ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! نۇرغۇن بېكەتلەردە رامزاننىڭ تەتۈر ساناقلىرى باشلاندى. مۇبارەك رامزان يېقىنلاپ كەلگەنسىرى بىر تەرەپتىن خۇشال بولسام يەنە بىر تەرەپتىن جىددىيلىك قاماللىۋالدى. چۈنكى ھەممە ئىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىش كېرەكتە؟! بۇنداق دېسەم رامزان تۇتۇش ئۈچۈن يەنە قانداق تەييارلىقلارنى قىلىسەن دەپ نۇرغۇن سۇئال ۋە خىياللارغا كەلگەنسىلەر. كەمىنە تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتمەكچى.
كىچىكىمدىن ياراتقۇچى ئاللاھنى تونۇپ چوڭ بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. ئالدى بىلەن ماڭا شۇ ھېدايىتىنى ئاتا قىلغان ئاللاھ تائاللادىن، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇنىڭغا ۋاستە بولغان بوۋا-مومىلىرىم، ئاتا ئانامدىن كۆپ مىننەتدارمەن. چۈنكى كەلگۈسىدىكى پەرزەنتىمگە ياراتقۇچىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا، قانداق تونۇتۇشنى خىيال قىلغىنىمدا قۇرۇق قول جەڭگە كىرگەن ئەسكەردەك تېنىم شۈركىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى پەرزەنىت ئۈچۈن ئاتا-ئانا تەربىيسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چوڭلاردىن قۇربان ھېيىت يېتىپ كەلگەندە قۇربانلىق توغرۇلۇق ئاڭلاپ تۇراتتىم.(ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ قىسسەسى). رامزان توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمىگەنكەن(بەلكىم ئۇلارمۇ بىلمەستۇ). ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان ھەربىر يۈرەك بۇ توغرۇلۇق ئويلانمىسا بولمايتى.
شۇ سەۋەبتىن مەنزىل ئىلكىتاب تورىغا مۇبارەك رامزان توغرىسىدا بىر قانچە ئىلكىتاب يوللاندى، (ئەلۋەتتە تورداشلاردا ئېسىل ماترىياللار بولسا قالدۇرۇپ قويسا تېخى ياخشى)ۋە داۋاملىق يوللىنىلىدۇ. مەقسەت-مۇددىئارىم بولسا بۇ ھەقتە بىلىمى بولمىغان، لېكىن ئاللاھ ھېدايەت قىلغان قېرىنداشلىرىمىز باشقىلاردىن سوراپ خىجىل بولۇپ قالمىسۇن؛ كىچىك پەرزەنىتلىرىمىز رامزان توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسۇن؛ ۋە يىلدا بىر كېلىدىغان ئۇلۇغ رامزان ئىبادىتىنى تەپسىلى چۈشىنەيلى، ئۆگىنەيلى.... دېمەكچى.
ئاپتور تەشنايى : 2013-يىل06-ئاي23-كۈن08:50:42 -19قەۋەت
ئەلھەمدۇلىللاھ بەك ياخشى ئويلاپسىلە… موشۇنداق رامازانغا ئائىت يازمېلارنى توپلىساق بولاتتى.تەتىلدە ياخشى ئۈگېنىش قىلىش كىرەك…
ناھايىتى ياىشى تېما يوللاپسىلە بۇرادەر،،،