Home >  > [بايانات]تەشنايى بلوگى قايتىپ كەلدى!

[بايانات]تەشنايى بلوگى قايتىپ كەلدى!

14

ئەسسالام بلوگىمىزنىڭ كونا - يىڭى ئەزىز مىھمانلىرى، بۇ قېتىمقى "بەگلىك ئاپىتى" دە تەشنايى بلوگىمۇ (teshnayi.com)بەخىتكە قارشى يوقلۇق دۇنياسىغا سەپەر قىلدى. تولا قايغۇرغان بولساقمۇ، "ئۆلگەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولماس" دېگەن قاراش بويىچە تىزدىنلا سادىغاڭ كىتەي دەۋەتتۇق. ئوغىرى يامانمۇ بىزمۇ؟! شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن بلوگگىرلار بىرلىكتە يىڭى بىلوگىمىزنى قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلاندۇق. پىقىر دەسلەپكى كۈنلەردە، موشۇ باھانە بىلەن "بلوگچلىقتىن بىر قول ئۈزەي" دەپ ئويلىدىم، شۇ خىياللار بىلەن بىر كېچە ئۇخلاپ ئەتىسى تۇرسام بلوگىمنى قەۋەتلا سېغىنىپتىمەن. يەرلىكتە بولسىمۇ بلوگىمنى ئېچىپ، ئۇنىڭ مۇبارەك دىدارىغا تويماي قاراپتىمەن. شۇنداق قىلىپ، قايتىدىن بلوگ قۇرۇش ئىرادىسىگە كەپ قاپتىمەن.
بلوگگىرلىق سىپىگە قېتىلغىنىمغا ئازلا كەم بىر يىل بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ جەرياندا مۇئەللىم، ئۇيغۇربەگ...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل دوسلىرىمنىڭ يىتەكلىشى، ياردېمى ئاستىدا ئاز - تولا بىر نەرسىلەرنى ئۈگىنىپ قالغان ئىدىم. بلوگىمغا تاللاپ بىر نەچچە ئۇسلۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ باققانمۇ بولدۇم. ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدىكى ھېس - تۇيغۇلىرىمنى چامىمنىڭ يېتىشىچە بلوگ يۈزىدە ئورتاقلىشىپ ماڭغان ئىدىم. لېكىن ئەستاغپۇرۇللا، بۈگۈنگە كەلگەندە شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان تور نامىم لەنىتى ئوغىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. ئامالسىز بىر يىل بولاي دېگەندە بلوگ ئادرىسىنى ئۆزگەرتىپ قالدىم.

1. مەن بلوگدىن نېمىشقا ۋاز كىچەلمىدىم؟

چۈنكى بلوگ يېزىش ئارقىلىق مەن يات كۆلەڭگىلەر ئارىسىدا يىتىرقاپ قالغان خىياللىرىمنى ئەزىزلەرنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم
چۈنكى بلوگ يېزىش ئارقىلىق مەن نۇرغۇنلىغان ياخشى دوستلارغا ئىرىشتىم.
بلوگ يېزىشنىمۇ بىرخىل مەسئۇلىيەت، ئەستايىدىللىق تۇريغۇسىنىڭ يىتىلىشى دەپ چۈشەندىم.
بلوگ يېزىپ كىيىن داڭدار شەخىس بوپ كەتسەم، بلوگ كىرىمىم بىلەن كەلگۈسى خوتۇنۇمنى باقارمەن دېگەن يۇشۇرۇن مۇددىئايىممۇ بار(دەھشەت بىرنى كۈلگەن چىراي ئىپادىسى).

2.مەن بلوگ يېزىش ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر قىلدىم؟

بلوگگىېرلارغا ئايانكى بىر بلوگنى داۋاملىق يىڭىلاپ، ئەھمىيەتلىك تېمىلار بىلەن ماڭدۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق بىر ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن، تور بەت بىلىملىرىنى ئاز - تولا بىلگەندىن سىىرت، بىر قەدەر مول بولغان ئۇنۋېرسال بىلىم ساپاسى بولىشى كىرەك.ئۇنداقتا مەن ئاز كەم بىر يىل جەريانىدا بلوگچىلىق ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر قىلدىم؟
مەن موشۇ بلوگ ئۈچۈن، ئىرماش - چىرماش كودلار دۇنياسىغا بېشىمچە كىردىم. كۆزلىرىم مۆشۈك ياپىلاقنىڭكىدەك بوپ كەتسىمۇ زىرىكمەي ئىشلىدىم. كومپىيوتېر ئالدىدا تالاي ۋاقىتلىرىمنى قۇربان قىلدىم.
بلوگ مەزمۇنلىرى ئارقىلىق ئەزىزلەرنى نەپكە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ماتېرىياللارنى كۆردۈم. بىر تەرەپتىن ئۆزۈم ئۈگىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەسىراتلىېرىمنى ئەزىزلەرگە سۇندۇم. ئېشىنچە ۋاقىتلىرىمدا باشقا تىللاردىن ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلدىم.
مەن موشۇ بلوگنى ئەستايىدىل يازىمەن دەپ، تا ھازىرغىچە قىز دوستىمۇ تاپمىدىم.

