Home >  > بىلەمسەن…(تۈرۈكچىدىن تەرجىمە)

بىلەمسەن…(تۈرۈكچىدىن تەرجىمە)

10

تۇرمۇش ئاجايىپ تىلسىماتلارغا تولغان، ئىنسانىي تۇيغۇلىرىمىز ھامان ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مۇھەببەتنىڭ مۇتلەق ئورنى بەزى قەلىب ئىگىلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە نابۇت قىلىنىدۇ. بۈگۈن جاندىن ئەزىز كۆرۈپ ياخشى كۆرگەن كىشىنى، ئەتە ئادەتتىكى ئېنسان ئورنىغا تاشلايدىغان قەلىب ئاخىرى پۇشايمانلارنىڭ قىبلىگاھىغا ئايلىنىدۇ. تۆۋەندە تۈرۈكچە شىئېرنىڭ مەزمۇنىدىن بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس!

بىلەمسەن

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلف

[mp3] http://www.teshnayi.com/wp-content/uploads/2012/12/05-Farkinda-Misin.mp3[/mp3]

*     *      *      *

ئاخىرقى كۈنلەردە نەقەدەر ئاجىز كەلدۇق،

بىزگە ئائىت جۈملىلەرنى سۆزلەشكە.

«سېنى سۆيىمەن» دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن،

ھەتتا ئىنتىزارمىز «خەيىرلىك سەھەر» دېيىشكە.

*

سۆيگۈمىز تۈگىگەنمىدۇ، تىلىمىز بارمىدۇ؟

يا سەن ماڭا: «ياخشىمۇ سەن» دېمەيسەن،

يا مەن ساڭا: «خەيرىلىك سەھەر» دېمەيمەن.

بىلەمسەن،ئاغزىمىزنى پىچاق ئاچامدۇ؟

*

ئاددىيلا گەپلىشىشىلىرىمىزمۇ سەۋەبسىز ئەمەس.

چاچلىرىڭنى بۇرۇنقىدەك تارىماس بولدۇڭ،

مەن مۇ ھەم ساقال-بۇرتۇمنى ئالماس بولدۇم.

*

بۇرۇن ئىشىكنى چەكمەستىنلا ئاچاتتىڭ،

«ھىدىڭنى يىراقلاردىن تۇيدۇم» دەيتتىڭ،

«سېغىندىم» دەيتتىڭ، قىسىپ كۆزىلىرىڭنى،

« سەنچۇ،سەنچۇ؟...»دەيتتىڭ.

شۇنداق قۇچاقلىشىپ قالاتتۇق ئىشىك تۈۋىدىلا.

*

نەچچە كۈن بولدى سافانىڭ يېنىدىلا ئۇخلاپ قالىمەن.

رىماتىزىم شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى،

ئاخشاملىرى سول مۈرەم مۇزدەك بولۇپ كېتىدۇ.

دورىلىرىمنىڭ قەيەردىلىكىنى سەندىن قورقۇپ سورىيالمايمەن،

يا جاۋاپ بەرمەيسەن،

يا «بېرىپ ئۆزۈڭ ئال» دەيسەن.

قورقىمەن شۇندىن...

سۆيگۈمىزنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلىشتىن قورقىمەن.

*

تۆنۈگۈن تۇنجى قېتىم مېنى چاقىرمايلا ناشتىلىق تەييارلاپسەن،

تۇنجى قېتىم چېيىمنى سوغۇق ھەم شېكەرسىز ئىچتىم.

ئۇزۇن بولدى ئىسمىمنى چاقىرىپ گەپ قىلمايسەن ماڭا،

بىر تام رەسىمدىكى ئىككى پېرسۇناژغىلا ئوخشاپ قالدۇق .

سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭنى ، مېنىڭ ئازاپلىرىم تولۇقلاۋاتىدۇ.

*

سەن ئايرىم بىر ئۆيدىن چىقىسەن،

مەن ئەڭ چەتتىكى يەنە بىرىدىن.

گۇناھكارلاردەك بېشىمىزنى ئېگىپ،

ئۆتۈپ كېتىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ يېنىدىن،

ھىچ پەرۋامۇ قىلىشماستىن.

*

ياق ياق،بۇنداق بولسا بولمايدۇ،

يا سەن قىزىمىزغا تېلفۇن قىل، يا مەن،

بۇنداق بولسا بولمايدۇ.

خالىساڭ، ئوغۇللىرىمىزغا قىل،

ئۇلار سېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.

بىر مۇددەت يا مەن كىتىمەن،يا سەن كەت ،

بەلكى بىز مەزگىل ئايرىلىپ تۇرساق،

كىم بىلىدۇ، سېغىنىشىپ قالامدۇق تېخى.

*

بۇ كۈنلەرنى ئەسلا ئويلىماستىن،

ئۇ ئەركىن،ئۇ پەرۋاسىز چاغلىرىمىز،

ئاشىقلىقىمىزغا نەقەدەر مۇھتاجمەن،نەقەدەر، بىلمەيسەن.

ماقۇل،بىر مەزگىل تاماقنى سىرىتتا يەيمەن،

دورىلىرىمنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە تىزىپ،

بارمىقىمغا يىپ باغلىۋالارمەن يا.

*

ئەگەرخالىساڭ مەن كىتەي،

نەگىمۇ كىتەرمەن بىراق.

بەلكىم ئىنسان قېرىماسلىقى كېرەكتۇ،

گۇناھ،گۇناھ ئەر ياكى ئايال بۇلۇشتا ئەمەس،

گۇناھ، ئۇ ئەركىن ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ

ھېچ قىممىتى بولماسلىقىدا ئىدى.

*

تۈنۈگۈن ئۇ فىلىمنى كۆرىۋېتىپ يىغلىغىنىڭنى كۆردۈم.

مېنى بىلمىدى دېمە،

فىلىم بەئەينى ئىككىمىزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى.

قانچىلىك بېسىۋالساقمۇ پىغانلىرىمىزنى،

پۇشايمان قىلساقمۇ ئەتمىشلىرىمىزگە،

دېمەك ، بەزى نەرسىلەرنىڭ بەك كېيىن ئۆتىلىدىكەن قەدىرى.

*

كۆزلىرىم چاچلىرىڭغا چۈشكەن ئاققا قادالدى،

مېنىڭ ساقاللىرىمغا قار ياغقىلىمۇ خېلى بولدى.

ئىسىڭدە بارمۇ، تۇنجى قېتىم تاماققا چىققان كۈنىمىز؟

قانداق يىقىلىپ چۈشكىنىمچۇ تېخى!

ئېسىڭدە بارمۇ، يىقىلىپ قالغۇچە كۈلۈشكەن ئىدۇق،

مانا ئەمدى، يۈرەكلەردە ئازاپ ۋە دەرمان.

يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلدۇق بىربىرىمىزنى.

قاچان ئاياغلىشاركىن بۇ كۈنلەر، بىلمىدىم.

يا بىر ئۆلۈم پەريادى بىلەن ئاياغلىشار.

*

ھە راست، مەن ئۆلۈپ كەتسەم يىغلامسەن؟

مەندىن قەتئى سورىما،

ئويلاشمۇ يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرىدۇ.

 يۈرېكىمنى ئەينەك بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىدۇ.

ھەم مېنىڭ بىلىشىمچە ئەرلەر ئاۋال ئۆلۈپ كېتەرمىش،

ئۇ چاغدا سەن، ا سەن قالارسەن ياپيالغۇز.

نېمە قىلارسەن، نەگە باراسەن بۇ چوڭ شەھەردە؟!

كىم ئەكىلىپ بىرەر ھەركۈنى سەھەر

سەن تولىمۇ ئامراق ئىسسىق نانلارنى؟!

كىم سۇغىرار ئۇشبۇ گۈللەرنى؟!

كىممۇ پۇتار ياۋا ئوتلارنى...؟

ۋە،كىم قويار سەن ئويغانماستا، ياستۇق بېشىڭغا ئەڭ گۈزەل گۈللەرنى؟

تەس ئەمەسمۇ؟

ھاياتنىڭ ئەڭ قىيىن پەيىتلىرى بۇ.

*

كۆنگەن ئىشلاردىن تۇيۇقسىزلا ۋازكەچمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ كۆنگىنىممۇ بىرلا سەن ئىدىڭ.

ياق ياق،سەندىن ۋاز كېچەلمەيمەن.

*

مېنىڭچە ئەرلەر ئاۋال ئەپۇ سوراش كېرەك،

ئەرلەرگە «سېنى سۆيىمەن» دېيىش بەكراق يارىشىدۇ.

ياق،بۇ ئەتىگەن قوپۇپلا،

تۇنجى ئىشىم سېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،ئىككىلەنمەستىن،قىيداشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ

«سېنى سۆيىمەن» دەيمەن.

«سېنى سۆيىمەن،خەيىرلىك سەھەر» دەيمەن.

 ئەتىگەنلىكىڭ خەيىرلىك بولسۇن مېنىڭ بارلىقىم.

سېنى ئنتايىن سۆيىمەن.

جېنىم ئايالىم، ئەتىگەنلىكىڭ خەيىرلىك بولسۇن!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (10)
نەقىللەر (0)
  1. دو [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2012/12/29 23:42

    ئاللاھ ھەربىر جۈپتى ھالالغا بەختىيارلىقنى مەڭگۈ يار قىلسۇن….. بەكمۇ ياخشى تېما ئىكەن…ئەجرىڭىزگە ھەشقاللاھ!

  2. تورسودا [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2012/12/29 23:50

    ماڭىمۇ ھەقىقەتەن يارىدى…مەزمۇنى بەك ياخشىكەن

  3. ئەلىف [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2012/12/30 01:45

    ۋۇييۇ ، سۈرئەت تېزغۇ،
    ماڭىمۇ يارىدى. :mrgreen:

  4. مۇئەللىم [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2012/12/30 14:15

    چۈرۈپ تاشلاپ قىيداشلارنى……………..مۇھەببەتنىڭ سوغۇقلۇقى ئۆلۈمدىن يامان …………………………… :roll:

  5. ئۇيغۇربەگ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2012/12/30 19:55

    تۈركچىسى قېنى؟

  6. ئىزتىل [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 6 -قەۋەت 2012/12/31 14:42

    ۋاي مۇشۇ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان ئىدىم ، قاچانمۇ مۇشۇنچىلىق سەۋىيىگە يېتەرمەن ھە !!!

  7. ش.ئە.ئۇيغۇرى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 7 -قەۋەت 2013/01/03 13:30

    بۇنىڭ فىلىمى يوقمىدۇ؟ بار بولسا ئادىرىسنى بەرسىڭىز سىنگە بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەپ چىقساق

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش