ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
يەريۈزىدىكى بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھقا چەكسىز مەدىيەلەر بولسۇن! ئىنسانلارنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە بارلىق مۆئمىن مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرى يەتسۇن.
ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ ئەھكاملىرىنى چوڭقۇرلاپ ئۈگىنىش ئۈچۈن، قۇرئان ۋە باشقا ھەدىسلەرنىڭ تىلى بولغان ئەرەپ تىلىنى بىلىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. ئانا تىلىمىزنىڭ ئەرەپ تىللىرىغا يىقىن بولىشى بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئەرەپ تىلى ئۈگىنىشكە قىززىقىدىغان ئەزىزلەر ئۈچۈن، بلوگىمىزنىڭ "تىل ئۈگىنىش" سەھىپىسدە داۋاملىق تۈردە "ئەرەپ تىلى دەرىسلىكى" نى ئورتاقلىشىمىز. بىرىنچى تۈركۈمدە ئۆزبىك تىلىدا سۆزلەنگەن سۈرەتلىك دەرس بولۇپ، 16 قىسىمدىن تەركىب تاپقان. بۇنى ئەستايدىل كۆرۈپ چىقسىڭىز، ئەرەپ تىلىدا ھېچ بولمىسا قۇرئاندىكى ھەدىسلەرنى ئوقۇيالىغۇدەك بولىسىز. ئۆزبىك تىلىنىمۇ پىششىق ئۈگىنىپ كىتىسىز...
ئەمسە، گەپ موشۇ يەردە تامام. سۈرەتلىك دەرسىنى ئەستايدىل كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ! داۋامى، ئاللاھ خالىسا، پات يىقىندا يوللىنىدۇ.
دەرسىلىك مەزمۇنى:
ئاپتور ھاجى : 2013-يىل06-ئاي02-كۈن19:12:00 -19قەۋەت
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم. ماۋۇ دەرىسلىكنى مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم. ئىلگىرى ھەجەپ ئويلىماپتىمەن بۇ ئىشنى…