3. مەن بلوگ يېزىش ئارقىلىق قانداق نەپكە ئىرىشتىم؟

«نەپ» دېسە پۇلنىلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولماس، گەرچە ئاز كەم بىر يىل جەريانىدا موشۇ بلوگ ئۈچۈن 300 سومدىن ئارتۇق چىقىم قىلغان بولساممۇ، بىر تەڭگە چۇشلۇق كىرىم قىلمىدىم. دوسلىرىمنىڭ «ئېلان قويساڭ چېكىپ قويساق بولىتتى» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. كىممۇ پۇلنى ياخشى كۆرمىسۇن؟ ئەمما مەن كىچىككىنە پۇلنى دەپ بلوگىمغا قاملاشمىغان سۈرەتلەرنى چىقىرىپ قويۇشنى پەقەتلا خالىمىدىم. راس گەپنى قىلسام پۇلدىنمۇ قىممەتلىك بەزى نەرسىلەرگە ئىرىشتىم.

بلوگىمنىڭ ھەر بىر يازمېسىنىڭ مۇقىم بولغان 100 دڭن ئارتۇق زىيارەتچىسىگە ئىرىشتىم.
ئەزىزلەرنىڭ يالتىراپ تۇرغان قەلىب ئۈنچېلىرىگە ئىرىشتىم.
ھۆرمەت، ئىتىراپ قىلىنىش، ماختاشلارغا ئىرىشتىم.
يەنە تېخى ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ ئوڭشاپ باسالمايدىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئېغىزىدا «تالانت ئېگىسى» گە ئايلاندىم.

خولاسە يۇقارقىلار بىلەن كالام! ئەمدى بلوگىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىدىن ئاز - تولا ئاخبارات ئېلان قىلىمىز:
1. يىڭى بلوگىمىز (teshna.me/) بۇندىن كىين بىر كىشى يالغۇز يازىدىغان ئۆتمۈشىگە خاتېمە بىرىپ، ئورتاق تۇيغۇ، ئورتاق نېشاندىكى كۆپلىگەن دوسلار بىرلىكتە يازىدىغان ئۇنۋېرسال بلوگقا ئايلىنىدۇ. يازمېلىرىمىز سىتۇدېنتلار ۋە ياشلار ھاياتىنى ئاساسىي تېما قىلىدۇ. تىل ئۈگىنىش، مەكتەپ، ئوقۇش ئۇچۇرلىرىنى تەمىن ئېتىدۇ. ئۆتمۈش ۋە ھازىرقى ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ ياشلىق ھاياتىدىكى ئىزدىنشلىرىنى تەرجىمە، توپلاپ ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنىدۇ. مەخسۇس پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىش سەھىپىسى ئېچىپ، مەكتەپ ھاياتىدا تۈرلۈك ئامىللارنىڭ زەربىسىگە ئۇچىراۋاتقان دوسلارغا سەمىمىي مەسلىھەت ۋە ئېلھاملاندۇرۇشلار بىرىدۇ.
2. بلوگىمىز بىر مەزگىلگىچە پرېستان ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىدۇ.بىر يىللىق ئۇسلۇپ ئىزدەش ئارقىلىق يەنىلا مۇكەممەللىكتە پىرىستان ئۇسلۇبىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق، شۇنداقلا ئۆز كىشىلىرىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن، تاكى ئۆزىمىز ئۇسلۇپ يېزىپ تەييار قىلغۇچە پرېستان ئۇسلۇبىنى ئىشلەتمەكچى بولدۇق.
3. بۇندىن كىيىن بلوگىمىزغا كود بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تېخنىكىلىق يازمېلار يوللانمايدۇ. ئۇ خىلدىكى يازمېلارنى ئەھۋالغا قاراپ مۇئەللىم بلوگى ياكى پات يىقىندا تۇغۇلماقچى بولغان «تۆت قۇلاق» تورىدا ئېلان قىلىمىز.
4. بلوگمىز بۇ قېتىمقى ئاپەت بىلەن كۆچمەن بولۇش جەريانىدا بىر قېسىم سىتاستىكىلىرىنى يوقىتىپ قويدۇق. يازمېلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى سېتاستېكىلىرى ئەسلىدىكىدىن ئازلاپ كەتتى. شۇڭا يازمېلارنى زىيارەت قىلغاندا كۆرۈلۈش قېتىم سانىغا قاراپ ئەمەس، مەزمۇنىغا قىززىقىپ كورۈشىڭىزلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئاخىرىدا تەشنايى بلوگى دوسلارنى ھەمكارلىق، قوللاشقا چاقىرىدۇ. ئىزدېنىش، تىرىشىش ئارقىلىق ياشلىرىمىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان قەلىب خانىسىگە ئايلىنىشنى ئىستەيدۇ.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

