Home >  > Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(5) – سەكرىمە كۆزنەك چىقىرىش

Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(5) – سەكرىمە كۆزنەك چىقىرىش

10

سەزمە ئىكىرانلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى: ئېلمىنىتلارغا ھەرخىل چەكمە ئۇسۇلىغا قارىتا ھەرخىل ئىقتىدارلار بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم ئېلمىنىتنى ئاستا سىيرىغاندا بىر ئىقتىدار، تىز سىيرىغاندا، تاق چەككەندە ياكى قوش چەككەندە.... ئوخشاشمايدىغان ئىقتىدارلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. سەزمە ئىكىرانلىق ئۈسكۈنىلەرگە خاسلاشتۇرۇلغان Win8 ئەپلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. ئالدىنقى قېتىملىق دەرسىلىكلەردە كونۇپكىلارنى(ئېلمىنىتلارنى) تاق چەككەندىكى ئىقتىدار مەسىلىلىرىنى ئاز – تولا ئۈگۈنۈپ ئۆتتۇق، بۈگۈن ئاددىيلار قوش چەكمە ئىقتىدار - سەكرىمە كۆزنەك چىقىرىشنى ئۈگىنەيلى!
خىيال قىلايلى: ئەپ يۈزىدىكى مەلۇم بىر ئېلمىنىتنى قوش قوش چەكتۇق، شۇ ھامان كىچىككىنە بىر كۆزنەك سەكرەپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىنى كۆرسەتتى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقايلى!
موشۇنداق سەكرىمە كۆزنەكلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن ئېچىش قورالىدا ئابونت كونتىرولداقلىرى (用户控件/MyFlayouts) تەمىنلەنگەن. يەنى مەلۇم ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن تەييار بەت سەپلەنگەن. شۇنىڭدىن بىرنى قۇرۇپ، زۆرۈر ئىقتىدارلارنى قوشۇپلا خالىغان بەتتىكى ئېلمىنىتلارغا ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. (گەپلىرىم چۈشىنىكسىز چىقىۋاتىدۇ ھە؟! ھېچقىسى يوق، تۆۋەندە ئەمەلىي مىسالغا سىلىشتۇرۇپ چۈشىنىۋالىسىز!).
ئۇنداقتا ئەمەلىي مەشغۇلاتنى باشلاپ كىتەيلى. ئاۋۋال ئالدىنقى قېتىم پۈتتۈرگەن سالام ئۇيغۇر ئەپ دېتالىنى VS2012 بىلەن ئېچىڭ. ئاندىن MainPage.xaml بېتىگە يۆتكلىپ، XAML كود رايۇنىغا قاراڭ – دە،ctr+G تىزلەتمە كونۇپكىسىنى بېسىپ، 26 – قۇر كودنى تېپىڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرىۋېتىڭ!

[codesyntax lang="xml" blockstate="collapsed"]

[/codesyntax]

  

ئەستايىدىل قارىسىڭىز ئەمەلىيەتتە بۇرۇنقى TextBlock كودنىڭ ئاخىرىغا DoubleTapped ناملىق بىر خەتبەلگە (标签 دېگەننى شۇنداق ئاتاپ تۇردۇم، توغرا ئاتىلىشىنى بىلىدىغانلار ئەسكەرتىپ قويارسىزلەر) قوشۇپ، ئۇنىڭغا TextBlock_DoubleTapped_1دەپ نام بەردۇق. ئەمدى موشۇ نامغا ۋەزىپە ئۇلايمىز!
ئاۋۋال مەنبە باشقۇرۇش رايۇنىغا UserControls نامىدا بىر قىسقۇچ قۇرۇڭ (تەپسىلىي ئۇسۇلى ئالدىنقى دەرىسلىكتە سۆزلەنگەن). ئاندىن شۇ قىسقۇچ ئىچىگە ئابونىت كونترولداق بېتى (用户控件/MayFlayouts) دىن بىرنى قوشۇڭ(چاشقىنەكنى قىسقۇچ ئۈستىگە توغۇرلاپ، ئوڭ دولىسىنى بېسىپ قوشۇش- يىڭىدىن تۈر قوشۇش ئادرىس بويىچە用户控件 بېتىدىن بىرنى قۇرسىڭىزلا بولىدۇ.) بەت نامىنى چوقۇم MyFlayouts.xaml قىلىپ قۇرۇڭ! ئاندىن تۆۋەندىكى XAML كودىنى مۇۋاپىق جايغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ:

