ئىككى كۈندىن بىرى بلوگىمىز بوشلۇق سۈرئىتى تۇيۇقسىز بەك ئاستىلاپ قالدى. سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، تەھىلىل قىلىپ ھېچ بىر ئامال تاپالمىدۇق.” مۇلازېمىتىردىكى ۋاقىتلىق مەسىلە بولسا ئەسلىگە كىلىپ قالار” دەپ ساقلىدۇق، بىراق ياخشىلىنىش بولمىدى. بلوگىمىزنىڭ بۇرۇنقى بوشلۇقىنى جانابىي ئۇيغۇربەگ ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، ئاز كەم ئىككى يىل ئوبدان چاپقانتى. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ قېتىم ئامالسىز خوشلاشتۇق. بۇلارنىڭ سەۋەبلىرى مۇنداق:
1. بۇرۇنقى ئامېرىكا بوشلۇقىنىڭ سۈرئىتى زىيادە ئاستىلاپ كەتتى، ئاچچىق يۇتۇپ گېلىمىزدىن غىزا ئۆتمەي قالدى.
2. بلوگىمىز يازمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بوشلۇق سىغىمى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش رايونىغا يىقىنلاپ قالدى. دېمەك بوشلۇق سېغىمىنى كېڭەيىتمەي بولمايىتتى.
3. ھازىرغا كەلگەندە ئاز – تولا ھۈنەر ئۈگۈنۈپ، بوشلۇق تەڭشەش، ساندان باشقۇرۇش، تورنام باشقۇرۇش دېگەنلەرنى ئۆزىمىز قىلالايدىغان ھالەتكە ئۇلاشتۇق، شۇڭا ھەممە ئىشنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىش ئارزۇسىدا تەۋەككۈل قىلدۇق.
4. بلوگىمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى خىلى ئايدىڭلىشىپ قالدى، ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن، كىيىنكى قەدەملەرنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە قاراپ باسقۇسىمىز.
5. دوستلىرىمىزنىڭ، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشلىرى زور ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى.
بلوگىمىزنىڭ مېڭىۋاتقىنىغا بىر يىرىم يىل بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ياخشى دوسلار بىلەن تونۇشتۇق، ئۆز – ئارا پىكىر مۇلاقەتتە بولۇپ، كۆڭۈللۈك ۋاقىتلارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن قولىمىزدىن كېلىشىچە يازمىلارنىڭ مەزمۇنىنى سەرخىل قىلىشقا تىرىشتۇق. بەلكىم بەزى دوستلارغا بىر خىل قالايمىقان(يەنى ھەممە ساھەگە چىتىلىدىغان) بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق بلوگىمىز خاراكتېرى ئۇنۋېرسال، يەنى ئۇنۋېرسال توربەتلەرنىڭ مىكرو نۇسخىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرىقلىق يىرى، يازمېلارنى ئاساسەن بىرنەچچىمىز تەييارلايمىز، ئەزىزلەر پەقەت باھا يېزىش ئارقىلىق ئويلىغانلىرىنى بەھىرلىنەلەيدۇ. يەنى بلوگىمىزدىكى يازمىلار ئاساسەن ئىجادىي ھېسابلىنىدۇ…
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك: نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغانغا مۇۋاپىق سورۇن تاپالماي، “بلوگ قۇرىمەن” دەپ دەپ يۈرگىنىنى كۆردۇق. بلوگنى قۇرغان بىلەن، ئۇنى داۋاملىق ماڭدۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىلى تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا پىكىر جەھەتتە بىز بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە دوستلارنىڭ بىزگە قېتىلىشنى، بلوگىمىزنى بىرلىكتە باشقۇرۇپ، تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلارنى خەلقىمىزگە سۇنۇشىمىز ئۈچۈن كۈ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئەلۋەتتە بلوگ ھەممىمىزگە تەئەللۇق…
بلوگىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە خىلى ئەتراپلىق ئويلاندۇق. دېمەك، كىيىنكى ئىشلار ئاشۇ پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىغۇسى، تېخنىكىلىق بىلىمىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بلوگ ئىقتىدارلىرىنى تېخىمۇ موللاشتۇرىمىز، تېخىمۇ ئازادە، قولايلىق بولغان ئۇگىنىش سورۇنى، پىكىر – ئالماشتۇرۇش سورۇنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
كىيىنكى باسقۇچتا “تېخنىكا”، “كىتابخۇمار”، “تىل ئۇگىنىش” ۋە “ئالىي مەكتەپ” سەھىپىلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىمىز، ۋە شۇ ساھەدىكى نادىر مەزمۇنلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز.
بىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغان، ياكى تەكلىپ – پىكىر، سەمىمىي قوللاش مەقسىتى بار دوستلارنىڭ ئالاقە قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز:
ئالاقە ئۇسۇللىرى:
تەشنايى: s41157018@163.com
ھاجى: nusret081@gmail.com
بۈگۈن بلوگىمغا كىرىپ ئاستىدىكى دوستانە ئۇلنىشقا قارىسام بىر لوگو ئېچىلماپتۇ ، بۇ كىنمنىڭدۇ دەپ قارسا مۇشۇ بلوگنىڭكەن ، نىمش يۈز بەرگەندۇ دەپ دەرھاللا كىرىشىم ، خۇداغا شۈكرى سالامەتكەن
2013-10-28 9:58 چۈشتىن كېيىنئىككى سائەتنىڭ ئىچىدىلا ئۆي كۆچۈپ بولدۇق. شۇ كۆچىۋاتقان ۋاقىتتا لوگوچاق ئۇلانمىغان گەپ :oops: .
2013-10-29 7:20 چۈشتىن كېيىنتەشنايىكا بىلىمىڭىزنى بىزلەر گىمۇ قالدۇرۇپ كىتىڭ بىلوگىڭىزدا بىزمۇ بىر ئىككى شىڭگىل ئۈگىنىۋالايلى بىلوگ سۈرئىتى پويىزدەك تىز بوپكىتىپتۇ
2013-10-29 7:15 چۈشتىن كېيىنئەلۋەتتە بولىدۇ. مەنمۇ شۇ ئۈگىنىۋاتىمەن. دەرىسلىكمۇ ئىشلەپ باققان بلوگىمدا، قارىسام بىرەر ئادەم قىزىقىدىغاندەك ئەمەس، شۇ ئاچچىقىمدا ۋورد ھالەتتىلا توپلاپ ماڭدىم. كىيىن بىرەر كىتەبچە قىلىپ ئىشلەپ قويارمەن. :idea:
2013-10-29 7:22 چۈشتىن كېيىنپويىزدەك تىز بولمىسا قانداق بولىدۇ، ئايروپىلان بېلىتى ئالغان ئەسلى بۇنىڭغا :lol:
بولدى ئۈمىد سىزلەنمەڭ دەرىسلىك قىلىپ ئىشلەپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى …….ئايروپىلان بىلىتى ئالدىم دەپ پويىز بىلىتى ئىلىپ ساپسىز ..
2013-10-29 9:33 چۈشتىن كېيىنشۇنداق قىلىپ بوشلۇق كۆچىۋالدىم دەڭ ،بۇمۇ بولغىنى ،ھامىنى بولىدىغان ئىشنىڭ بولغىنى ياخشى ،دىمىسىمۇ يازمىلىرىڭىز ھەقىقەتەن كۆپ.شۇ يازمىلارنى سۆرىگەنگە تورپاقتەك بوشلۇقتىن بىرى بولمىسا بولمايدۇدە ،ھې ھې ھې :lol: :lol: :lol:
2013-10-29 10:49 چۈشتىن كېيىن