(بارلىق مېھنەتكەش ئانىلارغا بېغىشلايمەن)
تومۇرۇڭدا ئىسسىققىنە تامچە قان ئىدىم،
ۋۇجۇدۇڭنىڭ ھارارىتى ئىللىتىپ تۇرغان.
تېمىپ چۈشتۈم كائىناتقا، تىتىرىدى زېمىن،
قۇياش بولدۇڭ باش باھارنى چىللىتىپ شۇئان.
سۈمۈرەتتىم ئاپئاققىنە مۇھەببىتىڭنى،
چۈش كۆرەتتىڭ چۈشلىرىڭدە پەپىلەپ مېنى.
ئۇخلار ئىدىم يۇرىكىڭنىڭ ئىچىدە ئانا،
«ئىڭە...» لىرىم يىغلىتاتتى كېچىلەپ سېنى.
«ئانا» دېدىم، يۇيىۋەتتى مەڭزىڭنى ياشلار،
«ئانا» بىلەن ئېغىزلاندىم چىققاندا تىلىم.
«ئانا» دېسەم دورىۋالدى سۆزۈمنى تاغلار،
ئانا...ئانا ... سۆيىنىدۇ ھەرتاڭدا دىلىم.
قۇياش بىلەن تەڭ تۇرىسەن ئوچاق بېشىدا،
ئاق قۇشقاچلار قونىۋالار بېشىڭغا تېخى.
ئېچىۋىتىپ ھىجىردىكى مۇھەببىتىڭنى،
يول ئالىمەن مەكتىپىمگە تاقلىغان پىتى.
پىشانەمدە نۇر چاچىدۇ سۆيگەن ئىزلىرىڭ،
يىراقلارغا يول ئالغاندا ئىلىمنى كۆزلەپ.
كەتسەممۇ گەر سەرگەردان بوپ جاھان چېتىگە،
بىللە ئىدى ئاۋازلىرىڭ مۇھەببەت سۆزلەپ.
سېغىنغانسەن يۈرىكىڭدىن ياشلار ئاققۇزۇپ،
سورىغانسەن قۇشقاچلاردىن ھىدىمنى ئانا.
دەپ بەردىمۇ تاڭ سەھەردە سوققان شاماللار،
«ئاپپاق قوزاڭ سالام ئېيتۇر يۈرەكتىن ساڭا» !
تومۇرۇمدا چۇقان سېلىپ كىشنەيدۇ قانلار،
كەتمەكچىمەن سەن سۆزلىگەن چۆچەك قوينىغا.
«چىن تۆمۈر» نى سېغىنىمەن، «ئوغۇز» قەيەردە،
كىشەن سالاي، توختاپ تۇرسۇن، يىللار بوينىغا.
رازى بولغىن ئاق سۈتىڭگە، رازى بول ئانا،
قۇرۇپ چىقاي سېنىڭ ئۈچۈن يىڭى بىر دۇنيا.
ئۈزۈپ كېلىپ قۇياشنى مەن ئالما شېخىدىن،
سوۋغا قىلاي، يۇتىۋەتكىن، تۈمەن يىل ياشا.
2012-5-13
ببننەىائەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇرادەر مۇبارەك بولسۇن .داۋاملق تىرىشقىن.
ئىجتىمائى پەندە ئوقۇسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى،
پەيزى يېزىپسىز،
ئىلھاملىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن!
ئىجتېمائىي پەندە ئوقۇش نىسىپ بولمىدى شۇ
ماڭىمۇ شۇ..
شېئىرنى ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم.ھەقىقەتەن ھېسسىي تۇيغۇلارغا باي ئېسىل شېئىر بوپتۇ..
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! داھىم كىلىپ تۇرغايسىز…
ئاپتور نۇردوس : 2012-يىل11-ئاي28-كۈن22:48:57 -16قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاكا بالدۇرراق ئاشۇ يېڭى دۇنيانى قۇرۇپ چىقىشىڭىزڭا تىلەكداشمەن.