Home >  > بەش مىڭ سوم پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟!

بەش مىڭ سوم پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟!

15

 ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر! پۇل تېپىش ئۈچۈن كىشىلەر نېمە ئىشلارنى قىلمايۋاتىدۇ؟! پۇل دېسە قىزىقمايدىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدىغۇ دەيمەن... ئۇنداقتا بىز ئوقۇغۇچىلار پۇل تاپالايمىزمۇ؟! جاۋابى: ناھايىتى ئاسانلا كۆپ پۇل تاپالايمىز. ئاتا - ئانىمىزنىڭ بىر ئايلىق مائاشىدىنمۇ جىق پۇل تاپالىشىمىز تامامەن مومكىن. قېنى ئەمسە تەپسىلى باسقۇچىغا ئۆتەيلى!(بۇ يازما مەخسۇس ئۆزۈمگە ئوخشاش سىتۇدېنتلار ئۈچۈن تەييارلاندى، باشقىلارنىڭ بۇ ئۇسۇل بىلەن پۇل تاپالىشى تازا مومكىن ئەمەس)

   پۇل تېپىش ئۇسۇلىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى: ئاقچۇق سېيىدا ئولجا تالىشىش

   ئىرىشمەكچى بولغان پۇل سوممىسى: 3000 يۇەندىن 8000 يۇەنگىچە

   كېتىدىغان ۋاقىت: بىر ئاي ئەتراپىدا

ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەر:

1. جۇشقۇن كەيپىيات ۋە چەكسىز ئىشەنچ؛

2. قاتتىق ئىرادە؛

3. زىھنىنى بىر ئىشقا يۈكسەك مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى.(موشۇلا بولسا يېتىدۇ)

  تەييارلىق:

1. ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۆزىڭىزگە مەدەت ۋە رەھمەت تىلەڭ؛

2. بېشىڭىزنى مۇزدەك سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇڭ؛

3. ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزگە تاتلىققىنە بىرنى كۈلىۋېتىڭ؛

4. ئەرزىمەس ئىشلارنى كاللىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ - دە، ئۆزىڭىزنى ھازىردىن باشلاپ ئالاھىدە بىر ھەرىكەتكە ئۆتكىنىڭىزگە ئىشەندۈرۈڭ؛

5. نۆۋەتتىكى ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن ئۆزىڭىز بىر نەچچە تۈرنى قېتىۋىلىڭ!

ئالدى بىلەن بەش مىڭ يۇەن تاپقاندىن كىيىنكى ھالىتىمىزنى تەسەۋۇر قىلىپ باقايلى:

ھاياتىمىزدا پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تۇنجى قىتىم تاپقان پۇلىمىز بولغاچقا چوقۇم چەكسىز ھاياجانغا چۈمىمىز، كۆزلىرىمىزدە ئىسسق ياشلا ئەگىيدۇ، دادا، ئانا... دەپ بارچە ئاۋازىمىز بىلەن توۋلىغىمىز كىلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئاجايىپ قالتىس بىر ئادەم بولقانغىنىمىزنى ھېس قىلىمىز. ئاندىن ئۆزىمىز تاپقان ئۇ پۇلنى قانداق خەجلەش ئۈستىدە چاقماق تىزلىكىدە پىلان تۈزىۋالىمىز ـ مىسالەن: دادامغا مەھەللىمىزدىكى توختى قاسساپنىڭ ھورى چىقىپ تۇرغان تونۇر كاۋىپىدىن جىق ئىلپ بىرىمەن؛ ئانامغا چىرايلىققىنە بىر جۈپ ئالتۇن زىرە سوۋغا قىلىمەن؛ ھەدەمگە.... ئاكامغا....يەنە تېخى سىڭىللىرىم...

  ئەمدى ئۇ پۇلنى تېپىشنىڭ تەپسىلىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: 

1.كالىندارغا قاراڭ -دە مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا يەنە قانچە كۈن قالغانلىقىنى توغرا ھىساپلاپ چىقىڭ. (ئىسىڭىزدە بولسۇن، سائەتلەپ ياكى مىنۇتلاپ ھىساپلاڭ. كۈننى بىرلىك قىلىۋالسىڭىز بولمايدۇ)

2. مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەرنى تىزىپ چىقىڭ - دە، ئەھۋالىڭىزغا قاراپ، بىرىنچى باسقۇچتىكى ۋاقىتنى ھەربىر پەننى تەكرارلاشقا مۇۋاپىق نىسبەتتە تەقسىملەڭ.

3. كۈندىلىك مەشغۇلات ۋاقتىڭىزنى يۇقارقى تەقسىمگە ئاساسەن بىر قىلىپقا سېلىڭ( پۇلنى قانچە جىق تاپاي دېسىڭىز، ئۇخلايدىغان، دەم ئالىدىغان ۋاقىتلارنى شۇنچە ئازلىتىپ تەڭشەڭ).

4. يۇقارقىلارنى جەدېۋەللەشتۈرۈپ ياتىقىڭىزغا، سومكىڭىزغا، ئىشقىلىپ سىز ئەڭ كۆپ ئۇچىرىتىدىغان نەرسىلەرگە چاپلاپ قويۇڭ(مەخپى يېزىقتا يازسىڭىز باشقىلار كۆرىۋالالمايدۇ تېخى...).