[codesyntax lang="xml" blockstate="collapsed"]

  
          
              
                  
                      
                  
              
          

    

[/codesyntax]

  

بۇ كودلار تونۇش بولۇپ كەتتىغۇ؟! پەقەتلا شۇ MyPoup نامىدا بىر Popupخەتبەلگىسى چىقاردۇق(ئاپلا بۇنېمە ئەمدى؟ ۋاي گوگىلجان...). ئاندىن XAML گرامماتىكىسى بويىچە TextBlock دىن بىرنى قويدۇق. دېققەت: بۇ يەردىكى تېكىسىت دەل سەكرىمە كۆزنەك ئىچىدە كۆرۈنىدىغان مەزمۇن بولىدۇ. يۇقارقىلار تاماملىغان بولسىڭىز، StandardStyle.xaml نى قوش چېكىپ، دەرھال 469 – قۇرنى ئىزدەپ تېپىڭ – دە، YesAppBarButtonStyle ناملىق پاسون كودىنى ئىزاھات ئىچىدىن چىقىرىۋېتىڭ. خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

نۇنىڭ نېمە رولى بار دەمسىز؟! ئالدىنقى دەرىسلىكنى ۋاراقلىغاچ ئۆزىڭىز ئويلاپ بېقىڭ! MainPage.xaml بېتىگە يۆتكىلىپ قارىسىڭىز ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟! ئاۋۋال MainPage.xaml دىن 26 – قۇرنى ئىزدەڭ(يەنى: سالام ئۇيغۇر دېگەن تېكىسىت قسقۇچ) دەل شۇنىڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ:

[codesyntax lang="xml" blockstate="collapsed"]

[/codesyntax]

بۇنىڭ رولى شۇ بولىدۇكى: نامى SlamUyghur4 بولغان تېكىسىت قىسقۇچىغا ئابونىت كونترولداقىىنى ئۇلايدۇ(ئەقىللىق بالىلار چۈشىنىپ بولدى: دېمەك قايسى ئېلمىنىتقا ئۇلىماقچى بولساق نامىنى شۇنىڭكىگە ئۆزگەرتىپ، ئەشۇ ئېلمىنىت قىسقۇچىنىڭ ئاستىغا چاپلىساقلا بولىدىكەن). بۇنى ئۇلىغان ئىكەنمىز

[codesyntax lang="xml" blockstate="collapsed"]

xmlns:flayouts="using:SlamUyghur4.UserControls"

[/codesyntax]

 

دىن ئىبارەت بۇيرۇق رايۇنىنى ئىشلەتكەن بولىمىز، شۇڭا موشۇ بەتنىڭ ئەڭ ئۈستى قىسمىغا يۇقارقى بىر قۇر كودنى چاپلاڭ. گويا مۇنۇ رەسىمدىكىدەك:

قارىساق يەنە ھېچ ئۆزگىرىش يوق... ، ئاۋۋال MyFlayouts.xaml.cs كودىنى ئېچىپ،مونۇ Cs كودنى چاپلاڭ، ئورنى تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك بولسۇن:

[codesyntax lang="csharp" blockstate="collapsed"]

public void show()  
       {  
           MyPoup.IsOpen = true;  
       }

[/codesyntax]

 

بۇنىڭلىق بىلەن ئىش تۈگىگىنى يوق، بىز تېخى TextBlock_DoubleTapped_1 ناملىق خەتبەلگىگە ھېچ ۋەزىپە بەرمىدۇق.يەنە ئازراق Cs كودى ئوينايدىغان بولدۇق.MainPage.xaml.cs كودىنى ئېچىپ، ئەڭ ئاستىدىن ئىككىنچى چوڭ تىرناقنىڭ ئۈستىگە مونۇ كودنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ:

  1. private void TextBlock_DoubleTapped_1(object sender, DoubleTappedRoutedEventArgs e)  
  2.        {  
  3.            SalamUyghur4.show();  
  4.        }  

يەنى: ئالدىنقى قېتىم كونۇپكىلارغا ۋەزىپە بەرگەنگە ئوخشاش، بايا بىز ئېنىقلىما يازغا show فونكىسىيەسىنى تېكىسىت قىسقۇچىنىڭ قوش چەكمە ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدۇق. موشۇلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ بولۇپ، ئەپنى ئىجرا قىلىپ، ئىكران ئوتتۇرىسىدىكى سالام ئۇيغۇر دېگەن خەتنى قوش چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمنى كۆرىسىز:

 

مانا موشۇنداق! بۇ ئۇسۇلنى جانلىق ئىشلىتىپ، ھەرخىل ئۈنۈملەرنى چىقارغىلى بولىدۇ. سەكرىمە كۆزنەكنىڭ ئورنى، شەكلى، رەڭگى، چوڭ – كىچىكلىكى دېگەنلەرنى خالىغانچە تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈنكى ۋەزىپە موشۇ يەردە ئاياغلاشسۇن! كىلەر قېتىم، ئاللاھ خالىسا، ئەپ ئېچىشتا ئەڭ مۇھىم بولغان مىقدار باغلاش(数据绑定) ئۇسۇلى بىلەن دەسلەپكى تونۇشىمىز.


ئىلاۋە:
دەرىسلىكنىڭ چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۆپ مىقداردا كەسمە رەسىم قوشتۇم، موشۇ ھالەتتە كىتىۋەرسە كىيىن رەسملەرنىڭ ئىگەللىگەن ئىقىم مىقدارى ئارتىپ كىتىپ، بلوگىمنىڭ نورمال زىيارەت قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۇڭا، دەرىسلىكنى كۆچۈرۈپ بەھىرلەنمەكچى بولغان دوسىتلاردىن مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، رەسىملەرنى ئۆز بوشلۇقىغا چىقىرىپ بەھىرلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاندىن تارتقان جاپالىرىمنىڭ رەھمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ بلوگىمنى تەشۋېق قىلىپ قويۇشىڭلارنى، دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويۇشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (10)
نەقىللەر (0)
  1. ئالپبەگ [ جۇغلانما: 19 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2013/09/15 11:08

    تەشناجوووووون! يەنە ھېلىقىدەك چىقىۋېلىپبارىدۇ. سىلى ئەمدى ئاتاكىغا ئۆتمىسىلە بولمىدى

  2. يارۇق [ جۇغلانما: 21 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2013/09/16 00:31

    تەشناجان دەرس ئوبدان كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ. مېنىڭ چۈشىنەلمىگەن يېرىم ھازىرغىچە بوولغان دەرسلىكنى سېلە تور بەت شەكلىدە كود يېزىپ سۆزلەۋاتىسىلىغۇ. نېمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟

  3. بىلىملەر تورى [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] unknowunknow كىگىز 2013/09/16 12:13

    بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، تەشنا بلوگى بىلىملەر تورى ئۇلىنىشىغا قوشۇلدى!

  4. غۇلامجان [ جۇغلانما: 9 نومۇر ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/09/18 18:57

    ئەلۋەتتە دىگڭنىڭزدەك قىلىمىز، ئەمدى يۇقۇرقىلارنى ئۈگەنگەچ تۇراي، بىراق سىلىمۇ ئۇزاققا قالماي يىڭىلاپ تۇرالا.

  5. Mr.Arslan [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2013/12/12 14:07

    Cتىلىنى قەيەردىن ئۆگەنگىلى بولار؟

  6. قۇملۇق [ جۇغلانما: 2 نومۇر ] unknowunknow 6 -قەۋەت 2013/12/26 00:34

    مەنمۇ بىر windows phoneغا ئەپ ئاچىمەن، قوشۇلسىڭىز تونۇشۇپ قالساق بۇ جەھەتتىكى بىلىملەردىن ئورتاقلىشىپ تەڭ ئۆگەنسەك

  7. قۇملۇق [ جۇغلانما: 2 نومۇر ] unknowunknow 7 -قەۋەت 2013/12/26 00:35

    مېنىڭ چ چ نومۇرۇم 243887103

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش