ئابدۇقادىر داموللام روھى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات
2012/06/03 تاغدىن - باغدىن ⁄ جەمئى: 11991 ھەرپ بىرلا ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 570 مىھمان+

 

 

 بۇ تېمىنى توردىن توپلىغان ماتىرىياللار ئاساسىدا رەتلەپ چىقتىم. ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ھەربىر ئۇيغۇر سىتۇدىنت ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن. ھەرقىتىم چۈشكىنلىك قوينىدا گاڭگىراپ قالغاندا ئۇستازىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ۋە نوتۇقلىرىنى ئەسكە ئالايلى، شۇھامان تومۇرلىرىمىز قايتىدىن ئورغۇپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىز كۈچكە تولىدۇ.

  بۇ يىل ئۇستازىمىز تەۋەللۇتىنىڭ 150 يىللىق خاتىرىسى بولىدۇ، قىرىنداشلىرىمىز ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنى ياد ئېتىشنى ئۇنۇتمايلى!

       ئابدۇقادىر داموللام  ئوتتۇرا ئاسىياغا ، جۈملىدىن غەربى ئاسىياغا تۇنۇلغان كاتتا ئالىم ، ئۇستا ناتىق ،ماھىر مۇنازىرچى ، مىللەت پەرۋەر مائارىپچى ، تالانتلىق شائىر ۋە پاراسەتلىك ئۇستاز. شۇنداقلا يۈكسەك غورۇرغا ئىگە ، كەم ئۇچرايدىغان ئىنسان بۇلۇپ ،xx ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر جەمىئىيىتىدە ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە تۈرۈتكەبولغان.      

ئابدۇقادىر داموللام1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد يىزىسىدا ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك بىر ۋەتەنپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .  مەشھەد - قارا خانىيلار خاقانلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ھەربىي تالانتى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان مەشھۇر خاقان - سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي .  تارىختا كىشىلەر سۇلتان ساتۇق بۇغرا خان ۋە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەبرىگاھ يېنىغا مەسجىد ، مەدرىس ، خانقا لارنى بىناقىلغان .
ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مانا مۇشۇ مەشھەدتىكى« ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسى » دە ئالغان . كىيىن قەشقەردىكى ئالىي ئىلىم يۇرتى بولغانخانلىق مەدرىسكە ئۇقۇشقا كىرگەن .بۇيەردىكى ئۇقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن ، تىخىمۇ مۇكەممەل مەلۇماتقا ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ،ئۆز خىراجىتى بىلەن بۇخاراغا بېرىپ ، ئۇيەردىكى« ئابدۇلئەزىزخان مەدرىسى »گە ئوقۇشقا كىرگەن . ئۇ بۇ جەرياندا ، قۇرئان ،ھەدىس ،ئىلمىي تەجۋىد ، ئاقائىد قاتارلىق ئىسلام تەلىماتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماستىن ،ئەدەبىيات ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئىلمىي مەنتىق،ھىساپ دەرىسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،ئاساسىي بىلىم جۇغلانمىسىنى پۇختىلىغان ھەمدە ئەرەب ، پارىس ، ئوردۇ تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن .  نەۋائىي ،خوجا ھاپىز ،شەيىخ سەئىدى ،سوپى ئاللايار ، جالالىدىن رۇمى ،خوجا ئەھمەت يەسەۋىي ،ھۇۋەيدا ،مەشرەپ ، فۇزۇلى . . . لارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇپ چىققان . فارابى ،ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنانىڭ  ئەسەرلىرى ئارقىلىق يۇنان پەلسەپىسى بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ ،زامانىسىنىڭ ئەللامىسى بۇلۇپ يىتىلگەن . ئابدۇقادىر داموللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن ، سەمەرقەند، ئۇفا  قاتارلىق جايلاردا بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلغان « ئاقائىد زەرۇرىيە »، «ئىبادەت ئىسلامىيە » داموللامنىڭ سەمەرقەند ،ئۇفالاردا مۇدەررسلىك قىلىش جەريانىدا دەرىسلىك ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزگەن تۇنجى كىتابلىرى بۇلۇپ ، بۇكىتابلار ئۆز ۋاقتىدا ئۇفادا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغانىدى . ئابدۇقادىر داموللام ئانا ۋەتىنىگە قايتىشتىن ئىلگىرى ، تاشكەنت ، خوجەند ، قازان ،ئىستانبول قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولغان ، 1907 -يىلى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن .
    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالىملار ئارىسىدا ئالاھىدە شۆھرەت قازىنىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن  ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋرىدىكى  جاھالەت تۈتەكلىرى قاپلىغان ئاسمىنىغا ۋە بۇ زۇلمەتلىك ئاسمان ئاستىدا ھايۋان كەبىنادانلىق ۋە قۇللارچە ئىتائەتمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرىۋاتقان ئانا خەلقىگە قاراپ ، چەكسىز ئېچىنىش تۇيغۇسىغا چۆمگەن ، قەشقەر خەلقىنىڭ ماددىيۋى مەنىۋىي جەھەتتە ، چارروسىيە ئىمپېرىسىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرزانتانىيە ئىمپېرىسىنىڭ ئادەملىرىنىڭ تالان -تاراج قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ، مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھاماقەت ۋە زالىم ئەمەلدارلىرىنىڭ تاپىنى ئاستىدا خار ۋە زەبۇن بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق غەزەپلەنگەن . نەس باسقان بىچارە خەلقنىڭ قانداق تەقدىرگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى بىلمەستىن، ئۆزىنى قۇل قىلىۋاتقان ۋە نادانلىققا قالدۇرىۋاتقان زالىم ئەمەلدارلارنى ، ۋىجدانسىز مۇناپىقلارنى،نائىنساپ باي - زومىگەرلەرنى بېقىپ سەمرىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق نەپرەتلەنگەن . ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەربىيسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق ئۆكۈنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ، قۇللۇقنىڭ زەنجىرىنى شاراقشىتىپ ، نادانلىقنىڭ دەستىدە پايخان بولۇپ كېتىۋاتقان خەلقىگە : « بۇزامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانىسى ئەمەس ، ئويغىنىش ۋە سەگەكلىك زامانى ، جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلىم -مەرىپەت دەۋرى ؛ سۇسلۇق ۋە بىكار تەلەپلىك ۋاقتى ئەمەس ، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىشۋاقتى . باشقا مىللەتلەر ئىلىم -مەرىپەت سايىسىدا ، ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا ، سۇئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە . بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز ، ئۇيقۇ بولسا ئۆلۇمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر .بۇھالەتتە دائىم ئۇخلىماق - يوقىلىش ۋەئۆلۈم بۇلىدۇ ! ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار.»>دەپ كۈچلۈك مۇراجەت قىلغان . ئادۇقادىر داموللام بۇتەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە  ئەمەلى ھەركەت قوللۇنۇپ ئەقىل-پاسىتىنى ئشقا سەلىپ ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئىجابى ۋارىسلىق قىلغان ئاساسدا ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ، ئوقۇتۇش ماتىريالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى . ئابدۇقادىر داموللام مۇتەئەسسىپ موللىلارنى « ئۇسۇلى جەدىد ھارام، ئۇنى ئۇقۇش دەھرىلىك »دەپ پەتىۋا چىقىرىپ، جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ،كۆزلىگەن نىشانىغا تۇلۇق يىتەلمىگەن . ئابدۇقادىر داموللام  خەلىقنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى ئەمەلدارلارغا ، جاھالەت ھاميلىرى بولغان مەككار سوپى - ئىشانلارغا،ئاچكۆز، جانباقتى بايلارغا قاتتىق نەپرەتلىنەتتى ۋە ئۇلارنى تەنقىتلەپ، خەلىقپەرۋەر، مىللەت پەرۋەر بۇلۇشقا دالالەت قىلاتتى .            
بىز ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئالىجاناپ خارەكتىرىنى مەرھۇم تارىخچى ۋەيازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە » دىگەن رۇمانىدىكى ئاجايىپ ۋەقە ۋەبايانلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز . بۇ روماننىڭ 15- بابىدا  ئابدىقادىر داموللام   ئۆزلىرىنى يۇرتنىڭ تاجىسى ،ئەلنىڭ ئابرويى  دەپ ھىسابلايدىغان نۇرغۇن مىھمانلار قاتناشقان بىر قىتملىق زىياپەتتە مۇنداق نۇتۇق سۆزلىگەن ؛                    

« مەن ئەسلىدە ،ئۆز مۇدىئايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىللىرىنىڭ ئۆيىگە بىربىرلەپ بارسام بۇلاتتى . ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم .ئەپۇقىلىشالا !ھالا بۈگۈن، ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بۇلۇدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم . مۇددىئا نىمە ؟دەپ سورالسا  ، شۇنداق جاۋاپ بىرىمەنكى ، مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي - زىياپەتلىرى ئىچىدە ،مەست -مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن! چۈنكى ،مەست- مۇستەغرەقلىق ئاراسىدا  ،ۋەتەن،  مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر ھالى تەس ۋە نەس  ئۆتمەكتەدۇر.  خەلىق نادانلىق ، جاھالەت ئىچىدە ئازاپ  چەكمەكتە. ھەممە ئىش كونا قېلىپ ، كونا ئىزىغا چۈشۈپ ، يېڭىلىققا يول بىرمەي ،  ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا . ۋاقتىمىز ، دەۋرىمىز ، ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە . بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس.  بۇمىللىي خارابەت، مىللىي مۇنقەرىزلىكتىن بىشارەت بىرىدىغان خەۋىپلىك ھادىسە .ھەربىر  ۋىجدان ئىگىسىنىڭ  مۇنداق خەۋىپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغىسى كەلسۇن ! بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان  قازى- مۇدەررىسلىرىمىز ، داموللالىرىمىز ، ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز ، بۇ خەۋىپلىك ئەھۋالدا  كۆزىنى ئەما، قۇلۇقىنى گاس قىلىپ ،قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن  !  شۇنى چۈشۈنىشىمىز  لازىمكى ، ۋەتەن ، مىللەتنىڭ غېمىنى يېيىش ، خەلىقنىڭ بېشىنى ئوڭشاش ، بەخىت - سائادەتكە باشلاش مانا  مۇشۇ داستىخاندىكى ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرىز ۋە قەرىزدۇر .  ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق ، بۇلۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلىقنى نادانلىق  ، جاھالەتتىن  قۇتۇلدۇرۇپ ،سائادەتلىك كۈنلەرگە يېتىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىزباردۇر . ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپېمىزنىڭ بارلىقىنى. ئىنكار قىلىدىغان بولساق  ، ئۇ چاغدا  بىز نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق ؟ دىگەن سۇئالغا  ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن!  
ئىككىنچى  تۈرلۈك قىلىپ ئەيىتقاندا ، خەلىق ئۈچۈن ، ۋەتەن ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى بولسۇن !  بۇتەرەپلىرىنى ھەر بىر ئۆلېما ئوبدان  ئويلاپ ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك ! ... بىز ھەممىمىز قانچە يىللار  غۇربەتچىلىكتە  رىيازەت چىكىپ ، ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز .  نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق ؟  خەلىقنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا ، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئۇقۇدۇق . خۇداغا شۈكرى، ئوقۇغانغا يارشا  ، بىرىمىزقازى ، بىرىمىز داموللا ، بىرىمىز مۇدەررىس كەبى ئۇنۋان دەرىجەلەرگە  تەيىنلىنىپ ، يۇرت خەلىقنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە  سازاۋەربولدۇق . ئەپسۇسكى ، بىز بۇ ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە بولىۋىلىپلا ، ئەسلىدىكى مەخسەت - مۇددئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ ، نۇقۇلھالدا ھۇزۇر -ھالاۋەت ، راھەت -پاراغەتكە بىرىلىپ ، مەست - مۇستەغرەق بۇلۇپ يېتىۋالدۇق . يۇرت بولسا نادانلىق ، جاھالەتتە ، خەلقىمىز خار - مۇزەللەتتە قالدى .يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى ، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغراسىدا قايغۇرمىدۇق . يۇرت ۋە خەلىقنىڭ غېمىنى قىلىش ، يۇرتنى تەرەققىياتقا ، خەلىقنى ئىلىم - مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپېمىز بارلىقىنى بىزئۈلۈمالار ئىسىمىزدىن چىقاردۇق . تۆر - ئابرۇي  تالىشىشتەك  قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ، ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقىنى ئىنكار قىلدۇق . بىز نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق ؟  نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ ، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز !  بۇ توغرىدابىر ئاز سۆز قىلساق ، چېچىلغانلىق بۇلامدىكەن ؟ . . . نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن ؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك ، مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا ، مۆھۈر ھەققىگە  ، نەزىر - چىراقتىكى سەدىقە - ئېھسانغا ، ئشقىلىپ  قەيەردە نەپ بولسا  ، شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا ، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ ،تاماخورلۇقنىڭ  سېسىق پاتقاقلىرىغا  بوغۇزى بىلەن تەڭ  چۆكۈۋالغانلىقىغا ، ۋەتەن  ، مىللەتنىڭ ، خەلىقنىڭ داد  - پەريادى ،نالە - پىغانلىرىغا  قۇلاق سالماي، كۆز يۇمۇپ  گاس - ئەما بۇلۇۋالغانلىقىغا  قانچە قاينىسام  شۇنچە  ياخشى  ئەمەسمۇ !  قېنى ، نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن ؟ھازىرقى ئەھۋال قانداق بۇلۇۋاتىدۇ ، قېنى ؟ ....  بىز بۇيەردە پولو يەپ ، تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز  . بىزنىڭ ئەزىز باللرىمىز  گۈلەختە كۈلگە  پۇچىلىنىپ  ، ئاچ - يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا .  بىز  كۈندە قانچە قېتىم  داستخان  ئۈستىدە  مەئىشەت  قىلىپ  ،  توقلۇقدىن  كارىلداپ  سېسسىق كىكىرىپ  يۈرىيمىز .  ئۇنىڭ  ھىسابىغا  ، كوچىدىكى  تىلەمچى - سائىللار  شۇنچە كۈپەيمەكتە  .  ھالبۇكى ، بىز  ئۇلارغا  قانچىلىك  خەيرى خاھلىق  كۆرسەتتۇق ؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك  سىلىدۇق ؟ياق ، ھېچنىمە قىلمىدۇق ،  بەلكى  ئۆشرە -زاكات  ۋە ئەۋقاپ  كىرىملىرىنى  ئۆز نەپسىمىزگە  تارتىپ كەتتۇق . شۇ سەۋەبدىن ، يىتىم - يىسىر ، تۇل خۇتۇن ، يىتىم  ئوغۇللار  خەيرىخاھسىز  قالماقتا . نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز ؟ نىمە ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىپ، دارىلئتام  - دارىل ئاجىزەلەر قۇرۇپ  ،كوچىدا  ئاچ - يالىڭاچ  ،خارۇ - زارلىقتا  قالغان بالىلارنى ، ئاجىز  - مىسكىنلەرنى تەر بىيە  قوينىغا ئالمايمىز ؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى  سىلاپ ، غەمخورلۇق قىلساق  بۇنىڭ نىمە يامىنى ؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى ، خەلىقنىڭ  بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق ، خەلىقنى بەخىت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن ، پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن  شەخسى تاپاۋەت يۇلىغا ماڭساق ، قولغا كىرگەن  تىللا - تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ  خاتىرجەم ياتساق ، ئىستىقبالىمىز توغراسىدا  زەررىچە قايغۇرمىساق، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ  بىرىمىز ؟  قېنى ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ ! . . .  ئەپسۇسكى ، بىزغەمخورلۇق قىلماي  كوچىغا  تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋروپادىن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارىتماقتا . ئنگىلىز، شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ ، داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغرىلىماقتا . ئۇلار بىزنىڭ باللىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە ، ئايانماستىن يۈزسەرلەپ تەڭگە سەرىپ قىلماقتا .بىز بولساق ، باللىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ، ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز . ھە دېسە دەررە ئۇرۇپ ، ئۇلارنىڭدىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز ، ئەل رايىنى چىكىندۈرمەكتىمىز .بۇئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ ؟ ھېلىمۇ كەچ ئەمەس ، پۇرسەت بار ، ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ ،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت -نەپرىتىگە كۆمۈلۈپ كىتىشىمىز مۇقەررەر  . . . !  ئىنگلىز ، شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بۇلۇپ قالدى ؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ ؟ ئۇلار ھېچ ۋاقىتتا بىزگە مېھمان ئەمەس ،مېھمان بۇلۇشىمۇ مومكىن ئەمەس . ئۇلار جاھانگىر ، تاجاۋۇزچى ، ئۇلار ئوغرى ، بۇلاڭچى .  باشتا قۇيرۇق ئوينۇتۇپ كەلگەن بىلەن ، ئاستا -ئاستاپىيىمىزنى قىرقىپ ، بايلىقىمىزنى ئوغرىلايدۇ ، گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ ،بىزنى داق بورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر . بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا  چۈشكەن  بالايى ئاپەت !  ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ ،ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرىۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر . ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسى چېچېپ ، ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆز قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخورلاردۇر . ئۇلاربىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپھالاك قىلغۇچى قارانىيەت ياۋۇزلاردۇر . . .
      قېرىنداشلار ، ۋەتەنداشلار ! بىز ئەزەلدىن قابىل ، باتۇر خەلق ئىدۇق ، تاكىپامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چېدىر - بارىگاھ تىكىپ ، سەلتەنەتلىك ئوردا - تەخىتلەر قۇرۇپ ، دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق . قاچانكى ،بىزگە جاھالەت ، نادانلىق ، خۇراپاتلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق ، ھەسەتخورلۇق ،مەنمەنلىك ، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى ، شۇكۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا ، خار - زۇبۇنلۇققا يۈزلەندۇق . ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى . قېرىنداشلار ،ۋەتەنداشلار ، ئويلاپ كۆرەيلى ،مۇلاھىزە قىلايلى ، ھازىر مۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس ، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئېرغىپ تۇرۇپ ، كۆزلىرىمىزنى ئاچساق ، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق ، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ ، ئىستىقبالىمىزنى يۇرۇتۇشقا ، ۋەتەن ، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يېتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز ! . . . »
      ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردىكى ئەنگلىيە بىلەن شىۋىتسىيە كونسۇلغانىلىرىنى بازاقىلغان ياۋرۇپالىق مىسسىيۇنېرلارنىڭ ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ، باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تالىپلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئارقىلىق خەلىقنى تەشكىنلەپ نامايىش ئۆتكۈرۈپ ، ئەنگلىيە ، شىۋىتسىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخقا  ئايلانغان .
     قەشقەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى ، موللا ، قازى قۇززات ، ئىشانلىرىمۇ ئابدۇقادىر داموللامغا نىسپەتەن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ،ئۇنى يەۋەتكۈدەك ئەلپازدا ھاقارەتلەشكەن. بىرلىرى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەل ئىچىدە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئابروي - ئىناۋىتىگە ھەسەت قىلسا ،  بىرلىرى « جەدىد» يولىغا ماڭدى ، ئىمانىمىزنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى دىيىشىپ ھاقارەتلەشكەن ؛ يەنە بىرلىرى ، « ئابدۇقادىر داموللام تېخى خەلىقنى ئويغۇتارمىشكەن ، ئۇ ئويغاتمىسىمۇ مەزىناخۇنۇملار ھەركۈنى ئەتىگەندە ئويغۇتۇۋاتمامدۇ ؟! » دىيىشىپ ، مەسخىرە قىلىشقان . . .  ئابدۇقادىر داموللامغا نىسپەتەن ئۆچمەنلىكى ئەڭ كۈچلۈكى ، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلىماسى ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللامبىلەن قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ بېيى ئۆمەر باي دىگەن ئىككى كىشى بولغان .
      بۇئىككەيلەن ئەنگلىيە ، شىۋىتسىيە كونسۇلخانىسىدىكىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ،ئەمەت دىگەن بىر تەلۋە نائەھلىنى ئالداپ سېتىۋېلىپ ، 1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆزئۆيىدە مەخپى ھالدا ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن .

【كىينكى يازما 】
【ئالدىنقى يازما 】

جەمئىي 1 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 1 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:0 دانە

  1. مۇزات : 2012-يىل06-ئاي04-كۈن14:39:34  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى ھەجەپ چىرايلىقكەن! مەزمۇنلىرىمۇ ئېسلكەن،تېخىمۇ ئېسل ئەسەرلەرنى يوللىغايسىز! :wink:

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