5. كومپىيۇتېرنى ھازىرلا تاقاڭ دە، بېلىڭىزنى رۇسلاپ، پارتا ئالدىغا كىلىڭ. جەدېۋەلدىكى مەشغۇلاتلىرىڭىزنى باشلىۋېتىڭ.(نېمە؟! مەن ھەرقانچە تىرىشساممۇ قىلالمايمەن دەمسىز؟ جۆيلىمەڭ! سىز دېگەن خىسلەتلىك ئادەم، ئىشەنمىسىڭىز ئۆيگە تىلىفۇن قىلىپ ئاتىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ؛ ئەڭ ئاددىيسى يوللاردا سىزگە ئوغىرىدەك تىكىلىپ قارايدىغان ئەشۇ كىشىلەرگە دېققەت قىلىپ بېقىڭ، سىز ئالاھىدە ئادەم بولمىسىڭىز ئۇلار سىزگە شۇنچە قىزىقىش بىلەن قارارمتى...!)

6. ئەتە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا جەدېۋەلگە قاراڭ! ئۆزىڭىزگە « بويسۇنمىسام بەش مىڭ سوم باشقىلارنىڭ بولىدۇ» دەپ ئەسكەرتىڭ. بۇ ھەرىكەتنى تاكى ئىمتىھانلار ئاياغلىشىپ بولغىچە ئۇدا تەكرارلاڭ.

7. تەتىلدە مەغرۇر ھالەتتە ئۆيىڭىزگە قايتىپ، ئاتا - ئانىڭىزنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىش مومكىنچىلىكىڭىز بارلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ.

8. كىلەر مەۋسۇمدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ھاياجىنىڭىزنى توپلاپ، تىزىملىكتە ئۆز ئىسىمىڭىزنى كۆرگەندە پارتىلاشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ.

9. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ نىسىپ قىلغان بولسا سىز بىرمۇنچە پۇل تاپتىڭىز. ئەمدى ئۆزىڭىزدىن پەخىرلەنسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: يۇقارقىلارنى مەنمۇ ئۆزۈمدە تەجىربە قىلماقچى، قىزىقسىڭىز سىزمۇ قاتنىشىڭ. پۇلنى دېگەن ئەنە شۇنداق گاڭگۇڭلاچە تاپىمىز. باشقىلار ھەۋەستە كۆزلىرىنى مۆلدىرلىتىپ ئولتۇرۇپ، ئىچىدە بىزگە قايىل بوپ قالىدۇ. قېنى ئەمىسە قولىڭىزنى قوشۇڭ، تەڭ ئاتلىنايلى....

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (15)
نەقىللەر (0)
  1. بىلنۇر [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 11 -قەۋەت 2013/03/12 15:44

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم !شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز ، مېنىڭ ئىككى ئۈچ يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا قاراپ باقسام ،ئىشكىردە ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلىرىمىز ئىچىدىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئوقۇۋاتقانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ،لېكىن بۇنىڭغا قىلچە ئەپسۇسلانمىدىم ،نۇرغۇن ستۇدېنتلىرىمىز بار تىرىشچانلىقىغا ئادەم قول قويىدىغان ،تەپەككۇرنىڭ توغرىلىق ۋە مەسلە ئالىز قىلىش سۈرئىتى بۇ خەقتىن نەچچە ھەسسە تېز ئەمما ئاقىۋەت شۇ لارنىڭ تىلىدا ئېلىندىغان ئىمتىھان ئەنە شۇ ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ ،شۇ تۈپەيلى ئوقۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ئانچە مۇنچە سوۋۇپمۇ قالدىيۇ ، لېكىن بەل قويىۋەتمەيدۇ ، 5000يۇەن ئوقۇش مۇكاپاتى ئۇ يانغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بۇ يانغا ئۆتىدۇ ، ،،،،،شۇ تەرىقىدە مىللىي ئۆزلۈك ئېڭى يۇقىرى ،ئانا تىل قايغۇسىنى تۇنۇپ يېتەلەيدىغان ، تىرىشقىنىغا مېنەت تەلەپ قىلمايدىغان بىر تۈركۈم ستۇدېنتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدۇ .

    • تەشنايى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ بىلنۇر 2013/03/12 18:28

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! بلوگىمغا خۇش كەپسىز! دېگىنىڭىزدەك ئېچكىردە ئوقۇۋاتقان سىتۇدېنتلار ئىچىدە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇۋاتقانلار تولىمۇ ئاز، بۇنىڭ كۆپ سەۋەپلىرى بار دەپ ئويلايمەن. ھازىر ئويلىسام ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرى نومۇر كىرەك بولىدىكەن، نومۇر ئۈچۈن مەكتەپ نېمىنى ئۈگەتسە، شۇنى تولۇق ئۈگەنمەي ئامال يوقكەن. ئەمما مېنىڭچە، ئالىي مەكتەپتە ھەممە ئادەم ئۆز كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئاساسەن بىلىم ئۈگېنىشى كىرەك. ئىشقىلىپ، تىرىشساقلا چوقۇم نەتىجە چىقىدۇ – دە!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش