يىڭى يىلغا كىرىش(رەسمىلەر)
2012/12/31 لايىھەلەر ⁄ جەمئى: 2085 ھەرپ 2 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 543 مېھمان+

بىر كىچە ئۇخلاپ قوپساملا يىڭى يىلغا كىرىپ قالىدىغىنىمغا پەقەت ئىشەنگۈم يوق.ئون يىل ئاۋۋالقى ئوماق بالا بولۇشنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلاتتىمكى، چۈشلىرىمدە ئاق مۆشۈكۈمنى تاپالماي يىغلاپ كىتەتتىم. نە ئامال، «كۆچ - كۆچ قوشىقى» نى توۋلىمىغان بولساقمۇ، يەنە بىر يىلغا كۆچۈشكە مەجبۇرمىز. ئەمدى شۇ قۇرۇق كۆچسەك بولمايدۇ - دە! تورغا قارىسام يىڭى يىلنىڭ شەنىگە ئاتاپ، ئاجايىپ نەپىس رەسىملەر ئىشلىنىپ كېتىپتۇ. مەنمۇ قۇرۇق كەلمەي دەپ، سىلەرگە ئاتاپ تۆۋەندىكىلەرنى تەييارلىدىم. قېنى ئەمىسە....

پوجاڭزا ئاتماڭلا باللا! يىڭى يىلغا مانداق ئاقسا كىرىمىز....

ئويغۇنۇڭلار، ئويغۇنۇڭلار ئۇخلاپ قالغانلار....

يىڭى يىلدا يىڭى رېقابەت بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟...

تۈنۈگۈنكى بۈگۇن كەلگۈسى ئىدى، بۈگۈنكى تۈنۈگۈن ئۆتمۈش بوپ كەتتى...

مۇبارەك، مۇبارەك نېمە مۇبارەك؟ بىر يىللىق ئۆمرىمىزنىڭ ھازىسى ئۈچۈن...

يىگىرمە ئىككى يىل بۇرۇن مەن تېخى «مەن» ئەمەس ئىدىم، بۇ دۇنيامۇ ياپياشلا ئىدى...

قاپقاراڭغۇ «ئەما» ئۈچۈن بۇدۇنيا، قۇياش پارلاپ، نۇرى چاقناپ تۇرسىمۇ...

يىڭى يىلغا قانداق كىرىمىز؟ كونا چاپىنىم بەك ئىسسىق ئىدى...

مەن بۇ يىلنى تامدىكى جازىغا مىخلاپ قويماقچى، قىچىپ كەتمىسۇن يەنە...

ھەي، ھەي.. باللا! يىللارنى دوغا تىكسەك بولمايدۇ!

كونا يىلدا قانچىلىك ھوسۇل ئالدىڭىز، يىڭى يىلدا قانچىلىك ئالارسىز....؟

مۈگىدەك بېسىپ، خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قاپتىمەن، ئويغانغاندا 2013 كە كىرىپ بوپتىمەن.

قارسىام شۇ سان ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ بۇنچە كۆپ يىلنى ياشاپ بولغىنىم يالغان...

ۋاي - ۋۇي... نېمىدېگەن تىز ئۆتكەن كۈنلەر بۇ! مېنىڭ تال چېۋىقىم قېنى؟؟؟

تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بىر كۈنلۈكلار يول! بۈگۈن بىلەن ئەتە يالغان بىر ئۇقۇم...

 

جەمئىي 2 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 1 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:1 دانە

  1. مۇئەللىم : 2013-يىل01-ئاي01-كۈن11:48:55  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….

    • تەشنايى : 2013-يىل01-ئاي01-كۈن17:55:23  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      رەھمەت مۇئەللىم! سىلىنىڭمۇ يىڭى يىلدا كۆپلەپ ئۇتۇقلارغا ئىرىشىشلىرىنى تىلەيمەن. :grin:

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