Home >  > غايە ۋە ئىنتىلىش ھەققىدە چاچما پاراڭلار

غايە ۋە ئىنتىلىش ھەققىدە چاچما پاراڭلار

4


موشۇ كۈنلەردە غايە+مۇۋەپپىقىيەت+ھاياتى قىممەت ھەققىدە بەك تولا خىيالچان بولۇپ قالدىم. كوچىلاردىكى كىشىلەر توپىغا ئىختىيارسىز دېققىتىم ئاغدۇرۇلىدۇ. تەگسىز خىياللارغا چۈمۈپ كېتىمەن.. تەپمۇ – تەكشى بىر يەريۈزىدە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئازراقمۇ تەكشى ئەمەس. بىرلىرى يول بويىدا يايما ئېچىۋاتقان، بىرلىرى شەھەرنى بېشىغا كېيىپ، مۇسابىقە ماشىنىسىنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان؛ بىرلىرى قىزىل چىراق تۈۋىدە تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتقان؛ بىرلىرى ماسكىسىنى قۇلاق تۈۋىگىچە تاقاپ كوچا سۈپۈرىۋاتقان.؛ بىرلىرى خىزمەت كىيىمى كىيىپ، پىيادىلەر يولىدا يۈگىرەپ دېگەندەك كېتىۋاتقان… ئەيتاۋۇر بۇ شەھەردە قانداق كىشىلەر تېپىلمايدىكىن تاڭ. ئويلاپ قالىمەن: چوڭ بىر كوچا دوقمۇشىدا 10 مېنۇت تۇرۇپ كۈزەتسەم، ئۆزۈمنى سان ئوقۇنىڭ مەركىزىگە قويۇپ، بىر سىتاستىكا تۇرغۇزسام، مەندىن ئىقتىدارلىق كىشىلەر قانچە پىرسەنتنى ئىگەللەيدىغاندۇ؟ ھاھا… بۇ كوچا شۇنداق چوڭ كوچا، لېكىن ئون مېنۇتتا دۇنيا نوپۇسىنىڭ پەقەت 0.00001% تى بۇيەردىن ئۆتۈدىغاندۇ بەلكىم. سىتاستىكامنى دۇنيا نوپۇسىغا سۇندۇرسام قانداق بولار؟ قورقىمەن ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىتىراپ قىلىشتىن.

ئالىي مەكتەپ 4 – يىللىقىغا چىققاندىن بىرى بىر يۇمشاق دېتال شىركېتىدە پاراكتىكانت بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ئۈچ يىلدىن بىرى مەكتەپتە خىلى بىرنەرسە ئۆگەندىم دەپتىمەن، ئەمما راسىت گەپ قىلسام، تېخىچە بىلىم دېگەننى قانداق ئۆگىنىشنىمۇ ئۆگىنەلمەپتىمەن. شىركەتتە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن مەسئۇل تۈرنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ۋاقتىدا تاماملاش خىلى كۈچ تەلەپ قىلدى. بىكار چاغلاردا ئۆگىنىش خوشياقمىغان نەرسىلەرنى مانا ئەمدى كارنىيىمدىن ئىلىنغاندا جىددىي ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. شىركەتتىكى خىزمەتداشلارغا نەزەر سالدىم. ھەممىسى 23-28 ياشقىچە ياش بالىلار ئىكەن. بىرى – بىرىدىن ئىقتىدارلىق… ئۈف شۇنداق بىر بىسىم ئىچىدە كۆرەش قىلىشقا مەجبۇر ئىدىم. چۈنكى مەنمۇ 24 ياشقا كىرىپ قالغان.
بىر قېتىم ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركەت دىرېكتورى بىلەن قەھۋەخانىدا مۇڭدىشىشقا توغرا كېلىپ قالدى. «ئوقۇش پۈتتۈرسەم نېمە ئىش قىلىمەن؟» بۇ سۇئالنى تۇنجى بولۇپ شۇ ئادەم ئىككىنچى شەخىس تىلىدا سورىدى. مەن دەماللىققا جاۋاب بىرەلمىدىم، «يۇرتقا قايتىمەن…» دېدىم شۇ! كۈلۈپ كەتتى ئۇ، «موشۇ چاغقىچە سەندە ئېنىق بىر پىلان يوقمۇ؟». ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي پىلانمۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئەمما نۇرغۇن ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتماي، ھەرخىل تاساددىپىيلىقلارنى ئويلاشماي بولمايىتتى. «بىر ئادەمدە چوقۇم قەتئىي ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر غايە بولۇشى، پۈتكۈل ھاياتى ئەنە شۇ غايىنى نىشانلاپ مېڭىشى كېرەك…» دەيدۇ ئۇ. شۇنداق ئىدى، لېكىن مەندە غايە كەم ئەمەس بەلكى شۇ غايىنى ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىدىغان ئىنتىلىش كۈچى كەمدەك قىلاتتى.

بىر چاغلاردا يازغۇچى – شائىرلارنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانلار دەپ ئويلايىتتىم. شۇڭا تاكى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگچە « كېيىن داڭلىق يازغۇچى بولىمەن» دەيىتتىم. ئەمما ھازىر ئويلىسام «كېيىن» نىڭ قاچان ئېكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىكەنمەنتۇق. كېينگە بارغاندا يىلتىزى يوق ئۇ غۇۋا غايەم قۇرۇپ قاپتۇ، مەكتەپتە ئوقۇش ھۆددىسىدىن ئاران چىقىپ، ھەممە ئىشنى «كېيىن» گە قالدۇرۇپ مېڭىپتىمەن. تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرىۋىتىپتىمەن، ئالىي مەكتەپمۇ ئاخىرلىشىپ قالاي دېدى. ھازىر ئولتۇرۇپ ئەسلىسەم: مەندە غايە كەم ئەمەس بەلكى شۇ غايىلىرىم يىلتىز تارتىدىغان مۇنبەت تۇپراق كەمچىل بولغان ئېكەن. «داڭلىق ئوغىرى بولىمەن» دېسەممۇ مەيلىكەنتۇق، ھېچكىمنىڭ مازاق قىلىشقا ھوقۇقى يوق ئېكەن. مۇھىمى شۇ غايەمدا خۇددى ئىتقادىمدا تۇرغاندەك مۇستەھكەم تۇرۇشۇم كېرەك ئىكەنتۇق. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ھازىر ھېچ بولمىغاندا مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق ئوغىرى بولۇپ، شىياڭگاڭ كىنولىرىدا چولپانغا ئايلىناركەنمەن… ھاھا!

ھېلىقى دىرىكتورنىڭ ھىكايىسىمۇ قىزىق ئىكەن. كىچىك ۋاقىتلىرىدا ماي چىراق ئاستىدا قوناق ئۇۋىغانلىرىنى، ئىتىزدا كالا بىلەن يەر ئاغدۇرغانلىرىنى، ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇغانلىقىنى، كېيىن مەلۇم بىر مەمۇرىي ئورۇندا ئەمەل تۇتقان بولسىمۇ، داستىخان ئۈستىدىكى جاھاندارچىلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھاياتىغا ئۆكۈنۈپ خىزمىتىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئوقەت قىلغىلى بېيجىڭغا تۇنجى كەلگەندە يەر ئاستى ئۆيدە قانداق ياشىغانلىقىنى، پروگراممىرلىق ئىشتىياقىنىڭ قانداق تۇتاشقانلىقىنى، ھازىرقى ئۇتۇقلىرىنى تەسىرلىك ھىكايە قىلىپ بەردى. ئۇنىڭچە مەن ئوقۇش پۈتتۈرسەم پايتەخىتتە قىلىشىم، موشۇ يەردە باش كۆتۈرۈشۈم كېرەك ئىكەن. «ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ يۇرتى بولمايدۇ» دەيدۇ ئۇ. لېكىن… ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئىتىقاد بىزلەرنى بەزى مەسىلىلەردە ئۆزگىچە ئويلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ – دە!

نېمىلا بولمىسۇن يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بىرى ھاياتىمدىكى يېڭى بىر غايەمنى بويلاپ خىلى ئۇزۇن مېڭىپتىمەن. تېخنىكا ساھەسىگە ئىشتىياق باغلىشىمىغا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تۈرتىكىسى بولدى. مۇنداقلا تاللاپ قويغان كەسپىمنىڭ رېغبىتىمۇ خىلى بولدى. ئىشقىلىپ قانچىلىك جاپالىق ۋەياكى مەنىسىز بولسۇن موشۇ بىر يولدا ئوبدان مېڭىشىم كېرەك ئىكەن. تېخنىكا ھەممىنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ياشلىقىدكى ئالامەتلىرى مەندىمۇ ئاز – تولا كۆرۈلىۋاتىدۇ(دەھشەت كۈلگەن چىراي):يىرىم كىچىلەردە جۆيلۈپ تۇرۇپ كېتىدىغان، كەسپىمگە ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىدە كۈن – كۈنلەپ ئويلىنىدىغان، تېخنىكىنى پەقەتلا چەتئەللىكنىڭ نەرسىسى دەپ ئويلىمايدىغان بولۇپ قالدىم.

بەش ياش ۋاقتىمدا كومپىيۇتېرغا چەكسىز ئىشتىياق باغلاپ، پىروگراممىرلىقتىن ئىبارەت بىر غايىنىڭ مەندە تۇرغۇزۇلمىغىنىغا ئىچىنىمەن. شۇنداق بولغىنىدا بەلكىم ھازىر ئالما مەھسۇلاتلىرىدىن بەكرەك مېنىڭ «بادام Badam» ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىم جاھان سورۇشى مۇمكىن ئىدى….شۇنداق بىر غايە بولۇشى كېرەك ئىكەنكى: غايىنىڭ چېكى ھەرگىزمۇ مەلۇم كېشىنىڭ مەلۇم ئۇتۇقلىرى بولۇپ قالماسلىقى ئىكەن(يەنى، ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ چىقىشقا بەل باغلاش، باشقىلارنى دوراپ ئەمەس، ھېچكىم دورىيالمىغۇدەك ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلىش كېرەك ئىكەن)؛ شۇ غايىنىىڭ كاساپىتىدىن كېچىلىرى ئادەمنى ئۇخلاتمايدىغان، كۈندۈزلىرى قەتئىي جىم تۇرغىلى قويمايدىغان بىر خىل ئىنتىلىش كۈچى بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئەسلى غايە دېگەن خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان، يىتەلمىگەندە تاشلىۋىتىشكە بولىدىغان نەرسە ئەمەسكەن. ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا غايىگە باغلىنىشى كېرەك ئىكەن…

