logo
ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالىلەر > يازما مەزمۇنى

«مۇھەببەت» ئاتالغۇسى مەن ئۈچۈن ئۆزگىچە بىر پۇراققا ئىگە. ئۇ خۇددى قەلبىمدە پورەكلەپ ئىچىلغان خۇشپۇراق گۈللەرگە ئوخشايدۇ؛ ئانامنىڭ ئاپئاق ياغلىقىغا، دادامنىڭ پىشانەمگە سۆيگەنلىرىدە سانجىلىدىغان يىرىك ساقاللىرىغا ئوخشايدۇ؛ئاكا – ئاچىلىرىمنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتقاندا كۆزلەردىن سىرغىپ چۈشكەن ئىسسىق تامچىلار مۇھەببەتنىڭ شەربىتى؛ ئوماق سىڭىللىرىمنىڭ يۇمران قوللىرىنى مەڭزىمگە يىقىپ، تاتلىق يۈزلىرىگە قانغۇچە سۆيگەنلىرىمدە مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تەسۋېرلىگۈسىز لەززەت ئىچىدە ھېس قىلىمەن. مۇھەببەت، بەلكىم بۇ دۇنيادىكى قەدىرلىك نەرسىلەرنىڭ روھى دىڭىزىمغا تاشلىغان مەڭگۈلۈك سايىسى.
مۇساپىرلىق جەندە – كۇلاسىنى يەتتە يىل كەيدىم، پايانسىز قۇملۇقلارنى، ئىگىز – ئىگىز تاغلارنى تۈرلۈك – تۈمەن خىياللار ئىلكىدە نەچچە قېتىم كەزدىم. مەنسىتمەس – سوغۇق چىرايلارغا بىپەرۋا يۈرۈشنى ئۈگەندىم، ئۆزۈمنى يوقاتتىم، تاپتىم… ئەمما، قەلبىمنىڭ قىبلىگاھى — ئائىلەمگە بولغان سىغېنىش ھىسىياتى بىر دەقىقىمۇ بېسىقمىدى. سىغىنىمەن، ماددىي دۇنيانىڭ غەۋغالىرى قەلبىمگە باستۇرۇپ كىرگەندە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئىللىق سىيماسىنى قالقان قىلىمەن. چۈشكۈنلۈك پاتقاقلىرىدىن، ناشايان كۆڭۈل خاھىشلىرىدىن ئاتا- ئانامنىڭ دۇئالىرى بىلەن يىراق بولىمەن. ئائىلە مەن ئۈچۈن بىر قۇياشقا ئوخشايدۇ! نۇرغا ئىنتىلىدىغان ئادەم قانداقمۇ قۇياشقا تەلپۈنمىسۇن، ئۇنىڭغا تاقەززا بولمىسۇن؟!
ھەرقېتىم باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلەن تەتىل توغۇرلۇق پاراڭلاشسام ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بەكلا زىرىككەنلىكى، مەكتەپنى، ئوچۇقى، چوڭ شەھەرنى بەك سېغىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ بىر قىسما بولۇپ قالىمەن. قارىغاندا ئۇزاق يىللىق مۇساپىرلىق ھايات ئۇلارنى ئىللىق ئائىلە قوينىدىن تارتىپ چىقىرىۋالغاندەك قىلاتتى.
بۇ يىلى يازلىق تەتىل بەكلا قىس بولغاچقا ئۆيدە ئۇزاقمۇ تۇرالمىدىم، شۇ سەۋەب كۆڭلۈم يىرىم ھالدا ئۆيدىن ئايرىلدىم. تەتىلدىن كىلىپلا كونا – يىڭى ساۋاقداشلار بىلەن تەتىل كۈنلىرىمىز ھەققىدە پاراڭلاردا بولۇپ قالدۇق . ئۇلارنىڭ بەزىسى كۈنلىرىنىڭ بەكلا زىرىكىشلىك ئۆتكەنلىكىنى،ۋاقىتنى ئاران توشۇتۇپ بولغانلىقىنى ئىيىتسا، بەزىسى قىز دوستى بىلەن ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەرنى ئالداپ قويۇپ، بۇرۇن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىيىتىشاتتى. مەن بەكلا ھەيران قىلىۋاتاتتىم…
ھەرقانداق ئاتا – ئانا پەرزەنتىنىڭ ياش تۆككىنى كۆرسە يۈرىكى سۇغۇرۇلۇپ قالغاندەك ئازابلىنىدۇ. ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىدا باش ئۇرۇپ، ياش تۆكىدىغان پەرزەنتىمۇ يوق دىيەرلىك. ئەمما، ئاتالمىش قىز دوستى ئۈچۈن يۇم – يۇم يىغلىغانلارنى، ھىجران ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلمەي گىلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان ياشلارنى كۆپ ئۇچىرىتىمىز. يۇقارقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى موشۇ خىل ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلىغاندا ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئازاپلايدۇ.
ھىلىمۇ ئىسىمدە، يەتتە يىل ئاۋۋال تۇنجى قېتىم ئويدىن ئايرىلىپ، ئىچكىرگە ئوقۇشقا ماڭغاندا مائارىپ ئىدارىسى قورۇ ئىچى ئاتا – ئانا، پەرزەنىتلەرنىڭ خوشلاشقان يىغا سادالىرى بىلەن قاپلانغان ئىدى. مەنلا ئەمەس، ماشىنىدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم تاكى ئۈرۈمچىگە، ھەتتا ئىچكىردىكى مەكتەپكە بىرىپ نەچچە ئايغىچە چىرايىنى ئاچماي، كۆزىدىن ياش قۇرۇماي ئۆتكەن ئىدى. مانا ئەمدى ئارلىقتا نەچچە يىل ئۆتۈپلا بۇ خىل ھالەت ئاستا – ئاستا يوقالماقتا. ئەينى چاغدا يۇم – يۇم يىغلىغان شۇ بالىلار ھازىر ئايرىلىشنى بىرخىل ئادەت شەكلىدە قوبۇل قىلىۋالماقتا. يەنى، ئالدىراپ – تىنەپلا ماشىنغا چىقىپ، قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە يىراقلاپ كەتسىلا ھەممە ئىش نورمال ھالىتىگە قايتماقتا. ئۇلانىڭ قەلىبى جۇدالىق ئازابىدىن ئازراقمۇ تىتىرىمەيدىغان بولۇپ قالماقتا.
ئاللاھ ئىمكان بەرسە،يىرىم يىل ياكى بىر يىلدا بىرەر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالايدىغان بالىلارنىڭ قەلبى ئاتا – ئانا، ئۇرۇق تۇغقاندىن ئىبارەت قانداشلىق مۇھەببىتىگە نىسبەتەن ئىنكاسسىز بولۇپ كەتكەن تۇرسا، ئۇلار غايىبانە ئىنتىلىۋاتقان ھەقىقىي مۇھەببەتنى قانداقمۇ تاپالىسۇن، توغرىسى قانداقمۇ ھېس قىلالىسۇن!؟
ئويلاپ قالىمەن. ئىجتىمائىي مۇھىت كىشىلىك ھاياتقا ھامان تەسىر قىلىدىكەن. مەيلى قانچىلىك سەزگۈر بولايلى، ئۇزاق مۇددەت تۇرغان مۇھىتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي، ئىددىيۋىي ئامىللىلار ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا خۇددى مىكروبتەك سىڭىشىپ كىتىكەن. بىز ئۆزىمىز ئىتىراپ قىلمايدىغان بىرخىل ئىنسان سۈپىتىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىكەنمىز. ئەمما….
موشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئائىلەمنىڭ، مەن چوڭ بولغان كىچىككىنە تاغلىق كەنتىمنىڭ ئىللىق سىيماسى كىرپىگىمگە ئېسىلىپ قالدى. تولا ئوقۇپ يادا بولۇپ كەتكەن تۆۋەندىكى شىئىرلار قوۋۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى:

ئانا
بىرەلەمسەن ھېجىر قاچاڭنى
كۆپۈكلىنىپ تۇرغان ياش بىلەن،
ئىچىۋېتەي بىر يۇتۇمىنى.
دادا
تىنىقىڭدىن چىقسام ئارىلىشىپ
بوغۇزۇڭغا قاپلاشقان يىغا
كېتەرمىكىن دەم تارتىپ مېنى؟
مۇھەببەتكە بوغۇلۇپ غايەت
سالمىقىنى يوقاتقان ئادەم
دەسسەپ سالسا تىتىرەرمۇ زېمىن؟
ئىھ تىتىرەيدۇ قۇياش ۋە زېمىن
بىر تامچە ياش
بىر قەترە سۈتتە.
—ئادىل تۇنياز

ئوقۇش ھاياتىمىزدا تۇرمۇش مەيلى قانچىلىك كۆڭۈللۈك بولۇپ كەتسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھامىلىيقىدىكى تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىنمۇ ھازىرقىدەك ئىستىخىيلىق ئىھتىياجىمىز، شارائىتقا بولغان يۈكسەك تەلىپىمىز بويىچە ياشىيالايمىزمۇ – يوق؟ بۇنى كەلگۈسىدىكى قابىلىيتىمىز بەلگىلەيدۇ. دېمەك، بىز «ئەجىرگە جاۋاپ قايتۇرۇش» تىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئاتا – ئانا، ئائىلىگە بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسى يىتىلدۈرمەي تۇرۇپ ھەقىيقى مۇھەببەتنى مەڭگۈ تاپالمايمىز! ئەكىسچە پىشانىمىزگە ماكانسىزلىق تامغىسى بېسىلغان، لاماكان كىشى بولۇپ قالىمىز!

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. دىۋان
    ھاجى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سىز ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان، ئويلانمىسا بولمايدىغان بىر تېمىنى يېزىپسىز. كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن.
    «كەتكەنلەرغۇ كېلەر بىر كۈنى، كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر» دەپ بىز شۇ ھەر يىلقى «ئادەت» بىلەن ئۆيدىن ئايرىلىدىكەنمىز. بىراق كىم بىلدى شۇ ئايرىلغانچە مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشنى…

    2013-08-21 8:53 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. گىلەم
    يارۇق

    ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەپچە قۇشۇمچە قوشۇپ قويدۇڭلىما؟

    2013-09-01 11:30 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
    • ۋوي ئۇنداق ئەمەستۇ، بىزنىڭ يۇرۇتلاردا «ماكانسىز» كەلىمىسىنى قوپال تىل بىلەن «لاماكان» دەپ قوياتتى شۇڭا…
      ھە راس، بلوگىڭىزغا كەيدۈرۈپ قويغان ئاۋۇ zanblog ئۇسلۇبىنى مەن چالا بۇلا ئۆزلەشتۈرۈپ قويغان، لازىم كۆرسىڭىز يوللاپ بىرەي! :cool:

      2013-09-01 12:17 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
      • ಠ_ಠ
        يارۇق

        بۇ جاۋابىڭلىنى تولىمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. شۇنداقتىمۇ ياخشى كۆڭلۈڭلىگە رەھمەت ئاداش، بۇ ئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرۈپ بۇپتىمەن. قاراپ بېقىڭلا، سېلىگە ئەزىدىمۇ قېنى. ئۆزلەشتۈرگەچ ئۆزەممۇ ئاز-تۇلا ئىش قوشۇپ قويدۇم. Windows قا ئەپ تۈزۈش دەرسلىكىنى بەك بەلەن باشلىۋالدىڭلا جۇما، ئۈۈزۈلدۈرۈپ قويماڭلا. سېلىگە بىر مەخپىيەتلىكنى دېسەم… مەن iOS كە ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن، شۇڭا ئارىدا بىر مەزگىل بىلوگنى تاشلاپ قويغان. بۇرۇنقى زىيارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى تاراپ كەتتى، :sad: :cry: ئەمدى قانداق يىغىمەنكىن -تاڭ؟

        2013-09-04 12:18 چۈشتىن بۇرۇن
      • ئۇسلۇپ بەكلا يارىشىپتۇ، ئازراق بىنورماللىقلارمۇ باركەن!
        ئەمەلىيەتتە مەنمۇ تۇنجى ئۈگەنگۈچى، پەقەت ئۆزۈم ئۈگەنگەنلەرنى قولۇمدىن كىلىشىچە رەتلەپ «Windows ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى» دەپ سەللە كەيدۈرۈپ قويدۇم، ئاللاھ نىسىپ قىلسا چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن. ISO دا ئەپ ئېچىشنى ئۈگىنىۋاتقىنىڭلا بەك ياخشى بوپتۇ، كىيىن ئۇستاز تۇتقىدەكمەن… تىرىشايلى!

        2013-09-04 5:25 چۈشتىن كېيىن
  3. كىگىز
    يارۇق

    ئاۋۇ «لاماكان» دىكى «لا» سۆزى ئەرەپچىدىكى «يوقلۇق» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچىدۇر. شۇڭا دېدىمغۇ ئەمدى.

    2013-09-04 12:24 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات يازمىلار
  • ئەڭ يىڭى ئۈنچېلەر
  • رەڭدار خەتكۈشلەر
  • سىز كۆرمىگەن يازمىلار
footer logo
تەشنا ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىغا مەرھەمەت!
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!