2013-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتلىق قىسقا كارتون: قەغەز ئادەم
2013/05/09 ئۈن - سىن ⁄ جەمئى: 757 ھەرپ 7 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 369 مېھمان+

 

مول تەسەۋۋۇر بىلەن ئېلغار تېخنىكا مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈلگىنىدە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كىلىدۇ. بەزىدە موشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىغا ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ قالىمەن. گەپنىڭ ئۇزۇنىنى قويۇپ تۇرۇپ،يۇقارقى سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى «2013- يىللىق ئوسكار ئەڭ ياخشى كارتون قىسقا فىلىمى» شەرىپىگە ئىرىشكەن كارتونچاقنى كۆرۈپ باقايلى.

فىلىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

«قەغەز ئادەم» (Paperman)ئىلگىركى پېكىسار كارتون شىركېتىنىڭ ئەزاسى John Kahrs تۇنجى رىژسورلۇق قىلغان ئەسىرى بولۇپ، پۈتكۈل فىلىمدە قول سىزما، كارتون ۋە CG كومپىيوتېر كارتون تېخنىكىسىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن بىرىكتۈرگەن.
قىسقا فىلىمدە : موشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا نېۋيورۇكتىكى بىر يىگىتنىڭ خىزمەتكە بېرىش جەريانىدا، بىر ۋاراق قەغەزنىڭ سەۋەبى بىلەن گۈزەل بىر قىزچاققا باغلىنىپ قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىرىشىش ئۈچۈن چەككەن بىر تالاي رىيازەتلىرى قىززىقارلىق ھالدا بايان قىلىنغان.


جەمئىي 7 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 5 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:2 دانە

  1. سەھرالىق : 2013-يىل05-ئاي09-كۈن22:29:59  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بولىدىغان كارتون جۇما لېكىن…


  2. ئاپتور
    ھاجى : 2013-يىل05-ئاي10-كۈن11:24:18  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    قەغەز فىلىلم دېگىنى كارتون دىمەكچىما؟ لېكىن ماۋۇ فىلىمنىڭ ئايرىپىلان ياسايدىغان يېرى ماڭا ياراپ قالدى. ۋاز كەچمەيدىغان ئەبلەخكەن ئۇ، ئىشتىن ھەيدەلدىغۇ دەيمەن… :mrgreen:


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل05-ئاي10-كۈن19:57:56  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      قەغەز فىلىم دىمەپتۇ، قەغەز ئادەم دەپ ئىسىم قويۇپتۇ فىلىمگە. پۈتكۈل ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتى قەغەزگە تايىنىپ راۋاجلاندۇرۇلۇپتۇ ئەمەسمۇ؟! ئاخىرىدا ۋاز كەچكەنتى بىراق ئاۋۇ ئايروپىلانلار يول قويمىدى :grin:


      • ئاپتور
        ھاجى : 2013-يىل05-ئاي15-كۈن01:10:58  2-رەت جاۋاب @جاۋاب

        :mrgreen: تۈزىتىۋالدىڭىزمۇ يا خاتا كۆرىۋالدىممۇ؟ :mrgreen:

  3. كەرىس : 2013-يىل05-ئاي10-كۈن18:36:32  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ھوھۇۇۇۇ،ما تەسەۋۋۇرنى كۈرەڭ :roll:

  4. ئويغان : 2013-يىل11-ئاي10-كۈن21:41:33  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،تەشنايى!بۇ فىلىمنى بىزبىلەن بىرگە بەھىرلىنىپ ناھايتى ياخشى قىلىپسىز.ھە راسىت سىز چ چ نى راستنلا تاشلاپسىز دە؟چ چ دە سىزنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۆتكەندە سىزگە خەت قالدۇرغان ئىدىم،ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇيدىكەنمىز دەپ،سىزنىڭ ماڭا قايتۇرغان ئېلخەتنىمۇ كۆرگەن ئىدىم ،شۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپلا قاپتىمەن.بىلوگىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ.تېخىمۇ غەيرەت قلىڭ!


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل11-ئاي10-كۈن22:17:11  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      رەھمەت! بەكلا ئالدىراش بوپ كەتتىم. چ چ دېگەننى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا كۆپ ئېچىپمۇ بولالمىدىم. ئېلىخەت ئارقىلىق پىكىرلىشىپ تۇرساق بولىدۇ، بلوگىمغا كىلىپ تۇرغايسىز!:|

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