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (4)
نەقىللەر (0)
  1. يارۇق [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/10/27 21:55

    ئېسىل يازما بۇپتۇ.
    نېمە دېيىشىمنى، قايەردىن گەپ ئېچىشىنى پەقەت بىلەلمىدىم، سېلىنىڭ ھېلىقى دىرىكتورىڭلا ھەقىقەتەن جۈرئەتلىككەن، مەنمۇ نەچچە قېتىم تۆمۈ تاۋاقتىن ۋاز كېچىپ، سېلە بار شەگە بېرىپ راۋرۇس تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ كېلەي دەپ، نەچچە نىيەت قىلغان بولساممۇ، يەنە جۈرئەت قىلاممىدىم، راستىنى دېسەم جۈرئەت قىلالمىدىم ئەمەس، نېمىنى ئۆگىنىش، نەدە ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش، نەگىچە ئۆگىنىش، ئۆگەنگەننى نەدە ئىشقا سېلىش، دېگەندەك بىر قاتار باش-ئايىغى زىچ ماسلاشقان مۇرەككەپ خىياللار ئىلكىدە بۇ يىلمۇ ئاخىرلىشاي دېدى. بەلكىم سېلە ھېس قىلغاندەك مەندىمۇ تېخىچە غايە ۋە ياكى ئىنتىلىش دېگەنلەردىن ئەسەر يوق ئوخشايدۇ.

    • تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ يارۇق 2014/10/29 08:18

      ئىشقىلىپ، ئويلاپ باقسام بىز ھەقىقەتەنمۇ ئۆز غايىمىزنى قوغلىشىپ ياشاشقا كۆپ ئاجىز ئىكەنمىز! قىسقىغىنە بىر ھايات، ئامالسىزلىق ئىلكىدە ئىقىمغا ئەگىشىپ ياشاشقا كۆنۈكۈپ كېتىدىكەنمىز!

  2. چاشقان [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/10/28 16:50

    ئېىنىق نىشان بولغاندىلا، قەلبىڭىزدىكى ئىچىكى كۈچ توغر يۆنىلىشكە ئىگە بولىدۇ.نىشانسىز سەرسانلىق سىزنى ئاخىر يولدىن ئاداشتۇرىدۇ.قەلبىڭىزدىكى بىباھا ئالتۇن كان قازماسلىق تۈپەيلىدىن چاڭ- توزاندىن پەرقلەنمەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ(ناپالىئون خېئول)
    تېمىڭىزنى ئوقۇدۇم،نۇرغۇن جايلاردىكى ھېس قىلىشىمىز ئورتاق ئىكەن. مېنىڭ Skype دا بىر كەسپىي پىروگراممېر بار، ئۇ بىر مۇنەۋۋەر كەسپىى پىروگراممېر، ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە پاراڭلاشقان ۋاقتلىرىمدا ئۇ بىر كۈنى«ئۆزىنىڭ ئالدىنقى يىلىMicrosoft دىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى،ھازىر ئۆزىنىڭ باشقا ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئۇنىڭ دېيشىچە ئۇنىڭ پىروگرامما يېزىشى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ پۇل ئۈچۈن پىروگرامما يازمايدىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى». مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەسلى «نىشان» دېگەن ئەسلى مۇشۇنداق بولىدىكەن-دە، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھازىرمۇ ئۇنىڭ بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇرىمەن.
    ئەمما نىشان بولغانغىلا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلىيالايدىغان كۈچ- مادار بولۇشى لازىم ئىكەن. بولۇپمۇ پىروگراممېرلىق تېخىمۇ شۇنداقمىكىن، دەيمەن. يازمىڭىزدىن سۆيۈندۇم، رەھمەت.

    • تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ چاشقان 2014/10/29 08:21

      IT ساھەسىدە بىز بىلىپ كەتمەيدىغان نۇرغۇن شەخىسلەر بار ئىكەن. شۇلارنىڭ توختىماي ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدا بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئىرىشىپ تۇرۇپتىمىز. ئەگەردە ھەممە ئادەم پۇل ئۈچۈنلا ئىشلىگەن بولسا، ھازىرقىدەك ئوچۇق مەنبەلىك سېستىمىلار نەدە تۇرۇپتۇ….
      ھەي ئىشقىلىپ بەزىدە راستىنلا ئاجىز كېلىدىكەنمىز!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش