭلاپ كەتسەم بۇلغۇدەك.بىر ناخشىنى ياقتۇرسام قايتا-قايتىلاپ ئاڭلايدىغان ئادىتىم بار
تور خاتىرىڭىزنى زېرىكمەي-تېرىكمەي بىر ۋاراقلاپ چىققان ئىدىم،كۆزۈم تورلىشىپ كەتتىمۇ،«گۈلۈم»،«گۈلۈم مەندىن قانچىلىك يىراقتا»دەپ ئوقۇۋېلىپ ،ما ئىككى تېمىنى باغلىۋاپتىمەن ئۆزۈمچە. ئاستىدىكىسى «ئۆلۈم»ئىكەن ئەمەسمۇ ئەسلى….ئويلىنىپ قالدىم.
ئاپتور تەشنايى : 2013-يىل05-ئاي02-كۈن17:54:30 1-رەت
تور خاتىرەمنى زىرىكمەي ئاقتۇرۇپ چىققىنڭىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن. تەۋبە دەڭ جۇمۇ، «ئۆلۈم» بىلەن «گۈلۈم» ئارىسىدا نېمىدىگەن زور پەرىق
ياخشى ناخشىكەن ماۋۇ… بىر ئايال ئېيتقان ناخشا بار ئىدى گۈلۈم دەپ باشلايدىغان شۇمىكىن دەپتىمەن تېخى