بۇ يازىمىدا خەتكۈش يوق

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (14)
نەقىللەر (0)
  1. مەلەك [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2013/04/21 14:27

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يامغۇردىن كېيىنكى نوتا ئىنشائاللاھ تېخىمۇ ياخشى ئۆسىدۇ !
    بلوگىڭىز بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى بولۇپ كەتكەي

  2. مۇئەللىم [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2013/04/21 14:39

    ئەڭ مۇھىمى بىلوگ يېزىپ پۇل تاپمىدۇق ، ئەمما ، دوستىمىز كۆپەيدى ، بىلوگچىلىقتىن قول ئۈزگىلى بولسىمۇ ، دوستلۇقتىن قول ئۈزگىلى بولمىدى . كۆڭلىمىزدە بىر نەرسىمىزنىڭ كەمدەك ھېس قىلىشىمىز بولسا ، دەل ئاشۇ تۇيغۇ ئىدى ……شۇنداق ، بۇ ئۇزۇن سەپەردە دەرتلىرىمىزنى تۆكىدىغانغا دوستلاردىن باشقا يەنە مۇشۇ بىلوگ بولمىسىمۇ بولمايدىغاندەك ….نېمىلا دېمەيلى ، بويتاقلىق يامان ! ;-)

  3. ئىزتىل [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2013/04/21 15:20

    مۇبارەك بولسۇن ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات سەپىرىڭىزدە تېخىمۇ نادىر يازمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا يېڭى بىر مەنا قېتىلغۇسىز .

  4. ئۇيغۇربەگ [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/04/21 16:26

    مۇبارەك بولسۇن، ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋە كەپىلىك ئەمدى ئەسلىگە كەلمەيدۇ. خەيىر، ئىشىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن!

  5. ھاجى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2013/04/21 21:18

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يىقىلغاندىلا ئاندىن تۇرغىلى بولىدۇ. مۇشۇ بوران چاپقۇنلار سىزنى تېخىمۇ مەزمۇت قىلىپ تەربىيلەيدۇ.
    «مەن موشۇ بلوگنى ئەستايىدىل يازىمەن دەپ، تا ھازىرغىچە قىز دوستىمۇ تاپمىدىم.» ۋوي-ۋوي، ئالدىرىمايلى ھە!(دەھشەت ئونبىرنى كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

  6. تەۋپىق [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 6 -قەۋەت 2013/04/23 20:55

    مەرھابا يىڭى ئىسىم يىڭى باشلىنىش سىزنى قوللايمىز بىلوگىڭىز يىڭى قەدەمدە بۇرۇنقى ئىزنى ئۆچۈرمەي ياخشى ناملار بىلەن ئالغا ئىلگىرلۈگىسى :lol:

  7. ھاجى [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow 7 -قەۋەت 2013/04/28 12:41

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشناجان. بەك ئالدىراش ئوخشىمامدۇق، ئىنتاھان قانداق بولدى؟ ھە بېكەتنى نۇرماللاشتۇرۇپ قويدۇم. قولۇمدىكى ئۇسلۇبنى تىكىپ بولغۇچە مۇشۇنى يۆتكىمەي ئىشلەتكەچ تۇرۇڭلا. ئېچىلماي قالسا كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن كىشىنىڭ… ھە راس! يېڭى تۇغمۇ پۈتۈش ئالدىدا. باشقا ئىشلاردىن خاتېرجەم ھالدا ئىنتاھاننى ياخشى بېرىلى جۇمۇ!!!!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش