پەرىشتىلەردەك بالىلىقىمىزغا پۈتكۈل ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ پاك تۇيغۇلىرى يۇشۇرۇنغان. لېكىن، ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا ھوزۇرلىنىۋاتقان موشۇ دەقىقىلەردە يەنە قانچىلىك پەرزەنت پەرىشتىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى؟! يەنە قانچىلىك پەرزەنت بالىلىقىدىن ئايرىلىپ قالدى...؟ بۇلار ئۈستىدە ئويلىنىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى فىلىمنىڭ تەپسىلاتىغا نەزەر سالغايسىز!
- كېلىڭ پەرىشتەم ئەمدى ئۇخلايلى، بولامدۇ؟ ھەراس دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتتۇق!
-ئاپا، نېمىشقا ھەركىچە دۇئا قىلىمىز؟
- بىزنى ياراتقان ئاللاغا بۈگۈنىمىزنىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزگىنىمىزگە شۈكىرى قىلىپ،كىچىمىزنىمۇ ئۇنىڭ قوغدىشىدا ھوزۇر ئىچىدە تاماملىشىمىزغا ياردەم قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز.
- ھەممە كىشى بىزگە ئوخشاش دۇئا قىلامدۇ؟
-ھەرمۇسۇلمان دۇئا قىلىشى، بالىلىرىغىمۇ ئۈگىتىشى لازىم. چۈنكى بۇ دۇئالار بىرمۇنچە يامانلىقلاردىن قوغدىغىنىدەك، سىزنىمۇ يامان ئىشلاردىن توسايدۇ، چۈشەندېڭىزمۇ قوزام!؟
- .....