ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. كەمىنە ھاجى تۇنجى قەلىمىمنى ئەرزىيەتتىن باشلايدىغان بولۇپ قالدىم. كەچۈرىشىڭلارنى سورايمەن.
تەشناجان بلوگنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلاپ نۇرغۇن كونا-يېڭى مېھمانلار قەدەم تەشرىپ قىلغان بولسىمۇ ھەپتە بولدى بلوگ يېڭىلانمىدى. بىر بولسا ئېچىلمىغان، بىر بولسا يېڭىلانمىغان. يېڭى مېھمانلارغۇ ئىلگىركى نادېر تېمىلاردىن ھوزۇر ئالا،لېكىن بۇ بىزدەك بلوگنىڭ سادېق ئوقۇرمەنلىرى قانداق قىلىدۇ. كىرىپ ئەڭ يېڭى تېما ياكى ئەڭ يېڭى ئىنكاسلارنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرىدۇ-دە مەيۈسلەنگەن ھالدا چىقىپ كېتىدۇ.
بلوگنىڭ يېڭىلانماسلىقىدا تەشناجاننىڭ مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
1. يېقىندا بىر ئىنتاھان بار، ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.
2. دەرىس بېسىمى ئارتىپ كەتتى. ۋاقىت چىقمىدى.
3. تەشنايى تور نامىغا ئەگىشىىپ تەشناجاننىڭ ئىلھاملىرىمۇ يوقلۇق دۇنياسىغا سەپەر قىلدى.
4. تەشناجانغا خوش ياقمايۋاتىدۇ. ئاۋارچىلىقلارنى يەتكۈچە تارتىپ زىرىكتى بولغاي.
5. راستىنلا بلوگنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرىنى قايىل قىلالىغۇدەك سەۋەبى بار.
ھە تەشناجان، سەۋەب-مۇناسىۋەتلەرنى يەكۈنلەپ، يەڭنى تۈرۈپ،بەلنى باغلاپ بۇ توغرىسىدا بىر ئاز مۇلاھىزە يۈرگۈزىلى. بىراۋ ۋاقىتنى سۇغا چىلانغان پاختىغا ئوخشىتىپتىكەن. سىققانسىرى چىقىدۇ دەيدۇ.
تەشناجاننىڭ مەزكۇر بىلوگنى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن قىلغان ئەجىرلىرىنى ئالدىنقى تېمىدا بايان قىلدى. راسىت، ئاسان ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ بىز تەشناجاننىڭ ئاۋۇ ھېسياتقا باي ، ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلغان، جەميەتتىكى بىر قىسىم ناچار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا پاش قىلىپ ماڭىدىغان يورغا قەلىمىگە تەشنا!!!
تەشناجان غەيرەت قىلىڭ.
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
دېمىسىمۇ بۇ بىر ھەپتىدىن بىرى بلوگنى پەقەت يىڭىلىمىدىم، سەۋەبلەرنى ھاجى ئېنىم ئوبدانلا تەھلىل قىپتۇ… ئەمەلىيەتتە قىزغىنلىق يوقالغىنى يوق. پەقەت نام ئالماشتۇرۇپ زىيارەتچىلىرىم تاپالماي تۇرغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، بلوگنى بىر قۇر گۈزەللەشتۈرۈپ ئاندىن يىڭىچە قىياپەتتە مەيدانغا چىقاي دېگەن…
ماۋۇ باش سۈرەتنىڭ ئىشى ھەجەپ جىلى قىلدىيا ئادەمنى!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تەشناجاننىڭ ئىجادىيەتلىرىنى خېلى ئوقۇپ قوياتتىم ، توختاپ قالمىسا مەزكۇر بلوگ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئەمدى تەشناجان بولۇپ قالدىم دېسە… شۇ ئۈگېنىشنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەل ھالىمنى قويمايۋاتىدۇ، ئاللاھ خالىسا بلوگ توختاپ قالماس…